فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە 40 سوئالغا جاۋاب

 

فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە 40 سوئالغا جاۋاب

مۇھەممەد يۈسۇپ

1.            سوئال: فىتىر سەدىقىسى دېگەن نېمە؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى —  روزا ھېيت كۈنى ياكى شۇ كېچىسى يوقسۇللارغا بېرىلىدىغان مەلۇم مىقداردىكى سەدىقە بولۇپ، ئۇنى ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن بېرىشى پەرزدۇر.

2.            سوئال: فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى مەيلى ھۆر، مەيلى قۇل، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن  ياكى ئارپىدىن بىر سا[1] قىلىپ بەلگىلىگەن ۋە ئۇنى مەيلى ھۆر، مەيلى قۇل، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ھەربىر مۇسۇلمانغا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشنى بۇيرۇغان»[2].

3.            سوئال: فىتىر سەدىقىسى پېقىر-باي ھەممىسىگە پەرز بولامدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى باي، پېقىر ھەركىمگە، ھېيت كۈنى ۋە ئۇنىڭ كېچىسى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بىر نەرسىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پەرزدۇر. چۈنكى بۇ يەردىكى سەدىقە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى ئادەمگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا ئۇنى ئادا قىلىشتا باي بولۇش شەرت ئەمەس. شۇڭا كەمبەغەلگىمۇ پەرزدۇر.

4.           سوئال: فىتىر سەدىقىسى ئەقلى جايىدا ئەمەسلەرگىمۇ پەرزمۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى ئەقلى جايىدا بولمىغان ۋە ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىنى ئۆزى تەسەررۇپ قىلالمايدىغانلارغىمۇ پەرز بولىدۇ. ئۇنى ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلغانلار ئۇنىڭ پۇل-مېلىدىن ئادا قىلىدۇ.

5.            سوئال: قورساقتىكى بالىغا فىتىر سەدىقىسى پەرزمۇ؟

جاۋاب: قورساقتىكى بالا تۇغۇلمىغىچە ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسى پەرز ئەمەس. ھەتتا ھېيت كېچىسىدە بولسىمۇ تىرىك تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى پەرز بولىدۇ.

6.            سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نىيەت شەرتمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە نىيەت شەرت. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر»[3] دېگەن ھەدىسى بۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما نىيەتنى ئېغىزدا سۆزلەش شەرت ئەمەس، پەقەت فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنى قەلبىدە نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قەلبىدە نىيەت قىلىپ، ئېغىزىدا ئېيىتمىسىمۇ كۇپايىدۇر. بۇنىڭغا كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئىتتىپاقتۇر. ئەمما ئېغىزىدا فىتىر سەدىقىسى بېرىشنى ئېيتىپ تۇرۇپ، قەلبىدە ئۇنى نىيەت قىلمىسا، ئۇ ئادا بولمايدۇ».

7.            سوئال: فىتىر سەدىقىسى قەرزدار ئادەمگىمۇ پەرز بولامدۇ؟

جاۋاب: قەرزدار ئادەمگىمۇ فىتىر سەدىقىسى پەرزدۇر. ئۇنىڭ قەرزى بۇنىڭغا توسقۇن بولالمايدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسى كىشىنىڭ ئىقتىسادىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ جېنىغا كەلگەن سەدىقىدۇر.

8.            سوئال: فىتىر سەدىقىسى قاچان پەرز بولىدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى بىلەن پەرز بولىدۇ. بەزى ئۆلىمالار دەيدۇكى، فىتىر سەدىقىسى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن پەرز بولىدۇ. ئالدىنقى كۆزقاراشقا كۆرە، ھېيت كېچىسى تۇغۇلغان بالىغا فىتىر سەدىقىسى كەلمەيدۇ، ئەمما ئىككىنچى كۆزقاراشقا كۆرە، كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، ھېيت كېچىسى ئۆلگەن كىشىگە ئالدىنقى كۆزقاراشقا كۆرە، فىتىر سەدىقىسى كېلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسى پەرز بولغاندا ئۇ ھايات ئىدى. ئىككىنچى كۆزقاراشقا كۆرە، كەلمەيدۇ. چۇنكى ئۇ كىشى فىتىر سەدىقىسى پەرز بولۇشتىن بۇرۇن ئۆلگەن بولىدۇ.

9.            سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى قاچان بېرىش كېرەك؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى رامىزان ئېيى ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، فىتىر سەدىقىسىنى ھېيتتىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرەتتى. يوقسۇللارنىڭ شارائىتىغا قاراپ، ئەگەر ئۇلارغا پايدىلىق بولسا رامىزاننىڭ بېشىدىلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەمما فىتىر سەدىقىسىنى بېرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى بولۇپ، ھېيت نامىزىدىن كېيىن قالغان فىتىر سەدىقىسى ئادەتتىكى سەدىقىغا ھېسابلىنىدۇ. فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپمايدۇ.

10.        سوئال: فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى پېقىرلارغا بېرىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقانلارنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت، پېقىرلارغا تائام بولۇش ئۈچۈن بۇيرۇغان. ئۇنى روزى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى بەرسە فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، نامازدىن كېيىن قالسا ئادەتتىكى سەدىقىغا ھېسابلىنىدۇ»[4].

11.         سوئال: فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟

جاۋاب: ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، بىز (فىتىر سەدىقىسىنى) خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن ياكى ئىرىمچىكتىن (قۇرتتىن) بىر سادىن بېرەتتۇق»[5]. يەنە ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە فىتىر سەدىقىسىنى تائامدىن بىر سادىن بېرىشنى بۇيرۇغان» دەپ كەلگەن. ئىككىنچى ھەدىس ئىنسان يەيدىغان بارلىق تائاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا فىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پېقىرلارغا پۇل بەرسە ئەڭ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆتمۈشلەردە ئاچلىق كۆپ بار ئىدى، كىشىلەرنىڭ قورسىقى تويسا بولاتتى. ئەمما ھازىر كىشىلەر تائامغا ئېھتىياج بولغاندەك، داۋالىنىش، ئائىلىنىڭ چىقىملىرىنى قامداش ئىشلىرىدا پۇلغا كۆپرەك مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا پۇل بەرسە پېقىرلار ئۈچۈن ئەڭ مەنپەئەتلىكتۇر.

12.        سوئال: كۆپ كىشىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بىرلا ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ، كۆپ كىشىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بىرلا ئادەمگە بېرىش جائىز بولغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى كۆپ كىشىگە بۆلۈپ بېرىشمۇ جائىزدۇر. بۇ ئىشلاردا يوقسۇللارنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قايسى ھالەت ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولسا شۇنى قىلىش ئەۋزەل.

13.         سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىگە بەرسە بولامدۇ ۋە جەمئىيەتلەر تارقىتىشنى كېچىكتۈرۈپ قويسا قانداق بولىدۇ؟

       جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىگە بەرسە ئادا تاپىدۇ. ئەمما ئۇنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بېرىش شەرت. ناۋادا فىتىر سەدىقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىش ئىشنى ھېيتتىن كېيىنكى كۈنلەرگە كېچىكتۈرۈپ قويسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق، بەرگۈچىدىن ئادا تاپقان بولىدۇ.

14.        سوئال: ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بالىلىرى فىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويسا ئادا تاپىدۇ. ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل بولسا، بالىلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىرنى ئادا قىلىپ قويۇشى پەرزدۇر.

15.        سوئال: ئايالنىڭ سەدىقە فىترىسىنى كىم بېرىدۇ؟

جاۋاب: ئايالنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى ئېرى بېرىدۇ. ئەگەر ئايالنىڭ زاكات كەلگۈدەك مىقداردا مۇستەقىل ئىقتىسادى بولسا، فىتىر سەدىقىسىنى ئۆزى ئادا قىلىدۇ.

16.        سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى ئۆز قولى بىلەن بەرگەن ياخشىمۇ ياكى يىغىدىغانلارغا تاپشۇرسا ياخشىمۇ؟

جاۋاب: يوقسۇللارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغاننى قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ئۆزى تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلىرى ياكى تونۇشلىرى ئىچىدە سەدىقىگە ھەقلىق بولغان پېقىرلارنى بىلسە، شۇلارغا ئۆز قولى بىلەن بەرگىنى ئەڭ ياخشىدۇر. ئەگەر مۇئەييەن پېقىرنى بىلمىسە، فىتىر سەدىقىسىنى توپلايدىغانلارغا تاپشۇرسا بولىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنى قانداق ئۇسۇلدا تارقىتىش توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستە دەلىل كەلمىگەن. بەلكى كىشىلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. شۇڭا قانداق ئۇسۇلدا بەرسە بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى پېقىرلارغا يەتكۈزۈشتۇر.

17.        سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى باشقا شەھەرگە يۆتكەشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەسلىدە فىتىر سەدىقىسىنى شۇ شەھەرنىڭ پېقىرلىرىغا بېرىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىپ پېقىرلىرىغا بېرىلىدۇ» دېگەن. ئەگەر ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەردىكى پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن باشقا شەھەردىكى پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجى زور بولسا، ياكى ئۆزىنىڭ پېقىر  ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باشقا شەھەردە بولسا، فىتىر سەدىقىسىنى ۋە زاكاتنى شۇ يەرگە بېرىشكە بولىدۇ.

18.        سوئال: بەزى كىشىلەر  فىتىر سەدىقىسىنى  باشقا شەھەردىكى ئۆزى تونۇيدىغان پېقىرلارغا بېرىمىز دەپ ساقلاپ ئۇنى ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق قىلسا فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى ياكى زاكاتنى بېرىش دېگەنلىك ئۇنى ھەقلىق بولغان كىشىگە ياكى ئۇنى توپلايدىغان ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى يوقسۇللارنىڭ ئۆزىگە ياكى ئۇنى توپلاپ تارقىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس ئورگانغا ياكى توپلاپ تارقىدىغان شەخسلەرگە تاپشۇرۇپ بولغان كىشىدىن بۇ سەدىقە ئادا تاپقن بولىدۇ. ئەگەر  روزا ھېيت نامىزىدىن كېچىكىپ قالسا، فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپمايدۇ.

19.        سوئال: بەزى كىشىلەر فىتىر سەدىقىسىنى يىراقتىكى پېقىرلارغا بېرىش ئۈچۈن ئايرىغان بولسىمۇ، ئۇنى ۋاقتىدا يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن باشقا بىر ئۆيگە ئاچىقىپ قويۇپ ھېيتتىن كېيىن ئەۋەتىدۇ. بۇ جائىزمۇ؟

20.       جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى ئۆيىدىن چىقىرىپ باشقا بىر ئۆيدە ساقلاپ يېتىش ئۇنى ئادا قىلغانلىققا ياتمايدۇ. ئەگەر ئۇنى روزا ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى يوقسۇللارغا بېرىۋەتمىسە، فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپمايدۇ.

21.         سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى ياكى زاكاتنى يوللاردا، بازارلاردا، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا، ماشىنا توختىغان ئىشارەتلەردە تىلەيدىغانلارغا بېرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: يۇقىرىقى جايلاردا تىلەيدىغانلار تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان بايلاردۇر. ئۇلارنى يوقسۇل دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن زاكات ياكى فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپمايدۇ.

22.        سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى سورىغانلانلارغا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: سورىغانلار ئەگەر تىلەمچىلىكنى كەسپ قىلىۋالغانلار ئەمەس، بەلكى ئېھتىياجى يۈزىسىدىن سورىغان ئۆزىگە تونۇشلۇق پېقىرلار بولسا، فىتىر سەدىقىسىنى ئۇلارغا بەرسە بولىدۇ. ھەتتا  ئەھۋالىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئەگەر يوقسۇل دەپ پەرەز قىلىنسا، تىلەمچى بولمىسا، ئۇلارغا بەرسە ئادا تاپىدۇ.

23.        سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى  ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۆتمۈشلەردە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى يوقسۇللۇقتا بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان ئەھۋالدا بولغانلىقتىن، بىراۋ ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى باشقا بىرسىگە بېرىپ، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى قوبۇل قىلسىمۇ ئۇلار ئۆزرىلىك سانىلاتتى. چۈنكى ھەممە دېگۈدەك پېقىرچىلىقتا ئىدى. ئەمما ھازىر ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. كىشىلەر بېيىدى. شۇڭا مۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسى پېقىرلارنىڭ ھەققىدۇر.

24.       سوئال: بىراۋنىڭ ئىككى دۆلەتتە ئىككى ئائىلىسى بولسا، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئۆزى تۇرغان دۆلەتتە فىتىر سەدىقىسىنى بېرەمدۇ ياكى ھەر ئىككى ئائىلە ئۆز ئالدىغا بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ھەربىر ئائىلە  فىتىر سەدىقىسىنى ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى پېقىرلارغا بەرسە ئەۋزەل. ئەمما ئەگەر پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيگۇن بولسا، ئىككى ئائىلىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بىر ئائىلىدىن بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى يوقسۇللارنىڭ مەنپەئەتدۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسى پېقىرلارنىڭ ھەققىدۇر.

25.         سوئال: بىراۋ باشقا بىر شەھەردە ياشايدىغان بولۇپ، فىتىر سەدىقىسىنى ئۆز يۇرتىدىكى پېرقىلارغا بەرمەكچى بولسا، قايسى شەھەردىكى مىقدارنى ھېسابلايدۇ؟

جاۋاب: بۇ مەسىلىدىمۇ پېقىرلارنىڭ مەنپەئىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۆزى تۇرغان دۆلەتتىكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بويىچە بېرىدۇ. ئەگەر ئۆزى تۇرغان دۆلەتتىكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارىدىن  ئاز بولسا، پېقىرلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولسۇن ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى مىقدارنى ھېسابقا ئالىدۇ.

26.        سوئال: بىراۋ ئىككى دۆلەتتە تۇرسا،  فىتىر سەدىقىسىنى قايسى دۆلەتتە بېرىدۇ؟

جاۋاب: ئۇ كىشى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە قايسى دۆلەتتە بولغان بولسا، فىتىر سەدىقىسىنىمۇ شۇ دۆلەتتە بېرىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسى پەرز بولغان دۆلەت شۇ دۆلەتتۇر. ئەگەر  فىتىر سەدىقىسىنى رامىزاننىڭ بېشىدا ياكى ئوتتۇرىلىرىدا بېرىۋەتكەن بولسا، بۇ باشقا مەسىلە. مەيلى قايسى دۆلەتكە بەرگەن بولسۇن، ئادا تاپقان بولىدۇ.

27.        سوئال: بىراۋنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ، ھەممىسى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ۋە  بالىلىرى بار بولۇپ، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا بىرگە ياشىغان ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى بىر خىل بولسا، ئاتىسى ھەممە بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەسلىدە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى ئۆزلىرى ئادا قىلىشى لازىم. ئەمما ئۇلار ھەممىسى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە بولۇپ، تۇرمۇشى ئورتاق بولغانلىقتىن، ئاتىسى ھەممىسى ئۈچۈن بېرىۋەتسىمۇ ئادا تاپىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئايرىم ئۆيدە مۇستەقىل ياشىغان بولسىمۇ، ئەگەر پېقىر بولسا، ئۇلارنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى  ئاتىسى بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بالىلىرى بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا خەۋەر قىلىپ قويۇش لازىم. بۇ نىيەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش بىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەت نىيەتسىز قوبۇل بولمايدۇ.

28.        سوئال: بىراۋ ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بىر ئادەمگە بەرگەن بولسا، سەدىقىنى ئالغان بۇ ئادەمدە ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قولىدىكى شۇ سەدىقىدىن باشقا پۇل بولمىسا، ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن شۇ پۇلنى باشقىسىغا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب:  ئەگەر ئۆزى پېقىر بولسا شۇنداق قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ پېقىر بولغانلىقى سەۋەبلىك فىتىر سەدىقىسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بېرەي دېسە باشقا پۇلى يوق. شۇڭا ئۆزىگە بېرىلگەن فىتىر سەدىقىسىنى باشقا بىرسىگە ئۆزىدىن فىتىر سەدىقە قىلىپ بەرسە بولىدۇ. ئەمما ئۇنى ئالغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە بەرسە ياخشى بولمايدۇ.

29.        سوئال: بىراۋ پېقىر بولمىسىمۇ بىرى ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسى بەرگەن بولسا، ئۇنى قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: سەدىقىگە مۇھتاج بولمىغان ئادەم ئۆزىگە بېرىلگەن فىتىر سەدىقىسىنى ياكى زاكاتنى ئالماسلىقى لازىم. ئەگەر ئېلىپ قويغان بولسا، ئۇنى سەدىقىگە مۇھتاج بولغانلارغا بېرىۋېتىشى لازىم. چۈنكى ئۆزى يوقسۇل بولمىغان ئىكەن، سەدىقە ئۇنىڭغا جائىز ئەمەس.

30.   سوئال: بىراۋنى پېقىر دەپ ئويلاپ فىتىر سەدىقىسىنى ئۇنىڭغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ئەسلىدە فىتىر سەدىقىسىنى بېرىشتە ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغانلارنى ئېنىقلاپ، تېپىپ شۇلارغىلا بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. سەدىقىنى بەرگۈچى بىراۋنى پېقىر دەپ تونۇپ ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن، بۇ سەدىقىنى ئالغۇچىنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، سەدىقىنى بەرگۈچىنىڭ بەرگەن ۋاقتىدىكى ئۇنى پېقىر دەپ بىلگەن ئېتىقادى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ بەرگەن بۇ فىتىر سەدىقىسى جائىزدۇر. بۇنداق سەدىقە ئادا تاپىدۇ.

31.        سوئال: ئالدىنقى يىلنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن ئادەم بۇ يىلقىسى بىلەن بىرگە بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ئالدىنقى يىلنىڭ بېرىلمىگەن فىتىر سەدىقىسى كىشىنىڭ گەردىنىدە قالغان بولىدۇ، ئۇنى چوقۇم بېرىشى لازىم. بۇ يىلقىسى بىلەن قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇ يىلقىسى بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇ يىلقىسىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش كېرەك. ئەمما ئالدىنقى يىلنىڭكىسىنى قايسىبىر ۋاقىتتا بېرىۋەتسە بولىدۇ.

32.         ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ئادەم قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقانلارنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت، پېقىرلارغا تائام بولۇش ئۈچۈن بۇيرۇغان. ئۇنى روزى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى بەرسە فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، نامازدىن كېيىن قالسا ئادەتتىكى سەدىقىغا ھېسابلىنىدۇ»[6].

   بۇ ھەدىسقا بىنائەن، فىتىر سەدىقىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ئۇنى پېقىرلارغا سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەدىقىنىڭ ساۋابىنى تاپقان بولىدۇ.

33.        سوئال: فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىراۋنى ئۆزىدىن ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردە فىتىر سەدىقىسىنى كىشىلەردىن يىغىپ پېقىرلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مەخسۇس جەمئىيەتلەر بار، ھەتتا مەسجىدلەردىمۇ يىغىدىغان كومىتېتلەر بار. شۇلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەمما پېقىرلارغا يەتكۈزۈپ بېرەمدۇ ياكى ئۆزلىرى بىرلىشىپ يەپ كېتەمدۇ؟ بۇنى ئېنىقلاپ كۆرۈپ ئاندىن بېرىش لازىم. چۈنكى ھازىرقى كۈندە، دىننى سايە قىلىپ تۇرۇپ قويمىچىلىق قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

34.       سوئال: بىراۋ فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلغان بولۇپ، ۋەكىل بولغان ئادەم ئۇنى پېقىرلارغا يەتكۈزمىگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەكىل بولغان ئادەم ئىشەنچلىك ۋە ئەقلى جايىدا بولغان بىرى بولسا، ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسىنى تاپشۇرغان ئادەمدىن ساقىت بولغان بولىدۇ. گۇناھ ئۇنى پېقىرلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمىگەن ۋەكىلغا بولىدۇ. ئەگەر ۋەكىل قىلىنغان ئادەم كىچىك بالا ياكى ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىغان بىرسى بولسا، بۇ ۋاقىتتا گۇناھ ۋەكىل قىلغان ئادەمگە بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى قايتا بېرىشى لازىم كېلىدۇ.

35.        فىتىر سەدىقىسى پېقىرغا بېرىلگۈچە ئارىلىقتا يوقاپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: بۇ ۋاقىتتا فىتىر سەدىقىسىنى قايتا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ھەقلىق بولغان كىشىگە يەتمىگەن سەدىقە ياكى زاكات ھەرگىز  ئادا تاپمايدۇ.

36.        سوئال: بىراۋ باشقا بىرسىدىن سورىماي ۋە خەۋەردارمۇ قىلماي ئۇنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويسا ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىبادەتتۇر. ئىبادەتلەر نىيەت قىلماستىن ئادا بولمايدۇ.

37.        سوئال: فىتىر سەدىقىسى ۋە زاكات بەلگىلەنگەن مىقداردىن كەم – زىيادە قىلىنسا ئادا بولامدۇ؟

    جاۋاب: بەلگىلەنگەن فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئەڭ ئاز مىقدار بولۇپ، بۇ مىقدارلاردىن ئاز بېرىلسە قەتئىي ئادا بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قانچىلىك كۆپ بېرىلسە شۇنچىلىك كۆپ ساۋاپ ۋە بەرىكەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ماۋزۇنى «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق بىر مىسال بىلەن بايان قىلغان: «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ ( سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تىكىلىپ) 7 باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دىن دان تۇتقان بىردانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ( ساۋاپ ۋە بەرىكەت) بېرىدۇ»[7]. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «%2.5 نىلا زاكات بېرىمەن دېگۈچىلەرنىڭ زاكىتى بېخىللارنىڭ زاكىتىدۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

38.         سۇئال: ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ ئۆزى مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىگە فىتىر سەدىقىسى بېرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ياكى پايدىلىنالمىغان ۋە پېقىرلىققا قالغان كىشىگە فىتىر سەدىقىسى بېرىش جائىزدۇر. شۇنىڭدەك، ئېرى باي بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان ئايال كىشىگىمۇ بېرىش جائىزدۇر.

39.         سۇئال: بالىسى باي بولسىمۇ ئۆزى مۇھتاجلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكات بېرىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: بالىسى باي بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە پېقىرلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكاتتىن بېرىش جائىزدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى بالىسىنىڭ بايلىقى ئېتىبارى بىلەن باي، ئەمما ئۆزىنىڭ مۇھتاجلىقى ۋە بالىسىنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇملىقى ئېتىبارى بىلەن پېقىرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

40.        سۇئال: فىتىر سەدىقىسى ئالغۇچى پېقىرنىڭ تەقۋا، دىيانەتلىك كىشىلەردىن بولىشى شەرتمۇ؟

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى ئېلىشقا ھەقلىق بولۇشنىڭ شەرتى مۇسۇلمان ۋە ئېھتىياج ئىگىسى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما فىتىر سەدىقىسى ئالغۇچىنىڭ تەقۋا ياكى پاسىق بولۇشى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ فىتىر سەدىقىسى ئالغان پۇل- مالنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، نەشە ياكى تاماكا چېكىشكە ئوخشاش ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسى بېرىشى توغرا  ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ-مەئسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.

[1] بىر سا_ ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، 3250 گرامغا تەڭ، 2751 گراممىغا تەڭ دېگەنلەرمۇ بار، «سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا ھەيئىتى» تەخمىنەن ئۈچ كىلوغا تەڭ بەلگىلىگەن.
[2] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] ئەبۇداۋۇد، ئىبىن ماجە ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
[5] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[6] ئەبۇداۋۇد، ئىبىن ماجە ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
[7] بەقەرە سۈرىسى 261- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار