فاتىھە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 7 ئايەت.

فاتىھە سۈرىسى مۇددەسسىر سۈرىسىدىن كېيىن مەككىدە نازىل بولغان، يەتتە ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرتىپى بويىچە بىرىنچى سۈرىسى بولغانلىقتىن، «ئاچقۇچى»، «باشلىغۇچى»، «مۇقەددىمە» دېگەن مەنىدە «الفَاتحَة _ ئەل فاتىھە» دەپ ئاتالغان.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇئمىنلەرنى ۋايىغا يەتكەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1 _ ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
2 _ جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
3 _ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
مَـٰلِكِ يَوْمِ ٱلدِّينِ
4 _ ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
5 _ (ئى رەببىمىز!) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز.
ٱهْدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلْمُسْتَقِيمَ
6 _ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ ٱلْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ
7 _ غەزىپىڭگە ئۇچرىغان ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).