لۇقماننىڭ قىسسىسى ۋە ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتى

لۇقماننىڭ قىسسىسى ۋە ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتى
وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ (13) وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ (14) وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلى أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (15) يَا بُنَيَّ إِنَّهَا إِنْ تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ فَتَكُنْ فِي صَخْرَةٍ أَوْ فِي السَّمَاوَاتِ أَوْ فِي الْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ (16) يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ (17) وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ (18) وَاقْصِدْ فِي مَشْيِكَ وَاغْضُضْ مِنْ صَوْتِكَ إِنَّ أَنْكَرَ الْأَصْوَاتِ لَصَوْتُ الْحَمِيرِ (19)

تەرجىمىسى

12 _ بىز لۇقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر».

13 _ ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» دېگەن ئىدى.

14 _ بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىدىغان خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنىڭغا قاتمۇقات ئاجىزلاپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى) ماڭا ۋە ئاتا _ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.

15 _ ئەگەر ئاتا _ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن قايتىدىغان جايىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، شۇ چاغدا مەن سىلەرگە قىلغان _ ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن».

16 _ (لوقمان ئېيتتى) «ئى ئوغلۇم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

17 _ ئى ئوغلۇم! نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. شەكسىزكى، بۇلار مۇستەھكەم ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر.

18 _ تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈمىگىن، يەر يۈزىدە غادىيىپ ماڭمىغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ماختانچاق ھاكاۋۇرلارنى دوست تۇتمايدۇ.

19 _ يول يۈرگەندە كەمتەر بولغىن، ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن. شەكسىزكى، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر».

تەپسىرى

 شەكسىزكى، بىز لۇقمان ھەكىمگە دىنىي مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىدىغان، توغرا سۆز قىلىدىغان، ئادالەتلىك مۇھاكىمە قىلىدىغان ئىلىم _ ھېكمەت ۋە ئەقىل _ پاراسەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنى بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان قىلدۇق ۋە ساغلام مەرىپەتكە باشلىدۇق. لۇقمان تولىمۇ دانا ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى ئۆزى ئېرىشكەن ئىلىم _ ھېكمەت دۇردانىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇلار ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىلھام يولى بىلەن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىسى ئىدى، پەيغەمبەرلەردىن ئەمەس ئىدى.

بىز لۇقمان ھەكىمگە ئېيتتۇقكى، ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرى يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلغىن، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغان ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، يەنى قىلغان شۈكرىسىنىڭ پايدىسى ۋە مۇكاپاتى ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ. ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ زىيادە، تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلىدىغان، ھەممىنى ئۆز ئىقتىدارىم ۋە ئۆز كۈچۈم بىلەن ھاسىل قىلدىم دەيدىغان تۇزكور مەخلۇقلار بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ شۈكرىسىگە ھاجىتى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتىغا موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە، ھەممە مەخلۇقات ئاللاھ تائالاغا موھتاجدۇر. شۇڭا، شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ شۈكرىسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا پايدا بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇزكورلۇقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالاغا زىيان يەتمەيدۇ. بەلكى پايدا _ زىيان ھەممىسى بەندىلەرنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. بۇ ﴿ﳜ ﳝ ﳞ ﳟﳠ ﳡ ﳢ ﳣ ﳥ ﳦ ﳧ ﳨﳩ ﳤ﴾ يەنى ﴿ كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلەرگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەستۇر﴾ ([1])  دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىقلىشىدۇ.

لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا شۇنداق ھېكمەتلىك ۋە تولىمۇ مەنىلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان ئىدى. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئاتا _ ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى شۇنداق داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بەخت _ سائادەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىشقا ۋە پايدىلىق ئۈگۈتلەرنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. ھەركىم ئۆز پەرزەنتلىرىگە لۇقمان ھەكىمدەك نەسىھەت قىلىدىغان بولسا ئاقىۋەتنىڭ نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: ئى ئوغلۇم! ئاللاھ تائالاغا مەيلى ئېتىقادتا، مەيلى ئىبادەتتە، مەيلى دۇئادا، مەيلى قانداقلا بىر ئىشتا بولسۇن، ھېچكىمنى ۋە ھېچقانداق نەرسىنى شېرىك قىلىپ قوشۇۋالمىغىن. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ۋە ھېچبىر شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوقلۇقىغا چىن ئېتىقاد قىلغان ھالدا، بارلىق ئىبادەت ۋە دۇئالارنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا قىلغىن. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش تولىمۇ چوڭ ناھەقچىلىكتۇر، ئېغىر گۇناھتۇر ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغانلىقتۇر.

 بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ناھەقچىلىك بارمۇ دۇنيادا؟ ناھەقچىلىك دېگەن بىراۋنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك ۋە ئىشلارنى ئۆز جايىدا ۋە ئۆز يولى بىلەن قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ يالغۇز ئېتىقاد قىلىنىش ۋە يالغۇز ئىبادەت قىلىنىش ھەققىنى ئادا قىلماستىن، ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ قوشۇۋېلىش ئەڭ چوڭ ناھەقچىلىك ۋە ئېغىر گۇناھتۇر. ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىنى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان بۇتلارغا تەڭ قىلىش قانداقمۇ ناھەقچىلىك بولمىسۇن؟!

لۇقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا: ﴿بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىدىغان خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنىڭغا قاتمۇقات ئاجىزلاپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى) ماڭا ۋە ئاتا _ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر﴾ دېگەن ئايەت كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئاتا _ ئانىنىڭ ھەققىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدىن كېيىنلا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئاتا _ ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئاتا _ ئانىنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى ھەق _ ھوقۇقلىرىنى بىلدۈرۈش، بالىلارنىڭ ئاتا _ ئانىلىرى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى بەلگىلەش، شۇنداقلا ئاتا _ ئانىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ چەك _ چېگراسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئەللامە قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاتا _ ئانىغا ئىتائەت قىلىش چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشتا ۋە پەرزلەرنى تەرك ئېتىشتە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش مۇباھ ئىشلاردا بولىدۇ»([2]) يەنى ئەگەر ئاتا _ ئانا بالىلىرىنى گۇناھ قىلىشقا ياكى پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇسا، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمەسلىك لازىم. بۇ ھالەتتە ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش زۆرۈردۇر.

بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىنىڭ ھەققى ئاتىنىڭ ھەققىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ئانىلار كۆپرەك مېھىر _ شەپقەتكە ۋە ئاسراشقا موھتاجدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «جَاءَ رَجُلٌ إِلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، مَنْ أَحَقُّ النَّاسِ بِحُسْنِ صَحَابَتِي؟ قَالَ: «أُمُّكَ» قَالَ: ثُمَّ مَنْ؟ قَالَ: «ثُمَّ أُمُّكَ» قَالَ: ثُمَّ مَنْ؟ قَالَ: «ثُمَّ أُمُّكَ» قَالَ: ثُمَّ مَنْ؟ قَالَ: «ثُمَّ أَبُوكَ» يەنى «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ تېگىشلىك كىشى كىم؟› دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ‹ئاناڭ› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئادەم بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم قايتىلاپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمىدا، ‹ئاناڭ› دەپ جاۋاب بېرىپ، تۆتىنچى قېتىمىدا، ‹ئاتاڭ› دەپ جاۋاب بەردى»([3]) . چۈنكى ئانا بالىلارنىڭ جاپاسىنى ئاتىلاردىن كۆپرەك تارتىدۇ ۋە بالىسىغا قاتمۇقات ئاجىزلاپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈرىدۇ، تۇغۇت كارۋىتىدا ھايات-ماماتلىق تولغاق ئازابىنى يېڭىپ پەرزەنتىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ، ئاندىن بالىسىنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچىلىك بولغان ئىككى يىل جەريانىدا ھەم قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ھەم ئېمىتىپ باقىدۇ. بالا ئەمچەكتىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇنى يىگۈزۈپ، ئىچكۈزۈپ، ئاستىنى قۇرۇقداپ باقىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا، ئاندىن ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئاتا _ ئانىسىغا شۈكۈر قىلىشقا بۇيرۇغان. ئېنىقكى، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىپ ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىش بىلەن، ئاتا _ ئانىغا شۈكۈر قىلىش ئۇلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە قىلسا گۇناھ بولمايدىغان بارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بالىلارنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئاتا _ ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى پەرزدۇر. ئەمما ناۋادا ئاتا _ ئانىسىدىن بىرەرسى ئۇنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەرزلەردىن بىرەرسىنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇسا ياكى ئاللاھ تائالا توسقان گۇناھ، ھارام ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلىشقا بۇيرۇسا، بۇ چاغدا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاتا _ ئانا بالىلىرىنى پارا ئېلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، بىراۋغا قارا چاپلاش ياكى ناماز ئوقۇماسلىق، زاكات بەرمەسلىك دېگەندەك ئىشلارغا بۇيرۇسا، بالىلارنىڭ ئۇلارغا قەتئىي ئىتائەت قىلماسلىقى لازىم.

ئاتا _ ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ قىلىش ۋە ئۇلارنى مەمنۇن قىلىش ھەربىر مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدۇ. ئەمما دىن ئىشلىرىدا ئۇلارغا ئەمەس، دىننىڭ ئىگىسىگە ئىتائەت قىلىنىدۇ. چۈنكى دىننىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالادۇر.

لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا يەنە شۇنداق ۋەسىيەت قىلىدۇكى، سەن دىندا مۇستەھكەم بولغان ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەببى تەرەپكە يۈزلەنگەن ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. بۇنداق كىشىلەر ھەرقانداق جەمئىيەتتە ۋە ھەرقانداق زاماندا ئاز تېپىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ سەن ئاشۇ ئاز جامائەتكە قوشۇلغىن، ئۇلارغا ئارىلاشقىن ۋە ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ يولداش بولغىن. چۈنكى ئۇلار ئارقىلىق كۆپ ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيسەن. سىلەرنىڭ ئاخىر قايتىدىغان جايىڭلار ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن باشقا بارىدىغان يېرىڭلار يوق. شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا  سىلەرگە بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ياخشى _ يامان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ سىلەرگە مۇكاپات ياكى جازا بەلگىلەيدۇ.

لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى ئوغلۇم! ياخشىلىقتىن ياكى يامانلىقتىن قىلغىنىڭ ئاددىيلىقتا، ئازلىقتا ۋە كىچىكلىكتە قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇپ قويۇلغان يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولۇپ ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە بىلمىگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەلۋەتتە ئەكىلىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا ھازىر قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ ساڭا مۇكاپاتتىن ياكى جازادىن تېگىشلىك بولغىنىنى تولۇق بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا  ئاشكارىنى ۋە يوشۇرۇننى ئوخشاشلا بىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىنتايىن ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر ۋە ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر.

ئى ئوغلۇم! نامازنى بارلىق قائىدە _ تەرتىپلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىپ مۇكەممەل ئوقۇغىن، چۈنكى ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكىدۇر. ئەتراپىڭدىكىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسقىن.

بۇ يەردە لۇقمان ھەكىم ئوغلىنى ناماز ئوقۇش بىلەن كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشقا بۇيرۇغان بولۇپ، ئالدىنقىسى ئۆزىنىڭ، كېيىنكىسى جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىللاردىن ئىدى. چۈنكى ناماز ئادەمنى ئىسلاھ قىلسا، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش بولسا جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ.

ئەگەر ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بىرەر كۈلپەت ياكى بىرەر مۇسىبەت يەتسە، ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن ۋە بۇ يولدا چىداملىق بولغىن. چۈنكى سەۋرچانلىق بىلەن چىدامچانلىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ سەرخىللىرىدىن بىرى بولغىنىدەك، ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ خىسلىتىدۇر، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا خىزمەت قىلىمەن، دېگەن ئادەمنىڭ ئالدىغا مىڭلارچە توسالغۇلار، كېلىشمەسلىكلەر ۋە قىيىنچىلىقلار چىقىپ تۇرىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى جەننەتنىڭ يولى تىكەنلەر بىلەن تولغان بولۇپ، چىداملىق بولغانلار يولىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ ۋە ئاخىرقى نىشانىغا يېتەلەيدۇ.

ئىنسانلارغا گەپ قىلغاندا ياكى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنى كىچىك سانىغانلىقتىن ياكى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن، چوڭلۇق قىلىپ يۈزۈڭنى ئۇلاردىن چۆرۈمىگىن، ئۇلارغا ھەر زامان سەمىمىي تەبەسسۇم ۋە ئوچۇق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. يەر يۈزىدە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ غادىيىپ ماڭمىغىن. بۇ ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرىدىغان يامان قىلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا  ھەرقانداق ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ماختانچاقنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ، ھەرگىز دوست تۇتمايدۇ. شۇڭا يول يۈرگەندە كەمتەرلىك بىلەن ماڭغىن، مېڭىشىڭدا تەبىئىي بول، ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن، ئۇنى كىشىلەرنى راھەتسىز قىلىدىغان شەكىلدە يۇقىرى قىلما. چۈنكى بەك يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش ياكى ۋارقىراپ چاقىرىش باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ. بۇمۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئاۋازىنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق يۇقىرى كۆتۈرۈپ سۆز قىلغان ئادەمنىڭ ئاۋازى خۇددى ئېشەكنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش كىشىلەرنى راھەتسىز قىلىپ قويىدۇ. ئۇنتۇمىغىنكى، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى ۋە ئەڭ يېقىمسىزى ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر. ئەرەبلەر ئەقىلسىز ئادەمنى ئېشەككە ئوخشاتقاندەك، ئاۋازى سەت ئادەمنىمۇ ئېشەككە ئوخشىتاتتى. بۇ يەردىكى: ﴿شەكسىزكى، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر﴾ دېگەن ئايەتمۇ ئۇلارنىڭ تەبىرىگە مۇۋاپىقلاشقان ھالدا كەلگەن.

 يۇقىرىقى ئايەتلەردە كۆرگىنىمىزدەك، لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا مەيلى يوشۇرۇن، مەيلى ئاشكارا، ھېچقانداق بىر ئىشتا شېرىك كەلتۈرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ھەممىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاخىرەت كۈنى شۇ بىلگىنىگە ئاساسەن، ئۇلارغا مۇكاپات ياكى جازا بېرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاندىن نامازنى مۇكەممەل ئوقۇشنى ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بېشىغا كېلىدىغانلارغا سەۋر قىلىپ چىدامچانلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئۇنى ناچار ئىللەتلەردىن، خۇسۇسەن، مۇتەكەببىرلىكتىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ئىللىق چىراي ئېچىپ، تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغلىنى ناچار قىلىقلاردىن يىراق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىدى.

لۇقمان ھەكىمنىڭ يۇقىرىقى ۋەسىيەتلىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ۋە تولىمۇ ھېكمەتلىك ۋەسىيەتلەر بولۇپ، بۇلار لۇقمان ھەكىمنىڭ راستتىنلا ئىسمى جىسمىغا لايىق «ھەكىم» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەرزەنتلىرىگە ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار لۇقمان ھەكىمنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرى دىننىڭ تەۋسىيەسى، ئاللاھ تائالانىڭ تەۋسىيەسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىدۇر. ھەرقانداق ئاتا _ ئانا لۇقمان ھەكىمنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغاي.

 مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ھېكمەت _ توغرا ئىش ۋە توغرا سۆز دېگەنلىك بولۇپ، ھېكمەتلىك ئىش قىلىش ھەقىقەتكە يېتەكلەنگەن كىشىلەرنىڭ خىسلىتىدۇر.

2. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشمۇ ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغان ئىنسان ئەقلىنى تاپقان ئىنسان بولۇپ، ھېكمەت پەقەت ئەقىللىق كىشىلەردىلا كۆرۈلىدۇ.

3. قولىدىن كېلىشىچە كىشىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر.

4. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش چوڭ يولسىزلىقتۇر ۋە ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكى يوقتۇر.

5. شەرىئەتتە بالىلارنى ئېمىتىشنىڭ ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاشمايدۇ.

6. ئاتا _ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن پەرزدۇر.

7. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشتا ئىنسانلارغا بويسۇنۇشقا بولمايدۇ.

8. مەيلى ياخشىلىق بولسۇن، مەيلى يامانلىق بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئەمەلنى ئاددىي ساناشقا بولمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە كىچىك سانالغان ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

9. نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش پەرزدۇر.

10. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدۇ.

([1]) فۇسسىلەت سۈرىسى:46 _ ئايەت.
([2]) «تفسير القرطبي» 14-توم، 64-بەت.
([3]) «صحيح البخاري» 8- توم، 2- بەت،5971 – ھەدىس.