پەرقىنى بىلىۋالايلى!

پەرقىنى بىلىۋالايلى!

نۇرغۇن كىشىلەر ھىجاب بىلەن چۈمبەل (نىقاب)نىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايدىكەن.

«الحجاب» (ھىجاب) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «يۆگەش» دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرۇلغان ۋە يۆگەلگەن ھەرقانداق نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ئايالنىڭ بەدىنىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆلىمالار ھىجاب ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قوللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى ئالمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرى ئايال يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئەمما مالىكىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى ئايالنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى يۆگىشى پەرز ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئاز كىشىلەر ئايال ئەگەر بەك چىرايلىق بولسا — پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن— يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى بىلەن ئىككى قولىنىمۇ يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ.

«نقاب» (چۈمبەل) — ئايالنىڭ بەدىنىنى يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن قوشۇن پۈتۈنلەي يۆگەپ يۈرۈشى دېگەنلىكتۇر.

ھىجابنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق ۋە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپمۇ يوق. شۇڭا ھىجابقا قارشى چىققان ئادەم كاپىر بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئېنىق ھۆكۈمگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئىختىلاپ پەقەت ھىجابنىڭ يۈز ۋە قوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ياكى ئالمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە بولغان.

ئەمما چۈمبەل ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلگەن بىر نەرسە. چۈنكى بەزى ئۆلىمالار ئۇنى پەزر دېسە، يەنە بەزىسى مۇباھ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان خانىم-قىزلار ھىجابلىنىش بىلەن چۈمبەل تارتىش ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئىختىيارغا ئىگە. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، چۈمبەل تارتقانلارمۇ، ھىجابلانغانلارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتقان بولىدۇ.

—   مۇھەممەد يۈسۈپ


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار