كىيىم ئىختىلاپىغا خاتىمە بېرەيلى!

كىيىم ئىختىلاپىغا خاتىمە بېرەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەسلىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قېلىپلاشقان ئىسلامىي كىيىم يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمانلارغا مۇئەييەن بىر كىيىنىش شەكلىنى ۋە كىيىمنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئەمەس، پەقەت ئىسلامىي كىيىنىشنىڭ ئۆلچىمىنى ۋە پىرىنسىپىنى بېكىتكەن. ئۇ بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت سانالغان ئەزالىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى، ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا ئەزالىرىنى يات ئەرلەردىن يۆگەپ يۈرۈشى ۋە بەدىنىنى سۈپەتلەپ بەرمەيدىغان شەكىلدە ئازادە، قېلىنراق كىيىم كىيىشىدۇر. مۇشۇ شەرتكە ئەمەل قىلغان ھالدا، قانداق شەكىلدە ۋە قانداق رەڭدە كىيىم كىيىش ھەربىر ئەر ۋە ئايال مۇسۇلماننىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىدۇر. مۇسۇلمانلاردىن بىر مىللەتنىڭ كىيىمى يەنە بىر مىللەتنىڭ كىيىمىدىن ئەۋزەل ئەمەس. ھەممە مىللەتنىڭ كىيىمى ئۆزى ئۈچۈن ئەۋزەل ۋە يارىشىملىقتۇر.

كىيىم مەسىلىسىنى ئىلگىرى ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەل قىلىپ بولغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئۆلىمالىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلارنىڭ شارائىتى ۋە ئۆرپ _ ئادىتىگە قاراپ شەرىئەت كۆرسەتكەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپ بويىچە ئىسلامىي كىيىملەرنى خەلقىگە تەۋسىيە قىلغان. ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي كىينىشى باشقىچە، تۈركىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي كىيىنىشى باشقىچە، تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىشى باشقىچە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىشى باشقىچە، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي  كىيىنىشى باشقىچە بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ كىيىنىش شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ھەممىسى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كىيىنگەن بولۇپ، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل دېگىلى بولمايدۇ. ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتى بويىچە ئىسلامغا مۇناسىپ كىيىنىشلەردۇر.

بىز ئۇيغۇرلارنى ئالساق، بىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆلىمالىرىمىز بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي كىيىمىنىڭ ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ بەرگەن ۋە ئۇلارمۇ شۇ بويىچە كىيىنىشنى ئادەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىي كىيىنىش بىز ئۇيغۇرلاردا دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە بولۇپ شەكىللەنگەن. بىزنىڭ خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئىسلامغا مۇۋاپىق كىيىنىش بولغىنىدەك، ئەرەبلەرنىڭ كىيىنىشىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى ۋە شارائىتىغا نىسبەتەن ئىسلامغا مۇۋاپىق كىيىنىشلەردۇر. بۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل ياكى تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەممىسى ئىسلامغا مۇۋاپىق كىيىنىشلەردۇر.

ھەر مىللەتنىڭ كىيىمى ئۆزىگە ياخشىدۇر

 باشقا بىر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىنى يەنە باشقا بىر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىش كۆپلىگەن زىددىيەتلەرگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، شۇ مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى بىرلىرى سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن باشقىچە كىيىنىش شەكلىنى ھەممىلا ئادەم قوبۇل قىلىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇنى قوبۇل قىلغانلار بىلەن قوبۇل قىلمىغانلار ئوتتۇرىسىدا پەرق پەيدا بولۇپ، بۇ پەرق ئاخىرى ئۇلارنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بىر دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇنداق بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ يىراقلىشىشى شۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارغا كۆپلىگەن زىيانلىق ئەھۋاللارنى ۋە بەزى بەختسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختالمىساقمۇ چۈشىنىشلىكتۇر.

قارا رەڭلىك ئابايە كىيىش ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىيىمىدۇر. تۈرك مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھىجابلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي ئەنئەنىسىدۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە كىيىنىشىمۇ بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدۇر. بۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز بۇنىڭدىن مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تەۋسىيە قىلغان ۋە ئەجدادلىرىمىز ئورۇنداپ، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كىيىنىشنى دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي كىيىنىش شەكلى بىلەن پەخىرلىنىشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇنداق كىيىنىش شەكلىنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئەۋزەل كىيىنىش شەكلى دەپ تونۇشىمىز، ئەرەبلەرنىڭ ئابايىسىنىمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئەڭ ئەۋزەل تاللاش دەپ بىلىشىمىز كېرەك. ئەمما ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭكىنى خەلقىمىزگە تېڭىشقا ئۇرۇنساق، ئۇلارنى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىمىز ۋە مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىمىز. نەتىجىدە، ئابايە كىيىدىغانلار مەلۇم بىر توپ، ھىجابلىنىدىغانلار ئايرىم بىر توپ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مىسىر، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بۆلۈنۈشلەر بۇنىڭ مىسالى.

مۇسۇلمان خانىم- قىزلارنى كىيىم- كېچىكى سەۋەبلىك ئەيىبلىمەيلى!

كۆپ جايلاردىكى مۇسۇلمان ئاياللار ھىجابنى ئىسلامىي كىيىنىش دەپ تاللىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەر نىقابنى تاللىغان. مۇسۇلمان ئاياللار مەيلى نىقابنى تاللىغان بولسۇن، ياكى ھىجابنى تالىغان بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئاياللار ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىسى ئۇنتۇپ خىتاينىڭ، رۇسنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئىسمى مۇسۇلمان، ئەمما روھى ۋە ئەمەلىيىتى باشقا نەرسە بولۇپ كەتكەن ئاياللاردۇر. بۇلارغا نەسىھەت قىلىش كېرەك، بۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر، مۇسۇلمان دەپ يۈرىدىكەن، چوقۇم ئۇيغۇرغا خاس، مۇسۇلمانغا خاس پەزىلىتى، ئىپپىتى ۋە سالاپىتى بىلەن يۈرۈشى لازىم. دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسا بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىغا ۋە مۇسۇلمانلىقىغا لايىق يۈرۈشى لازىم.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىمى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىمى ئاللىبۇرۇن تاللىنىپ ئومۇملىشىپ بولغان، ھەتتا ياش قىزلارنىڭ ئالاھىدە، ياتلىق بولغان جۇۋانلارنىڭ ئالاھىدە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ۋە ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدە ئىسلامىي كىيىنىشى شەكىللەنگەن. بۇ كىيىنىشنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يۇرت ۋە شەھەرلىرىگە قاراپ پەرقلىق بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ئۆلچەم بويىچە ئومۇملاشقان. پەقەت كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان دىنسىزلىق تەشۋىقاتى، ئىسلامىي ئىلىملەرنى چەكلەش ھەرىكىتى داۋامىدا، بىزنىڭ ئىسلامىي ئەخلاقىمىزغا، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي كىيىنىشىگە ۋە ئىسلام كۆرسەتكەن بويىچە ياشىشىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدىن، ئىسلامىي ۋە مىللىي قىممەتلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇلدۇق، ياتلاشتۇرۇلدۇق. خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىيىنىشى چەكلەندى، چەتكە قېقىلدى ۋە مەسخىرە قىلىندى. بىزنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئېسىل كىيىنىش ئادىتىمىز خۇراپاتلىق، قالاقلىق دەپ ئەيىبلەندى ۋە يېڭى ئەۋلاد مۇشۇ ئاڭدا يېتىشتۈرۈلدى.

بىز دىنىمىزدىن، ئەخلاقىمىزدىن ۋە ئىسلامىي كىيىنىش قائىدىمىزدىن پۈتۈنلەي ياتلىشىپ، دىنسىزلىقنىڭ ئازغۇنلۇقىدا گاڭگىراپ تۇرغان پەيتلىرىمىزدە، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىش، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش يولى بىزگە قىسمەن ئېچىلغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن قول ئىلكىدە بار نۇرغۇن كىشىلەر ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش پۇرسىتىگە، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نۇرغۇن ياشلار پاكىستان، تۈركىيە، مىسىر، يەمەن، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلامىي ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە بېرىپ ساياھەت قىلدى. دېمەك، خەلقىمىز دۇنيانى كۆردى، كۆزى ئېچىلدى. بۇ جەرياندا بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىش شەكلىنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە ئۆزلىرى كىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چەتئەللەردىن مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىقلىرى، پەلتولىرى، ئابايىلىرى قاتارلىق ئىسلامىي كىيىم- كېچەكلەر ۋەتىنىمىزگە كىرىشكە ۋە كەڭ تۈردە سېتىلىشقا باشلىدى. چۈنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى بىزنىڭ دىنىي ئەقىدىمىزگە، ئىبادەتلىرىمىزگە ۋە كىيىم-كېچەكلىرىمىزگە قىلىنغان پىلانلىق بۇزغۇنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، بىزدە بار بولغان ئىسلامىي كىيىنىش، دىنىي ۋە مىللىي كىيىملەر يوقىلىپ بولغان، ياش ئەۋلادلار بۇ ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان ئىدى. شۇڭا سىرتتىن كىرگەن ئىسلامىي كىيىملەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق، ھەتتا ئۆزىمىزدە بۇنداق ئىسلامىي كىيىملەر بولۇپ باقمىغاندەك، ئەجدادلىرىمىز ئىسلامىي كىيىم كىيمىگەندەك دەرىجىدە قوبۇل قىلىۋالدۇق. چۈنكى بىز ئەسلىمىز، دىنىمىز، مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىمىز، ئىسلامىي كىيىنىشىمىز قەستەن ئۇنتۇلدۇرۇلغان مەنىۋى يوقسۇللار ئىدۇق. شۇڭا ھەممىنى قوبۇل قىلدۇق. تۈركىيەنىڭ، مالايسىيانىڭ ئىسلامىي ياغلىقلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئابايىسىنىمۇ قوبۇل قىلدۇق.

ھازىرقى كۈندە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. ھازىر ۋەتەندە بىزنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ۋە مىللىي كىيىملىرىمىزمۇ، كېيىن سىرتتىن قوبۇل قىلغان ئىسلامىي كىيىملىرىمىزمۇ قالمىدى. ھەممىسى چەكلەندى.

ئەمدى، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خانىم- قىزلارغا كەلسەك، ئۆلىمالارنىڭ مۇنداق گۈزەل تەۋسىيەسى بار: مۇسۇلمان ئاياللار قايسى دۆلەتتە ياشىسا، شۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كۆپ سانلىقىدا ئومۇملاشقان مۇكەممەل ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ كۆزىدە غەلىتە سانىلىدىغان ياكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدىغان دەرىجىدىكى ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيمىگىنى تۈزۈك. شۇڭا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا تۆۋەنچىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، ھەممىڭلار ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمان، تەقۋادار ئاياللار كىيگەن شەكىلدە كىيىنگەيسىلەر. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئابايە كىيىپ، يۈزىنى يۆگەپ چىقىشى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئابايە كىيىش ۋە يۈزىنى يۆگەش سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىدۇر. بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ئاياللار چوقۇم بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

«الحجاب» (ھىجاب) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «يۆگەش» دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرۇلغان ۋە يۆگەلگەن ھەرقانداق نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ئايالنىڭ بەدىنىنى پۈتۈنلەي يۆگەپ تۇرىدىغان نەرسە ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ھىجاب —ئايالنىڭ بەدىنىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىك نىيىتى بىلەن كەڭ، ئازادە ۋە قېلىن كىيىم بىلەن يۆگەپ يۈرۈشى دېگەنلىكتۇر. ئۆلىمالار ھىجاب ئايالنىڭ يۈزى بىلەن قوللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى ئالمامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايال يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى ۋە قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئەمما مالىكىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايالنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىنى يۆگىشى پەرز ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى پەتىۋالىرىدا ئايال ئەگەر بەك چىرايلىق بولسا — پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن— يۈزى بىلەن ئىككى قولىنىمۇ يۆگىشى لازىم دەپ قارايدۇ.

بىز باشقىلارنىڭ ۋەتىنىدە ياشىغان ئىكەنمىز، شۇ ۋەتەندىكى كۆپ سانلىق تەقۋادار مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيگىنىدەك كىيىنىپ يۈرسەك بىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن، بۇ مەملىكەتتە يىلتىز تارتىپ كېتىشىمىز ئۈچۈن، يەكلىنىشكە ئۇچرىماسلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۈچۈن ھىجابنى تاللاش ئەڭ ئەۋزەل تاللاش دەپ ئويلايمەن.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار