ئىپپەت-نومۇس مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ھاياتىدۇر

ئىپپەت-نومۇس مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ھاياتىدۇر
ھايا __ ھاياتلىقتۇر
ئەرەب تىلىدىكى «ھايا» دېگەن سۆز «ھايات» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ھايالىق ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى ھايات، يەنى تىرىك بولىدۇ. ھايا قىلغان ئادەمنىڭ ھاياسى ئىچكى ھايات قاينىمىدىن چىققان بىر خىل كۈچ بولۇپ، بۇ كۈچ ئۇنى رەزىللىكلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. شەرم – ھايا ئاياللارنىڭ ھاياتىدۇر. چۈنكى شەرم ھاياسىنى يوقاتقان ئايال ئۆلگەنگە تەڭدۇر.

ھايالىق ئادەمنىڭ قەلبى تىرىك، ھاياسىز ئادەمنىڭ قەلبى ئۆلۈك بولىدۇ. قەلبنىڭ ئويغاقلىقى ئاشقانسېرى ئۇنىڭ ھاياسى ئاشىدۇ. قەلبى ئۆلگەن ئادەمدە ھايانى قوزغايدىغان ئىمان كۈچىمۇ ئۆلگەنلىكتىن، مۇنداق ئادەم رەزىللىكلەرنى رەزىللىك دەپ بىلمەيدىغان ۋە ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا شەرم _ ھايانىڭ يوقىلىشى بارلىق رەزىللىك ۋە يامانلىقلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ھاياسىز ئادەمدىن ھەممە يامانلىقلارنى كۈتۈشكە بولىدۇ.

ھايا بىلەن ئىمان قوشكېزەكتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى قوشكېزەكلەر بولۇپ، بىرى يوقالسا، ئىككىنچىسىمۇ يوقىلىدۇ»([1]) دەپ كۆرسەتكەن. «ھاياسىزدا ئىمان يوق» دېگەن سۆز بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئېيتىلغان بولۇشى ئېھتىمال. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھاياسىنى نامايان قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي يوسۇندا كىيىم كىيىشى كېلىدۇ.

شەرم _ ھايا دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ۋە ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىشتۇر. گۇناھ _ مەئسىيەتلەر پەقەت ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ كۆز ئالدىدا يامان ئىش قىلىشتىن ھايا قىلىدۇ _ دە، يامان ئىش قىلىشتىن توسۇلىدۇ.

ئۆزىنى مۇسۇلمان، ئۇيغۇر دەپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ مەيلى دۇنيانىڭ قايسى چېتىدە بولسۇن، چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا ۋە ئۇيغۇرلۇقىغا لايىق كىيىنىپ يۈرۈشى لازىم. ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلمان خانىم-قىزلارغا ئىسلمىي كىيىنىڭسنىڭ ئۆلچىمىنى ۋە پىرىنسىپىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىكلىرىنى يات ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يۆگەپ، ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىپ يۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى تۈرلۈك ئەزىيەتلەردىن ۋە گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىسى ئۇنتۇپ خىتاينىڭ، رۇسنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان، ئىسمى مۇسۇلمان، ئەمما روھىدا ۋە ئەمەلىيىتىدە مۇسۇلمانلىقتىن ھېچبىر ئەسەر قالمىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىش كېرەك، ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. چۈنكى ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىپپەت –نومۇسىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىق بىلەن تەڭدۇر. خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئىپپەت- نومۇسىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ئىسلامىي كىيىنىش ھەققىدە يول كۆرسىتىش ھەربىر ئەائىلە مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.

ئىپپەت-نومۇس دەپسەندىچىلىكىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىلەر:

1. ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك تەمەلىرىدىن قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. بۇ ئاجىزلىق، ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى يوقاتقانلىقى ياكى ئۆز ۋەزىپىسىنى تونۇمىغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ تەربىيە ساھەسىدە بىلىمسىزلىكىنى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاجىزلىقتۇر.

2. مۇسۇلمان خانىم- قىزلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى دوراپ، ئوچۇق، نېپىز ۋە قىسقا كىيىنىشى ۋە يۈرۈش- تۇرۇشلىرىدىكى بىنورمال نازاكىتى. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەرتۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى ئۆزلىرىگە قارىتا ئەرلەرنىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ قويىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يىراق بولۇشقا چاقىرغان. ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآَتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ(يەنى) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار ﴾([2]).

بۇ ئايەتتىكى خىتابتىن مەقسەت، ئاياللارنى گۈزەل، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئېسىل يۈرۈشلىرىدىن مەنئى قىلىش ئەمەس. بەلكى ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئاياللارنىڭ ۋە كۈنىمىزدىكى مەدەنىيەت دەۋاسى قىلغۇچى ئاياللارنىڭ كىيىنگىنىدەك، يات ئەرلەر بار يەردە نېپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، قىسقىلىقتىن تىزىدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىدۇ.

گۆھەر نەچچە قات تۈگۈنلەر ئىچىدە ساقلانغانلىقى ۋە ھەركىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتكە سازاۋەر بولغان نەرسىدۇر. ئايالمۇ ئۇزۇن ، ئازادە، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار يات ئەرلەر بار جايدا سۆز قىلغاندا، جەلىبكارلىقتىن ۋە نازاكەتلىكتىن يىراق ھالدا، تەبىئىي  سۆز قىلىشى كېرەك. چۈنكى نازاكەتلىك، سۈنئىي ئاۋازلار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. ئەرەب ماقال تەمسىللىردە «قۇلاق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولىدۇ» دەيدىغان سۆز بار.

3. ئەر- ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى. ئىسلام شەرىئىتىدە، ئاياللارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىدىن بولمىغان، يات ئەرلەر بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى، ئۇلارغا نازاكەتلىك ۋە سۈنئىي ئاۋازلىرى بىلەن، زۆرۈرىيەتسىز سۆز قىلىشى مەنئى قىلىنغان تۇرسىمۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئائىلىلىرى ئۆزئارا زىيارەت ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەردىن تاشقىرى، ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئەر ـ ئاياللار بىر ئورۇندا ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان، ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر ــ بىرىگە چاقچاق قىلىشىدىغان ئادەتلەرنى ئۆگىنىپ قالغان. بۇنداق ئىشلار دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بولغىنىنىڭ سىرتىدا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگىمۇ يات كېلىدىغان ئەھۋالدۇر.

4. ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئائىلىدىكى دىنىي تەربىيە، بالىلارنىڭ ئىپتىدائى تەربىيەسى بولۇپ، دىنىي تەربىيەنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن قىز ـ يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەردىن ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقىلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياتلار بىلەن بىنورمال ئالاقە قۇرمايدۇ، قىزلار ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز خالىغان جايغا كەتمەيدۇ، يات ئەرلەر بىلەن بىرگە يۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام تەربىيەسىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل يولسىز ئالاقىلارنى رەت قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ.

يۇقىرىقى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىزگە يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن: ) قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ. وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آَبَائِهِنَّ أَوْ آَبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاءِ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنْ زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ(يەنى) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىسۇن، نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى قوغدىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار( ([3]).

([1]) ھاكىم رىۋايىتى
[2]))     ئەھزاب سۈرىسى 33 ـ ئايەت
[3]))     نور سۈرىسى 29 ـ 30 ـ ئايەتلەر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار