ھەققىمىزدە

«دىن ۋە ھايات ئىسلام بىلىملىرى تورى» دىنىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىس روھى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئەزىز خەلقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىمان، ئېتىقادىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بېغىشلاشنى نىشان قىلغان دىنىي ئىجتىمائىي تور بېكەتتۇر. مەزكۇر تور بېكەتتە ئاساسلىقى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر سەمەرىلەر تەپسىر، كىتاب، ماقالە، شېئىر ۋە ئۈن- سىن ئەسەرلەر... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«دىن ۋە ھايات ئىسلام بىلىملىرى تورى» ئەقىدە نۇقتىسىدىن ئەھلى سۈننەت يولىنى، پىكىر-قاراش نۇقتىسىدىن ئوتتۇراھال ئىسلام چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ تور بېكەتتىن ھەر خىل ياشتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەقىدىۋىي ۋە پىكرىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب تاپالايدۇ.

تور بېكەت نامى ئۇستازنىڭ «دىن ۋە ھايات» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر بېكەتتە ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە تۇتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر بېكىتىمىزگە قەلب تۆرىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم گۈلزارلىقىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

photo-2021-01-02-15-15-23

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم 1968- يىلى10- فېۋرال كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە ئىلىم-مەرىپەتلىك ئائىلە — مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھۆكۈمەت مەكتىپىگە كىچىك يېشىدىلا ئوقۇشقا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھەللىدىكى يوشۇرۇن مەدرىسىدە ئاخشاملىرى «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشقا باشلىغان.

  1985ـ يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش بىلەن بىرگە، قارىلىقنىمۇ تولۇق تۈگەتكەن. شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ چوڭ جامەسىدە تۇنجى خەتمىنى ئۆتكەندە، كېرىيە خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ۋە كاتتا ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغا يېقىن ئەرەب تىلى ئۆگەندى. 1986 ـ يىلى ئۇنى ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارىدىغان ھاجىلارغا قېتىپ قويغان، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە ئوقۇشقا بارغان ۋە ئىككى ئايلىق ئەرەب تىلى كۇرسىدىن كېيىن، ئەزھەر ئىنىستىتوتىنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا  ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. تۆت يىللىق ئىنىستىتوتنى مۇسابىقە ئارقىلىق ئۈچ يىلدا تۈگىتىپ، 1989- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن.

   1993 ـ يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيىدە بىر يىل  ئەرەب تىلى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىشتىن مۇئەللىم بولغان. 1995- يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۇ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىسىك شەھىرىگە كېلىپ ئۇ جايدىكى «قازاق-تۈرك  ئىنىستتوتى» دا ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «ناماز ئوقۇش قائىدىسى»، «ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «زاكات كىتابى»، «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ نەشر قىلدۇردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە بەزى كىتابلىرىنى قازاق قېرىنداشلار قازاقچىغا تەرجىمە قىلىپ «شافاغات نۇر» دېگەن ئايلىق قازاقچە ژۇرنالدا يىللارچە ئېلان قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ 70 يىل دىنسىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر  مەملىكەتتە، يىللاردىن بىرى كوممۇنىزم بىلەن سوتسىيالىزمنى ۋە دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن گېزىتلەردە تۇنجى بولۇپ «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن دىنى ماقالە يازغان، كىشىلەرگە دىننى ئۆگەتكەن ئىدى.

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم 2001- يىلىغىچە قازاقىستاندا ئەنە شۇنداق بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش ۋە يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە دىننى توغرا يوسۇندا يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ يىلى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت رادىيوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە دىكتور بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. 2005 _ يىلدىن باشلاپ مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ ئەسەرلىرى توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە كىتاب يېزىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ، «ئىككى دۇنيا سائادىتى» ناملىق بىر كىتاپچە يازغان ۋە ئۇنى ۋەتەنگە قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار نۇسخىلارغا كۆپەيتىپ ئوقۇپ پايدىلانغان. ھازىر بۇ ئەسەر قوليازما ھالىتىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا.

   مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ پىكىر- قارىشى

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم دىنىي جەھەتتە ئوتتۇراھاللىقنى ئاساس قىلغان ئىلغار پىكىر-قاراشقا ئىگە بولۇپ، رادىكاللىقتىن ۋە چەكلىك مۇھىت تەسىرىدىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر.

تىنىمسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم ھازىرغىچە 20 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغاننىڭ سىرتىدا، ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە ئېنـېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلىغان ماقالىلىرى 200 پارچىدىن ئاشىدۇ، 150 پارچىدىن كۆپرەك ئۈن _ سىن سۆھبەت لېنتىلىرى تارقالغان . ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ كىتابلىرى ئانا ۋەتەندىكى ۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت تاپقان بولۇپ، ھەركىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئىزدەپ ۋە ئەزىزلەپ ئوقۇپ كەلمەكتە. ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار مەككىگە بارغانلاردىن مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ كىتابلىرىنى سورايدىكەن. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە مەسجىدلىرىدە مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ كىتابلىرى ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تىلى راۋاندۇر. شۇڭا ھەركىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى قەدىرلەيدۇ ۋە قىزىقىپ ئوقۇيدۇ.

    ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنى ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ كۆپ مول ھوسۇللۇق دىنىي زىيالىي دەپ باھالايدۇ. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىما ۋە ئىسلامىي يازغۇچىدۇر.

تۆۋەندە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ كىتابلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

1. «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»  1996ـ يىلى بىرىنچى نەشرى، ئىستانبۇل. 2002ـ يىلى ئىككىنچى نەشرى، ئىستانبۇل، 2010-يىلى ئۈچىنچى نەشرى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013 _ يىلى مىسىردا، سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2020- يىلى ئالمۇتىدا بېسىلغان.

2. «ئىسلام ئەقىدىلىرى» 1997ـ يىلى بىرىنچى نەشرى، ئالمۇتا، سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 1998ـ يىلى ئىككىنچى نەشرى قەشقەردە ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2003 ـ يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا قازاق تىلىدا، 2004ـ يىلى تۆتىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2005-يىلى ئالمۇتىدا سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2006-يىلى ئالمۇتىدا قازاق تىلىدا، 2008-يىلى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2009-يىلى يەنە سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2010-يىلى يەنە سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2013 _ يىلى ئالتىنچى نۇسخىسى مىسىردا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان. روسچە نەشرى ھازىر ئالمۇتىدا يورۇق كۆرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

3. «ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرى» بىرىنچى نەشرى 1998ـ يىلى ئالمۇتا سىلاۋىيان ۋە ئەرەب  يېزىقلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2007-يىلى ئەرەب ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 2008-يىلى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013- يىلى بەيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان.

4. «ناماز ھەققىدە ساۋات» 1998ـ  سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2006-يىلى ئىككىنچى نەشرى ئالمۇتا، 2008 - يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتا، تۆتىنچى نەشرى 2009-يىلى ئالمۇتا، 2010-يىلى بەشىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئالاھىدە رەڭلىك بېسىلدى. 2012-2013- 2014- 2016- يىللىرى ئارقا _ ئارقىدىن يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىندى. 2020- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا رەڭلىك بېسىلغان.

5. «روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى» 1999- يىلى ئالمۇتىدا بىرىنچى نەشرى ئەرەب ۋە سىلاۋىيان يېزىقلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2004- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان.

6. «دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» («يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ توپلىمى)، 1999 - يىلى بىرىنچى نەشرى ئالمۇتىدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى  نەشرى 2005- يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان.

7.«زاكات كىتابى» 2003- يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، 2018- يىلى ئىككىنچى نەشرى يەنە ئىستانبۇلدا بېسىلغان.

8.  «دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى» 2004-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

9. «ئىلاھىي قورغان» بىرىنچى نەشرى 2005- يىلى ، ئىككىنچى نەشرى 2006-يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2010- يىلى، ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2012-يىلى بەيرۇتتا، بەشىنچى نەشرى 2013- ئىستانبۇلدا، ئالتىنچى نەشرى 2016 _ يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان.

10. «غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز» 2004- يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان.

11. «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» 2005-يىلى بىرىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا، 2007-يىلى ئىككىنچى نەشرى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدا، 2009- يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئالمۇتىدا سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، تۆتىنچى نەشرى 2011- يىلى مەككىدە، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان.

12. «ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار» بىرىنچى نەشرى 2009- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئىككىنچى نەشرى 2010- يىلى ئالمۇتىدا سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا، ئۈچىنچى نەشرى 2010- يىلى بەيرۇتتا، تۆتىنچى نەشرى 2013- يىلى ئىستانبۇلدا، بەشىنچى نەشرى 2017- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان.

13. «بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» 6 كىتابنىڭ توپلىمى بولۇپ، 2009-يىلى بەيرۇتتا قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ بېسىلغان.

14. «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات» بىرىنچى نەشرى 2009-يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2012-يىلى بەيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرى 2013- يىلى ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 2020- يىلى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا بېسىلغان.

15. «دىن ۋە ھايات (1600 سوئالغا جاۋاب)» 2009- يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان.

16. «دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب)» بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرى 2010- يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 2011 - يىلى بەيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرىنىڭ سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى2013 - يىلى ئالمۇتىدا، تۆتىنچى نەشرى 2013 - يىلى قاھىرە ۋە بەيرۇتتا ئىككى توملۇق نەشر قىلىنغان.

17. «ئىسلام ئەخلاقى» بىرىنچى نەشرى 2010- يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- يىلى مىسىردا، ئۈچىنچى نەشرى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا 2013- يىلى نەشر قىلىنغان.

18.   «ھەج بەدەل تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز» بىرىنچى نەشرى 2012- يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- مەككىدە نەشر قىلىنغان.

19. «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟» بىرىنچى نەشرى2013 _ يىلى بەيرۇتتا، ئىككىنچى نەشرى 2013- يىلى قاھىرەدە، ئۈچىنچى نەشرى 2018- يىلى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.

20. «مانا بۇ ئىسلام» بىرىنچى نەشرى2013 - يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىنغان.

21. «ئىسلام دىنىدىن ساۋات» 2017- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

22. «بەخت _ سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى» ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى2017 - يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە تەرجىمىسى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا، سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2019- يىلى ئالمۇتىدا، رەڭلىك ئالاھىدە نۇسخىسى 2020- يىلى يەنە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان.

23. «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ئون توملۇق تەپسىر بولۇپ، سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە نەشرى نەشرى 2018- يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىندى.

24. «قەلەم ئىلھاملىرى» ماقالىلار توپلىمى، 2 توم. بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

25. «قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب» بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

26. «ئازغۇن پىرقىلەر» بىرىنچى نەشرى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

27. «ئەڭگۈشتەر (مۇئمىننىڭ ھەمراھى)» بىرىنچى نەشرى 2019- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

28. «ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ» بىرىنچى نەشرى 2020- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

29. «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى» بىرىنچى نەشرى 2021- يىلى،  ئىككىنچى نەشرى 2022- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسەرلىرى:

«قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى».
«غۇربەتتىكى ياشلىق» (شېئىرلار توپلىمى).
«يۈرەك سىرى» (شېئىرلار توپلىمى).
«قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يولىمىزدۇر».
ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى:

«قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى».
«تەپسىرى مۇيەسسەر» نىڭ تەرجىمىسى.
«ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلار توپلىمى». ئاپتورى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرى.
4. «قۇرئاندىكى دىنلار» ئاپتورى: دوكتور مەھمۇد شەرىف.

5. «ھەقىقەتنىڭ ئېلانى». ئاپتورى: ئەللامە رەھمەتۇللا ھىندى.

6. «تەۋھىد كىتابى». ئاپتورى: سالىھ ئەلفوزان.

7. « توغرا ئەقىدە». ئاپتورى: ئەللامە ئىبنى باز.

8. « ئىمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى». ئاپتورى مۇھەممەد سالىھ ئەل ئۇسەيمىن.

10. «ئەھلى سۈننەتنىڭ يولى». ئاپتورى: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب.

11. «خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەسلى ۋە بۈگۈنى».  ئاپتورى: ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللاھ سەھىم.

12. « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى». ئاپتورى: مۇھەممەد ئىبنى ناسىرۇددىن ئەلبانى.

13. «بەختلىك ھايات يوللىرى» ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەل سەئدى.

14. «مۇسۇلمانلارغا مۇھىم تەلىماتلار». ئاپتورى: ئىبنى باز.

15. «نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ 33 ئامىلى». ئاپتورى: مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد.

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن

ۋەتەندە

1992-yili_dadam_bilen_lenggerde

1968- يىلى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتى، كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلدۇم. تىلىم چىقىشى بىلەنلا تۇنجى ئۆگەنگەن سۆزلىرىم دۇئا ۋە قۇلىقىمغا سىڭىپ قالغانلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىسقا سۈرىلىرى بولدى. بۇ پەقەت دادامنىڭ كۈندىلىك بەش ۋاخ  نامازدا ئوقۇغان قىرائىتى ۋە نامازدىن كېيىن ئۈنلۈك قىلغان دۇئالىرى سايىسىدا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. مەن مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال رەھمەتلىك ئانام پاتەمخان مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ ئايشەم خېنىمغا قۇرئان ساۋادىمنى چىقىرىشقا ئاپىرىپ بەرگەن. ئايشەم خېنىم مەھەللىمىزدىكى بىر تەقۋادار ئايال ئىدى، ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇ ئايال ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئاتاپ ياتلىق بولمىغان، ھەمىشە ئىبادەتتە، ئېتىكاپتا ئولتۇرىدىكەن، يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي يۈزى پارقىراپ تۇراتتى، ھېچبىر قورۇق كۆرۈنمەيتتى. مەن ئايشەم خېنىمدا ئوقۇپ قۇرئان ساۋادىمنى چىقاردىم. ئۇزۇنغا قالماي مەكتەپكە باردىم. مەكتەپتە 6- سىنىپقا قەدەر ئوقۇدۇم. مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئۆزۈم تىرىشچان، شوخ ۋە تولىمۇ كەپسىز ئىدىم. 3- سىنىپتىن باشلاپ سىنىپ باشلىقى بولغان ئىدىم، ئۆگىنىش باشلىقىمىز ھۆرقىز دېگەن قىز ئىدى، كېيىن دوستۇم دىلشات قۇربان ئۆگىنىش باشلىقى بولغان ئىدى. مېنى مۇئەللىملىرىم «بىر قولىدا ئوتى بار، يەنە بىر قولىدا سۈيى بار» دەيتتى. چۈنكى ئۆزۈم مەكتەپتە كۆپ كەپسىزلىكلەرنى تۇغدۇراتتىم، ھەتتا چوڭ سىنىپتىكى بالىلاردىن قورقمايتتىم، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلاتتىم. ئەمما ياخشى ئىشلارنىمۇ كۆپ قىلاتتىم. مەسىلەن: بەزى خانىملىرىمىز بويى پاكار بولغانلىقتىن دوسكىغا بويى يەتمىگەندەك قىلاتتى، بولۇپمۇ بىز كىچىك بالىلار بولغانلىقتىن ئېگىز ئېسىپ قويغان دوسكىغا چىقساق ئېسىلىپ قالاتتۇق. شۇڭا مەن دوستلىرىمنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىش، تۇپراق يىغىپ دوسكىنىڭ ئالدىغا يوغان بىر سۆكە (سۇپا) سالغان ئىدۇق. بۇنى كۆرگەن مۇئەللىملەر مېنى ماختاپ، بارلىق سىنىپلارنىڭ ئالدىدا مەيداندا ماختىغان ۋە تەقدىرلىگەن ئىدى. شۇ چاغدا مىنىڭ سىنىپ مۇئەللىمىم ئۇبۇلھەسەن ئاۋلا مېنى «بىر قولىدا ئوتى بار، يەنە بىر قولىدا سۈيى بار» دېگەنتى. بۇ سۆز ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىز 1_ سىنپتىن3- سىنىپقىچە ئايتۇلان خانىم سىنىپ مۇئەللىمىمز ئىدى. 3- سىنىپتىن 5- سىنىپقىچە سىنىپ مۇئەللىمىمىز ئۇبۇلھەسەن ئاۋلا ئىدى. 6- سىنىپنى ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلىدۇق، يېرىم يىل ئاران ئوقۇدۇم ئاندىن مەكتەپتىن ئايرىلىپ قارىيلىققا كىردىم. بۇ 1980- يىللارنىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن.

 ئېسىمدە قېلىشىچە، 1979- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ناھىيىمىزدىكى ھېيتكاھ جامەسى ئېچىلدى. مەن بۇنىڭغا بەك خۇش بولغان ئىدىم، ھەر كۈنى ناماز بامداتقا بارىدىغان بولدۇم. بامداتقا بېرىشتا ۋە كېلىشتە قاتتىق خوشاللىق ئىچىدە ھاياجانلىناتتىم. بىر كۈنى بامدات نامىزىدىكى تەسىراتىمدىن بىر بەتلىك خاتىرە يازغانتىم، ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، قولۇمدىن ئېلىۋالدى ۋە مېنى قورقۇتتى، «سەن دىنغا ئىشىنىدىكەنسەن، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە زىت كېلىدۇ، سەندە بۇنداق قەغەزنى قايتا كۆرسەم يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمەن» دىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قىزىل پاچاق مۇئەللىم ھاياجان بىلەن يازغان تەسىراتىمنى ئېلىۋالدى.

ئىشىك ئالدى قوشنىمىز مۇھەممەد قۇربان قارىم ئۆزى تەقۋادار، ھۆرمەتكە سازاۋەر زات ئىدى، ئاخشاملىرى بالا ئوقۇتاي دەپ دەسلەپ مېنى يېنىغا ئالدى. مەنمۇ خۇشاللىقتا ئۇنىڭدا قۇرئان ئوقۇدۇم، قىرائەت ئۆگەتتى، دەسلەپ قىسقا سۈرىلەردىن باشلاپ يادقا ئالدۇردى، كېيىن تەبارەك سۈرىسىدىن باشلاپ يادلاتتى، مەن تولۇقسىزغا چىققاندا بۇ ئۇستاز «مەن سېنى قارىي قىلىمەن» دىدى. مەن ماقۇل بولۇپ قاتتىق خۇشال بولدۇم، ئاخشاملىرى شەپكەمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇپ ھويلىدا مېڭىپ يۈرۈپ قۇرئان يادلايتتىم. ئاخشىمى بىر چاغقىچە قۇرئان يادلىساممۇ ئەتىسى مەكتەپكە كېچىكمەي باراتتىم. كېيىن ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارىم مېنى مەكتەپتىن ئايرىلىپ قارىيلىققا كېلىشىمنى تەكلىپ قىلدى. مەن ئىككى ئارىدا قالدىم، ئەمما ئۆيدىكىلەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى، ئانام «بالام! دىننىمۇ، پەننىمۇ ئوقۇغىن، پەننى ئوقۇش دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن بولسۇن، دىننى ئوقۇش ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن بولسۇن» دېدى. ئانام بەك چېۋەر، بەك پاكىز ۋە بەك تەقۋادار، تولىمۇ راست سۆزلۈك ئايال ئىدى. ئانامنىڭ بىرەر قېتىم يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلمەيمەن.  ئانامنىڭ بۇ سۆزى نېمىدېگەن ھېكمەتلىك، نېمىدېگەن توغرا ئېيتىلغان. ئەمما ئۇستازىم بۇنىڭغا ئۇنىمىدى، دېدىكى، مەن ھاياتىمدا تۇنجى بۇ بالىنى قارىي قىلاي دەپ بەل باغلىدىم، شۇڭا مەكتەپتىن ئايرىلىپ كەلمىسە، قارىي قىلغىلى بولمايدۇ. دادام بىلەن ئانام يەنە قايىل بولمىدى، ياق، ھەر ئىككىلىسىنى ئوقۇسۇن، ياق مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ، بۇ ئوقۇشنى تاشلاشقا بولمايدۇ، دەپ چىڭ تۇردى. ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارىم جىم تۇرمىدى، ئارالدىكى  ئىمىن ھاجىم قاتارلىق ئالىملارنى يىغىپ دادامنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى، ئۇلار دادامغا «ئاللاھ سىلىگە سەككىز پەرزەنت بېرىپتۇ، بىرىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتىۋەتسىلە» دېدى، دادام دەرھال قوبۇل قىلىپ، «بولدى، مەن بۇ ئوغلۇمنى ئاللاھ ئۈچۈن ئاتىدىم دېدى». ئەمما ئانام رەھمەتلىك قايىل بولمىدى، «ھەر ئىككىلىسىنى ئوقۇسۇن، ئاخشاملىرى مەدرىسىدە، كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇسۇن، دىن ئوقۇپ شۇ دىنىي ئوقۇشنىڭ پايدىسىدا جان باقسۇن دەمدۇق؟ ياق، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇسۇن، پەننى ئۆزى ئۈچۈن ئوقۇسۇن» دەيتتى. ئانام مېنى دەسلەپ قولۇمدىن تۇتۇپ دىنىي ئوقۇشقا بەرگەن ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېنىڭ قارىي بولۇشۇمغىمۇ ئاخىر قوشۇلدى، مېنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئايرىلدىم، قارىيلىققا كىردىم. مەن، دىلشات قۇربان ۋە كۈرەش قادىر ئۈچىمىز سىنىپنىڭ كۆزى ئىدۇق، ئوقۇشتا ئەلاچى ئىدۇق. ئۇلار مېنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلاندى ۋە قارشى چىقتى، ماڭا: «ھەي مەمەت! بىز ئۈچىمىز ياخشى ئوقۇپ، داشۆنى بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇيلى دېيىشكەنتۇققۇ؟ شۇڭا سەن ئوقۇشنى تاشلىما!» دېدى. ئەمما مەن «بولدى، ئاداشلار، مەن ئەمدى قارار قىلىپ بولدۇم، مەن قارىي بولىمەن» دېدىم. بۇ ئەھۋالنى دادامغا ئېيتىپ بەردىم، «دوستلىرىم بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇيلى دېدى، مەن قارىي بولىمەن دەپ چىڭ تۇردۇم، ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم» دېدىم. دادام دەرھال ماڭا تەسەللىي بېرى: «بالام سېنى مەن ھىندىستاندا ئوقۇتىمەن، ئۇ دېگەن چەتئەل، بېيجىڭدا نېمە بار؟» دېدى. كېيىنچە بۇ ئىككى دوستۇم راستتىنلا بېيجىڭ «مىللەتلەر ئىنىستتوتى»دا ئوقۇدى. مەن 1992- يىلى مىسىردىن تۇنجى قېتىم ۋەتەنگە بارغاندا بېيجىڭ ئارقىلىق بارغان ئىدىم. شۇ چاغدا كۈرەش بىلەن بېيجىڭ داشۆدە، دىلشات بىلەن خوتەندە كۆرۈشتۈم. دىلشات «مىللەتلەر ئىنىستتوتىنى پۈتتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ئىكەن، كۈرەش يەنە ئوقۇيمەن دەپ، بېيجىڭ داشۆدە تاشقى سودا ئىشلىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋېتىپتىكەن، كۈرەشنىڭ ياتىقىدا بىر كېچە قونغانتىم، خوتەندە دىلشاتنىڭ ياتىقىدىمۇ قوندۇم. شۇ چاغدا بۇرۇنقى بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلىدۇق، ئەسلىمىلەردىن ھۇزۇر ئالدۇق. ئۇلار: «ھەي ئاداش! سەن ھىندىستانغا بارىمەن دېگەن، بىز بېيجىڭغا بارىمىز دېگەن، ھەممىمىز ئارمانىمىزغا يەتتۇق، سەن ھىندىستاندىن ئۆتۈپ يىراقلارغا— مىسىرغا باردىڭ» دېيىشتى.

   دادام  راستتىنلا مېنى ھىندىستاندا ئوقۇتىمەن دېگەن ئىدى. چۈنكى دادامنىڭ تاغىسى ھاشىم ھاجىم ھىندىستاندا ئوقۇپ، كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. دادام ھەمىشە شۇ تاغىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرەتتى، دادام چەتئەلدىن ھىندىستاننى كۆپ ئاڭلىغانلىقتىن ئوقۇش ھىندىستاندىلا بار دەپ ئېتىقاد قىلغان بولۇشى ئېھتىمال. شۇڭا مېنى ھىندىستاندا ئوقۇتۇشقا نىيەت قىلغان ئىدى.  ئەمما دادامنىڭ بۇ سۆزىنى رەسمىي ۋەدە ياكى نىيەت قىلغانلىق دېگىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا بىرەر ئادەمنىڭ چەتئەلگە چىققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق، چەتئەلگە چىقارمىز دەپ تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتۇق. چۈنكى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن دادامنىڭ تاغىسى مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋىنىڭ قىسسىسىنى كۆپ ئاڭلاپ،  شۇ كىشىگە ئۆزۈمنى ئوخشىتىشقا تىرىشاتتىم. ئۇ كىشىنىڭ ھىندىستانغا ئوقۇشقا چىقىش ئالدىدا «ئاستىن ئۆي» دېگەن مەھەللىدە بىر مەسجىدتە بىر ئاي ئېتىكاپ قىلغان ئىكەن، بەك تەقۋا كىشى ئىكەن، ئۇ تاھارەتسىز يۈرمىگەنلىكتىن، ئۇنى «ھاشىم تەرەت» دەپ ئاتايدىكەن. ھىندىستانغا مېڭىش ھارپىسىدا ھاشىم ھاجىمنىڭ ئاتا- ئانىسى قارشى چىقىپ: «بالام بىز يالغۇز، ياشىنىپ قالدۇق، مۇشۇ يەردە ئوقۇغىن، يېنىمىزدا تۇرغىن، سېنى چەتئەلگە ئەۋەتمەيمىز» دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىكەن، ھاشىم ھاجىم بارىمەن دەپ چىڭ تۇرۇپ، ئاخىر شەرئىي مەھكىمىگە ئەرز سۇنۇپتۇ، مەھكىمىدىن ھاشىم ھاجىمنى دەرھال يولغا سالسۇن، دەپ قارار چىقىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاغدىكى قويلاردىن بىر ئاز سېتىپ 30 سەر ئالتۇن بىلەن يولغا ساپتۇ. ھاشىم ھاجىم ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشىغا يۇرتنى كوممۇنىست بېسىۋالغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن يۇرتقا قايتالماي، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىپتۇ، ئۇ يەردە بىر بېنگال قىزغا ئۆيلىنىپ مەدىنىدە تۇرۇپ قاپتۇ. ھاشىم ھاجىم 1982- يىلى ۋاپات بولدى. يېشى ئاتمىشقا بارمىغان ئىكەن. قوشنىسى ئىسمائىل ھاجىمنىڭ بىزگە 1986- يىلى بارغىنىمىزدا دەپ بېرىشىچە، ھاشىم ھاجىم دۇنيانى دوست تۇتمىغان زاھىد ئادەم بولۇپ، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ «ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى»دە ئوقۇپتۇ، ئاللاھ تائالادىن ئون ئىككى پەرزەنت تىلىگەن ئىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا راستتىنلا ئون ئىككى پەرزەنت بەرگەن بولۇپ، 8 ئوغۇل، 4 قىز، جەمئى 12 پەرزەنتى بولغان ئىكەن، ئەڭ ئاخىرقى بالىسى ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئېتىنى ھاشىم قويغان ئىكەن. چوڭ ئوغلى ئابدۇشۇكۇر ئىزدىشىپ تۇرىدىغان، كۆيۈمچان بىرى بولۇپ، باشقىلىرى بىلەن ئابدۇشۇكۇرنىڭ ئۆيىدىلا كۆرۈشۈپ قالىمىز.

 ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارىم مېنى مەكتەپتىن ئايرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ، ئۆزى ئامبۇلاتورغا كېتەتتى. ئۇستازىم ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بويتاق قالغان ئىدى. ئوغلى ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن ئىككىمىز ئۇستازىمىزنىڭ ئۆيىدە بىللە ياتاتتۇق، ئەتىسى دادا، بالا ئىككىسى ئامبۇلاتورغا كېتەتتى، مەن يەنە جىندەك ئولتۇرۇپ، سولاقتا قۇرئان يادلايتتىم. چۈشتە كېلىپ ئىشىكنى ئاچاتتى، مەن سىرتقا چىقىپ ئۆيدە تاماق يەپ پېشىن ئوقۇپ كىرەتتىم، يەنە ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئامبۇلاتورغا كېتەتتى. شۇنداق يالغۇز ئۆيدە بىر يىلغا يېقىندا ئوقۇدۇم، بەك زېرىكتىم، يالغۇزلۇقتىن يىغلىغان كۈنلىرىم بولدى، بەزىدە زېرىكىپ  تونۇكتىن قاچتىم، كېيىن تونۇكنى تۆمۈر بىلەن ئېتىۋەتتى.  بىرەر يىلدىن كېيىن بالىلار كۆپەيدى، دوستۇم تۇداخۇن بىرىنچى بولۇپ كىردى، بىللە ئوقۇدۇق، ئۆيدە ئويناپ يۈرۇپ بىر كۈنى ئۇستازىمنىڭ رادىيوسىنى سۇندۇردۇق.  كېيىن بالىلار كۆپىيىپ كۆمۈرخانىغا چىقتۇق، قىش – ياز بىر ياندا كۆمۈر، بىر ياندا ئوتۇن تۇراتتى، شۇ كۆمۈرخاندا ئوقۇدۇق، كۆپ ۋاقىتلاردا توك يوق ئىدى، شۇڭا جىن چىراقتا ئوقۇيتتۇق. ھاشىم ھاجىمدىن تەسىرلىنىپ ئېتىكاپ قىلىشنى ئادەت قىلغانتۇق. ھەر يىلى ئېتىكاپ قىلاتتۇق. بالىلار سانى كۆپەيدى 40-50 بالا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە ئوقۇدۇق، مەن ئۇلارغا خەلىپەت بولدۇم، ئۇلارنىڭ يادلىغانلىرىنى تىڭشايتتىم، مىنى ئۇستازىم تىڭشايتتى. سەپىسى تامام قۇرئان تېپىلمايتتى. 11 قۇرئان ئالماشتۇردۇم. ئۇستازىمنىڭ بالىسى رەھمەتلىك ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن بەك يېقىن دوست ئىدىم ھەر كۈنى بىللە ئوينايتتۇق. بەزىدە ئۇرۇشۇپ باش- كۆزىمىز قان قىلىپ كېلەتتۇق. يەنە ئارقىدىنلا چىقىشىپ قالاتتۇق. بۇ دوستۇم بىلەن ياخشى ئۆتمىسەم قۇرئاننى ئېلىۋالاتتى. قۇرئاننى  ھېچكىم ساتمايتتى ياكى ھەدىيە قىلمايتتى. رەھمەتلىك دوستۇم 2014- يىلى كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولدى. ئاللاھ ياتقان يېرىنى ئەلا جەننەتلەردىن قىلغاي، ئامىن.

 بىز سەھىپىسى تامام قۇرئان تاپالماي كۆپ قىينالدۇق، ئاخىر دادام بازاردىن بىرنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قېلىپ، ساتقۇچىنىڭ دېگەن پۇلىغا ئېلىپ بەرگەن (يەنى 90 يۈەنگە ئېلىپ بەرگەن) ئىدى. دادامنىڭ مائاشى شۇ چاغدا 80 يۈەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ قۇرئاندا يادلاپ قارىيلىقنى تاماملىدىم. ھەر جۈمە كېچىسى تۈنەيتتۇق، ئەتىسى روزا تۇتاتتۇق. بىز پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلمەيتتۇق، شۇڭا جۈمە كۈندە تۇتاتتۇق. جۈمەدىن كېيىن ھەممە بىرگە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇيتتۇق. بۇنى ئانام تەۋسىيە قىلغان.

رەھمەتلىك ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئانام قىز ۋاقتىدا ئىسامىددىن ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان ئىكەن، ئاخۇنۇم ھەر جۈمە كۈنلۈكتە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشنى بالىلارغا ئادەت قىلغان ئىكەن. ئانام شۇ مەدرىسىدىكى چاغلىرىدىن باشلاپ ھەر جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئىكەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەر جۈمە ئانامنى بۇ سۈرىنى ئوقۇغان ھالدا كۆرەتتىم، ئانام قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيتتى. مەنمۇ بۇ ياخشى ئادەتنى ئانامدىن ئۆگەنگەن بولۇپ، مەدرەسىدىكى تالىپلار بىلەن ئوقۇيتتۇق. مەن ھازىرغىچە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، بالىلىرىم بىلەن جۈمەدىن كېيىن ئوقۇپ چىقىمىز، ئاندىن دۇئا قىلىمىز. بۇ ئادەتنى بالىلىرىم ئۆگىنىپ بولدى. رەھمەتلىك ئانام 1984- يىلى ئەتىيازدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن  ئۆتتى، مەن خەتمە ئوقۇشقا قىرىق كۈن قالغان ئىدى. ئانام بۇنىڭغا بەك خوش بولغان ئىدى، ئەمما كۆرەلمەي كەتتى. ئانام ئۆلۈپ كەتكەندە سىڭلىم خەلچەم  ئىككى ياشلاردا ئىدى، ھەمىشە مەن ئۇنى يۈدۈپ يۈرۈپ باقاتتىم.

   ھەر يىلى مەدرىسىمىزدە رامىزاندا خەتمە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيتتۇق. قانچىلىك يادلاپ بولغان بولساق، شۇنىڭ تەراۋىھتا ھەممىسىنى قايتا- قايتا ئوقۇيتتۇق. ئۇستازىمىز مۇھەممەد قۇربان قارىم 1979- يىلى ناھىيىلىك جامەنىڭ ئېچىلىشى بىلەن جامەگە ئىمام بولغان ئىدى، بەش ۋاخ نامازغا ئىمام ئىدى، خاتىپ ئابدۇللاھ ئاخۇنۇم ئىدى، مۇئەززىن ئابلىز ئاخۇنۇم ئىدى. ئۇستازىمىز تەراۋىھتىن كېلىپ بىزنىڭكىنى تىڭشايتتى. رامىزان كېچىلىرى ئۇخلىمايتتۇق.

      1984- يىلى ئۇستازىم ھەجگە كەتتى. 1984- يىلى رامىزاندا مەن تۇنجى قېتىم جامەدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇدۇم. ئۇستازىم ماڭا تاپشۇرۇپ كەتكەنتى تەراۋىھنى. شۇ يىلى ناھىيىلىك جامەدە زۇلھەججە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئونىنچى كۈنىگە قەدەر  ئېتىكاپ قىلدىم.

 1985- يىلى رامىزاندا تەراۋىھنى ئىككى مەسجىدتە ئوقۇدۇم، 1986- يىلى 3 مەسجىدتە ئوقۇدۇم. ھەربىر مەسجىدتە خەتمە تۈگىگەندە جامائەت سوغا سالاملارنى تەييارلىغان بولسىمۇ ئۇستازىم ئالمايمىز دەپ چىڭ تۇرغان، شۇڭا ئۆزىمۇ، مەنمۇ ئالمىغان. خەتمە تۈگىگەندە دادام دېدى  نېمە ئېلىپ بېرەي؟ مەن بىر  قول سائىتىم بولسا دەيتتىم. شۇڭا سائەت كېرەك ماڭا دېدىم، دەرھال قولىدىكىنى چىقىرىپ بەرگەنتى.

1986- يىلدىن كىيىن ئەرەبچە ئوقۇشقا كىرىشتىم، سەييىد ئەھمەد ھاجىمدا ئوقۇدۇم، ئۇ كىشى كەلسە كەلدى، كەلمىسە كەلمىدى دېمەيتتى. شۇڭا مېنى چىڭ تۇتىدىغان يەرگە ئاپىرىپ بېرىڭ دېدىم دادامغا. دادام مېنى ئارالدىكى ئىمىن ھاجىمغا ئاپىرىپ بەردى. بىزنىڭ ئۆي بىلەن ئۇستازنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 7 كىلومېتىر كېلەتتى. ۋېلسىپىت بىلەن بېرىپ، ئۇنى ئېغىلغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۇستازنىڭ ئۆيىگە مېڭىپ كىرەتتىم. چۈنكى ۋېلسىپىتنى شەيتان ھارۋىسى دەپ يامان كۆرەتتى. ئىمىن ھاجىمنىڭ مەدرىسىسىدە بالا كۆپ ئىدى، ئاران ئىككى غېرىچتىن يەر تىگەتتى. ئادەم كۆپ، ئۆي تار ئىدى. كۈن كۆرمەيتتۇق. ئەتراپى قوناقنىڭ پاسالىرى بىلەن ئورالغان. 15 كۈندە بىر قېتىم ئۆيگە باراتتۇق. ئەرەب گرامماتىكىسىنى يادلىتىپ ئوقۇتاتتى. ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قاراجىم ئىككىنچى ئۇستازىم ئىمىن ھاجىم بىلەن بىللە 1984- يىلى ھەجگە باردى. ماڭا پاكىستاننىڭ دەۋىتىنى ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قاراجىم ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

چوڭ دادام ۋە چوڭ ئانامنىڭ دۇئاسى

دادامنىڭ دادىسى يۈسۈن ئاخۇن سېتىمكەش ئۆزى قامەتلىك كەلگەن ئېگىز ئادەم ئىدى، دادام بىرلا بالا ئىكەن. دادامنىڭ ئانىسى مەريەرمخان مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىكەن، چوڭ دادام يۈسۈن ئاخۇن ماۋزېدۇڭنىڭ ئەڭ يامان زامانلىرىدىمۇ قورقماي دىننى تەشۋىق قىلىدىغان، بىر قولىدا قۇرئاننى، يەنە بىر قولىدا ساتىدىغان كىيىم _ كېچەك دېگەندەك نەرسە كېرەكلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلەرگە «ئوڭ قولۇمدىكى قۇرئانغا تۇرساڭ، جەننەتكە كىرىسەن، ئەگەر بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ماۋۇ سول قولۇمدىكى دۇنيالىققا تۇرساڭ ئوتتا كۆيىسەن» دەپ ماڭاتتى. مەھەللىدىن ئۆتكەندە، ئۇششاق بالىلار ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ «خۇداغا ئامانەت» دەپ ھەممە بىر ئاۋازدا جاراڭلىتاتتى. چوڭ دادام ئۇلارغا ھەر قېتىم كەمپۈت، ناۋات دېگەندەك تاتلىق نەرسىلەرنى تارقىتىپ بېرەتتى، بالىلار ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بالىلار ئۈچۈن چوڭ دادامنىڭ ئىسمى «خۇداغا ئامانەت» ئىدى. ئۇ كەلسە بالىلار «خۇداغا ئامانەت كەلدى» دەپ يۈگۈرۈپ كېلىشەتتى. چوڭ دادام  ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قەتئىي قورقمايتتى، باشقىلار ئاغزىدىن چىقىرالمايدىغان سۆزلەرنى قىلاتتى، كاپىر، زالىملارغا لەنەت ئوقۇيتتى. ناھىيەلىك جامە ئېچىلغاندىن باشلاپ چوڭ دادام ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، «قاراخۇنۇم! ھەممىمىزنىڭ ئىمان بىلەن كېتىشىمىزگە دۇئا قىلغايلا» دەيتتى، شۇنىڭ بىلەن خاتىپ ئاخۇنۇم دۇئا قىلاتتى، جامائەتمۇ بىللە قول كۆتۈرەتتى. چوڭ دادام 1983- يىلى 102 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، شۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دۇئا تەلەپ قىلىدىغان بىرى چىقمىدى. چوڭ دادام ۋاپاتىدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بىزنىڭ مەدرىسىمىزگە كىرىپ ئولتۇرۇپ، بىزنىڭ يادلىغان ئايەتلىرىمىزنى تىڭشىغان، ئاندىن كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ماڭا ۋە بارلىق ساۋاقداشلىرىمغا دۇئا قىلغان ئىدى. ئۇ ھەمىشە ماڭا «ئالىم بولغىن بالام، ساڭا جىق دۇئا قىلىمەن» دەيتتى.

ئانامنىڭ ئۆز ئانىسى ئانام كىچىك ۋاقتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن، ئۆزىنىڭ ئاتىسىمۇ ياش ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. شۇڭا ئانامنى تاغىسى (ئانىسىنىڭ ئاكىسى) مۇھەممەد ئىبراھىم ئاخۇن دېگەن كىشى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئايالى خەدىچىخان بولۇپ، بۇلار ئانامنىڭ ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ ئورنىدا بولغان ئىكەن. خەدىچىخان چوڭ ئانام ئۆزى تۇغماس گەۋدىلىك ئايال ئىدى، ئۇ تەرىقەتچى بۈۋۈملەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەر ھەپتىدە زىكىر پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى. بىزنىڭ ئۆيگە يېقىن دوڭ مەدرىسە دېگەن مەھەللىدە ئايشەم خېنىم دەپ ناھايىتى تەقۋا بىر ئايال بار ئىدى، چوڭ ئانام خەدىچىخان بۇ ئايالنىڭ ھەر جۈمە كۈنىدىكى زىكىر پائالىيىتىگە ھەمىشە قاتنىشاتتى. بىر كۈنى مېنى بىرگە ئېلىپ باردى ۋە ئايشەمخان خەلپەمدىن مەن ئۈچۈن دۇئا تىلەپ: «خەلپەم مۇشۇ نەۋرەمنىڭ ئالىم بولۇشىغا بىر دۇئا بەرگەن بولسىلىكەن» دەپ ئۆتۈندى، ئايشەم خەلپەم دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ماڭا دۇئا قىلىپ يىغلاپ كەتتى، دۇئادىن كېيىن ماڭا ناھايىتى ئىللىق چىراي بىلەن «بالام ئاغزىڭىزنى ئېچىڭ» دېدى، مەنمۇ ئاغزىمنى يوغان ئاچقان ئىدىم، ئاغزىمغا بىرنى تۈكۈردى، ئاندىن يۇتۇشۇمنى ئېيتتى، مەن چوڭ ئانامغا قاراپ ئوڭايسىزلانغانلىقىمنى ئىپادە قىلىۋىدىم، چوڭ ئانام مىنى يۇتۇشقا ئۈندەپ باش ئىشارىتى قىلدى. مەجبۇرى ھالدا يۇتۇۋەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ئانام مېنى شۇنداق جايلارغا ئېلىپ بارىمەن دېسە، قەتئىي ئۇنىمىدىم. چوڭ ئانام خەدىچىخان 1979- يىللىرى ئالەمدىن ئۆتتى.

دادامنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ دۇئاسى

دادام نامانگاندىن كەلگەن قارىي ياسىن قارىئاخۇنۇمدا ئوقۇغان ئىكەن، قۇرئاننى يادلاشقا بەك ھېرىس ئىكەن، ئەمما ئوقۇشتىنمۇ ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك قارىي بولالمىغان ئىكەن. 1950- يىللىرى كوممۇنىستلار ئۇيغۇرلادىن ئەسكەر ئالىمىز دەپ دادامنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. دادام قارىي بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك بەك ئەپسۇسلىناتتى. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك ئۆلىمالارنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆپ قىلاتتى. ئەقلىمغا كەلسەم، ھەر يەكشەنبە كۈنى بىزنىڭ ئۆيدىن مېھمان ئايرىلمايتتى، يېزىلاردىن بىزنىڭ ئۆيگە قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم، ئۆرۈك، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كىشىلەر ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ كىرەتتى. مەن دادامدىن بىر كۈنى «دادا بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز شۇنداق كۆپمۇ نېمە؟ مەن كۆرۇپ باقمىغان تۇغقانلار كېلىدىكەن» دېسەم، دادام ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بالام! ئۇلار مېنىڭ جان دوستلىرىم، ئۇلار كاتتا ئالىم كىشىلەر، بىز قاتتىق كۈنلەردە بىللە بولغان ئىدۇق» دېدى. بۇ ئالىملار قىش- ياز ھەر ھەپتە بىزنىڭ ئۆيدىن ئۈزۈلمەيتتى. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە غىزالىنىپ دۇئا قىلغان چاغلىرىدا دادام چوقۇم ماڭا ئۇلاردىن دۇئا ئېلىپ بېرەتتى، دادام ئۇلارغا ھەمىشە :«مەن ئوقۇشنى ئاخىرغا چىقىرالماي كادىر بولۇپ قالدىم، ئەمدى مۇشۇ بالامنىڭ ئەلگە مەنپەئەتلىك ئالىم بولۇپ كېتىشىگە بىر دۇئا بەرگەيلا» دەيتتى. ئۇلار دۇئا قىلاتتى، بەزىسى مەن قاچساممۇ تۇتۇۋېلىپ ئاغزىمغا تۈكۈرۇپ قوياتتى، بەزىسى ئوقۇپ پۈتۈن بەدىنىمگە سۈپلەپ قوياتتى. مەن چەتئەلگە چىقىپ كەتكىچە بىزنىڭ ئۆيدىن يېزىلاردىن كېلىدىغان ئۆلىما مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۇلمەيتتى.

مىسىردا

img_6316_1

1986- يىلى 6-ئاينىڭ 24- كۈنى كېرىيەدىن ھەجگە ماڭغان گۇرۇپپا بىلەن قەشقەرگە چىقتۇق، دادام ۋە ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قاراجىم بىللە چىققان ئىدى، قەشقەردە 15 كۈن ئەتراپىدا تۇردۇق، ئاندىن  قەشقەر چىنىۋاغدىن ئاپتۇۋۇز بىلەن پاكىستانغا چىقتۇق.

پاكىستان رەئىسى زىيائۇلھەق ئۇيغۇر ھاجىلارنى كۈتۈۋالغانتى. بىزدىن مەتسىدىق ھاجىم باراق دېگەن بىر چوڭ كىشى ۋەكىل بولۇپ كۆرۈشۈپ كەلگەن ئىدى. شۇ يىلى ھەجگە باردۇق. 1986- يىلى مەن ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قاراجىمنىڭ سىڭلىسى توختىخان ھاجىم، ئېرى ئابدۇلغەنى ھاجىم، ئۇستازىم ئىمىن ھاجىمنىڭ ئايالى ئوغالخان ھاجىم، سەييىد ئەھمەد ھاجىم، ئابلىز ھاجىم، تۇردى ھاجىم پوكان، مەتسىدىق ھاجى باراق قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ھەج قىلدۇق. بىزدىن ئوسمان مەۋلىۋى مەدىنىدە، تۇرسۇن ھاشىم ھاجىم مەككىدە ياخشى خەۋەر ئالدى.

  ھەممە كەتتى، مەن مەككىدە يالغۇز قالدىم. ئەسلىدە ئوسمان مەۋلىۋى مېنى پاكىستاندا ئوقۇسۇن دەپ لاھوردىكى بىر مەدرىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىپ ماڭا شۇ يەرنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى، مەن مەككىگە كېلىپ  مىسىرغا بارىدىغان دوستلارنى تېپىۋالدىم. مىسىرغا بېرىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مىسىرنى ئارزۇ قىلاتتىم، پاكىستاننى بەك پاسكىنا كۆرگەن ئىدىم. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مىسر ئەلچىخانىسىدىن بىزگە ۋىزا بەرمىدى. ئۇلار «سىلەر ئوقۇماقچى بولساڭلار، ئەزھەردىن چاقىرىق ئەكىلىڭلار، شۇ چاغدا ۋىزا قويۇپ بېرىمىز» دەپ بىزگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى. شۇ ئارىدا ساۋاقدىشىم دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئاتىسى رەھمەتلىك رەھمەتۇللاھ قارىھاجىم ۋىزىنى قاھىرە ئايرودرومىدىن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ئېلىپ ماڭدى. جىددە ئايرودرومىدا بىزنى ۋىزىسى يوقكەن دەپ ئالمىدى، ئەمما رەھمەتۇللاھ قاراجىم ئۆزىنىڭ ساياھەت ۋىزىسىنى كۆرسىتىپ يۈرۈپ، بىزنى ساياھەت قىلىدۇ دەپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى ۋە ئاخىر بىزنى ئۆتكۈزدى. شۇنداق قىلىپ، 1986- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى جىددە شەھىرىدىن ئۇچۇپ مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىگە چۈشتۇق. بىزنى ئابدۇجېلىل ھاجىم تۇران، دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئابدۇلھەمىد رەھمەتۇللاھ، تۇردى ھاجىم، ئىمام مۇھەممەد قاتارلىق قېرىندشلار قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، ئابدۇجېلىل ھاجىم بىزگە ھەر كۈنى «ملخص القواعد العربية» ناملىق كىتابتىن دەرس بەردى.

بىز ئىككى ئاي دەراسە خاسسە (مەخسۇس تەييارلىق سىنىپ) دا ئوقۇدۇق. ئەمما ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن تۇرۇش رۇخسىتى كېرەك ئىدى. تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇش خىراجىتىنى بېرىدىغان بىر جاي بولۇش كېرەكتى. شۇڭا تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن قۇرئان يادلاش كۇرسىغا كىردۇق. ئۇنىڭغىمۇ ئادىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىسىرلىق كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىردۇق. شۇنداق قىلىپ ئىككى جايدا ئوقۇدۇق.

     ئىككى ئايدىن كېيىن، ئەزھەر ئىلىم يۇرتىغا ئىمتىھان بەردۇق. 22 كىشى ئىمتىھان بېرىپ، 4 كىشى تولۇق ئوتتۇرىغا، 18 كىشى تولۇقسىزغا ئۆتتى. تولۇققا ئوتكەنلەرنىڭ بىرى مەن، ئابدۇلئەھەد ھافىز، تۇردى ھاجىم، يەنە بىر دوستىمىز ئىدى. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ 15 كۈندىن كېيىن يۇرتىغا كېتىپ قالغان. شۇڭا ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ.

    ۋەتەندە  بىر قانچە ئون يىل ئوقۇپ چىققان، ئەرەبچىنى مەندىن ياخشى بىلىدىغان دوستلار تولۇقسىزغا، ئەمما مەن قاتارلىق ئۈچ دوست تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن بىلەن مەن دەسلەپ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەيتتىم. ھەر كۈنلۈك دەرسنى ئاخشاملىرى ھېلىقى تۆۋەن سىنىپتىكى دوستلاردىن ئۆگىنەتتىم. بىر قانچە ئايغا قالماي مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان بولۇپ قالدىم. مىسىردا كۆپ قىيىنچىلىقتا ئوقۇدۇق. تۆت  ئېغىزلىق ئۆيدە سەككىز ئادەم تۇراتتۇق. تاماقنى نۆۋەت بىلەن ئېتەتتۇق. شۇڭا ھازىرمۇ بەزىدە تاماق ئېتىپ قويىمىز. رابىتە (دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى) تەرىپىدىن 50 جۇنەي ئوقۇش پۇلى ئالاتتۇق. ھەربىر ئادەم ئۆي كىراسىغا 30 جۇنەيدىن تۆلەيتتۇق. 20 جۇنەينى تاماققا تۆلەيتتۇق. ئانا-ئانىمىزنىڭ پۇل ئەۋەتىدىغان ئەھۋالى يوق ئىدى. بەك كەمبەغەل ياشايتتۇق، ھەپتىنىڭ ئالتە كۈنى تۇخۇم بىلەن، بىر كۈنىلا گۆش بىلەن تاماق ئېتەتتۇق. شۇنداق قىلمىساق، پۇلىمىز يەتمەيتتى. ئەمما بەكمۇ بەختلىك، ناھايىتى ئىناق ياشايتتۇق. كۈنلىرىمىز خوشاللىق بىلەن ئۆتەتتى. ئوتتۇزغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىر ئائىلە ئەزالىرىدەك ئۆتەتتۇق.ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى بۇ پۇرسەتكە مۇيەسسەر قىلغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، جاپانى جاپا دېمەيتتۇق.

بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل ئىدى. باشقا دۆلەتلىك ساقداشلىرىمىز: «سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ قايسى مەكتەپتە ياكى قايسى يەردە ئىشلەيسىلەر؟» دەپ سوراتتى، بىز «ئاللاھ يولىدا بىلىم ئالىمىز، خەلقىمىزگە بىلىم بېرىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز، قالغان ئىشلىرىمىزنى ئاللاھقا قويىمىز» دېگىنىمىزدە، ئۇلار ھەيران قالاتتى ۋە «سىلەر قانداق بىغەم ئادەملەر؟ ئادەمدىگەندە بىرەر پىلان بولمامدۇ؟» دەيتتى.

دوستۇم ئابدۇلئەھەد ھافىز بىلەن ئىككىمىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2- يىللىقىدىن 4- يىللىقىغا مۇسابىقە بىلەن ئۆتتۇق. ھەر كۈنى پېشىنگە چىقىپ كېتىپ خۇپتەندە كىرەتتۇق. ساق ئىككى ئايدا ئىمتىھانغا تەييارلىق پۈتتى. ئەلا نەتىجە بىلەن 4- يىللىققا ئاتلىدۇق. 1989- يىلى ئەزھەرنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم.

ئەزھەرنىڭ ياتاقخانىسىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىپ تەلەپ سۇندۇق، ئاسان ھەل بولمىدى، ھەر كۈنى مەكتەپتىن ياتىقىمىزغا قايتىشىمىزدا ئەزھەرنىڭ ياتاقخانىسىدىن ئۆتەتتۇق، ئاز قورساققا مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى بەكمۇ تاتلىق پۇراتتى، قاچان بىزمۇ تەييار تاماق يەرمىز دەيتتۇق، ئاخىر كىردۇق. ئەمما ئوقۇشىمىز بۇرۇنقىدەك بەك ياخشى بولمىدى، بىرئاز راھەتكە بېرىلىپ قالدۇق. چۈنكى تاماق تەييار، بىردىن ئايرىم ياتىقىمىز بار، ھەممە ئەركىن ئىدى. ياتاقخانىدا ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تاماق بېرەتتى، ئاخشاملىرى ئۆزىمىز قىلىپ يەتتۇق. بىز بىر قانچە دوست بىرلىشىپ بىر بوش ياتاقنى ئاشخانا قىلىۋېلىپ تاماق ئېتىپ يەتتۇق. بىرىمىز تاماق ئېتىشكە، بىرىمىز كۆكتات ئەكىلىشكە، بىرىمىز قاچا يۇيۇشقا مەسئۇل ئىدۇق.

1992_ يىلى 6 يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ۋەتەنگە باردۇق. مەن ھەبىبۇللا قارىم، ئابدۇرەشىد قادىر ئۈچىمىز مىسىردىن يولغا چىقىپ تۈركىيەگە كەلدۇق، تۈركىيەدىن ئىراننىڭ ۋىزىسىنى ئېلىپ ئاپتوبۇس بىلەن ئىرانغا ماڭدۇق. تېھراندا بىرەر ھەپتە تۇردۇق، ئىرانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خۇمەينىنىڭ قەبرىسىدىكى خۇراپاتلارنى كۆردۇق. يەنە ئاپتوبۇس بىلەن زاھىدان شەھىرىگە باردۇق، بۇ يەردە سۈننى مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئىكەن، ئەزاننىمۇ بىزدەك ئوقۇيدىكەن. زاھىداندىن پويىز بىلەن پاكىستانغا قاراپ ماڭدۇق. ئەمما بىز يېمەك- ئىچمەكلەرنى توختىغان بېكەتلەردە ئالىمىز دەپ ھېچ نەرسە ئالماي پويىزغا چىقتۇق. بىز ئالىي دەرىجىلىك يالغۇز ياتاق تەلەپ قىلغان ئىدۇق، ئۇلار بىزنى ئەڭ ئارقىسىدا بىر يالغۇز ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. پويىز بېكەتلەردە توختايدۇ، ئەمما قاقاس چۆللەردىلا توختايدۇ، بېكەتلەردە ھېچ نەرسە يوق، ئاچلىق، سۇسىزلىق دەردى ئېشىپ كەتتى. ياتاقتا ئازراق سۇ باركەن ئۇمۇ تۈگەپ قالدى. ھەبىبۇللا قارىم ئاچلىق ۋە سۇسىزلىقتىن ھالىدىن كەتكىلى ئاز قالدى. بىرەر كۈن ماڭغاندىن كېيىن بىر بېكەتتە توختىدى، قارىساق ئافغانلار بىر قانچە دانە قوغۇن كۆتۈرۈپ كەلدى، بىز پۇلىنى سورىماستىنلا ئالدۇق. قوغۇننى يەپ بولدۇق، ئاندىن ئارىمىزدا « ئاداشلار! بۇ قوغۇننىڭ شاپىقىنى ساپلاپ قويايلى، ئاچ قالساق يەرمىز» دېيىشتۇق. قورسىقىمىز ئېچىپ كەتتى، ئالدىمىزدا يەنە بىر بېكەتتە پاكىستانلىقنىڭ «رۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان قاپقارا نېنى ئۇچرىدى، شۇ نان بىلەن ئاچلىقتىن ساقلىنىپ كۇۋەتتا دېگەن يەرگە يېتىۋالدۇق. كۇۋەتتادىن ئىسلامئابادقا يەنە پويىز بىلەن مېڭىپ كېچىدە يېتىپ باردۇق. ئۈستى بېشىمىز قاپقارا بولۇپ كەتكەن ئىكەن، يۇيۇنۇپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالدۇق. ئاندىن ئىسلامئاباد شەھىرىدىن ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا ئۇچتۇق. بېيجىڭدا ھەبىبۇللا قارىمنىڭ ئاكىسى سەيدۇللا ھاجىم بىزنى كۈتۈۋالدى، ئۇ كىشى بېيجىڭدا سودا قىلاتتى. ئەتىسى ئۈرۈمچىگە پويىز بىلەن ماڭدۇق، ئۈرۇمچىدىن ئاپتوبۇس بىلەن قەشقەرگە باردۇق، مەرھۇم رەھمەتۇللاھ قاراجىمنىڭ ئۆيىدە دوستىمىز ئابدۇلھەمىدنىڭ تەكلىپى بىلەن قوندۇق، ئەتىسى يەنە ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقىپ كەچكە خوتەنگە باردۇق. دادام، ئاكام، ئاچام، سىڭىللار، ئۇكىلار ھەممىسى ئائىلىسى بىلەن چىققان ئىكەن. شۇ ئاخشىمى كېرىيەگە ماڭدۇق. كېرىيەدە قىرىق كۈن ئەتراىپدا تۇرۇپ ئايرىلغۇمىز كەلمىسىمۇ ماڭدۇق، بېيجىڭ ئارقىلىق ئىستانبۇلغان، ئاندىن مسىرغا چۈشتۇق.

 

ئوقۇش پۈتتۈرۈش

1993-yili_18-iyon_kuni_okux_butturux_murasimida_notuk_sozligen_waktim_kahire_meridian_hotili

1993- يىلى مىسىردىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈردۇم. ئاخىرقى يىللىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلىقى ئىدىم. داغدۇغىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى قىلىشقا بەل باغلىدۇق، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق، مەرھۇم ئابدۇلقادىر تاش، مەرھۇم ئابدۇللەتىف قاسىم قاتارلىقلار ھەدىيەلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بىزنى قاھىرەدىكى مېرىدىيان مېھمانخانىسىغا چاقىرىپ شۇ يەردە چوڭ مۇراسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. مۇراسىمغا ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي، ئەبدۇلھەي فەرماۋى قاتارلىق كاتتا ئۆلىما ۋە ئۇستازلار ئىشتىراك قىلغان ئىدى. مۇراسىم پائالىيىتىنىڭ خەۋىرى «ئەل مۇسلىمۇن» گېزىتىگە چىققان ئىدى. مۇراسىم دەل 1993 يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بولدى. شۇ يىلى 9 بالا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي خىزمەت بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇلار: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئابدۇلھەمىد رەھمەتۇللاھ، ئابدۇلھەفىز مۇھەممەد ئابدۇللاھ، ئابدۇلئەھەد ھافىز، ئابدۇرەشىد قادىر، مۇھەممەد روزى (ئابدۇجېلىل قاراقاش)، ئىمام مۇھەممەد، مۇھەممەد ئابدۇللاھ داموللام ۋە مەن ئىدىم. ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن يىلىمىز 7- ئاينىڭ بېشىدا بىز تۈركىيەگە باردۇق، كۆپ دوستلار قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ۋە داغىستان قاتارلىق جايلارغا مۇئەللىملىك قىلىش ئۈچۈن كېتىشتى. مەن توي قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچتۇم. 1993- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى توي قىلدىم. ئۇزۇنغا قالماي شۇ يىلنىڭ 10- ئايلىرىدا مىسىرغا بېرىپ، قېلىپ قالغان بىر ماددا ئىمتىھانىمنى بەردىم، ئاندىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ چاملىجا دېگەن قۇرئان كۇرسىدا تۇردۇم. ئايالىم چەتكە چىقمايدىغان بولۇپ قېلىپ، مەندىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزىنى بەردىم. بۇ ئارىدا چاملىجا قۇرئان كۇرسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە تۈركمەن بالىلارغا قۇرئان ۋە تەجۋىد دەرسى بەردىم.

 

قازاقىستاندا

ogrenci_belgesi_001

      1995- يىلى 2- ئاينىڭ28- كۈنى قازاقىستاننىڭ ئىسىك شەھىرىگە ئەۋەتىلدىم. 28- چىسلا ئالمۇتىدا قوندۇم، جامائەتنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى مېنى ئىسىككە ئېلىپ چىقتى، دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم ئابدۇلئەھەد ھافىز بار ئىكەن. 3- ئاينىڭ3- كۈنىدىن باشلاپ مۇئەللىم بولۇپ ئىش باشلىدىم. شۇ يىلى4- ئايدا مېنىڭ ۋەتەنگە بارالمايدىغانلىقىمنى ئاڭلىدىم. مۇندىن ئىلگىرى 2- ئايدا ئاكام تۈركىيەگە تېلېفون قىلدۇرۇپ مېنى كەلمىسۇن دېگەن ئىدى. شۇ ئايدا يەنە ئۇكام ئابدۇللاھنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بەردى. شۇ يىلى 3- ئايدا چونجا ئۇيغۇر رايونىدا بولدۇق، شۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئەتكەن چاي ئىچتۇق. كەتمەن دېگەن يېزىدا قوندۇق، بەك ياخشى تونۇشۇش بولدى. بىر كۈنى ئالمۇتىدىكى دوستلۇق مەھەللىسىگە بېرىپ ئاتاۋۇللاھ قاتارلىق دوستلار بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇزۇن ئۆتمەي گورنىگىگانتقا بېرىپ قاسىم ھاجىمنى تېپىۋالدۇق، جامائەتچىلىك بىلەن تونۇشتۇق.

ogrenci_belgesi_002_1

 قازاقىستاننى ئاڭلىغان بولساممۇ، كۆرمىگەنتىم. راستتىنلا گۈزەل، ئىللىق بىر دۆلەت ئىكەن، ئادەملىرى ياخشى، مېھماندوست ۋە بىلىملىك ئىكەن. مۇئەللىملىكنى بەك ياخشى كۆردۈم، ئۇ يەردە ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، رۇس، چېچەن، كۇرد قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيتتى. مەن دەسلەپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كىرىشتىم. ئۇلارنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ «يېڭى ھايات» ۋە « ئۇيغۇر ئاۋازى» دەپ جۇمھۇرىيەتلىك ئىككى چوڭ گېزىتى بار ئىكەن. مەن گېزىتخانىغا بېرىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار مېنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە دىنىي مەسىلىلەردە ماقالە يېزىشىمنى تەلەپ قىلدى. تۇنجى ماقالەم «ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئەقىلنىڭ كامالىتى» دېگەن بولدى، گېزىتنىڭ بېتىدە ئەڭ ئۇزۇن ماقالە بولۇپ 2 بەتكە ئاران سىغىپتۇ. بۇ 1995- يىلى4-ماي كۈنى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ھەپتە يازىدىغان بولدۇم. ئاندىن گېزىت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلاپ، گېزىتخانىدىكىلەرمۇ مېنى ئالدىرىتىدىغان، «ماقالە قېنى؟» دەپ تېلېفون قىلىدىغان بولدى. گېزىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇلۇشقا باشلىدىم. 1995- يىلى 12-ئاينىڭ 17- كۈنى قازاقىستاندا توي قىلدىم. 1996- يىلى 2- ئايدا دادام چىقتى ۋە شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر يېنىمدا تۇردى. 1996- يىلى ئىستانبۇلدا تۇنجى كىتابىم «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» نەشر قىلىندى. 1997- يىلى قازاقىسستاندا «ئىسلام ئەقىدىلىرى» ناملىق كىتابىم نەشر قىلىندى ۋە قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلدى. 1997- يىلى 3- ئايدا ئۇكام ئابدۇللاھنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە 13 يىللىق كېسىلىپ كەتكەن خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. 1998- يىلى «نامازدىن ساۋات» دېگەن كىتابىمنى ژۇرنالىست ئالىمجان باھاۋۇدۇن بىلەن بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلىپ تارقاتتۇق. شۇ يىلى يەنە «زاكات»، «روزا» دېگەن كىتابلىرىم ئەرەب ھەرپىدىكى ۋە رۇس ھەرپىدىكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا بېسىپ تارقىتىلدى. «ئىسلام ئەقىدىلىرى» ناملىق كىتابىم قازاق تىلىدا نەشر قىلىندى ۋە «شافاغات نۇر» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا ئاز-ئازدىن تارقىتىلدى.

كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ ئىسمىمنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تونۇمايتتى. بىر قېتىم ئالمۇتىدا مەلۇم بىر مېھماندارچىلقىتا بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئىسىكتىن كەلگەنلىكىنى دېسەم، «ئۇ يەردە مۇھەممەد يۈسۈپ دەپ بىر ئوغلانىمىز بار، بىلەمسىز» دېدى، «مەن شۇ» دېسەم، ئۇلار مېنى يېشى توختالغان بىر كىشى ئوخشايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان چېغى «سىز تېخى بالىكەنغۇ» دېدى. 2001-يىلىغا  يەنى قازاقىستان سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۆتكەلگەنگە  قەدەر ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم توپلىنىپ ئىككى قېتىم نەشر قىلىندى، بىرى قازاقىستاندا، يەنە بىرى، ئىستانبۇلدا كەڭ تارقىتىلدى. گەرچە مەن قازاقىستاندىن ئايرىلغان بولساممۇ، ئالمۇتا ۋە بىشكېك شەھەرلىرىدىكى گېزىت-ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتىشنى توختاتمىدىم. قازاقىستاندا تۇرغان يەتتە يىللىق ھاياتىمدا كىتابلىرىمنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ھەرقايسى مەسجىدلەرنىڭ ئىماملىرى ۋە ئۆلىمالار بىلەن، گېزىت-ژۇرناللارغا ماقالە يېزىش ئارقىلىق زىيالىلار بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدىم.ئۇلار بىلەن باغلابغان بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا،

 

سەئۇدى ئەرەبىستاندا

ogrenci_belgesi_003_1

ئەسلىدە مۇئەللىملىكنى بەكمۇ ياقتۇرغان ئىدىم، ئەمما مەن ئىشلىگەن مەكتەپ تۈركىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ بولغانلىقتىن، ھەمىشە ئۆزۈمنى تۈركلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۇيغۇرلىرىم ئۈچۈن ئىشلىسەم بولاتتى، دەيتتىم. 1999- يىلىنىڭ ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى جىددە رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئۇزۇندىن بېرى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم ئۇستاز رەھمەتۇللاھ تۈركىستانىينىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ماڭا تېلېفون قىلىپ سەئۇدىغا بېرىشىمنى ئېيتتى. 2001- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلدىم ۋە دۆلەت شىتاتىغا ئېلىنىپ، تۈركىستان بۆلۈمىدە دىكتور بولدۇم. 2005- يىلى 12- ئايدىن باشلاپ بۇ بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولدۇم. 2008- يىلى بۆلۈمىمىزگە كۆپ قېرىنداشلارنى دىكتور قىلىپ ئالدۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچ چىقاردۇق. ئۇيغۇر، ئۆزبېك بولۇپ جەمئى 21 كىشى بولدۇق.  2009- يىلىدىن ئېتىبارەن تۈركىستان بۆلۈمىگە مەخسۇس تور ئاچتۇق، ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، رۇس ھەرپىدىكى ئۇيغۇرچە، رۇس ھەرپىدىكى ئۆزبېكچە بولۇپ 4 يېزىقتا ئاچتۇق. رادىيودىن ئاڭلاش بىزنىڭ ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن قىيىن بولغانلىقتىن، توردىن پايدىلانسۇن، دەپ شۇنداق قىلغان. كۈنلۈك ئاڭلىتىشىمىزنى شۇ كۈنى تورغا قويىمىز، ھەپتىدە ئاز دېگەندە ھەربىر كىشى بىرەردىن ماقالە قويۇپ ماڭدۇق. بۇ تور 2020- يىلىغا قەدەر داۋاملاشتى. 2017- يىلى ھەر قايسى بۆلۈملەردىن دۆلەت شتاتىدا بولمىغان دىكتورلارنى ئىشتىن چىقىرىش باشلاندى. نەتىجىدە بىزنىڭ بۆلۈمدە مەن يالغۇز قالدىم.  مەن ئىشقا كىرگەن كۈنۈمدىن بېرى رادىئودا ۋە ئۆيدە  قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشىم «قۇرئان كەرىم» تەپسىرىگە ئىشلەش بولدى. 2002- يىلى 17- ئاپرىل تۇنجى دىكتورلۇقنى باشلىغان كۈنۈمدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ باشلىنىشىدا بېرىلىدىغان «قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە تەپسىرى» ناملىق پروگراممىدا فاتىھە سۈرىسىدىن باشلاپ تەپسىر قىلىپ ئاڭلىتىشنى باشلىدىم. تا ھازىرغىچە ھەر كۈنى مەزكۇرتەپسىر ئاڭلىتىلىدۇ.

2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى قېرىنداشلار، ئاساسەن رادىيودا ئىشلەيدىغان دوستلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «مەرىپەت» ژۇرنىلىنى قايتا چىقىرىشقا باشلىدۇق. ئەسلىدە بۇ ژۇرنالنى 2003- يىلى چىقىرىشقا باشلاپ، 8 سان چىقىپ بولغاندا توختاپ قالغان ئىدى. 2018- يىلى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق  10 توملۇق تەپسىرىم دىنىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆپلىگە خىزمەتلەرنى قىلغان دىلمۇرات كۇزىيېۋ ئاكىمىز تەرىپىدىن رۇس ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى ۋە قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈلدى. يەنە شۇ يىلىدىن ئېتىبارەن «ئۆلىمالار» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا باشلىدۇق. ھەر ئىككى ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى پېقىر ئۈستۈمگە ئېلىپ كەلمەكتە.