ۋاقىتنىڭ قىممىتى

ۋاقىتنىڭ قىممىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ(  يەنى «زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە (ئۇنىڭدا) چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ».

ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۈچۈن زامان (يەنى ۋاقىت) بىلەن قەسەم قىلدى. ئىنسان ئەمەلىيەتتە زاماننىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرى كۈنلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر كۈن ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر﴾ دېگەنلىكىنىڭ مەنىسى شۇكى، ۋاقىت ئىنساننىڭ دەسمايىسى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتى، جەننەتنى قازىنىدىغان سەرمايىسى بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن ھەربىر دەقىقە، ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەت ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ ماڭىدۇ. چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي زىياندۇر. تىجارەتتىكى ھەقىقىي زىيان تىجارەتكە سالغان دەسمايىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولغاندەك، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەقىقىي زىيان ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ، ئۆمرىنىڭ مەنىسىز، بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. شۇڭا ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەللەر بىلەن، بىر-بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى، بۇ يولدا چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسان زىياندىن مۇستەسنادۇر. چۈنكى بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىشتىن ساقلانغان ۋە ھاياتىنى يۇقىرىقى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بەختلىك ئىنساندۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە زامان بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق، ئىمان ئېيتقان، شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ۋە تائەت- ئىبادەتتە، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا چىدامچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقىلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. دېمەك، يۇقىرىدىكى تۆت ئىشنى قىلغانلار قەتئىي زىيان تارتمايدۇ.

1.      ئىمان

ئىمان ئىنساندىن ئىبارەت ئۆزى ئاجىز، ئۆمرى چەكلىك بىر مەخلۇقنىڭ كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان مەڭگۈلۈك قۇدرەتلىك زاتقا باغلايدىغان ھالقا بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان ئىنسان ئۆزىنىڭ چەكلىك دۇنياسىدىن ھالقىپ چەكسىز ئالەمگە، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن چىقىپ قۇدرەتلىك ئىلاھىي مۇتلەقكە باغلانغان بولىدۇ. بۇ باغلىنىش ئىنسانغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ھەقىقىي سائادەتنى بېغىشلايدۇ. ئىنسان بىر ئاللاھقا باغلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا خارلىنىشتىن ئۆزىنى ۋە پىكرىنى ئازاد قىلغان بولىدۇ.

2.      ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ مېۋىسى ۋە نامايەندىسىدۇر. چۈنكى ئىمان ئىنساننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيە بولۇپ، ئۇ ھەر زامان ئۆزىنى نامايان  قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئىمان قەلبتە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مېۋىسى بولغان ياخشى ئەمەل ئوتتۇرىغا چىقماي قالمايدۇ. چۈنكى «قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا ئاشۇ تەپچىرەيدۇ». ناۋادا قەلبتىكى ئىمان ئادەمنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرەلمىسە، ئۇ ھەقىقىي ئىمان ئەمەس، بەلكى يالغان ياكى ئۆلۈك ئىماندۇر.

3.      ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئوڭاي ئەمەس، چۈنكى ھاياتتا ئادەم ئۆز غايىسىدىن ئاداشتۇرۇشقا، يولىدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان نەرسىلەر ئاز ئەمەس. نەپسى خاھىش، شەيتان، شەخسىي مەنپەئەت، مۇھىتنىڭ تەسىرى، خىزمەت بېسىمى، ئائىلە قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقىغا سەلبىي كۆرسەتمەي قالمايدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلار بىر – بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىشقا موھتاج. ئۇلار بىر-بىرىنى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشقا تەرغىب قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىر-بىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر-بىرىگە مەدەت بېرىدۇ. مۇئمىن ئادەم ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، بىر-بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن باشقىلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى روناق تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لاياقەتلىك بولىدۇ.

4.      ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانى ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى، شۇنداقلا ھەقىقەت بىلەن باتىل ئېلىشىدىغان مەيدان قىلىپ ياراتقان بولۇپ، سىناقلاردىن ئۆتۈش ۋە باتىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، كۈچلۈك، چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، باتىل كۈچلەرگە، شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە، نەپسىمىزنىڭ خاھىشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش يولىدا بىر-بىرىمىزگە چىداملىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشقا موھتاجمىز.

ۋاقىت باشقۇرۇشنىڭ يولى

ئەقىللىق كىشىلەر بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئەگەر بىز ۋاقتىمىزنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئۇنى زايە قىلىۋەتكەن بولىمىز. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولساق، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بۈگۈن، ئەتە، كېلەچەكتە چوقۇم كۆرىمىز، بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ كۆرىدۇ. ۋاقىت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ نەزىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىبادەتتۇر، چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم ۋاقىتنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ غايىسى ئاللاھ تائالا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرى، گەپ - سۆزلىرى، رىزىق ئۈچۈن ئىشلىشى، ھەتتا دەم ئېلىشى .... ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت بولۇپ پۈتۈلىدۇ.

تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن بەسرى «مەن ھاياتىمدا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى دىرھەم ۋە دىناردىنمۇ بەك چىڭ تۇتىدىغان كىشىلەرنى كۆردۈم» دېگەن ئىكەن. ئەقىللىق مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ۋاقىت پۇل- مالدىن ئەلۋەتتە قىممەتلىكتۇر. چۈنكى پۇل-مالنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ھايات ياشايدىغان ۋاقتىم ئۇزىراپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۆي - جايلىرىنى سېتىپ بولسىمۇ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتنىڭ پۇل-مالدىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بىراۋ بىر سىقىم پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتسە، ئۇنى چوقۇم ساراڭ دەيمىز، ئەپسۇسكى، پۇلدىن قىممەتلىك بولغان ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن كىشىلەرنى ھېچكىم ساراڭ دېمەيدۇ. ئەسلىدە پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ساراڭدىن ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن ساراڭ بەكرەك ساراڭدۇر.

ئادەتتە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدىمۇ نەتىجىسى ئاددىي بولمىغان كاتتا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە بىر سەھىپە قۇرئان ئوقۇغىلى بولىدۇ ياكى ئىككى بەت كىتاب ئوقۇغىلى بولىدۇ. بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىپ قاتمۇقات ساۋاب تاپقىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈندە يۈز قېتىم )سُبْحاَنَ اللهِ وَبِحَمْدِه(ِ يەنى «ئاللاھ تائالا بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر» دەيدىكەن، ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھلىرى بولسىمۇ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»()[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «تىلغا يېنىك مىزاندا سالماق كېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئىككى كەلىمە بار، ئۇلار: )سُبْحاَنَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحاَنَ اللهِ العظيْمِ( يەنى«ئاللاھ تائالا بارچە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇسانا  ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇلۇغ ئاللاھ جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر»()[2].

ۋاقىتنى باشقۇرۇش دېگەنلىك قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ھەر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش، ئاۋۋال نىشاننى بەلگىلەش ئاندىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقىتنى ئەڭ ياخشى باشقۇرغانلىقتۇر.

ۋاقىت ھاياتنىڭ ئاساسى ۋە خام ماددىسى بولۇپ، بارچە مەدەنىيەتلەر، تەرەققىياتلار ۋە پەن-تېخنىكىلار ۋاقىت بىلەن ۋە ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەش بىلەن قولغا كېلىدۇ، جەننەتكىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل - ئىبادەت قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. كاتتا ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقتى يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەلۋەتتە رەببىنى تونۇش، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ۋاقتى يېتىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇنى قەتئىي زايە قىلمايدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ھەربىر لەھزىسىنى نەتىجىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلارغىمۇ ۋاقتى چىقمايدۇ. ۋاقىتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى ياكى كىراغا ئالغىلى ۋە ياكى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، پەقەتلا ئۇنى جايىدا ئىشلىتىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.

ۋاقىت كاتتا نېمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر قىممىتىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئىككى نېمەت بار. بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر»[3] دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاقىت چوڭ مەسئۇلىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ قەدىمى قىيامەت مەيدانىغا  تاشلىنىشى  بىلەنلا ئۇنىڭ ئۆمرىنى نېمە ئىش بىلەن تۈگەتكەنلىكى، ئۆگەنگەن ئىلمى بىلەن نېمە قىلغانلىقى، پۇل-مالنى نەدىن تېپىپ، نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى ۋە بەدىنىنى  نېمە ئىشقا ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سوراق-سوئال قىلىنىدۇ»[4].

ۋاقىت دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن تىرىشىپ، تىرمىشىپ ئىشلەشنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتى بولغاندەك، ئەمەل –ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن بېرىلگەن نېمەتتۇر. ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق ئادەم ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ئادەمدۇر. ناۋادا ئۇنىڭ ۋاقتى زايە بولۇپ كەتسە نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلىرى زايە بولۇپ كېتىدۇ، بارلىق مەنپەئەتلەر پەقەت ۋاقىتتىن كېلىپ چىقىدۇ، ۋاقىت قولدىن كېتىپ قالسا، ئۇنىڭغا قايتا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆمرىدۇر. ۋاقىت ئۇنىڭ ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىشىگە ياكى مەڭگۈلۈك ئازابقا قېلىشىنىڭ سەرمايىسىدۇر. ۋاقىت بۇلۇتتىنمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ ۋاقتىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان چاغلىرىلا ئۇنىڭ ھەقىقىي ھاياتى ۋە ئۆمرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىن سانالمايدۇ. ئەگەر ئۇ شۇنداق غەپلەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇ پەقەت ھايۋانلارنىڭ ھاياتىنى ياشىغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاقتىنى غەپلەت بىلەن، شەھۋەت بىلەن ۋە قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇيقۇ ۋە بىكارلىق بىلەن ئۆتكۈزگىنى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايات تۇرغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشىراق بولىدۇ. ئىنسان نامازدا تۇرغىنىدا، ئەقلى – ھوشى بىلەن تۇرغان ۋاقتىلا نامازغا ھېسابلانغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن ئاللاھ بىلەن بولغان ۋاقىتلىرىدىن باشقىسى ئۇنىڭ ئەمەس»[5].

ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمەسلىكنىڭ جازاسى

ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ئادەم ئىككى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا بىلگەننىڭ ئۆزىگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.

بىرىنچىسى، سەكراتقا چۈشكەندە ئۆزىگە ۋاقىت بېرىلىشىنى ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ . وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ( «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار»[6].

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلى بولغانلار بۇ دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ جەننەتكە لايىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ) وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَى عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِنْ عَذَابِهَا كَذَلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ . وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ( «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۆلۈم بىلەن ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەرقانداق كاپىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇ) «سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز _ نەسىھەت ئالالىغۇدەك بىر ئۆمۈر ۋاقىت بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ، (نېمىشقا ئىمان ئېيتمىدىڭلار؟) ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ياردەم بەرگۈچى يوق»[7].([1])    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([2])    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[4] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[5] ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ «الجواب الكافي لمن سأل عن الدواء الشافي» ناملىق ئەسىرى، 201- بەت.
[6] مۇنافىقۇن سۈرىسى: 9-10- ئايەتلەر.
[7] فاتىر سۈرىسى: 36-37- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار