ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئەدەپ – قائىدىلەر

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئەدەپ – قائىدىلەر

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىسى بولغاندەك، ۋاتساب، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشنىڭمۇ ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئەدەپ- قائىدىلىرى بولىدۇ. كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار مېنى بۇ ماۋزۇدا ئىزدىنىشكە ۋە قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈندىدى. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر! تۆۋەندە قىسقا قىلىپ بىر قانچە مەسىلىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

1.  ئۆز ئىسمىنى قوللىنىش

 ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىسمىنى قوللىنىشى، ئۆز ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ۋە ئەھمىيىتى كۆرسىتىدۇ. ھەربىر ئادەم قىممەتلىك، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىسمى مۇھىم ۋە چىرايلىقتۇر. سىزنىڭ ئىسمىڭىز دادىڭىز تاللىغان، ئىمام ئوڭ قۇلىقىڭىزغا ئەزان، سول قۇلىقىڭىزغا تەكبىر ئېيتىپ قويغان، تولىمۇ چىرايلىق ئىسىم. ئۆز ئىسمىڭىزنى چىقىرالماسلىقتا كەمتەرلىك قىلغان بولسىڭىز، بۇنىڭغا ھېچبىر ھاجەت يوق. بۇ كەمتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قاچۇرۇشتۇر. ئەگەر سىز دۈشمەنلەر مېنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۆز ئىسمىڭىزنى يوشۇرغان بولسىڭىز، بۇ ھازىرقى ۋاقىتتا توغرا ئەمەس. چۈنكى سىز مەيلى ئىسمىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى، ھەتتا ئۇيغۇرلىقىڭىزنى يوشۇرۇڭ، سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز سىزنى دوستۇم دېمەيدۇ، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۇنچىۋالا ئېھتىياتنىڭ زامانى ئەمەس. ناۋادا سىز بەك مۇھىم ئادەم بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىڭىزنى يوشۇرماقچى بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قېتىلماڭ، چۈنكى ئېھتىياتنىڭ يولى مۇشۇ. سىز ھەرقانچە مۇھىم ئادەم بولۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ، رابىيە خانىمدىن، دولقۇن ئىيسادىن ۋە سەييىد تۇمتۈركتىن مۇھىم ۋە دۈشمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلارچىلىك خەتەرلىك ئەمەسسىز. ئۇلار كۈرەشلىرىنى ئۆز ئىسمىدا قىلىۋاتىدۇ. سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ قاتاردىن قېلىپ قالمايدىغان مۇھىم ئىسىمدۇر. چۈنكى دادىڭىز تاللىغان.

2.  يازمىلارنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش

 ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن بىرەرسىگە بىرەر يازما يوللىغاندا، ئۇنى ئۆزى يازغان بولسا ئۆز ئىسمىنى، ئەگەر باشقا جايدىن ئەكىلىپ چاپلىغان بولسا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئەڭ ئەقەللىي قائىدىدۇر. بەزى قېرىنداشلار يازمامغا ئىسمىمنى يازسام ئىخلاسقا دەخلىي يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن دېيىشى مۇمكىن. بۇ ئورۇنسىز ئەنسىرەشتۇر. چۈنكى ئىخلاس دېگەن قەلبتە بولىدۇ. سىز رىيانى كۆزلىمىگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە سىز ئىخلاس بىلەن ئىش قىلغان بولىسىز. ئەمما  سىزنىڭ ئۆز يازمىڭىزنى، بىراۋاغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى، بىرەر ماقالە ھەققىدىكى تەھلىلىڭىزنى ئىسىمسىز چاپلاپ قويىمەن دېسىڭىز بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق كىتاب، ھېچقانداق ماقالە ئاپتورنىڭ ئىسمى يېزىلماستىن بېسىلمايدۇ ۋە ئېلان قىلىنمايدۇ. ھېچقانداق گېزىت-ژۇرنال بىرەر يازمىنى ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يازماي چىقىرىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى سىز  ئۆزىڭىز يازغان ياكى باشقا يەردىن ئەكىلىپ چاپلاپ قويغان ھەربىر نەرسىڭىزگە ئۆزىڭىز مەسئۇلسىز. ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا، ئاندىن خەلقنىڭ ئالدىدا مەسئۇلسىز. سىز چاقىرسا ئىسمى بار، تۇتسا سېپى بار قىممەتلىك ئىنسانسىز. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يوشۇرىسىز؟  يازما يازسام ئۆز ئىسمىمنى ئېلان قىلماي ئەۋەتىشنى ياقتۇرىمەن دەيدىغان قېرىنداشلار بۇ مەسىلىنى ئوبدان ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ.

3.   ھە دېگەندە باشقىلارغا ئۇستازلىق قىلماسلىق...

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ئەسەر (يازما ياكى ئاۋاز ۋە ياكى ۋېدىيو) يوللىغاندا، باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويىمەن، ئۇلارغا ساۋاق بېرىمەن دېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى سىز بىلگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ، سىز چۈشەنگەننى باشقىلارمۇ چۈشىنىدۇ. سىز ئەۋەتكەن نەرسىڭىز ئارقىلىق ئۇلارنى ئالىم قىلىۋېتەلمەيسىز، پەقەتلا مەلۇمات بەرگەن بولىسىز ياكى ئەسلەتكەن بولىسىز، خالاس.  شۇڭا سىز ئورتاقلىشىش، ھەمبەھىرلىنىش ئاساسىدا يوللاڭكى، ھەرگىز ئۇستاتلىق قىلماڭ. شۇ چاغدىلا كىشىلەر سىزنىڭ يوللىغان نەرسىڭىزگە ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. بىزدە بىلىمى چوڭغا ئەمەس، كانىيى چوڭغا قىزىقىدىغان يەڭگىل پوزىتىسىيە بىر ئاز ئومۇملىشىپ قالغان. كىمنىڭ ئاۋازى بەك چىقسا، كىم ۋارقىراپ، جارقىراپ سۆزلىسە، ئاشۇنى ئالىم دەيدۇ. ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى سىز قانچىلىك سىلىق-سىپايە، مۇلايىم بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ تۇيغۇسى ۋە پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلسىڭىز شۇنچە ھۆرمىتىڭىز زىيادە بولىدۇ.

4.  مۇنازىرە سىزنىڭ ساپايىڭىزنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۆلچەم

تورلاردا ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە ئىسىملار بىلەن كىشىلەرنى تىللايدىغان، دىن ئۇچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەردىن ئەيىب ئىزدەپ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى پەقەت مۇنازىرە ئۈچۈنلا مۇنازىرە قىلىش. ھەرگىزمۇ مۇنازىرە ئارقىلىق ئورتاق نۇقتىنى ياكى ھەقىقەتنى تېپىش ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە يولۇققاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ يازغان ۋە سۆزلىگەن نەرسىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۇلارغا رەددىيە بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىق، ئۇلارنى شۇ بىچارىلىك ھالىدە تاشلاپ قويۇش لازىم.  مۇنداق ئىسمى، جىسمى مەلۇم بولمىغان كونۇپكا قەھرىمانلىرىنىڭ يوللىغان نەرسىلىرىنى باشقا جايلارغا يوللاپ ئورتاقلىشىش ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلىق بولىدۇ.

5.  بىر ماۋزۇنى ھەممىلا توپقا يوللىماسلىق.

 يېقىنقى ۋاقىتلاردا كىشىلەرنى جاق تويغۇزۇۋەتكەن ئىشلارنىڭ بىرى ئوخشاش بىر ماۋزۇنى ھەممىلا توپقا يوللاپ، ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن «تىرىڭ – تىرىڭ» ئاۋازى بىلەن راھەتسىز قىلىشتۇر. سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىمەن دەپ تۇرۇپ، ئۇلارنى راھەتىسز قىلىپ قويىسىز. سىز كۆزلىگەن كىشىلەر ئاساسەن ھەممىلا توپتا بار. ئەگەر سىز توپنى تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز سىز تونۇيدىغان دوستلىرىڭىزنى ھەممە توپتا كۆرىسىز. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى سىز بىرلا توپقا يوللاڭ، ئەگەر سىز يوللىغان نەرسە قىممەتلىك بولسا، باشقىلار ئۇنى تارقىتىدۇ. سىز بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ.

6.  تېما ياكى يازما يوللاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلەش.

بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىمۇ ئوقۇپ باقمىغان يازمىلارنى ھەر خىل توپلارغا ۋە ئىجتىمائىي سۇپىلارغا يوللايدۇ. بۇ ئەسلىي ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنى يوللاشتىن بۇرۇن تەپسلى ئوقۇپ بېقىش ۋە شۇ توپتىكىلەرگە مۇناسىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئالاقە ۋاستىلىرىدا توپ قۇرۇغان كۆپىنچە كىشىلەر ئاساسەن بىر پىكىر، بىر مەۋقەگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغانلىرى ئورتاق ياكى يېقىن بولىدۇ. دېمەك، مەلۇم بىر توپتىكى كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى شۇ توپنىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەركىزىي مۇددىئادىن دىرەك بېرەلەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن توپلارغا ئۇچۇر يوللايدىغانلار يوللىماقچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ شۇ توپ ئەھلىنىڭ قىزىقىش دائىرىسىدە ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

7.  سۆزلىگۈچىنىڭ ياكى يازغۇچىنىڭ مۇددىئاسىنى ئېنىق چۈشەنگەندىن كېيىن ئىپادە بىلدۈرۈش.

بەزىدە ئىجتىمائىي سۇپىلاردا بولۇنۇۋاتقان مۇنازىرىلەرگە قاراپ ئادەم ياقىسىنى چىشلىمەي تۇرالمايدۇ. بىر قانچە، ھەتتا بىر نەچچە يۈز ئادەم بىرەر مەسىلە توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىدۇ، بىرەر ئاپتورنى ياكى سۆزلىگۈچىنى ئەيىبلىشىدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئەسلا گۇمان قىلىپ باقمايدۇ. بىزدە "سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى توغرىلاپ ئاڭلىسۇن" دەيدىغان ھېكمەت بار.

ھە دېگەندە باشقىلارنىڭ قارىشىنى بۇراپ، خاتاغا چىقىرىش ياكى قەستەن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى مەركىزى ئىدىيەدىن چەتنىتىۋېتىش ساپاسىز ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ قىلىقىدۇر. بىراۋ خاتا سۆزلىگەن ياكى خاتا يازغان بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن خاتالىق بولماي، قەلەم سەھۋەنلىكى ياكى ئىپادىدىكى غەلەت بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا كىرىشىۋالماسلىق لازىم. ناۋادا پىرىنسىپ جەھەتتىكى خاتالىق بولغان تەقدىردە يەنە چىرايلىق، پاكىتلىق ھالەتتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىش كېرەك.

8.  باھانى شەخسكە ئەمەس يازما ياكى نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا بېرىش كېرەك.

بىراۋنىڭ پىكىر قارىشى بىلەن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، شەخسىيىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق كېرەك. پىكىر توغرا بولسا، ئىنساپ بىلەن قوبۇل قىلىش، خاتا بولسا چىرايلىقچە تەرك قىلىش ياكى ئىنكاس بىلدۈرۈش لازىم. بىر قىسىم تورداشلارنىڭ بەزى ئاپتورلارنىڭ ماقالىلىرىنى ياكى نۇتۇقلارنى "مەنغۇ ئوقۇپ باقمىدىم، مەنغۇ ئاڭلاپ باقمىدىم..." دەپلا ئەيىپلەشكە چۈشكەنلىكىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇ ئىنتايىن تايىنى يوق بىر پوزىتسىيە. ئاڭلاپ باقمىغان، ئوقۇپ باقمىغان كىشىنىڭ پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققى بولمايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئەقەللىي بىر قائىدە. بەزىدە بىز ئاددىي دەپ قارىغان كىشىلەردىنمۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە كەلمىگەن ئېسىل پىكىرلەر ۋە قىممەتلىك دۇردانىلەر چىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمدىن ئاڭلىغانلىققا ئەمەس، نېمىنى ئاڭلىغانلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم. مەشھۇر ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام "سۆزلەشنى ئۆگەنگەندەك ئاڭلاشنىمۇ ئۆگەن" دېگەنىدى.

مېنىڭ قارىشىمچە بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك نوچى سۆزلەيدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش ۋە ئاڭقىرىشنى ئۆزىگە يار قىلمىسا، بەرىبىر ياخشى سۆھبەتداش ھېسابلانمايدۇ.

شەخىسكە بولغان باھا پەقەت ئۇنىڭ بىلەن قۇدا-باجا بولۇش ياكى كەينىدىن ئەگىشىش زۆرۈر بولغان ۋاقىتلاردىلا مۇھىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلار بىراۋنىڭ پىكرى بىلەن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، شەخسىيىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق كېرەك. پىكىر توغرا بولسا، ئىنساپ بىلەن قوبۇل قىلىش، خاتا بولسا چىرايلىقچە تەرك قىلىش لازىم.

9. رەددىيەنى سىلىق ۋە ئىلمى بېرىش.

 سىز باشقىلارنىڭ يازمىسىغا رەددىيە بەرمەكچى بولسىڭىز، سىز ناھايىتى سىلىق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا سەمىمىيلىك بىلەن تۈزىتىش بېرىڭ. ھەرگىز مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىۋالماقچى بولماڭ. چۈنكى باشقىلار سىزدىن كۆپ ئەقىللىق. ئۇلار سىزنىڭ غەرىزىڭىزنى دەرھال بىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىڭىز رەزىل بولىسىز. ئەگەر سىز بىرەر كىشىگە نەسىھەت قىلماقچى بولسىڭىز، نەسىھەتنى توپتا ئەمەس، چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىگىلا شەخسىي قىلىڭ، ھەرگىزمۇ توپتا بىراۋغا نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئەخمەقلىق قىلماڭ. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، سىز كىشىلەرنىڭ نەپرىتىدىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز. چۈنكى مۇنداق قىلىش پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن ئەخلاقىغا زىت ئىشتۇر.

10. باشقىلار ھەققىدە ھۆكۈم بېرىشكە ئالدىرىماسلىق.

بىزدە دېتىمىزگە ياقمىغان كىشىلەرگە بىرەر قالپاق كىيگۈزۈشكە ئالدىراش پىسخىكىسى خېلىي ئېغىر. زىيالىلار ئۆزىنىڭ دېتىغا ياقمىغان كىشىلەرگە «خىتاينىڭ جاسۇسى» دېگەن قالپاق كىيگۈزىدىغان، ئەھلى ئىلىملەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش پىكىر قىلمىغانلارنى ياكى ئۆزلىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى «مۇناپىق» دەپ ئاتايدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولماقتا. بىر ئادەمنىڭ شان – شەرىپى ئۇنىڭ ھاياتىدۇر. بىر ئادەمنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرۇيىنى يوقىتىش ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىلەن تەڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆھمەت قىلىش، لەقەم قويۇش، يۈزىنى تۆكۈش قاتارلىق قىلمىشلار دىنىمىزدا ئەڭ بەك سۆكۈلگەن، ئاللاھ تائالا ئەڭ قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرغان قىلمىشلاردۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئېۋىغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزگە ئەلۋەتتە دىققەت قىلىشى لازىم. ئېگىزدىن چىققان ياكى يازما ئارقىلىق تارقىتىلغان يامان سۆزلەرنىڭ ھېسابىنى بەرمەك ئوڭاي ئەمەس. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىر-بىرلەپ ھېساب ئالىدۇ.

11. دىنىمىز ۋە مىللىي دەۋايىمىزغا پايدىلىق يازمىلارنى ئىككىلەنمەستىن تارقىتىش.

بەزى كىشىلەرنىڭ يا دىنىمىزغا ياكى مىللىي دەۋايىمىزغا پايدىسى يوق، ئەھمىيەتسىز بىر نەرسىلەرنى، بىراۋنىڭ باشقا بىرى ئۈستىدىن قىلغان غەيۋەتلىرىنى تارقىتىپ يۈرىدىغان، ئەمما تارقاتسا ساۋاب بولىدىغان تېمىلارنى تارقاتماي ئۆتۈپ كېتىشىگە ھەيران قالىمەن. ھەتتا يېقىن دوستلار، بىر كەسىپتىكى كىشىلەر، بىر يولدىكى ئۆلىمالار، بىر سەپتىكى زىيالىيلار بىر-بىرىنىڭ يازمىلىرىنى ئانچە تارقىتىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىپ، باشقىسىنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇلار توغرۇلۇق يامان گۇمان قىلمايمەن. بەلكى بىزدىكى «يېقىندىكى موللا جا موللا، يىراقتىكى موللا چىڭ داموللا» دەيدىغان سەپەسەتىنىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.  ئەسلىدە، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ يازمىلىرىنى كەڭ تارقىتىشسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىق، ھەمنەپەسلىك تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، ئۇلاردىكى ئورتاق مۇددىئا غەلىبىگە قاراپ يول ئالىدۇ. ئۆز ئارىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىنى قوللاشمىسا، ئۇلارنى باشقىلار قانچىلىك قوللاپ كېتەر؟ يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ يازمىسىدىن باشقىسىنى قەتئىي تارقىتىپ قويمايدۇ، ھەتتا يۈرەكمۇ بېرىپ قويمايدۇ. مەن ماشىنامنى ئوڭشىتىدىغان بىر يەمەنلىك رېمونتچى ئەرەب تونۇشۇم بار. ئۇ كىشى مېنىڭ نېمە يازغانلىقىمنى، نېمە سۆزلىگەنلىكىمنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، قانداقلا بىر نەرسە چىقارسام ھامان تارقىتىپ قويىدۇ، قازاقىستاندا مېنى كۆرمىگەن نۇرغۇن كىشى يازمىلىرىمنى ۋە سۆزلىرىمنى تارقىتىپ يۈرىدۇ، ئالمۇتىدا بىرى نېمىس، يەنە بىرى ئۇرۇس ئىككى قىز فېيسبۇكقا قانداقلا بىر نەرسە چىقارسام دەرھال تارقىتىدۇ. بۇلارنى مۇھەببىتىمىكىن دەپ قالماڭلار. بۇلار قيىىنئانامنىڭ قوشنىلىرى ئىكەن. بۇ كىشىلەر مېنىڭ يوللىغان نەرسىلىرىمنى قەتئىي چۈشەنمىسىمۇ، ماڭا ئىشەنچ قىلىپ، مېنى پايدىلىق نەرسە يوللايدۇ، دەپلا تارقىتىدۇ. ئەپسۇسكى، مەن ھەمىشە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، مېنى ئەڭ ياخشى تونۇيدىغان دوستلىرىم، يۈرىكىمدىن ئىخلاس قىلغان ئۆلىمالىرىم ئىچىدىن كۆپ كىشىلەر مېنىڭ چىقارغان نەرسىلىرىمنى تارقىتىپ قويمايدۇ، مېنىڭكىنىلا ئەمەس، ئۇلار بىر-بىرىنىڭكىنىمۇ تارقىتىپ قويۇشمايدۇ. بۇنى مىسال ئۈچۈنلا  كەلتۈردۈم، خالاس.

12.  تارقىتىشتا، بەھرلىنىشتە ۋە يۈرەك بېرىشتە دورامچىلىق قىلماسلىق.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بىز كۆپ ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان بىر سەلبىي ئەھۋال بىرەر يازمىنىڭ ياكى نۇتۇقنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى ۋە پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچۈمەيلا، ھەتتا ئوقۇمايلا باشقىلارنى دوراپ تارقىتىپ قويۇشتۇر. بۇ ئىنتايىن چاكىنا قىلىق ۋە مەيدانسىزلىقتۇر. بۇ «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» ياكى «پالانى، پالانىلار تارقىتىپتۇ، مەنمۇ تارقىتاي» دەيدىغان دورامچىلىقتىن ئىبارەت تېتىقسىز مەنتىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر.. چۈنكى توپلاردا كۆرۈۋاتىمىزكى، بىرۋا «بۈگۈن مېنىڭ چۈشۈم بۇزۇزلۇپ قاپتۇ» دېگەنگە ئوخشاش ياكى تاماق يەۋاتقان رەسىمىنى تارقاتقانغا ئوخشاش باشقىلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق يازمىلارغا، بىراۋلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان يازما ۋە ئاۋازلارغا يۈرەك بېرىپ، تارقىتىپ يۈرگەنلەر كۆپ. ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۆزىنىڭ قايىل بولغانلىقىدىن ئەمەس، پەقەتلا باشقىلارنى دوراپ شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كۆپتىن قالسا بولمايدۇ-دە.

13.  كۆپكە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەگەشمەسلىك.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى يەنە بىر سەلبىي ئەھۋال  ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتىگە قارىماي، پەقەتلا كۆپ سانلىققا ئەگىشىپ ئىش كۆرۈشتۇر. كۆپ ئادەم بەھرلەنگەن، كۆپ ئادەم تارقاتقان ۋە كۆپ ئادەم يۈرەك بەرگەن نەرسىنىڭ ھەر زامان قىممەتلىك نەرسە بولماسلىقى، ھەتتا قىلچە ئەھمىيىتى يوق نەرسە بولۇشى مۇمكىن. كۆپ ئادەم قوللىغان نەرسە ياخسى نەرسە ياكى توغرا نەرسە دەيدىغان قانۇنىيەت يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭ ئەكسىنى دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى (دىندىن چىقىپ كەتكەن) پاسىقلاردۇر «، «ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ» ، «لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ»  دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالا يەنە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئەگىشىدۇ، يالغاننىلا سۆزلەيدۇ» . ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە كالىغا چوقۇنىدىغانلاردىن بىر قانچە مىليون، ھەتتا ئەرەفقاتقا توپلىنىدىغان ھاجىلارنىڭ سانىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە كۆپ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى «جاجا» دەرياسىدا يۇيۇنۇش ئارقىلىق (ئۆز گۇمانىچە) گۇناھتىن پاكلىنىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت كۆپ سانلىق بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئەگىشىشى بىلەن ئۆلچۈنىدىغان بولسا، ھىنىدىيلارنىڭ كالىغا چوقۇنۇشنى مۇقەدەەس بىلىدىغان دىنى ھەق دىن بولۇپ قالمامدۇ؟! ئەقلى بار ئادەم بارچە مەخلۇقاتتىن ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك يارىتىلغان ئىنساننىڭ كالىدىن ئىبارەت بىر ھايۋانغا چوقۇنۇشىنى ۋە ئۇنى سۆيۈپ، سىلاپ ئۇلۇغلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

... داۋامى بار

2019- يىل، 5- ئاپرىل، سەئۇدى ئەرەبىستان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار