ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن بېرى، خەلقىمىزگە «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆلىمالىرىمىز ئاز بولمىدى. بۇ ئۆلىمالارنىڭ ھەربىرى بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتقان نۇرلۇق چىراقلاردۇر. خۇسۇسەن، مەرھۇم ئۇستازىمىز ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم «قۇرئان كەرىم» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق دەۋر بۆلگۈچ بىر خىزمەتنى روياپقا چىقاردى. ئۇستازىمىزنىڭ بۇ مۇبارەك تەرجىمىسى تا قىيامەتكىچە «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن، ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك، ئۈلگە ۋە باشلامچى بولغۇسى!
شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئىنسانلار كامالەت ئىگىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇلار ئىلىمدە قانچىلىك ۋايىغا يەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى، كەمچىلىكلىرى بولىدۇ ۋە كېيىنكىلەر ئۇنى تولۇقلاپ ماڭىدۇ. بۇ ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى، بۇ بىر رېئاللىق. ئەگەر شۇنداق بولمايدىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆلىماسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستۇر» دەپ سۈپەتلىشىگە سازاۋەر بولغان ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىدا «مۇپەسسىرلەرنىڭ پېشۋاسى» دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى جەرىر تەبەرىينىڭ تەپسىرىدىن كېيىن تەپسىر يېزىلمىسا بولاتتى. ئەمما كۆرۈۋاتىمىزكى، ئىسلام دۇنياسىدا بىر – بىرىنى تولۇقلىغان ئاساستا مىڭلارچە تەپسىر كىتابلىرى بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئايەتلەرنىڭ بۇرۇنقى مۇپەسسىرلەر بايقىيالمىغان مەنىلىرى كېيىنكى مۇپەسسىرلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. مەسىلەن: «تەپسىرى رازىي»، «فى زىلالىل قۇرئان»، «تەپسىرى شەئراۋىي»، «تەپسىرى نابلۇسىي» قاتارلىق تەپسىرلەر بۇنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. «فى زىلالىل قۇرئان» ناملىق تەپسىر 20- ئەسىردە بارلىققا كەلدى. بۇ تەپسىر ھەققىدە «مۇشۇ تەپسىردىن كېيىن تەپسىر يېزىلىشقا ھاجەت قالمىغان بولسا كېرەك» دېگەنلەرمۇ بولغان. ئەمما مۇشۇ تەپسىردىن كېيىنمۇ ئونلارچە مۆتىۋەر تەپسىرلەر بارلىققا كەلدى. ئەگەر بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغانلىرى ھەممىدىن مۇكەممەل، باشقىسىغا ھاجەت يوق دېيىلسە، تەبەرىي، ئىبنى كەسىر قاتارلىق ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن كېيىن يېزىلغان «فى زىلالىل قۇرئان»، «تەفھىمۇل قۇرئان»، «تەپسىرى سەئدىي»، «تەپسىرى شىنقىيتىي» قاتارلىق تەپسىرلەر بۇنچىلىك زور شۆھرەت قازانمىغان ۋە بۇنچىلىك يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى.
مەن تەپسىر ئىلمى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىغىنىمغا يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. بۇ جەرياندا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە تەرجىمىلىرىگە ۋە ئەرەبچە مۆتىۋەر تەپسىرلىرىگە قايتا-قايتا مۇراجىئەت قىلدىم، ئۇلاردىكى جەۋھەرلەرنى سۈزۈشكە تىرىشتىم، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان جايلارنى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلدىم. ئۇستازلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا تۈزىتىش بېرىش ئۇلارنىڭ قەدرىنى چۈشۈرگەنلىك بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇقلىغانلىق بولىدۇ.
بۇ تەرجىمە تۆۋەندىكى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە:
1. ئەرەب تىلىدىكى ﴿رَبٌّ﴾ دېگەن سۆز لۇغەتتە «ئىگە، پەرۋەردىگار، باشقۇرغۇچى، پەرۋىشچى، خوجايىن» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ﴿رَبٌّ﴾ دېگەن سۆز يالغۇز ھالىتىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمما ئۇنى ئىككىنچى بىر سۆز بىلەن بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: «رَبُّ اْلاُسْرَةِ» (ئۆي ئىگىسى) دېگەنگە ئوخشاش ([1]). ئىسلام دىنىدا ﴿رَبٌّ﴾ سۆزى ئاللاھ تائالانى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى، ھەممىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىق بولغۇچى، يېگانە ئىلاھتۇر. ([2]) شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ﴿رَبٌّ﴾ ياكى ﴿الرَبُّ﴾ دېگەن سۆزنى «پەرۋەردىگار» دەپ ئالماي، ئەرەبچە تەلەپپۇزىغا ئاساسەن ئەينەن «رەب» دەپ ئېلىشنى لايىق كۆردۇق. مەسىلەن: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر» ([3]) دېگەنگە ئوخشاش. چۈنكى، «پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋىشكار» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى ﴿ رَبٌّ﴾ دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن. گەرچە «پەرۋەردىگار» دېگەن سۆز بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، خۇدا ([4]) دېگەن مەنىنى، «پەرۋىشكار» دېگەن سۆز «پەرۋىش قىلغۇچى، تەربىيەلىگۈچى» ([5]) دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەرەب تىلىدىكى ﴿رَبٌّ﴾ دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشتىن خېلىلا يىراقتا ئىكەن.
2. ﴿ الرَّحْمَن ﴾ دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى ([6]) بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دىمۇ كۆپرەك ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. بەزىدە ﴿بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَن الرَّحِيمِ﴾ دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدىمۇ كەلگەن. شۇڭا ﴿الرَّحْمَنﱠ﴾ دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىلا يەردە سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىسىم مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. مەسىلەن: مەككە كاپىرلىرىنىڭ «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەس» ([7]) دېگەن سۆزىدىكى ﴿الرَّحْمَن﴾ ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. چۈنكى، ئەرەبلەر ﴿الرَّحْمَن﴾نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ، ﴿الرَّحْمَن﴾ دېگەن سۆز خۇددى ﴿الله﴾ دېگەن سۆزگە ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ خاس ئىسىملىرى قاتارىدا كەلگەن. بۇنى «قۇرئان كەرىم» قارار قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ»([8]) دەپ ئوچۇق جاكارلىغان. شۇڭا بىز بۇ تەرجىمىدە ﴿الرَّحْمَن﴾ دېگەن سۆزنى ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن ئورۇنلاردا، ئىسىم مەنىسىدە «رەھمان» ياكى «رەھمان ئاللاھ» دەپ ئىسىم مەنىسىدە تەرجىمە قىلىشنى، سۈپەت مەنىسىدە كەلگەن جايلاردا بولسا، «شەپقەتلىك ئاللاھ» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.
3. «قۇرئان كەرىم» كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقىلنى ئىشلىتىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدىغان كىتاب بولۇپ، ئەقىلنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «قۇرئان كەرىم» دە «العَقْلُ» يەنى «ئەقىل» دېگەن سۆز 49 قېتىم تەكرارلانغان بولسا، ﴿أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾ يەنى«ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگەن سۆز 7 قېتىم تەكرارلانغان. بۇ ئايەت مەشھۇر تەپسىرلەردىمۇ «أفَلا تُعملِوُن عُقُولَكُمْ»([9]) يەنى «ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر؟» دەپ تەپسىر قىلىنغان. ﴿أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾ دېگەنگە ئوخشىغان كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئايەتلەر ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىلەردە «چۈشەنمەمسىلەر؟» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنداق قىلغاندا، ئايەتتىن كۆزلەنگەن مەنە چىقمايدۇ. مەسىلەن: مۇلك سۈرىسىدىكى: ﴿وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ﴾ دېگەن ئايەت ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە «ئۇلار ‹ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى) ئاڭلىغان بولساق ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاختىن بولماس ئىدۇق› دەيدۇ» ([10]) دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن «ئەگەر بىز پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنگەن ياكى دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساق، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگەشكەن بولاتتۇق، بۈگۈنكىدەك دوزاخ ئەھلى قاتارىدىنمۇ بولمايتتۇق. دېمەك، پەيغەمبەر بىزگە دىننى چۈشەندۈرەلمىگەن، بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىزگە يېتىپ كەلمىگەن، شۇڭا بىز ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىماي قالغان ئىكەنمىز» دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. بۇ ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش بولماي، ئۆزرە بايان قىلىش بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئايەتتىن مەقسەت قىلىنغىنى كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېتىراپىنى بايان قىلىشتۇر. بۇ ئايەتنىڭ كەيىنىدىكى ﴿فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ﴾ يەنى «ئۇلار گۇناھىنى ئېتىراپ قىلدى...» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتنى «ئۇلار: ‹ئەگەر بىز (ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالغان ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلى قاتارىدىن بولماس ئىدۇق› دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق.
4. فەتھ سۈرىسىدىكى ﴿إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ ﴾ دېگەن ئايەتتىكى ﴿الْحَمِيَّةَ﴾ دېگەن سۆزنى ئەرەب تىلىنىڭ مەشھۇر قامۇسى «المعجم الوسيط» دە «مۇتەئەسسىپلىك» دەپ شەرھلىگەن. مەشھۇر تەپسىرلەردە بۇ سۆز «دىني مۇتەئەسسىپلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» دەپ تەپسىر قىلىنغان. ﴿الْحَمِيَّةَ﴾ دېگەن سۆز ھازىرقى جانلىق ئەرەب تىلىدا «قەبىلىۋازلىق»، «يۇرتۋازلىق»، «مىللەتچىلىك»، «مۇتەئەسسىپلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ھەتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۈركچە تەرجىمىلىرىدىمۇ ﴿الْحَمِيَّةَ﴾ دېگەن سۆز ««taassubu, cahiliye taassubu يەنى (مۇتەئەسسىبلىكنى جاھىلىيەتنىڭ مۇتەئەسسىبلىكىنى) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھالبۇكى، بۇ سۆز ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە «قىزىققانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. چۈنكى، ﴿الْحَمِيَّةَ﴾ دېگەن سۆزنى «قىزىققانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىغاندا، ئايەتتىن كۆزلەنگەن مەنە ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۆز نۆۋىتىدە مەزكۇر ئايەتنى: «كاپىرلار مۇتەئەسسىپلىكنى _ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنى _ دىللىرىغا پۈككەن چاغدا...» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.
5. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الصبر» (سەۋر) دېگەن سۆز چىدامچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەقدىرگە رازى بولۇش قاتارلىق ئۈچ مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىسى، «چىدامچانلىق» مەنىسىدىكى سەۋر
«چىدامچانلىق» مەنىسىدىكى سەۋر— ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. ﴿فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئەزىمەتلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن «[11]، ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمىنىڭلاردىن) بەكرەك چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[12] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى.
ئىككىنچىسى، «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» مەنىسىدىكى سەۋر
«ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن»[13]، ﴿وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ﴾ يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى كەچۈرۈۋەتسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[14] دېگەن ئايەتلەردىكى «سەۋر» ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدە كەلگەن.
ئۈچىنچىسى، «تەقدىرگە رازى بولۇش» مەنىسىدىكى سەۋر
«تەقدىرگە رازى بولۇش» مەنىسىكى سەۋر — بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قولدىن چىقىپ كەتكەن، قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر ﴿ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ * الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ﴾ يەنى «ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: ‹بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز› دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[15]، ﴿فَاصْبِرْ صَبْراً جَمِيلاً﴾ يەنى «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن»[16]. بۇ ئايەتلەردىكى «سەۋر» بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدە كەلگەن. بىز بۇ تەرجىمىدە «الصبر» دېگەن سۆزگە ئۇنىڭ ئايەتلەردىكى ئورنىغا قاراپ مەنە ئېيتتۇق.
6. ئەرەب تىلىدىكى «إحسان» دېگەن سۆز «قېتىرقىنىش»، «ۋايىغا يەتكۈزۈش»، «ياخشىلىق قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «إحسان» (ئېھسان) دېگەن سۆز ئومۇمەن «تائەت-ئىبادەتنى قېتىرقىنىپ قىلىش»، «ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش»، «ئىخلاس بىلەن قىلىش» ۋە «مۇكەممەل قىلىش» دېگەن مەنىلەردە كەلگەن. ﴿الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ﴾ يەنى «ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر»[17] دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالى. بۇ ئايەتتىكى «إحسان» يۇقىرىقى مەنىلەردە كەلگەن. چۈنكى، دىننىڭ ئۈچ مەرتىۋىسى بولۇپ، ئۇلار: ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساندىن ئىبارەتتۇر. ﴿وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ﴾ يەنى «ئاللاھ ساڭا ئىنئام قىلغاندەك سەنمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىن»[18] دېگەن ئايەتتىكى «إحسان» «ياخشىلىق قىلىش» دېگەن مەنىدە كەلگەن.
مۇپەسسىرلەرمۇ ئايەتلەردە كەلگەن «إحسان» دېگەن سۆزگە «بېرىلىپ قىلىش»، «قېتىرقىنىپ قىلىش» ۋە «ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش» دەپ مەنە ئېيتىپ، «محسنون» دېگەن سۆزلەرنى «ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار»، «ئەمەل _ ئىبادەتلەنى بېرىلىپ قىلغۇچىلار» دەپ تەپسىر قىلغان. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «إحسان» دېگەن سۆزگە «ياخشىلىق قىلىش»، «محسنون» دېگەن سۆزگە «ياخشىلىق قىلغۇچىلار» دەپ مەنە ئېيتىلغان. شۇڭا بىز مۇپەسسىرلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئىش كۆردۇق. شۇڭا «محسنون» دېگەن سۆزنىڭ ئايەتلەردە كەلگەن ئورنىغا قاراپ مەنە ئېيتتۇق. ﴿إنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ﴾ يەنى «شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[19]، ﴿وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾ يەنى «ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»[20] دېگەنگە ئوخشاش.
1. ئەرەب تىلىدا «ف»نىڭ رولى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزىدە جۈملىلەرنى باغلىغۇچى رولىدا كەلسە، بەزىدە ئىش - ھەرىكەتنىڭ تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىپادىلىسە، بەزىدە ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بەزىدە شەرتنىڭ جاۋابى بولۇپ كەلسە، بەزىدە سەۋەبنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ، بەزىدە مۇستەقىل جۈملىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلسە، بەزىدە بايان سۈپىتىدە كېلىدۇ. شۇڭا ئايەتلەردىكى جۈملىلەرنىڭ باشلىرىدا كەلگەن «ف» ھەرپىگە جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ، «شۇڭا»، «ئاندىن»، «ئۇنداقتا»، «شۇنىڭ بىلەن»، «شۇ ھامان» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەر ئېيتىلىدۇ.
بۇ تەرجىمىدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئايەتلەردە كەلگەن «ف»نىڭ مەنىسىنى ئىمكانقەدەر ئىپادىلەشكە تىرىشتۇق. مەسىلەن: ﴿فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ﴾ يەنى «ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار _ ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر _ ئۇنداقتا، كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار»[21] دېگەن ئايەتكە ئوخشاش.
8. «قۇرئان كەرىم»دە ناھايىتى كۆپ زىكىر قىلىنغان ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُواﱠ﴾ دېگەن ئايەت «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، گەرچە ئىمان ئېيتقانلىق مۇئمىن بولغانلىق ۋە ئىمان ئېيتقانلار «مۇئمىنلەر» قاتارىدىن بولسىمۇ، بۇ ئايەتنى«ئى مۇئمىنلەر!» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دېگەن چاقىرىقتىن كۈتۈلگەن مەقسەت تولۇق ئىپادىلەنمەي قالىدىكەن. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلگە ھەم ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئۇسلۇبلار بىلەن چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدىغان يېگانە كىتابتۇر. شۇڭا بىز كۆپىنچە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا بىرەر ئىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ياكى بىرەر يامان ئىشتىن توسۇش ئۈچۈن خىتاب قىلغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىماننىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاننى دەرھال قوبۇل قىلىپ ئورۇنداشنى، توسقاندىن دەرھال يېنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش مەقسىتى بىلەن، ئۇلارغا: «ئى ئىمان ئېيتقانلار!ﱠ» دەپ خىتاب قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار» ([22])، ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةًﱠ ﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار» ([23])، ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْﱠ ﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار» ([24]) دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش. مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم» دە «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دېگەن نىدا 89 ئورۇندا كەلگەن. يەنە «ئىمان ئېيتقانلار» دېگەن سۆز 254 قېتىم كەلگەن بولسا، ﴿الْمُؤْمِنُونَ﴾ يەنى «مۇئمىنلەر» دېگەن سۆز 86 قېتىم كەلگەن.
﴿الْمُؤْمِنُونَ﴾ ، ﴿الْمُؤْمِنِينَ﴾ «مۇئمىنلەر» دېگەن سۆزلەر ئاساسەن مۇئمىنلەرنى سۈپەتلىگەن ياكى ئۇلارغا گۈزەل ۋەدىلەر قىلىنغان جايلاردا كەلگەن. مەسىلەن: ﴿ إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آَيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ﴾ يەنى «ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگە تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر»[25]، ﴿ وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾ يەنى «ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ دائىملىق قارارگاھى بولغان جەننەتلەردىكى ئېسىل تۇرالغۇلارنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھنىڭ (ئۇلاردىن) رازى بولۇشى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ) ئەڭ كاتتىسىدۇر، مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[26] دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش. ﴿أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ﴾ يەنى «ئى مۇئمىنلەر!» دېگەن خىتاب «قۇرئان كەرىم» دە بىرلا جايدا كەلگەن بولۇپ، نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتىدە: ﴿ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار» دەپ كەلگەن.
شۇمۇ ئېنىقكى، «قۇرئان كەرىم» دە ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلغان بىرمۇ ئايەت يوق. پەقەت «كافىرۇن» سۈرىسىدىكى ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ﴾ «ئېيتقىنكى، ئى كاپىرلار! »ﱠ دېگەن ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كاپىرلارغا بىرلا ئورۇندا خىتاب قىلغان. شۇنىڭدەك، ئاخىرەتتە ئۇلارغا: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ﴾ يەنى « ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر»([27]) دەپ خىتاب قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دەپ نىدا قىلغاندەك، كاپىرلارغىمۇ «ئىكاپىرلار!» دەپ نىدا قىلمىغان؟ چۈنكى كاپىرلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە نىدا قىلىشىغا سالاھىيىتى توشمايدۇ. ئەمما ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ رەببىنى تونۇغان مۇئمىنلەرگە شۇنداق نىدا قىلغان. ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دېگەن ئايەت ھەربىر مۇسۇلمان بەندىگە قارىتىلغان جانلىق خىتابتۇر. بۇ ئايەتنى ئوقۇغان ياكى تىڭشىغان ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ۋىجدانىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىدا، ئۇنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىدىغانلىقىدا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان بىر بەندە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدىغانلىقىدا شەك يوق. شۇڭا بىز بۇ تەرجىمىدە ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا ﴾ دېگەن ئايەتنى ئومۇمەن «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.
9. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئۇنىڭغا ھەمىشە «يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ »، «يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ» يەنى » ئى پەيغەمبەر! « دەپ خىتاب قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى ھۆرمەتلەپ، پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل ئۇنۋانى بىلەن چاقىرىپ «ئى پەيغەمبەر!» دېگەن تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى «ئى مۇھەممەد!» دەيمىز؟ بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەككە كاپىرلىرىنىڭ چاقىرىشى ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى كاپىرلار ئۇنى: «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىراتتى، مۇئمىنلەر بولسا «يارەسۇلۇللاھ!» دەپ چاقىراتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەرجىمىدىكى شۇنداق ئورۇنلاردا، «سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى» ۋە «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى» تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، «پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش ئاكادېمىيىسى»دە بېسىپ تارقىتىلغان «التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن تەپسىرگە ئاساسلىنىپ: «ئى پەيغەمبەر!» دەپ ئېلىشنى لايىق كۆردۇق. مەزكۇر تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تەپسىرنى نەشرگە تەييارلىغان مەخسۇس ھەيئەت ئىلگىرىكى تەپسىرلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن» ئى مۇھەممەد! « دېگەن سۆزنى» ئى پەيغەمبەر!« دەپ ئۆزگەرتتى. پەقەت 11 ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ11 ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلار ئىكەنلىكى سەۋەبتىن بولدى» ([28]).
ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشىمىز توغرا ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىز بىلەن باغلاپ تۇرغان نەرسە ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدۇر. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋە ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ باققان ئەمەس، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر قېتىممۇ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ چاقىرمىغان، بەلكى ئۇنى﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ﴾([29]) ۋە ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ﴾ ([30]) يەنى ﴿ئى پەيغەمبەر! ﴾ دەپ چاقىرغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا پەيغەمبەرلەرنى چاقىرغىنىغا ئوخشاش ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرمىغان تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنى باشقا ئىنسانلارنى چاقىرغاندەك ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرىمىز؟ شەكسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ‹ئى پەيغەمبەر!› ۋە ‹ئى رەسۇلۇللاھ!› دەپ چاقىرىش ئۇنىڭغا تولىمۇ لايىقتۇر»([31]) .
10. ئەرەب تىلىدىكى «الْفَاسِقُ» دېگەن سۆز «چىقىش» مەنىسىدىكى «الفِسْقُ» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، قانداقلا بىر نەرسىدىن چىققانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا «الْفَاسِقُ» دېگەن سۆز «ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدىن چىققۇچى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ([32]). مەسىلەن: كەھف سۈرىسىدىكى﴿وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ﴾ يەنى«ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار› دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى»([33]) دېگەن ئايەتكە ئوخشاش. بۇ ئايەتتە «فَسَقَ» دېگەن سۆز «چىقتى» دېگەن مەنىدە كەلگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئايەتلىرىدە كەلگەن ﱡفاسقونﱠ دېگەن سۆز «ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقىپ كەتكەنلەر» ياكى «توغرا يولدىن چىققانلار» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئەمما «الْفَاسِقُونَ» دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىقلار» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، بۇ سۆزدىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى«پاسىق» دېگەن سۆز ئەسلى مەنىسىدە «بۇزۇق»، «چىرىگەن»، «سېسىغان»، «پاسكىنا» دېگەن مەنىلەرنى، كۆچمە مەنىسىدە «ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى، گۇناھكار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ([34]). خەلق ئارىسىدا، پاكىزلىققا ئېتىبار بەرمەيدىغان ياكى گۇناھ _ مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەم «پاسىق» دېيىلىدۇ. شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» دىكى «الْفَاسِقُ» دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىق» دەپ تەرجىمە قىلماستىن، ئايەتتە كەلگەن ئورنىغا قاراپ كۆپرەك «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى»، بەزى ئورۇنلاردا «دىندىن چىققۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.
11. «قۇرئان كەرىم» دىكى﴿بِالْحَق﴾ دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، ئايەتلەردىكى ئورنىغا قاراپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەزى ئايەتلەردە «ھېكمەت بىلەن» دېگەن مەنىدە كەلسە، يەنە بەزى ئايەتلەردە «ھەقىقەت ئاساسىدا» دېگەن مەنىدە كەلگەن. مەسىلەن: مۇپەسسىرلەر «دۇخان» سۈرىسىدىكى ﴿وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ. مَا خَلَقْنَاهُمَا إِلَّا بِالْحَقّ﴾ دېگەن ئايەتتە كەلگەن ﴿بِالْحَق﴾ دېگەن سۆزگە «ھېكمەت بىلەن»، «مەقسەت بىلەن» دەپ مەنە ئېيتىپ، ئايەتكە «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكاردىن - بىكار ياراتقىنىمىز يوق. ئۇلارنى بىز پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق» دەپ مەنە ئېيتقان. يەنى (بىكارغا ياراتمىدۇق، بەلكى ھېكمەت ۋە مەقسەت بىلەن ياراتتۇق)». ئىسرا سۈرىسىدىكى ﴿وَبِالْحَقِّ أَنْزَلْنَاهُ وَبِالْحَقِّ نَزَلَ﴾ ([35]) دېگەن ئايەتتە ﴿بِالْحَق﴾ دېگەن سۆزگە «ھەقىقەت ئاساسىدا»، «ھەق بىلەن» دەپ مەنە ئېيتىپ، ئايەتكە «بىز قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى»ﱠ دەپ مەنە ئېيتقان. بىز ئايەتلەرنىڭ سىياقىغا قاراپ بەزىدە «ھېكمەت بىلەن»، بەزىدە «ھەقىقەت ئاساسىدا» دەپ مەنە ئېيتتۇق.
12. «الإِسۡرَاف» (ئىسراپ) دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش[36] دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا: مەيلى پۇل-مالدا، مەيلى يېمەك-ئىچمەكتە، مەيلى كىيىنىشتە ياكى باشقا نەرسىدە بولسۇن، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ﴿ قُلۡ يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ أَسۡرَفُواْ عَلَىٰ أَنفُسِهِمُۥ لَا تَقۡنَطُواْ مِن رَّحۡمَةِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر»[37] دېگەن ئايەتتە «الإِسۡرَاف» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن﴿أَسۡرَفُواْ﴾ كەلىمىسى «گۇناھنى كۆپ قىلغان» دېگەن مەنىدە كەلگەن. ﴿إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِّن دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ﴾ يەنى «سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»[38] دېگەن ئايەتتە «الإِسۡرَاف» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن «مُّسْرِفُونَ» كەلىمىسى «ھەددىدىن ئاشقۇچىلار» دېگەن مەنىدە كەلگەن. ﴿وَلَا تُطِيعُوا أَمْرَ الْمُسْرِفِينَ﴾ يەنى «ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»[39] دېگەن ئايەتتە «الإِسۡرَاف» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن ﴿الْمُسْرِفِينَ﴾ دېگەن سۆز«ھەددىدىن ئاشقۇچىلار»دېگەن مەنىدە كەلگەن.
«الإِسۡرَاف» (ئىسراپ) دېگەن سۆز ئەرەبلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار كۆپ سۆزلىگەن ئادەمگە «أَسرَفْتَ في الكَلام» (جىق گەپ قىلدىڭ) دەيدۇ. ئەمما «ئىسراپ» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە: «ئورۇنسىز زايە قىلىش، بىھۇدە ياكى ئارتۇقچە سەرپ قىلىنغان چىقىم –خىراجەت»[40] دەپ شەرھلەنگەن. گەرچە «ئىسراپ» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدىن كەلگەن بولسىمۇ، بىزدە ئەرەب تىلىدىكى مەنىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان، پەقەت بۇزۇپ-چېچىش ۋە زايە قىلىۋېتىش دېگەن مەنىنىلا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا بىزدە ئىسراپ دېيىلگەن ھامان ئەقلىمىزگە بۇزۇپ چېچىش ۋە زايە قىلىۋېتىش كېلىدۇ، ئەمما قورساق تويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زورلاپ يېگەننى ھېچكىم ئىسراپ دېمەيدۇ، ھەتتا ئېشىپ قالغان تاماقنى «ئىسراپ بولمىسۇن! يەۋېتەيلى» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئىسراپچىلىقتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە توقلۇق ئۈستىگە يېيىش ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر.
«قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الإِسۡرَاف» دېگەن سۆز بىز چۈشەنگەن ئىسراپ ئۇقۇملىرىنى ئىپادىلىگەننىڭ سىرتىدا، ھەرقانداق نەرسىدە ياكى ئىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى ئىپادىلىگەندەك، توقلۇق ئۈستىگە يېيىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، قورساق تويغاندىن كېيىن، زورلاپ يېيىش چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكتۇر. تەپسىرى ئىبنى كەسىردە مۇنداق كەلگەن: «ئەتائ خۇراسانىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ﴿وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُواْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ﴾ دېگەن ئايەتنى ‹يەڭلار، ئىچىڭلار، چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ يېمەك-ئىچمەكتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ› دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى جەرىر تەبەرىي ﴿إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ﴾ دېگەن ئايەتنى ‹شەكسىزكى، ئاللاھ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ› دەپ تەپسىر قىلغان»[41]. ھازىرقى زامان مۇپەسسىرلىرىمۇ ﴿وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُواْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ ﴾ دېگەن ئايەتكە «يەڭلار، ئىچىڭلار، يېيىش-ئىچىشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ يېيىش- ئىچىشتە ۋە باشقا ئىشلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ» دەپ مەنە ئېيتقان[42]. ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر سەئدىي مۇنداق دېگەن: «ئىسراپچىلىق يا نورمالدىكى مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى يېيىشتە، ئىچىشتە ۋە كىيىنىشتە بۇزۇپ-چېچىش ۋەياكى ھالالدىن ھارامغا ئۆتۈپ كېتىش بىلەن بولىدۇ. ئىسراپچىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى كۆپ يەپ تەن ساقلىققا زىيان يەتكۈزۈشتۇر»[43]. بىز بۇ تەرجىمىدە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە كەلگەن «الإِسۡرَاف» دېگەن سۆزنى تىلىمىزدا ئومۇملاشقان ئاتالغۇ سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن «ئىسراپ» دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇق. ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن بۇ سۆزنى يۇقىرىقى كەڭ مەنىسى بىلەن چۈشىنىىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
13. «قۇرئان كەرىم» دىكى ﴿الكاَفِرُ﴾ ، ﴿الكاَفِروُن﴾، ﴿الْكُفَّارُ﴾، ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا ﴾ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان ئومۇمىي كاپىرلارنى كۆرستىدۇ. ﴿الكاَفِروُنَ﴾ ۋە ﴿الْكُفَّارُ﴾ قاتارلىقلار ﴿الكاَفِرُ﴾ دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسى بىردۇر. ئەمما ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆز ئومۇمەن ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان ۋە ئىنكاردا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكىﱡكاپىرﱠ دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى ﴿الكاَفِر﴾ ، ﴿الكاَفِروُن﴾ﱠ، ﴿الْكُفَّارُ﴾ دېگەن سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسلىق مەقسەتنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «كاپىر» دېگەن سۆز مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆز بولۇپ، ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىمىغانلىق ياكى بىلمىگەنلىكتىن مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن، ھەق دىننى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ پەرقىنى ئايرىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئەرەبلەر ئالدىنقىسىنى «غەيرۇل مۇسلىمىين» يەنى (مۇسۇلمان ئەمەسلەر) دەيدۇ، كېيىنكىسىنى «كافىرون» يەنى (ئىنكار قىلغۇچىلار) دەيدۇ.
﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» دە نەچچە جايدا كەلگەن بولسا ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملاپ چىقىپ، مەشھۇر تەپسىرلەرنىڭ ھەربىر جايدىكى ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆزنى قانداق تەپسىر قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ سۆزنىڭ ئايەتلەردە كەلگەن ئورنىغا قاراپ ھەر خىل شەكىلدە تەپسىر قىلىنغانلىقىنى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن: ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆزنى بىر ئورۇندا «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار» دېگەن بولسا، يەنە بىر ئورۇندا «كۇفرىنى داۋاملاشتۇرغانلار» دېگەن، يەنە باشقا ئورۇنلاردا «ئىنكار قىلغانلار»، «كاپىرلار»، «ئىنكاردا چىڭ تۇرۇۋالغانلار»، «ھەقىقەتكە تانغانلار» قاتارلىق مەنىلەردە تەپسىر قىلغان. شۇڭا بىز ﴿الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆزلەرنى بۇ سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كەلگەن ئايەتلەرنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ بەزى جايلاردا «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار»، بەزى جايلاردا «كاپىر بولغانلار»، بەزى جايلاردا «ئىنكار قىلغانلار» دەپ تەرجىمە قىلىشنى، ئەمما ﴿الكاَفِرُ﴾ دېگەن لەۋزى بىلەن كەلگەنلىرىنى ئۆز ئەينىسى بويىچە «كاپىر» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. بۇ سۆزلەرنى قېلىپلاشتۇرۇۋېلىشنى خالىمىدۇق. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بولمىغان جاي، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشاش بولمىغان شارائىتلار ئىچىدە تەدرىجىي نازىل بولۇپ، تولۇق 23 يىلدا تاماملاندى. ھەممىگە مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم» ھاياتلىقنىڭ ئىچىگە شۇ ھاياتنى تېخىمۇ ياخشى ياشنىتىش ئۈچۈن نازىل بولغان بىر ئىلاھىي كىتاب. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تىلىمۇ خۇددى ھاياتقا ئوخشاش جانلىقتۇر، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ خۇددى ھاياتقا ئوخشاش رەڭلىكتۇر.
14. ئەرەب تىلىدىكى ﴿الذي، الذين ، التي ، اللآتي﴾ دېگەن سۈپەتداشلار بىزنىڭ تىلىمىزدىكى«غان، قان، گەن، كەن» دېگەن قوشۇمچىلارنى بىلدۈرىدۇ. بىز بۇ تەرجىمىدە يۇقىرىقى سۈپەتداشلارنىڭ ھەممىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. مەسىلەن: ﴿سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آَيَاتِنَا إِنَّه هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ﴾ دېگەن ئايەتنى «قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلغانغا ئوخشاش.
15. «إنَّ» كەلىمىسىنىڭ جۈملىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقى ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدىن ئازراق خەۋىرى بار ھەرقانداق كىشىگە مەلۇملۇق. شۇڭا، ھازىرغىچە ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىدا «إنَّ» كەلىمىسى «ھەقىقەتەن، شەكسىز، جەزمەن» دېگەندەك تەكىتلەش مەنىلىرىدە تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. ئەرەب تىلىنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرىدىن بىر قىسمى[44] «إنَّ» كەلىمىسىدىن كېيىن كەلگەن بىر قىسىم جۈملىلەرگە «تعليليّة» يەنى (سەۋەبنى بايان قىلغان جۈملىلەر) دەپ ئىئراب بەرگەن. شۇڭا، بىز بۇ قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئايەتلەرنىڭ بالاغەتلىك ئىپادىسىگە رىئايە قىلىش مەقسىتىدە «إنَّ» كەلىمىسىگە باغلىنىپ كەلگەن جۈملىلەردە كەلگەن ئورۇنلىرىغا قاراپ بەزى جايلاردا «چۈنكى» دېگەن سۆزنى قوشتۇق. مەسىلەن: ﴿رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ﴾ يەنى «ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن»[45] دېگەن ئايەتكە ئوخشاش.
16. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم _ سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق. بۇنىڭدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلىرىگە ئەگەشتۇق. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق كەلگەن ﴿اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ﴾ ([46]) دېگەن ئايەتنىﱡ «ئەرشنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. چۈنكى، ئەرەب تىلىدىكىﱡاسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆز «علا»، «ارتفع» يەنى «يۈكسەلدى، ئۆرلىدى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ مەشھۇر قامۇس «لىسانۇل ئەرەب» تە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىمام ئەخپەش﴿اسْتَوَى﴾ دېگەن سۆزنى «علا» يەنى ‹ئۈستۈن بولدى› دەپ چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن: ‹استويت فوق الدابة، على ظهر البيت أي علوته› يەنى (ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە چىقتىم، ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆرلىدىم، يەنى ئۈسـتۈن بولدۇم) دېگەنگە ئوخشاش. ([47]) تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن مۇجاھىد ئايەتتىكى ﴿اسْتَوَى﴾ دېگەن سۆزگە «علا» يەنى «ئۈستۈن بولدى» دەپ مەنە ئېيتقان. كاتتا مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى جەرىر تەبەرىي ئۆز تەپسىرىدە ﴿الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى﴾ ([48]) دېگەن ئايەتكە «الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ ارتفع وعلا» يەنى «رەھمان ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىدى ۋە ئۈستۈن بولدى»ﱠ دەپ تەپسىر قىلغان. ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئەبۇل ئابباس سەئلەبىي ﱡ ﴿اسْتَوَى﴾ دېگەن سۆزگە «علا» يەنى «ئۈستۈن بولدى» دەپ مەنە ئېيتقان. ﴿اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ﴾ دېگەن جۈملىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەئراف، يۇنۇس، رەئد، تاھا، فۇرقان، سەجدە ۋە ھەدىد قاتارلىق يەتتە سۈرىسىدە يەتتە قېتىم كەلگەن.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ﴿ اسْتَوَى﴾ ﱠ دېگەن بۇ سۆزنى باشقا مەنىلەردە تەرجىمە قىلغاندىن ياكى ئۇنى ئەرەبچىسى بويىچە يېزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل دەپ قارىدۇق.
﴿ اسْتَوَى﴾ دېگەن سۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئېتىقادى بويىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ﴿الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى﴾ دېگەن ئايەتنى«رەھمان ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، ئايەتكە ئۆز ئەينى بويىچە، يەنى سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسى بويىچە مەنە ئېيتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىگەنلىكى راستتۇر، ئۇنىڭ قانداق ئۆرلىگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشىنىش پەرزدۇر، ئاللاھ قانداق ئۆرلىگەن دەپ سوئال سوراش بىدئەتتۇر» ([49]) دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
17. ئەرەب تىلىدىكى «تَوَكُّل» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بىراۋغا تايىنىش» ۋە «بىرىگە يۆلىنىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ([50]). ئىسلام ئاتالغۇسىدا «تَوَكُّل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ باغلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا تايىنىشنى، ئۆزىنى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەۋەككۈل» دېگەن سۆز: «كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار، دەپ قىلىنغان ھەرىكەت» ([51]) دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل «نېمە بولسا بولار» دەپ تەۋەككۈل قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە، چەكسىز قۇدرىتىگە ئىشىنىپ، ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تايىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
«قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ بىلەن تايىنىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ تەرجىمىدە «تَوَكُّل» دېگەن سۆزنى «تەۋەككۈل» دەپ ئالدۇق. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ «التَوَكُّل عَلَى اللَّهِ» دېگەن ئايەتلەرنى «ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چىن يۈرەكتىن ئىشىنىپ، يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش» دېگەن مەنىلىرى بويىچە چۈشىنىشىنى سورايمىز.
18. ئەرەب تىلىدىكى «العبادة» يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە ([52])، ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا ئىبادەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىسىمدۇر([53]). بۇنىڭغا ئاساسەن، «ئىبادەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى كەڭ بولۇپ، ئىبادەتنى ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگىلا قارىتىپ قويغاندا، ئىبادەتنىڭ كۆزدە تۇتۇلغان مەنىسى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلار مەزكۇر ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە كەلگەن: ﴿اعْبُدُوا رَبَّكُمْ﴾ﱠ يەنى «رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار» ([54]) دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىڭلار، ھاياتىڭلارنى ئۇنىڭ دىنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاڭلار دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ، ئىبادەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەنىسىدۇر. ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان ئىبادەتلەر ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. قىسقىسى، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەتتۇر. چۈنكى، ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، مۇسۇلماننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق جىسمانىي ئىشلىرىنى، شۇنداقلا تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ([55]). دېمەك، «ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئەنە شۇنداق چوڭقۇر ۋە كەڭدۇر. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا «ئىبادەت» دېگەن سۆز ناماز، روزا، زاكات، ھەج _ ئۆمرە، قۇرئان ئوقۇش، سەدىقە بېرىش قاتارلىق مۇئەييەن ئىبادەتلەرنىلا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ۋە بارلىق ئىش _ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئارىسىدا كەلگەن «العبادة» يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆزنى شۇ كەڭ مەنىسى بويىچە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
19. «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆپ ئايەتلىرىدە كەلگەن ﴿إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ﴾، ﴿ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾، ﴿ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ﴾ دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرگە ئاللاھ «تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ»، «ئاللاھ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»، «ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ مەنە ئېيتىلىدۇ. چۈنكى، ئەرەب تىلىدىكى ﴿يُحِبُّ﴾ دېگەن سۆز «ياخشى كۆرىدۇ» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە بۇ سۆزنى «دوست تۇتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىش خاتا بولمىسىمۇ، «ياخشى كۆرۈش» بىلەن «دوست تۇتۇش» ئوتتۇرىسىدا ئەلۋەتتە پەرق بار. چۈنكى دوستلۇق مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بىراۋ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ھەممىسى بىلەن دوست بولۇپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا «بىراۋ پالانىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەنلىك ئۇنىڭ مەزكۇر پالانى بىلەن دوست ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ﴿اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آَمَنُوا﴾ يەنى «ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دوستىدۇر»[56] دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، يۇقىرىقى ئايەتلەرنى «تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ»، «ئاللاھ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»، «ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»، دەپ تەرجىمە قىلسىمۇ خاتا بولمايدۇ. ئەمما «ياخشى كۆرىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەلدۇر.
ئەمما ﴿إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ﴾ ، ﴿فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ﴾ دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرگە «ئاللاھ خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ»، «ئاللاھ كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇناسىپ ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوست تۇتۇش ئەمەس، بەلكى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ياقتۇرمايدۇ. «دوست تۇتۇش» دېگەن «ياخشى كۆرۈش»تىن كېيىن كېلىدىغان باسقۇچتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى ۋە خائىنلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ. مەسىلەن: بىراۋ بىرىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى «دوستلاشتى» دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئايەتلەرنى «ياخشى كۆرمەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.
20. بەزى مۇپەسسىرلەر ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ ﴿يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ﴾ دېگەن قىسمىغا «ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغان كىشىلەر» دەپ مەنە ئېيتقان. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردە ئومۇمەن شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتكە «خىلۋەتتە ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىلەر» دەپ مەنە ئېيتقان. چۈنكى، ئىمان كۆرمەي تۇرۇپ ئىشىنىشكە قويۇلغان ئىسىمدۇر. پۈتۈن مۇئمىنلەر ئاللاھ تائالانى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتقان بىرمۇ مۇئمىن يوق. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى بۇ دۇنيادا كۆرگىلى بولمايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپ ئىشەنگەننى ئىمان دېيىلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدىلا مۇئمىنلەرنى ﴿يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ﴾ يەنى «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» يەنى كۆرمىگەنگە ئىشىنىدۇ، دەپ ماختىغان. شۇڭا ئايەتتىن مەقسەت، ئاللاھ تائالادىن بارلىق ھالەتلەردە قورقىدىغان، ھەتتا ئۆزى يالغۇز خىلۋەتتە بولغان چاغلاردىمۇ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ گۇناھ سادىر قىلمايدىغان كىشىلەر دېگەنلىكتۇر. بىز مۇشۇنداق ئايەتلەرنى بۇ مەنىدە تەرجىمە قىلدۇق.
21. ﴿اذْكُرْ﴾ دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «ئەسلىگىن»، «خاتىرىلىگىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا: «ئېيتقىن»، «دېگىن»، «بايان قىلغىن»، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ﴿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ﴾ «قۇرئاندىكى مەريەم قىسسىسىنى بايان قىلىپ بەرگىن»[57] دېگەن ئايەتكە ئوخشاش. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردە ﴿اذْكُرْ﴾ دېگەن سۆز كۆپىنچە لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: يۈسۈف سۈرىسىدە كەلگەن ﴿اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ﴾ دېگەن ئايەتكە «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مېنى ئەسلەپ قويغىن» دەپ مەنە ئېيتىلغان. ھالبۇكى، ئايەتنىڭ مەنىسى: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مېنى تىلغا ئېلىپ قويغىن»، «ئۇنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گېپىمنى قىلىپ قويغىن» دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر تۈرمىدىشىدىن تەلەپ قىلغىنى ئۆزىنى خوجايىننىڭ يېنىدا ئەسلەپ قويۇشى ئەمەس، بەلكى خوجايىنغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ چۈشلەرگە توغرا تەبىر بېرەلەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىن بۇرۇنراق چىقىشىغا سەۋەب بولۇشىدۇر. چۈنكى، گەپ قىلماي كۆڭلىدە ئەسلىگەنلىكىنىڭ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قىلچە پايدىسى بولمايتتى. شۇڭا بىز بۇنداق ئايەتلەرگە «تىلغا ئالغىن»، «ئېيتقىن»، «دەپ بەرگىن» دېگەندەك مەنىلەرنى ئېيتىشنى لايىق كۆردۇق.
22. ئايەتلەرنىڭ كىملەر ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى بىلمەستىن تەرجىمە قىلغاندا، مەقسەت قىلىنغان مەنە ئىپادىلەنمەي قالىدۇ. مەسىلەن: بەقەرە سۈرىسىدىكى ﴿إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ﴾ دېگەن ئايەتكە «سەن كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دەپ مەنە ئېيتقاندا، كاپىرلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكى چۈشىنىلىپ قالىدۇ. مەلۇمكى، ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلار بارلىق كاپىرلار ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئىمان ئېيتماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان ۋە ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە تۇرغان كاپىرلاردۇر. شۇڭا مەزكۇر ئايەتكە «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى ([58]) ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دەپ مەنە ئېيتىش ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك. چۈنكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، كاپىرلانى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تۇرسا، ئۇ زات كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرمىسا كىمنى ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى بولمىسا ئۇلارنى نېمىشقا ئاگاھلاندۇرغان؟» دېگەن سوئاللار تۇغۇلىدۇ. مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ ئەبۇ جەھل قاتارلىق بەش نەپەر كاپىر ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەبۇ جەھل، ئەبۇ لەھەبكە ئوخشاش كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرلار راستتىنلا ئىمان ئېيتمىغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتتە بېرىلگەن خەۋەر ئەمەلگە ئاشقان. ئەمما باشقا كاپىرلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغان. ئاشۇنداق ئايەتلەردە كەلگەن ﴿إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ دېگەن سۆز ئومۇمەن كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار» دەپ مەنە ئېيتىشنى لايىق كۆردۇق.
23. «قۇرئان كەرىم» دە كەلگەن «الْحُوتُ» دېگەن سۆزنى كەلگەن يېرىدىكى مەزمۇنىغا قاراپ، ئاساسەن «كىت» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. چۈنكى، ﴿ الْحُوتُ﴾ بىلەن «سمك» نىڭ پەرقى بار. چۈنكى، بېلىق ئەرەب تىلىدا «سمك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىت ﴿الْحُوتُ﴾ دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا ﴿فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ﴾ دېگەن ئايەتكە «ئۇ ئۆزىگە مالامەت قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە، ئۇنى چوڭ بىر كىت يۇتۇۋەتتى»[59] دەپ مەنە ئېيتتۇق. نورمال بىر كىتنىڭ 150 توننا كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ 50 توننىسى گۆش، 50 توننىسى ماي، 50 توننىسى سۆڭەك ئىكەنلىكى ۋە كىتنىڭ ئېغىزىدا چوڭ بىر ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرالايدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بەلكى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى يۇتۇۋەتكەن كىت شۇنداق كىتلاردىن بولۇشى مۇمكىن.
24. بەزى ئايەتلەرنى لۇغەت مەنىسىگىلا ئاساسلىنىپ تەرجىمە قىلغاندا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە جۇمۇئە سۈرىسىدىكى: ﴿هُوَ الَّذِي بَعَثَ فِي الْأُمِّيِّينَ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آَيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ﴾ دېگەن ئايەت «ئاللاھ ئۇممىيلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. گەرچە ئىلگىرى ئۇلار روشەن ئازغۇنلۇقتا بولسىمۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى توغرا تەرجىمە قىلىنمىغان. چۈنكى، بۇ جۈملىدىن «ئەسلىدە پەيغەمبەر ھىدايەت تاپقان ئادەملەرگە كېلەتتى، گەرچە ئۇلار روشەن ئازغۇنلۇقتا بولسىمۇ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىك كەلدى» دېگەندەك مەنە چىقىپ قالىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنداق ئەمەس. توغرىسى ئۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، پەيغەمبەرلەر ھىدايەت قىلىنمىغان ۋە ئازغۇنلۇقتا قالغان قەۋملەرگە كەلگەن. ياسىن سۈرىسىدىكى: ﴿ تَنْزِيلَ الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ. لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أُنْذِرَ آَبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ﴾ يەنى «(بۇ قۇرئان) سېنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر»[60] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز يۇقىرىقى ئايەتكە «ئاللاھ ساۋاتسىزلارغا (ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا (قۇرئان) ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى (بۇزۇق ئەقىدە ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن زاتتۇر. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى» دەپ مەنە ئېيتتۇق.
25. ئايەتلەرگە مەنە ئېيتىشتا ھەربىر ئايەتتىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدا چوڭ ئاساسلارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەندە خاتالىق يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: ئىسرا سۈرىسىنىڭ ﴿وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا﴾ يەنى «رەببىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا (قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا «ئوف!» دېمىگىن (يەنى شۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن»[61] دېگەن ئايىتىدىكى «عندك» دېگەن سۆزگە ئانا ۋەتەندە نەشر قىلىنغان تەرجىمىلەردە «قول ئاستىڭدا» دەپ مەنە ئېيتىلغان. بۇ يەردە لۇغەت ۋە لوگىكا جەھەتتە خاتالىق يۈز بەرگەن. چۈنكى، «عندك» دېگەن سۆز لۇغەتتە «يېنىڭدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بىراۋنىڭ يېنىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلىرى، ئەھلى ئەۋلادى ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانا ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئەمەس، بەلكى يېنىدا، ھەتتا باش ئۈستىدە بولىدۇ.
26. ئايەتلەردىكى باغلىغۇچىلارنىڭ قانداق مەنىدە كەلگەنلىكىنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مەسىلەن: «مِنْ» دېگەن ھەرپ كۆپ مەنىلەردە كېلىدۇ. ئۇنىڭ جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ قانداق مەنىدە كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىبراھىم سۈرىسنىڭ 40- ئايىتىدىكى ﴿رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي﴾ دېگەن ئايەتكە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە، «ئى رەببىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچى قىلغىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: ھەرقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ۋە ھەممىسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئەمما بۇ ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان بولۇشىنى تىلىمەي، بىر قىسمىنىڭلا نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان بولۇشىنى تىلىگەنمۇ؟ شۇڭا مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «مِنْ» دېگەن ھەرپنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى ئايەتتىكى «مِنْ»نىڭ مەنىسىنى «للتبعيض» يەنى (بەزىسى، بىر قىسمى) دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن «نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنىڭ بىر قىسمىنى نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان قىلغىن» دەپ تىلىگەن بولىدۇ. يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «مِنْ»نىڭ مەنىسىنى «إبتدائية» يەنى (باشلىنىش، سۆز بېشى) مەنىسىدە كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەللامە تاھىر ئىبنى ئاشۇر مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتىكى «مِنْ» بەزىسى ياكى بىر قىسمى دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى سۆزنىڭ باشلىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىلا تىلەيتتى»[62]. يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «مِنْ»نى «للجنس» يەنى (تۈرنى بايان قىلىش) ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كېلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نەسلىدىن كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغانلاردىن بولۇشىنى تىلىگەن، دەپ قارايدۇ[63]. بۇنىڭغا بىنائەن، ئايەتنىڭ توغرا تەرجىمىسى «ئى رەببىم! مېنى ۋە مېنىڭ نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنى نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان قىلغىن» دېگەنلىك بولىدۇ. كۆپ سانلىق مۇپەسسىر بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن.
27. سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى «بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى» دېگەن قىسمى «المختصر في التفسير» ناملىق تەپسىردىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
([1]) «لسان العرب» قامۇسى 1- توم، 399-بەت.
([2]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ «ئەيسەرۇتتەفاسىر» ناملىق تەپسىرى1-توم،12-بەت.
([3]) فاتىھە سۈرىسى: 2-ئايەت.
([4]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 203 -بەت.
([5]) ئالدىنقى مەنبەدىن.
([6]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ «ئەيسەرۇتتەفاسىر» ناملىق تەپسىرى1-توم،11-بەت.
([7]) ياسىن سۈرىسى: 15-ئايەت.
([8]) ئىسرا سۈرىسى: 110- ئايەت.
([9]) «تفسير الشعراوي».
([10]) مۇلك سۈرىسى:10_ ئايەت.
[11] ئەھقاف سۈرىسى: 35- ئايەت.
[12] ئال ئىمران سۈرىسى: 200- ئايەت.
[13] قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.
[14] نەھل سۈرىسى: 126- ئايەت.
[15] بەقەرە سۈرىسى: 155- ئايەت.
[16] مەئارىج سۈرىسى: 5- ئايەت.
[17] سەجدە سۈرىسى: 7- ئايەت.
[18] قەسەس سۈرىسى: 77- ئايەت.
[19] نەھل سۈرىسى، 128- ئايەت.
[20] مائىدە سۈرىسى: 93- ئايەت.
[21] بەقەرە سۈرىسى: 24- ئايەت.
([22]) ئەھزاب سۈرىسى: 70-ئايەت.
([23]) ئال ئىمران سۈرىسى: 130-ئايەت.
([24]) ئەھزاب سۈرىسى:9-ئايەت.
[25] ئەنفال سۈرىسى:2- ئايەت.
[26] تەۋبە سۈرىسى: 72- ئايەت.
([27]) تەھرىم سۈرىسى: 7- ئايەت.
([28]) «التفسير الميسر» (ئەتتەپسىرۇل مۇيەسسەر) 9- بەت.
([29]) مائىدە سۈرىسى:67-ئايەت.
([30]) تەھرىم سۈرىسى:1-ئايەت.
([31]) «تفسير الشعراوي» 17- توم: 10344: بەت.
([32]) «تەپسىرى قۇرتۇبى»1-توم 245-بەتتە، «تەپسىرى ئەل ئەلۇسىي» 1-توم 210-بەتتە، «تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە»1-توم 155-بەتتە «فسق» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش، دەپ تەپسىر قىلىنغان.
([33]) كەھف سۈرىسى، 50-ئايەت.
([34]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 189-بەت.
([35]) ئىسرا سۈرىسى: 105 - ئايەت.
[36] «لسان العرب» 9- توم، 148- بەت.
[37] زۇمەر سۈرىسى: 53- ئايەت.
[38] ئەئراف سۈرىسى:81 - ئايەت.
[39] شۇئەرا سۈرىسى:151- ئايەت.
[40] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 1276-بەت.
[41] «تفسير ابن كثير» 2- توم، 217- بەت.
[42] «التفسير الميسر»، 154- بەت / «المختصر في التفسير»، 154- بەت.
[43] «تيسير الكريم الرحمن في تفسير كلام المنان»، 278- بەت.
[44] «الجدول في إعراب القرآن الكريم» لمحمود بن عبد الرحيم صافي»1-توم، 69-بەت، «تفسير حدائق الروح والريحان في روابي علوم القرآن» 1-توم، 209-بەت، » [44]المطول شرح تلخيص المفتاح» للتفتازاني 150-بەت.
[45] بەقەرە سۈرىسى: 128- ئايەت.
([46]) ئەئراف سۈرىسى: 54 - ئايەت.
([47]) «لىسانۇل ئەرەب» 14-توم، 144 – بەت.
([48]) تاھا سۈرىسى: 5- ئايەت.
([49]) ئىمام مالىكنىڭ سۆزى.
([50]) «لىسانۇل ئەرەب» 11-توم، 734- بەت.
([51]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 289-بەت.
([52]) «لىسانۇل ئەرەب» 5-توم، 2776- بەت.
([53]) شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيەنىڭ «ئەل ئۇبۇدىيە» ناملىق ئەسىرى1-بەت.
([54]) بەقەرە سۈرىسى: 23 - ئايەت.
([55]) دوكتور يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ «العبادة في الإسلام« ناملىق ئەسىرىدىن.
[56] بەرە سۈرىسى:257- ئايەت.
[57] مەريەم سۈرىسى: 16- ئايەت.
([58]) «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار» دېگەن ئايەتتىن ئۆزىگە ھەق دىننىڭ دەۋىتى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇشقا بەل باغلىغان كاپىرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مۇشۇ ئايەت چۈشۈشتىن 12 يىل ئىلگىرى مەككىدە نازىل بولغان كافىرۇن سۈرىسىدىكى ﴿وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ﴾ يەنى ﴿ سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر﴾ دېگەن ئايەتتە ئىمان ئېيتمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن كاپىرلارغا ئوخشاش كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا قارىتىلغان ئايەتتۇر. يەنە بىر مەسىلە، بۇ ئايەتتىكى ﴿بەرىبىر﴾ دېگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن «بەرىبىر» ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى شۇ كاپىرلار ئۈچۈن «بەرىبىر» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى كىمنىڭ ئىمان ئېيتىدىغان ۋە كىمنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
[59] ساففات سۈرىسى: 141-ئايەت.
[60] ياسىن سۈرىسى: 5-6-ئايەتلەر.
[61] ئىسرا سۈرىسى: 23-24- ئايەتلەر.
[62] «التحرير والتنوير» 7- توم، 445- بەت.
[63] «مغني اللبيب» 420-421- بەتلەر.