زاكات پۇلىنى دەۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟

زاكات پۇلىنى دەۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

 «ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى»نىڭ تەركىبىدىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1405_ يىلى رەبىئۇل ئاخىر ئايبنىڭ 27_ كۈنىدىن جامادىيەل ئەۋۋەل ئاينىڭ 8_ كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە چاقىرغان چوڭ قۇرۇلتىيىدا، زاكات بېرىلىدىغانلار قاتارىدىكى «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆلىمالارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆزقارىشى تۆۋەندىكىدەك بولغان:

بىرىنچىسى، «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئايەتنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇھاجىدلارغىلا خاستۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، زاكاتنىڭ ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئۈلۈشىنى مۇجاھىدلاردىن باشقىسىغا بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشىدۇر.

ئىككىنچىسى، «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئايەت ياخشىلىق يوللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، زاكاتنىڭ ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئۈلۈشىنى مەسجىد_ مەدرىسىلەرنى بىنا قىلىش، يوللارنى ياساش، دوختۇرخانىلارنى ئېچىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ  بۇرۇنقى ئۆلىمالاردىن ئاز سانلىق ئۆلىمالارنىڭ، ھازىرقى ئۆلىمالاردىن  كۆپ سانلىقنىڭ كۆزقارىشىدۇر.

قۇرۇلتاي ئەھلى يۇقىرىقى ھەر ئىككى كۆزقاراشنىڭ دەلىللىرىنى مۇنازىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك قارار ماقۇللىغان:

1.      ئىككىنچى كۆزقاراستىكى ئۆلىمالارنىڭ دەلىللىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردىن كۈچلۈك دەلىللىرى بار. ) پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير_ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەرگە رەببىنىڭ دەرگاھىدا خاس مۇكاپاتلار بار([1] دېگەن ئايەتتە ئاللاھ تائالا يوقسۇللارغا پۇل_ مال سەرپ قىلىشنى «ئاللاھ يولىدا» دەپ ئاتىغان. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۆگىسىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان بولۇپ، ئايالىنى ھەج قىلدۇرۇشنى ئىرادە قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئايالىڭنى بۇ تۆگىگە مىندۈرگىن، چۈنكى ھەج دېگەن ئاللاھ يولىدىكى ئىبادەتتۇر»[2] دېگەن.

2.      قوراللىق جىھاد قىلىشتىن مەقسەت ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولغاندەك، ئىسلامىي دەۋەتچىلەرنى، ئۆلىمالارنى تەييارلاش ۋە ئۇلارنىڭ دىنى خىزمەتلىرىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاپ _ قۇۋۋەتلەشتىن مەقسەتمۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.  نەتىجىدە ھەر ئىككىلا ئىش ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «مۇشرىكلارغا قارشى پۇل_ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار»[3] دەپ كۆرسەتكەن.

3.      ھەممىگە مەلۇمكى، ئىسلام دىنىمىز دىنسىزلارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ، خىرىستىيانلارنىڭ ۋە باشقا بارلىق كاپىرلارنىڭ پىكىرىي ۋە ئىدىيېۋى ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا. بۇ كاپىرلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا رەددىيە بېرىش ۋە ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش يولىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئۆلىمالارنى، ئىسلامىي مۇتەپەككۇرلارنى ۋە دەۋەتچىلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن پۇل_ مال سەرپ قىلىش زۆرۈردۇر.

4.      ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەسكەرلەرنىڭ مائاشى بار، ئەمما ئىسلامىي دەۋەتچىلەرنىڭ مائاشى يوق. شۇڭا ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەمىنلەش ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچىدۇر.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇرۇلتاي ئەھلى كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىنى زاكاتنىڭ «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئۈلۈشىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىسلامىي كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش، ئىسلامىي ژۇرنال چىقىرىش ۋە ئىسلامىي ئۈن_ سىن نەشر قىلىش قاتارلىق ئىسلامىي دەۋەت يولىغا زاكات ماللىرىدىن سەرپ قىلىشقا بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللا جىبرىن مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن بىزنى ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان داغدام بولدۇر. بىزنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ياخشى ئەمەل ئاللاھنىڭ يولى» سانىلىدۇ. كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىنى بايان قىلىش، دىنسىزلارنىڭ، بۇزغۇچىلارنىڭ شەك_ شۇبىھىلىرىگە رەددىيە بېرىش، كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلغانلىق بولۇپ، بۇنداق مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن پۇل_ مال سەرپ قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئىسلامىي دەۋەتچىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئورۇن چىقمىسا، بۇ ئىشلارغا ۋە ئىسلامىي دەۋەتچىلەرگە زاكاتتىن بېرىش پەرز بولىدۇ. بۇنداق چاغدا، زاكاتتىن يىغىلغان پۇل_ مالنى زاكات ئېلىشى بەلگىلەنگەن بەزى شەخسلەرگە بەرگەندىن كۆرە، ئىسلامىي دەۋەت ئۈچۈن سەرپ قىلىش ئەۋزەل بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى  مەزكۇر شەخسلەر زاكات ئالمايمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمما كاپىرلارنىڭ شۈبھىلىرىگە، مۇناپىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا رەددىيە بېرىش، قۇرئان بېسىپ تارقىتىش، ئىسلامىي كىتاب، ژۇرنال، ئۈن_ سىن نەشر قىلدۇرۇش ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش قاتارلىق ئىسلامىي  خىزمەتلەر توختاپ قالسا بولمايدۇ».

 [1] بەقەرە سۈرىسى:262_ ئايەت.
[2] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم، بەيھەقى رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ»دەپ باھالىغان.
[3] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ، ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار