ئاللاھ تائالا ياردەم قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان مۇئمىنلەر

ئاللاھ ياردەم قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان مۇئمىنلەر
إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ (38) أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا وَإِنَّ اللَّهَ عَلَى نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ (39) الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ (40) الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ (41)

 تەرجىمىسى

38 _ ئاللاھ (ھەقىقىي) مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق خىيانەتچى، تۇزكور بەندىنى ھەرگىز دوست تۇتمايدۇ.

39 _ ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.

40 _ ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن توسۇپ تۇرمىسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

41 _ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلار شۇنداق كىشىلەركى، ئەگەر بىز ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدۇ، زاكات بېرىدۇ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

تەپسىرى

شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپ، شۇ ئىمانىغا لايىق ياشىغان ۋە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى ئاللاھ تائالا چوقۇم قوغدايدۇ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە سۇيىقەستلىرىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر. شۇمۇ ئېنىقكى، ئاللاھ تائالا ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغان، ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، سۆزىدە تۇرمايدىغان، نېمەت بەرگۈچىگە شۈكۈر قىلمايدىغان، ياخشىلىققا تۇزكورلۇق قىلىدىغان رەزىل مەخلۇقلارنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ، مۇنداقلارنى ھەرگىز دوست تۇتمايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان، بۇتلارغا، مازارلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان مۇشرىكلارنىمۇ ئەلۋەتتە ياقتۇرمايدۇ.

ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەككە دەۋرىدە، مۇسۇلمانلار ئىنتايىن ئاجىز، سانى ئاز ئىدى، مەككىلىك مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى، مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە گاھ تىلى بىلەن، گاھ قولى ۋە ھەرىكىتى بىلەن كۆپ ئەزىيەتلەرنى قىلاتتى. ھەتتا بەزىدە ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ مۇشرىكلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن شىكايەت قىلاتتى. ئەھۋال شۇنداق داۋاملىشىۋەردى. بۇ ئارىدا مۇشرىكلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى، مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ بەك بوزەك قىلىدىغان، تېخىمۇ خورلايدىغان، خالىغانچە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ ئازاب _ ئوقۇبەتلەرگە چىداپ بولالمىغان مۇسۇلمانلار ئاۋۋال ھەبەشىستانغا (ھازىرقى ئېفىئوپىيەگە)، ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بەرپا قىلدى. ئەمما مەككىلىك مۇشرىكلار مەدىنىگە ۋە ھەبەشىستانغا كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆي _ ۋارانلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مال _ مۈلۈكلىرىنى تالان _ تاراج قىلىپ، بالىچاقىلىرىنى قاتتىق قىيىن _ قىستاقلارغا ئالغىلى تۇردى. مەدىنىدە بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئاڭلاپ تۇرغان ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ بۇ جەۋر _ زۇلۇملىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەكرار _ تەكرار ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بىر ئەمر _ پەرمان بولمىغۇچە ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى ۋە سەۋر قىلىش لازىملىقىنى ئېيتاتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىدە: ﱡھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندىﱠ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۇرۇش ئاچقان كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرەپتىن رەسمىي رۇخسەت كەلگەن بولدى.

 ئۇرۇش قىلىش ئىسلام دىنىدا ئەڭ ئاخىرقى چارە بولۇپ، ئىسلام دىنى مەسىلىنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا قويىدۇ. مۇسۇلمانلار بىكاردىن بىكارغا ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەمەس، چۈنكى مەككىلىك مۇشرىكلار ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان، مال _ مۈلۈكىنى تالان _ تاراج قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بالىچاقىلىرىنى ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە ئازابلىغان بولۇپ، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى تامامەن ھەقلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى كۈتتى، سەۋر قىلدى، ساھابىلىرىنىمۇ سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى. ئاخىرى زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئاللاھ تائالا رەسمىي رۇخسەت بەردى. ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىشقا ۋە ئۇرۇشسىزمۇ ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشكە قادىردۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتائەتچانلىقىنى سىناش، ئۇلارنىڭ ھەق يولىدا قان _ تەر ئاققۇزۇپ ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرەتنىڭ كاتتا مۇكاپاتلىرىغا سازاۋەر بولۇشىنى خالىغانلىقتىن، ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ۋە تائەت _ ئىبادەت ئۈچۈن جاپا چېكىشكە بۇيرۇغان. ئەڭ مۇھىمى بۇ سىناق دۇنياسىدا ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنى ۋە ساداقىتىنى سىناپ كۆرۈشنى خالىغان.

ئاللاھ تائالا بۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: ﴿ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى﴾ دېگەن. توغرا، ئۇلار «بىزنىڭ رەببىمىز پەقەت ئاللاھ تائالادۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. بۇرج سۈرىسىدىكى بىر ئايەتتە: «(ئۇ زالىملار) مۇئمىنلەردىن پەقەت ئۇلارنىڭ غالىب، مەدھىيەگە لايىق، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى»([1])  دەپ كەلگەن.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىدىن، شۇنداقلا مۇئمىنلەرنى جىھادقا ئۈندىگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمەڭلار. ئەگەر ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنى زالىم كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولسا ئىدى، دۇنيانى يولسىزلىق ۋە جەۋر _ زۇلۇم قاپلىغان، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئورۇنلار يەر يۈزىدىن يوق قىلىنغان، خىرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىدىغان مەسجىدلىرى ئاللىبۇرۇن يەر بىلەن يەكسان بولغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ئەلۋەتتە ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە ھەممىگە قادىردۇر. ھېچقانداق بىر كۈچ ئۇنى يېڭەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم قىلىش قانداق بولىدۇ؟

ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ئەمەل قىلىش، ئىخلاس قىلىش ۋە بۇ دىنغا ھەقىقىي تەۋە بولۇش، ئاللاھ تائالاغا ئەمەلىي رەۋىشتە ئىتائەت، ئۇنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا تولۇق ئەمەل قىلىش، دىننى بار كۈچى بىلەن قوغداش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. ئۇ كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئەمەس. ئىسلام دىنىنى شۇنداق مۇستەھكەم تۇتۇپ ماڭغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. بۇ شەك قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھقا (ئۇنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (جىھاد مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىدۇ»([2]) .

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئوچۇق ۋە ئېنىق بايانلىرىدىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، قايسى يۈزىمىز بىلەن«ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلمىدى» دىيەلەيمىز؟ بىز ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان شەكىلدە مۇئمىن بولالىدۇقمۇ؟ بىز راستتىنلا ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم قىلدۇقمۇ؟ ياق! بىز پەقەت «مۇسۇلمان»دېگەن ئىسىم بىلەنلا بۇ دىنغا ئۆزىمىزنى مەنسۇپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما ئىسلامنىڭ روھى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرى كۆپىنچە ئىشلاردا كىتاب يۈزىدىلا قالغان. ئاللاھ تائالانىڭ «بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز»([3])  دېگەن سۆزى بىزدە تولۇق مەنىسى بىلەن ئىپادىسىنى تاپماقتا.

بىز مۇسۇلمانلاردا رىياكارلىق ئىللىتى شۇنچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكەنكى، بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى شەكىلۋازلىقتىنلا ئىبارەت بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىخلاس ۋە قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش دېگەنلەر بىزدە يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزگىچىلىكلەر ۋە خىسلەتلەرنى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلاردىن تېپىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ قالغان. شۇڭا بىزنىڭ ھالىمىز خاراب، تەلىيىمىز كاج بولۇپ كەلمەكتە.

ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان مۇئمىنلەر يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىنسا، ئۇلار تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى تولۇقى بىلەن ئورۇندايدۇ:

1. بەش ۋاخ نامازنى پۈتۈن شەرتلىرى ۋە قائىدە _ تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا، ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ. چۈنكى ناماز ئىسلام دىنىدا ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان بىرىنچى ئىبادەت ۋە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كۈنلۈك پەرزدۇر. ناماز بەندە بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئۇ نەپسنى پاكلايدىغان، روھنى يۈكسەلدۈرىدىغان، تەرتىپ ۋە ئىنتىزامنى ئۆگىتىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەتتۇر. «شەكسىزكى، ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ». ([4])  قىسقىسى، ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئىبادەتنىڭ بېشىدۇر.

 بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، «ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ناماز ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئەخلاقى تۈزەلمىگەن، بىرىنى ئالدايدىغان، بىرىگە قارا چاپلايدىغان، بىرىگە ئەزىيەت بېرىدىغان مۇسۇلمانلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، ئۇلارنى ناماز نېمىشقا يامان ئىشتىن توسالمىدى؟» بىز دەيمىزكى، نامازنى ئوقۇپ قويغانلىق ھېساب ئەمەس، بەش نامازغا مەسجىدكە بېرىپ مەسجىدنى تولدۇرغانلىق ھېساب ئەمەس، ناماز ئوقۇغۇچىلار نامازنى ئادا قىلىشتىكى مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە قاراپ نامازدىن مەنپەئەت ئالالايدۇ. بەزى كىشىلەر ناماز ئوقۇپ تۇرۇپمۇ، بۇ نامازدىن قىلچە نەپ ئالالمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئادەملەر پۇل _ مېلىنىڭ ھېساباتىنى، بىراۋلاردىن قانداق ئۆچ ئېلىشنى، بىرلىرىنى قانداق ئالداپ پۇلىنى ئېلىۋېلىشنى، يەنە نۇرغۇنلىغان يامان غەرەزلەرنى نامازغا تۇرغىنىدا پىلانلايدۇ، ھەتتا ئۇلار ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئىمامنىڭ قايسى سۈرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭقىرالماي نامازنى تۈگىتىدۇ. مۇنداق ئوقۇلغان ناماز كىشىنى قانداقمۇ يامان ئىشتىن توسالىسۇن؟ بۇ ناماز ئۇ كىشىنى نامازنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ يامان خيياللاردىن توسالمىسا، نامازنىڭ سىرتىدا يامان ئىشتىن قانداق توسالىسۇن؟!

نامازدىن مەنپەئەت ئېلىش خۇشۇئ دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ

خۇشۇئ ― نامازدا تۇرغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ۋە ھەيۋىتىدىن ئەيمەنگەن، كۆڭۈلنى ناماز بىلەنلا بەند قىلغان ۋە پۈتۈن پىكىر – خىيالىنى ئاللاھ تائالاغىلا بېغىشلىغان ھالدا، كەمتەرلىك ۋە ھۇشيارلىق بىلەن تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. خۇشۇئ نامازنىڭ جېنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان ناماز ئۆلۈك نامازدۇر. چۈنكى ھەركىمنىڭ نامازدىن ئالىدىغان نېسىۋىسى پەقەت ئۇنىڭدا ئەقلى ئويغاق تۇرغان قىسمى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شۇڭا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «لَيْسَ لَك مِنْ صَلَاتِك إلَّا مَا عَقَلْت مِنْهَا» يەنى «نامىزىڭدىن پەقەت نېمە دېگەن ۋە نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلا ساڭا ھېسابتۇر» دېگەن([5]) .

ناماز ئوقۇغانغا بېرىلىدىغان ساۋاب «خۇشۇئ»غا قاراپ بولىدۇ. ناماز ئوقۇغانلارنىڭ بەزىسى تولۇق ساۋابقا ئېرىشسە، بەزىسى يېرىم ساۋابقا ۋە بەزىسى يېرىمدىنمۇ ئاز ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئەمما نامازدا نېمە ئوقۇلغان ۋە نېمە ئىش قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن ئۇنىڭغا كىرگەن پېتى چىققان كىشى ھېچقانداق ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ، «خۇشۇئ»نى پۈتۈنلەي تەرك ئەتكەن كىشىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «إنَّ الْعَبْدَ لَيُصَلِّي الصَّلاة مَا يُكْتَبُ لَهُ مِنْهَا إلاّ عُشْرُهَا، تِسْعُهَا، ثُمُنهَا، سُبعها، سُدُسها، خمُسُها، رُبعهَا، ثُلُثُهَا نصفها» يەنى «بەندە ناماز ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان ساۋاب يا ئوندىن بىرى، يا توققۇزدىن بىرى، يا سەككىزدىن بىرى، يا يەتتىدىن بىرى، يا ئالتىدىن بىرى، يا بەشتىن بىرى، يا تۆتتىن بىرى، يا ئۈچتىن بىرى، يا يېرىمىدۇر»([6]) .

2. ئۇلار زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. زاكات مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ئىبادەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىشنىڭ يولى ئۆزئارا ياردەملىشىش، بىر _ بىرىنىڭ يۈكىنى بىللە كۆتۈرۈش، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشتىن باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان زاكات بۇ مەقسەت بىلەن بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىككىنچى چوڭ ئىبادەتتۇر.

زاكات بەرگۈچى ئۇنى ئالغۇچىغا مىننەت قىلماستىن، تەكەببۇرلۇق قىلماستىن، كۆرەڭلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەرزنى ئادا قىلدىم دېگەن ئېتىقادتا بېرىدۇ ۋە ئالغۇچىمۇ ئۆزۈمنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ئالدىم دېگەن ئېتىقادتا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئىيەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە شۇنداق ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئارقىلىق دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق ئاشىدۇ.

 ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەق دىنىدىن، ئۇنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن نۇرلۇق شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، تەڭسىزلىكنى يوق قىلىش دەۋاسى بىلەن سوتسىيالىزمنى تەجرىبە قىلىپ كۆردى. ئەمما سوتسىيالىزمدا بايلار كەمبەغەللەرگە، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەللەرگە ئايلاندى. خەلقنىڭ پۇل _ مېلى ۋە ۋەتەننىڭ بايلىقى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قىرغۇچ قوراللارنى سېتىپ ئېلىشقا ياكى ياساشقا كەتتى. خەلق بىر نانغا زار بولدى. سوتسىيالىستىك تۈزۈم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىنسانلار چىقىش يولى ئىزدەپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس دىنىغا ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىگە قايتىشقا باشلىدى. شۇڭا ھازىر دۇنيادا ئادەم سانى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان ۋە كىشىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان دىن ئىسلام دىنى بولۇپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ بارلىق كاپىرلىرى بۇ دىننىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دىنى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسلامغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى ئارتىپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ كۆزىگە مۇسۇلمانلارنى يامان كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغدىغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىردۇر، كاپىرلارنىڭ رەزىل پىلانلىرىنى خۇددى ئۆتمۈشلەردە بەربات قىلغاندەك بەربات قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.

4.3. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنىڭ ۋە يوللۇق تەنقىد قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەركىم ئۆز دەردىنىلا ئويلايدىغان ۋە ھەممە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش كويىدا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، مۇسۇلماننىڭ رولى چوڭ ۋە ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن باشقىلارنىڭمۇ غېمىنى يەيدۇ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە زىيان ۋە پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن توسىدۇ ۋە ئۇلارغا بارچە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولىدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە كۈچ _ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. چۈنكى كۈچ _ قۇۋۋەت ئىناقلىقتىن تۇغۇلىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىدا ھەركىمگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئورۇندىشى پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن «ئەمر _ مەرۇپ، ۋەز _ نەسىھەت» يەنى (كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش) ھۆرىيەتنىڭ جاكارچىسىدۇر. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، ياخشىلىقنى تەرغىب قىلىپ، يامانلىقنى سۆكۈش ۋە تەنقىدلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ھۆرىيەت باشقىلار دەۋا قىلغاندەك قەيتسىز ۋە چەكسىز ھۆرىيەت ئەمەس. بەلكى مەلۇم ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۆرىيەتتۇر. بۇ خۇددى بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى قوغدىشى، ھىمايە قىلىشى، بىر _ بىرىگە يول كۆرسىتىشى، خاتالىقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى قاتارلىق ئىشلىرىغا ئوخشاشتۇر.

«ئەمر _ مەرۇپ، ۋەز _ نەسىھەت» ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە بىرلىكى گۈللەپ ياشنايدۇ. بۇزغۇنچىلار ۋە دۈشمەنلەر ئۇلارنى پارچىلاش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماستىن مەغلۇپ بولىدۇ. قاچانىكى بىرەر جەمئىيەتتە، «ئەمر _ مەرۇپ، ۋەز _ نەسىھەت» ئىشلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدىكەن، بۇنداق جەمئىيەتمۇ ئاجىزلىققا ۋە زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ تارىختىكى مەشھۇر دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ، پارچىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ئەمر _ مەرۇپ، ۋەز _ نەسىھەت»نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر _ بىرىنى توسمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!»([7]) .

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم قىلغانلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، زاكاتنى تولۇق بېرىدىغان، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان مۇئمىنلەرنى ئەلۋەتتە قوغدايدۇ. قانداقلا بىر ئۈممەت بۇ تۆت ئاساسنىڭ بىرەرسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، ئۇنداق ئۈممەت ئۆزىنى خار ۋە زەبۇنلۇققا ئىتتىرگەن بولىدۇ.

مەلۇمكى، بىز مۇسۇلمانلار جەمئىيەتنىڭ راۋاج تېپىش يولىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولغان مەزكۇر تۆت ئىشنىڭ كۆپلىرىنى زايە قىلىۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، خورلۇققا، ئېزىلىشكە ۋە بوزەك قىلىنىشقا مەھكۇم بولدۇق، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىمىز تۆۋەنلەپ ھەيۋىتىمىز يوقالدى، كۈچ _ قۇدرىتىمىز ئازىيىپ، دۈشمەنلىرىمىزگە بېقىندى بولۇپ قالدۇق. بىزنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش ۋە بۇ ئىككى مەنبەگە چىڭ ئېسىلىشتىن باشقا يولىمىز يوقتۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغانلىقى ھەقتۇر.

2. ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان گۇناھ خىيانەتتۇر. ئاللاھ تائالا خائىنلارنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ.

3. جىھاد ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇيرۇلغان.

4. ھەق دىننى چىڭ تۇتقان ۋە ئۇنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر.([1])  بۇرۇج سۈرىسى:8 _ ئايەت.
([2])  مۇھەممەد سۈرىسى:7 _ ئايەت.
([3])  سەبەئ سۈرىسى:13 _ ئايەت.
([4])  ئەنكەبۇت سۈرىسى:45 _ ئايەت.
([5]) «مجموع الفتاوى لابن تيمية» 7-توم 31-بەت.
([6])  «مسند الإمام أحمد» 31- توم 18-بەت 18894 –ھەدىس.
([7])  مائىدە سۈرىسى:79 _ ئايەت.