نەسىھەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى!

نەسىھەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىڭغا توغرا يولنى تەۋسىيە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما كۆپ ھاللاردا بەزى كىشىلەر نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىنى بىلمىگەنلىكتىن، توغرا بولمىغان جايدا ۋە توغرا بولمىغان ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەي ئىشنى بۇزۇپ قويىدۇ. بۇ خۇددى «چاپىقىنى تازىلايمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەندەكلا ئىش. قۇرئان ۋە سۈننەت بىزگە نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەخلاق-پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەتكەن. ئەپسۇسكى، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ توپلاردا ئۆزىنىڭ بىر سەپتىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتىپ تۇرۇپ تەنىلىك نەسىھەتلەرنى ياغدۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك. سىز بۇنداق قىلىشتىن نېمە پايدا تاپىسىز؟ ياكى سىز بۇنى رىيا ئۈچۈن قىلامسىز؟ سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر قېرىندىشىڭىزنىڭ كۆڭلىدىن يىراقلىشىپ قالغان بولىسىز. بۇ قازىنىشمۇ ياكى يوقىتىشمۇ؟ قازىنىمەن دەپ تۇرۇپ يوقىتىپ قويۇش زىيان تارتقانلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز دىنىي ئىلىم ئوقۇغان كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋۋال كۆڭلىمىزنى كەڭ تۇتايلى، ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا پىكىردىكى ئوخشىماسلىقنى ياكى دىنىي مەسىلەردىكى ئىختىلاپلارنى ئىسلامنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان كەڭچىلىكى ۋە رەھمىتى دەپ بىلەيلى. بىز بىلەن بىر پىكىردە بولمىدى دەپ قېرىنداشلىرىمىزنى يامان كۆرىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىسۇن. بۇ تولىمۇ سەۋىيەسىزلىكتۇر، ئاڭسىزلىقتۇر ۋە ئىنساپسىزلىقتۇر. دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ ھەرگىزمۇ بىزنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم. ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار ۋە پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما ھېچبىر ئۆلىمانىڭ يەنە بىر ئۆلىمانى دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ سەۋەبلىك يامان كۆرگەنلىكىنى ياكى سۆككەنلىكىنى بىلمەيمىز.  چۈنكى ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ تۇرۇپ بىر-بىرىنى سۆيەتتى، تارتىشىپ تۇرۇپ يول قوياتتى.

شۇڭا، ئەگەر بىز سەمىمىي بولۇپ، بىرەر قېرىندىشىمىزغا نەسىھەت قىلماقچى ياكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا تۈزىتىش بەرمەكچى بولساق، ئۇنى چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىگە شەخسىي قىلايلى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا، ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە ھەتتا غەزەپ-نەپرەتكە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىمىز. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز نەسىھەت قىلىپ نېمە پايدا تاپقان بولىمىز؟ شۇڭا بىر سەپتىكى قېرىنداشلار ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى، مۇھەببەتنى ۋە ئىخلاسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىر- بىرىمىز ھەققىدە قىلغان گەپ- سۆزىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ نىيىتىنى ئوقۇماسلىقىمىز (يەنى نىيىتىگە ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز)، بىر-بىرىمىز ھەققىدە كېيىن پۇشايمانغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

1.    نەسىھەتنى شەخسنىڭ ئۆزىگە قىلىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومۇمغا قارىتىلغان نەسىھەتنى ئومۇمغا قىلاتتى، بىرەر شەخسكە نەسىھەت قىلماقچى بولسا، ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايرىم قىلاتتى. مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقىدۇر.

 ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «بىراۋغا مەخپىي ھالدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنى سۆككەن ۋە ئۇنى چۈشۈرگەن بولىدۇ». ئەللامە فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى يۆگەيدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ، گۇناھكار ئادەم كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ ۋە ئەيىب ئىزدەيدۇ».

2.    نەسىھەتنى تولۇپ تاشقان كۆيۈمچانلىق بىلەن قىلىش

كىشىلەرگە مېھىر _ شەپقەتلىك بولۇش ۋە ئۇلارغا تولۇپ تاشقان مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋەز _ نەسىھەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ياخشىلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزگەن كاپىر قەۋمگىمۇ «ئى قەۋمىم!» دەپ ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن خىتاب قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالا بىزگە تەلىم بېرىپ: )رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز _ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن( دەپ بۇيرۇغان. بىراۋنى تەنقىدلەپ تۇرۇپ ئۇنى ياخشى ئىشقا دەۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھېچقانداق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدا يوق ئىشتۇر.

3. نەسىھەتنى مۇناسىپ پەيتتە قىلىش

نەسىھەت قىلغۇچى نەسىھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇناسىپ پەيتنى تاللىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، نەسىھەت پايدىسىز قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللايتتى ۋە شۇنداق ۋاقىتتا نەسىھەت قىلاتتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار