مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا كىيىنىش قائىدىسى

مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا كىيىنىش قائىدىسى
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا

تەرجىمىسى

59 _ ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (تەقۋادار ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

تەپسىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى. ئۇلار: ئائىشە، ھەفسە، ئۇممۇ ھەبىبە، سەۋدە، ئۇممۇ سەلەمە، مەيمۇنە، زەينەب، جۇۋەيرىيە ۋە سەفىيە قاتارلىقلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ئوغۇل، تۆت قىز، جەمئى يەتتە پەرزەنتى بولغان. ئوغۇللىرى: قاسىم، ئابدۇللاھ، ئىبراھىم، قىزلىرى: فاتىمە، زەينەب، رۇقەييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم قاتارلىق ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن تۇغۇلغان. ئىبراھىمنىڭ ئانىسى مىسىرلىق مارىيە دېگەن ئايال ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدىن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن، بولۇپمۇ ئوغۇللىرى كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ ئۆتكەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئالتە ئاي كېيىن ۋاپات بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق قىلغان، زەينەبنى تاغا ئاچىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىئ دېگەن كىشىگە، رۇقەييەنى ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق قىلغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىكى رۇقەييە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە بىر قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمنى ياتلىق قىلغان. شۇڭا ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «زىننۇرەين» يەنى (ئىككى نۇرغا ئىگە بولغان كىشى) دەپ ئاتالغان.

ئەرەبلەر جاھىلىيەتتە ھەر تەرەپتىن چېكىدىن ئاشقان ئازغۇن قەۋم بولۇپ، كىيىنىشتىمۇ ئىسراپچىلىق، ئوچۇقچىلىق ۋە ھاياسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلاتتى. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن جاھىلىيەتنىڭ بارلىق ناچار ئىللەتلىرىگە تەدرىجىي خاتىمە بېرىلدى. ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئورناشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرىئەت ئەھكاملىرى يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتى تۈپتىن ئۆزگەردى. نەتىجىدە، ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار جەمىئىيىتى بارلىققا كەلدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش، تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىلغار دىندۇر.

ئىسلام دەۋىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مۇنداق ئىككى چوڭ باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى:

 بىرىنچى باسقۇچ: ئىمان ۋە ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بولۇپ، بۇ مەككىدىكى 13 يىللىق ئىسلام دەۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يولغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ مەدىنىدىكى 10 يىللىق ئىسلام دەۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەرىئەت ئەھكاملىرى — ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى، ئائىلە نىزامى، ھالال _ ھارامنىڭ چەك-چېگراسى، يېيىش _ ئىچىش، كىيىنىش، ئېلىم _ سېتىم ۋە مۇئامىلە قاتارلىق ئىشلارنىڭ قانۇن _ پىرىنسىپلىرى دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىسلامنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى تەدرىجىي نازىل بولۇشقا باشلىغان.

ئاللاھ تائالا ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾ دېگەن بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان خانىم – قىزلارنى سىرتقا چىققاندا ياكى يات ئەرلەر بار جايلاردا، ئۈستىگە باش ۋە گەۋدىسىنى يۆگەپ تۇرىدىغان كەڭ ياغلىق ياكى رومال ئارتىۋېلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ، شەرىئەتنىڭ ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئىشنى ئاۋۋال ئۆزنىڭ ئاياللىرى ۋە قىزلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇغان. چۈنكى باشقىلارغا بۇيرۇماقچى بولغان ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىن باشلاش تەربىيەنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر.

بەزى ئۆلىمالار بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئاياللار سىرتقا چىققاندا بېشىدىن ئايىغىغىچە پۈتۈن بەدىنىنى، ھەتتا يۈزىنىمۇ يۆگەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىيىم كىيىۋېلىشى كېرەك، دېسە، بەزىلىرى يۈزنى يۆگەش پەقەت پىتنىگە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بولۇپ قالغاندىلا پەرز بولىدۇ، ئەمما باشقا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يۈزنى يۆگەش پەرز ئەمەس، دەيدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا مۇئمىن ئاياللارنى سىرتقا چىققاندا ۋە يات ئەرلەرنىڭ يېنىدا يۈزى بىلەن ئىككى ئالىقىنىدىن باشقا جىمى بەدىنىنى يۆگەپ تۇرىدىغان، ئازادە كىيىم كىيىشكە بۇيرۇغان. ئەمما ئايال ئۆز ئۆيىدە ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ يېنىدا ئەدەپ _ ئەخلاققا نۇقسان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە قانداق كىيىنسە بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوقتۇر.

مۇسۇلمان ئايالنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇ ھەمىشە ئېسىل، چىرايلىق، تولۇق ۋە ئازادە كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئۇ ھەرگىز جەمئىيەتتە پىتە _ پاسات تېرىشقا، كىشىلەرنىڭ تەمە قىلىشىغا، يامان ئىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان شەكىلدە كىيىنمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېرىم يالىڭاچ كىيىنىدىغان ئاياللارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: «صِنْفَانِ مِنْ أَهْلِ النَّارِ لَمْ أَرَهُمَا، قَوْمٌ مَعَهُمْ سِيَاطٌ كَأَذْنَابِ الْبَقَرِ يَضْرِبُونَ بِهَا النَّاسَ، وَنِسَاءٌ كَاسِيَاتٌ عَارِيَاتٌ مُمِيلَاتٌ، مَائِلَاتٌ رُءُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ الْبُخْتِ الْمَائِلَةِ، لَا يَدْخُلْنَ الْجَنَّةَ وَلَا يَجِدْنَ رِيحَهَا» يەنى «دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغان ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بار. مەن تېخى ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ بىرى، قولىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدىغان قامچىنى تۇتۇۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغانلار، يەنە بىرى، كىيىم كىيىۋالغان بولسىمۇ (تار، نېپىز كىيىۋالغانلىقتىن) يالىڭاچ (يۈرگەندەك) يۈرىدىغان، كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغان، باشلىرىغا تۆگىنىڭ لۇكىسىدەك نەرسىلەرنى كىيىۋالغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ھەرگىز جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ»([1]).

 ﴿بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ئىپپەتلىك ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ﴾ يەنى ئاياللارنىڭ ئىسلامىي قىياپەتتە كىيىنىپ يۈرۈشى ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك ئەزىيەت، چېقىلىش ۋە ئەدەپسىز مۇئامىلىلەردىن، شۇنداقلا بارلىق زىيان _ زەخمەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانچە كىيىنىپ، ئېسىل يۈرگەن ئايالغا ھېچكىم تەگمەيدۇ، ئۇلارغا قارىتا تەمەدە بولمايدۇ، ھەتتا لۈكچەكلەرمۇ ئۇلارغا سۆز قىلىشتىن ھايا قىلىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. مانا بۇ رىئاللىقتا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەمەلىي ئەھۋالدۇر.

ئەمما بىر ئايال ئۆزىنىڭ بەدىنىنى مەلۇم قىلىدىغان شەكىلدە تار ياكى نېپىز كىيىملەرنى كىيىپ ياكى بەدىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە، كىشىلەر ئۇنى چاتاق ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ _ دە، زىناغا ئىشتىھا قىلىۋاتقان يامان نىيەتلىك ئادەملەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ، ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىدۇ، كۆز قىسىدۇ، يولىنى توسىۋالىدۇ، زورىغا سۆز قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىدۇ. مۇنداق يۈرگەن بىر ئايالغا كىشىلەرمۇ ئانچە ھۆرمەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇمۇ رىئاللىقتا دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەمەلىي ئەھۋالدۇر.

بۇ ئايەت ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە تولۇق تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە ۋە قايسى ئەسىردە بولسۇن، ئىش شۇنداقتۇر، يەنى ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە دىندارلىقىنى قوغدىغان ھالدا، دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىگە مۇۋاپىق شەكىلدە، ئىسىل كىيىنىپ يۈرگەن ئايالغا ھەركىمنىڭ ھۆرمەت قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قارىتا ھېچكىم يامان نىيەتتە بولمايدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە شەھۋەت ئوتلىرىنى ياندۇرىدىغان جەلپكار شەكىلدە كىيىنگەن ئايالنى كىشىلەر يامان نىيەتلىك ئايال ئوخشايدۇ، دەپ قالىدۇ _ دە، يامان نىيەتلىك ئەرلەر ئۇنى تەمە قىلىپ قالىدۇ. بۇ، دۇنيانىڭ قايسى يېرىگە بارسا ئۆزگەرمەيدىغان رېئاللىقتۇر.

ئىسلام دىنى ئاياللارنى تولۇق كىيىنىشكە بۇيرۇشتا ئۇلارنىڭ قەدىر _ قىممىتىنى، ئىپپەت _ نومۇسىنى ۋە يۈز _ ئابرۇيىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. مەلۇمكى، ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىدىن ئۇلارغا قىلچە پايدا كەلمەيدۇ، بەلكى بەزىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ كۆڭلىدە يامان غەرەز بار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان شەكىلدە بىنورمال كىيىنىپ سىرتقا چىقىشى دىنىمىزدا زىنا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش زىنانىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن بىرىدۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ئىشلاردا ۋە جىمى پەزىلەتتە مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولغاندەك، ئۇنىڭ ئاياللىرى ۋە قىزلىرىمۇ مۇسۇلمان ئاياللارغا بارلىق ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ خىتابنى ئۇلارغا قارىتىشىمۇ ئۇلارنىڭ بارلىق مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۈلگە ئىكەنلىكى ۋە ئىسلام پەزرلىرىنى ئورۇنداشتا ئۇلارغا يېتەكچى بولسۇن ئۈچۈندۇر.

2.    مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققان چاغلىرىدا ئىسلامىي قىياپەتتە كىيىنىپ، بېشىنى، بوينىنى، كۆكرىكىنى ۋە قۇلاقلىرىغا سالغان زىننەتلىرىنى يۆگەپ چىقىشى پەرزدۇر. («تەپسىر جەۋھەرلىرى» دىن ئېلىندى).

([1]) «صحيح مسلم»4 – توم 2192 – بەت، 2128- ھەدىس.