ئايەتۇلكۇرسى

ئايەتۇلكۇرسى

 اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ

تەرجىمىسى

255 _ بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر. ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلىمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ كۇرسى([1]) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرىدۇ، ئاسمان _ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.

تەپسىرى

ئاللاھ تائالادىن باشقا ئېتىقاد قىلىشقا، ئىبادەت قىلىشقا ۋە بويسۇنۇشقا ھەقلىق بولغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. دۇنيادا كىشىلەر تەرىپىدىن تىكلىۋېلىنغان ساختا ئىلاھلار كۆپ، ئەمما ھەقىقىي ئىلاھ پەقەت بىرلا ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالا مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بولغان، ھېچ ئۆلمەيدىغان، ھەمىشە تىرىك تۇرىدىغان، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان، ئاسمان _ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ۋە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان، چارچاپ قالمايدىغان، مۈگدەپ قالمايدىغان، ئۇيقۇ ۋە ھارغىنلىق باسمايدىغان، تەڭداشسىز كۈچ _ قۇدرەتكە ئىگە، يەككە _ يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا خالىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى قۇدرەتلىك زاتتۇر. ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم ھېچكىمگە شاپائەت ۋە ياردەم قىلالمايدىغان بۇ كۈندە مەخلۇقاتلار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلغۇچى زات بولۇپ، ئاسمان _ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق ئالەملەرنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرى ئۇنىڭغا ھېچ ئېغىر كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قۇدرىتى چەكسىز، ئىلىم _ ھېكمىتى مول، مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يېگانە ئىلاھتۇر.

ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ئەبۇ مۇنزىر ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مەندىن «ئى ئەبۇ مۇنزىر! ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت قايسى؟» دەپ سورىدى، مەن «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ئى ئەبۇ مۇنزىر! ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت قايسى؟» دەپ سورىدى، بۇ چاغدا مەن « )اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ( دۇر» دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيدەمگە ئۇرۇپ قويۇپ: «ئىلىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئى ئەبۇ مۇنزىر!» ([2]) دېدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى رامىزاندا فىتىر سەدىقىسى ھېسابىغا يىغىلغان ئاشلىقنى ساقلاشقا قويغان ئىدى. بىر كېچىسى نامەلۇم بىر ئادەم كېلىپ، ئاشلىقتىن ئالغىلى تۇردى. مەن ئۇنى دەرھال تۇتۇۋالدىم، ئاندىن ئۇنىڭغا «سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن» دېۋىدىم، ئۇ «مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى مەن ھاجەتمەن ئادەم، مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئاشلىققا زور ئېھتىياجى بار» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى قويۇپ بەردىم. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن: «ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! كېچە سەن تۇتۇۋالغان ئادەمنى قانداق قىلدىڭ» دەپ سورىدى. مەن «يارەسۇلۇللاھ! ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ قاتتىق موھتاجلىقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قويۇپ بەردىم» دېۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ يەنە كېلىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنە كېلىدۇ دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى چوقۇم كېلىدۇ دەپ، ئۇنى ماراپ تۇردۇم. راست دېگەندەك ئۇ يەنە كېلىپ ئاشلىقتىن ئالغىلى تۇردى. مەن ئۇنى يەنە تۇتۇۋالدىم. ئۇنىڭغا «ئەمدى سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمەن» دەپ چىڭ تۇردۇم. ئۇ ماڭا يالۋۇرۇپ، «مېنى قويۇۋەتكىن، مەن راستتىنلا موھتاج ئادەم، ئائىلەمنىڭ ئاشلىققا زور ئېھتىياجى بار» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن يەنە ئۇنى قويۇپ بەردىم. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن يەنە «كېچە سەن تۇتۇۋالغان ئادەمنى قانداق قىلدىڭ» دەپ سورىدى. مەن يەنە ئەينى جاۋابنى بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ ساڭا يالغان ئىيتىپتۇ، ئۇ يەنە كېلىدۇ» دېدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇنى يەنە ئاشلىق ئېلىۋاتقان چېغىدا تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا «مەن سېنى ئۈچ قېتىم تۇتۇۋالدىم، سەن كەلمەيمەن دەپ قويۇپ يەنە كەلدىڭ، ئەمدى مەن سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا چوقۇم ئېلىپ بارىمەن» دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدىم. ئۇ «سەن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ساڭا پايدىلىق بىر سۆزلەرنى ئۆگىتىپ قوياي» دېدى. مەن «قايسى سۆزلەر ئۇ؟» دېۋىدىم. ئۇ ماڭا: «إِذَا أَوَيْتَ إِلَى فِرَاشِكَ فَاقْرَأْ آيَةَ الكُرْسِيِّ، لَنْ يَزَالَ عَلَيْكَ مِنَ اللَّهِ حَافِظٌ، وَلاَ يَقْرَبُكَ شَيْطَانٌ حَتَّى تُصْبِحَ» يەنى «سەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايەتۇلكۇرسىنى ئوقۇغىن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ساڭا بىر پەرىشتە ھەمراھ بولۇپ، سېنى بارلىق خەتەرلەردىن قوغدايدۇ ۋە تاڭ ئاتقۇچە ساڭا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ» دېدى. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن «ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! كېچە سەن تۇتۇۋالغان ئادەمنى قانداق قىلدىڭ» دەپ سورىدى. مەن «ئۇ ماڭا پايدىلىق سۆزلەرنى ئۆگىتىپ قويغان ئىدى، ئۇنى قويۇپ بەردىم» دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مەندىن «قايسى سۆزلەركەن ئۇ؟» دەپ سورىۋىدى. مەن «ئۇ « )اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ(  دېگەن ئايەتۇلكۇرسىدۇر» دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا «ئۇ يالغانچى تۇرۇپ ساڭا راست گەپ قىلىپتۇ. ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن ئۈچ كېچىدىن بېرى كىم بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ ئۇ شەيتان ئىدى»([3]) دېدى.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. يۇقىرىقى ئايەت «ئايەتۇلكۇرسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئايەتۇلكۇرسى «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ 18 ئىسىمى بايان قىلىنغان. بۇ ئايەت 50 سۆز ۋە 15 جۈملىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي قۇدرىتى، ئېسىل سۈپەتلىرى، ئۇلۇغ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان.

2. ئايەتۇلكۇرسىنى ھەربىر پەرز نامازدىن كېيىن ۋە ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇش مۇستەھەب ئەمەللىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ پەزىلىتى چوڭ، پايدىلىرى كۆپتۇر.

(1) كۇرسى __ «ئورۇندۇق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. («أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» 1- توم، 245 _ بەت).
(2)«صحيح مسلم» 1-توم، 556-بەت، 810-ھەدىس.
(3) «صحيح البخاري» 4-توم، 123-بەت، 3275-ھەدىس.

مەنبە: (تەپسىر جەۋھەرلىرى) 1- توم.