ئاداۋىتىڭىزنى قارنىڭ ئۈستىگە يېزىڭ

ئاداۋىتىڭىزنى قارنىڭ ئۈستىگە يېزىڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز بۇرۇن قىممىتىنى بىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە يېتىۋاتىمىز،  بولۇپمۇ يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھاياتتا باشقىلارنى خۇش قىلىشنىڭ نەقەدەر ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى  تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىمىز.

نۆۋەتتىكى ۋىرۇس بالاسى بىزگە ئىلگىرى بىز ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن كۆپلىگەن نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە قىممىتىنى تونۇتتى. مەسىلەن: دوستلارنى ئەركىن-ئازادە زىيارەت قىلىش، مەسجىدلەردە يان-يانغا تىزىلىپ تۇرۇش، قورقماي سىرتقا چىقىش دېگەندەك.

ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكىمىزنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ھاياتنى ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلغان ھالدا، تولۇپ تاشقان مۇھەببەت ۋە ئىجابىيلىق بىلەن باشلىغىنىمىزدا شۇ كۈنلۈك ئىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى 50% كاپالەتلەندۈرگەن بولىمىز. چۈنكى ئىجابىيلىق بىلەن باشلانغان ئىشلار كۆپىنچە ئىجابىيلىق بىلەن تاماملىنىدۇ.

سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ھاياتلىق تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ لەززەتلىك ھالىغا كېلىدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈش، كۆڭۈلدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك قاتارلىق ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇش ھاياتقا تېخىمۇ ياخشى تەم قاتىدۇ. چۈنكى باشقىلارنى كەچۈرگەن، كۆكسىنى كەڭ تۇتقان ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ يەڭگىللىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

باشقىلارنى كەچۈرەلەيدىغان ئىنسان راستتىنلا كۈچلۈك ۋە ئىرادىلىك ئىنساندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى بايان قىلىپ: «چېلىشىشتا يەڭگەن كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كۈچلۈكتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. كەچۈرۈش ۋە ئەپۇ قىلىش  كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرىدىغان، بىزنى بىئاراملىقتىن ۋە ئەلەمدىن ئازاد قىلىدىغان بىر خىسلەتتۇر. باشقىلارنى كەچۈرگەن ئادەم كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن ئاچچىقتىن خالاس بولىدۇ، غەزەپ، نەپرەتتىن ئازاد بولىدۇ، كەچۈرۈش ئارقىلىق تارلىقتىن كەڭرىلىككە، ئازابتىن راھەتكە چىققاندەك بولىدۇ. چۈنكى بىز باشقىلارنى ئەپۇ قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ ئورنىغا سۆيگۈنى، ئاداۋەتنىڭ ئورنىغا كەڭ قورساقلىقنى تاللىغان بولىمىز. بۇ بىزنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي ساقلىقىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە پايدىلىق چارىدۇر. ئەگەر بىز كەچۈرمىگەندە ئۆزىمىزنى نەپرەت ئىچىگە مەھبۇس قىلىۋالغان بولىمىز. چۈنكى ئەپۇ قىلماسلىقنى قارار قىلىش دېگەنلىك ئۆزىمزنى ئازابلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازى بولۇش دېگەنلىكتۇر. كەچۈرۈش ئۆتمۈشنىڭ دەرد- ئەلەملىرىنى دىلىمىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىق، ئۆزىمىز تاللىۋالغان غەزەپ، نەپرەتنىڭ كىشەنلىرىدىن ئۆزىمىزنى ئازاد قىلغانلىق ۋە كۆڭۈل خۇشاللىقىمىزنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، سىز دىنداشلىرىڭىزغا قارىتا ئاداۋەتلىرىڭىزنى، غەزەپ-نەپرەتلىرىڭىزنى قارغا يېزىپ قويۇڭكى، نۇرلۇق قۇياش ئۇنى ئېرىتىپ يوق قىلىۋەتسۇن!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار