بەييىنە سۈرىسى

بەييىنە سۈرىسى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى»ناملىق تەپسىردىن ئېلىندى).

 بەييىنە سۈرىسى مەدىنىدە نازىل بولغان، 8 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، مۇشرىكلاردىن ۋە ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارغا رەددىيە بېرىش، ھەق پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى بايان قىلىش، كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلارنىڭ جازاسىنى ۋە ئىمان ئېيتىپ ھەق دىنغا ئەگەشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ھەق دىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە مۇكەممەللىكى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بىرىنچى ئايەتتىكى «ئوپئوچۇق دەلىل _  ئىسپات» دېگەن مەنىدە كەلگەن ﴿ﲓ﴾ دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّى تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ (1) رَسُولٌ مِنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُطَهَّرَةً (2) فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ (3) وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ (4) وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ (5) إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أُولَئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ (6) إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ (7) جَزَاؤُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ (8)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _ ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى.

2 _ (ئۇ ئوپئوچۇق دەلىل بولسا) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر.

3 _ ئۇ سەھىپىلەر ئەڭ توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

4 _ كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى.

5 _ ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.

6 _ شەكىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار دوزاخ ئوتىدا بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

7 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار — ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

8 _ ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى مەڭگۈلۈك بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا رەببىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ.

تەپسىرى

 ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى كۇفرى ۋە زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن، تەقلىدچىلىكنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن ۋە تۈرلۈك خۇراپاتلارنىڭ ئازگاللىرىدىن ئازاد قىلىپ، ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنى توغرا دىنغا باشلىشى ئۈچۈن ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئىدى. شۇ زامانلاردا مەيلى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرىغا مەنسۇپ بولغان ئەھلى كىتاب ئارىسىدىن كاپىر بولغانلار بولسۇن، ياكى بۇتلارغا چوقۇنىدىغان مۇشرىكلار بولسۇن، ھەممىسى توغرا ئەقىدىدىن ۋە ھەق دىندىن پۈتۈنلەي يىراقلاشقان چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ئىچىدە ياشايتتى. چۈنكى ئەھلى كىتاب ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ زامانىدىن يىراقلاشقانسېرى ئازغۇنلۇققا پېتىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۇنتۇغان، مۇقەددەس كىتابلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پېشۋالىرىنى، راھىبلىرىنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالىدىغان خۇراپاتلارغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ دىنى ئاز _ تولا ھەقىقەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈنلەي خۇراپاتقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۇزەيرنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەۋېلىشى، خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىشى، راھىبلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇراپاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ئەسلى ساماۋى دىن بۇنداق خۇراپاتلاردىن ئەلۋەتتە پاك ۋە يىراقتۇر.

ئەمدى مۇشرىكلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ۋە ئىبادەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىگىلا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، بۇتلارنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ قوشۇۋالاتتى، قىيامەتنى ئىنكار قىلاتتى، ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقتا، خۇراپاتتا، قالاقلىقتا ئۇچىغا چىققان خەلق بولۇپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۆزلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا دەۋالاتتى. ھالبۇكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا قىلىدىغان ھەق ۋە توغرا دىن ئىدى.

مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ھەمىشە دېگۈدەك مۇشرىك ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇشۇش، جېدەل _ ماجىرا قىلىشىش بىلەن ئۆتەتتى. ئۇلار ئاخىر زامان پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئەرەب مۇشرىكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇشرىكلارغا تەھدىت سالاتتى. چۈنكى ئۇلار «تەۋرات» تا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق بېشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىۋىدى، ئەھلى كىتاب ئۇنى «تەۋرات»تىكى سۈپەتلىرى ئارقىلىق خۇددى ئۆز بالىلىرىنى تونۇغاندەك ناھايىتى ئېنىق تونۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلدى. ھەتتا شۇ ۋاقتتىكى يەھۇدىي موللىلىرى مۇشرىكلارنىڭ «مۇھەممەدنىڭ دىنى ھەقمۇ ياكى بىزنىڭ دىنىمىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، «سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك، ئۆزلىرىنى ساماۋى دىننىڭ مەنسۇپلىرى دەپ يۈرگەن، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىدىغان بۇ يەھۇدىي موللىلىرى مۇشرىكلارنى رازى قىلىش ۋە ئۇلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ باتىل ئېتىقادىنى ئىسلامدىن ئىبارەت ساماۋى دىندىن توغرا ۋە ھەق، دەپ بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ بۇ ئېغىر قىلمىشى سەۋەبلىك ھازىرقى زاماندىكى بەزى يەھۇدىي ئالىملىرى ئەجدادلىرىنىڭ بۇ چوڭ خاتالىقىىن خىجىللىق ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئەيىبلىمەكتە.

ئەمدى ئەھلى كىتاب، خۇسۇسەن يەھۇدىيلار ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىنى تونۇغاندەك تونۇپ تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان؟ دېگەن سوئال كېلىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئوڭاي. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھتىن قورقماسلىق ۋە ھەسەتخورلۇقتۇر. چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇسا ۋە ئىيسا قاتارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئەھلى كىتاب پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىدىنلا كېلىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇلار كۈتكەن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قالاق ۋە ئەڭ ئازغۇن مىللەت سانالغان ئەرەبلەردىن كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ رېئاللىقنى قەتئىي قوبۇل قىلالمىغان، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىيىتىنى بۇزۇپ، بۇ ھەق پەيغەمبەرگە قارشى چىققان، مۇشرىك كاپىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان.

بۇ سۈرىدىكى ئايەتلەردە، ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئالدىدا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەھلى كىتابنىڭ ھەق دىنغا قارشى قىلغان جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىدى. چۈنكى مۇشرىك ئەرەبلەر قايسىسىنىڭ ھەق ۋە قايسىسىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى بىرەر پەيغەمبەر كەلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ساماۋى دىن توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيتتى. ئەمما ئەھلى كىتاب ساماۋى دىننىڭ مەنسۇپلىرى بولغانلىقتىن، ھەق بىلەن باتىلنى يەنى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ساماۋى دىننىڭ مۇشرىكلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۇتپەرەسلىك دىنىدىن ئەلۋەتتە توغرا ۋە ھەق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، ئەھلى كىتاب (خۇسۇسەن يەھۇدىيلار) ھەق دىننى ئىنكار قىلىپ، مۇشرىكلار بىلەن بىرلەشكەن ۋە مۇشرىكلارنىڭ دىنىنى قوللىغان. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھلى كىتابتىن ياخشىلىق كۈتەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئىسلام دىنىغا ياردەم قىلىشىنى ۋە بىرىنچى بولۇپ بۇ دىننى قوللىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما ئەپسۇسكى، ئەھۋال باشقىچە بولدى، ئەھلى كىتاب بىر تەرەپتىن ھەسەتخورلۇق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ بۇ ئوپئوچۇق ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق خاراب قىلىۋەتكەن بولدى.

ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلارنىڭ ھېچبىرى ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلى كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنلىرىدىن ۋە بۇزۇق ئەقىدىلىرىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. بۇ ئوپئوچۇق دەلىل قايسى؟ ئېنىقكى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەق دىننىڭ ۋەكىلى، ئاللاھ تائالانىڭ راستچىل ئەلچىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يولباشچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ھەقلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئىلاھىي مۆجىزىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغان. «قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزىسىدۇر. چۈنكى ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ ئوقۇپ باقمىغان، خەت يېزىشنى ياكى ئوقۇشنى ئۆگەنمىگەن بىر پەيغەمبەرنىڭ داڭلىق ئەدىبلەرنى ۋە تالانتلىق شائىرلارنى تىز پۈكتۈرگەن، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي مۆجىزىلىرى كۆزلەرنى قاماشتۇرغان «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ كىتابنى يېزىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ؟ شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى يادىسىغا تىلاۋەت قىلاتتى ۋە ساھابىلىرىگىمۇ يادقا ئالدۇراتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىلاۋەت قىلىدىغان بۇ «قۇرئان كەرىم» سەھىپىلىرى ھەرقانداق بىر ئەيىبتىن، نۇقساندىن، يالغان سۆزدىن پۈتۈنلەي خالىي بولغان، پاك ۋە توغرا سەھىپىلەر بولۇپ، ئەڭ توغرا ئەھكاملار، ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىن قېپقالغان بەزى ھەقىقەتلەر ئورۇن ئالغان. ( جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)گە ھەرقانداق ئەگرىلىكتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى)([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن كۇفرى تۈگىدىمۇ؟ ياق، تۈگىمىدى. ئۇنداقتا: (ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى) دېگەن ئايەت ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەندىن كېيىن، كۇفرىدىن ئايرىلدى ۋە ئىمان ئېيتتى، دېگەن مەنانى تەقەززا قىلمامدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكى مۇشرىكلاردا چوڭ بىر شەكنى پەيدا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى تەۋرىتىپ قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ جاھالەتكە تولغان دىللىرى ھىدايەتنىڭ نۇرى بىلەن ئېچىلىشقا باشلىغان، ئۆزلىرى ھەق بىلەن باتىلنى پەرق ئېتىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى ئۇلار ئۈچۈن يولنىڭ ئايرىلىشى ۋە ھىدايەت بىلەن زالالەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك قويۇلغانلىقى ئىدى. شۇڭا ئايەتتە (كەلگەنگە قەدەر) دېيىلگەن. يەنى ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلى كەلگەنگە قەدەر، ئۇلاردا ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ يولى تېخى ئايرىلمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى كۇفرىدىن ۋە زالالەتتىن ئايرىلمىغان ئىدى. ئەمما ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىن، ھىدايەت بىلەن زالالەتنىڭ يولى ئايرىلغان بولدى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى، مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىنى، توغرا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ھەممە ئوبدان بىلىپ يەتكەن ئىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ كەتمىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بولسا، يەنە بەزىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى مەۋقەدە تۇردى. ئۇلار بارلىق كۈچ  _  قۇۋۋىتىنى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنى ئىسلام دىنىدىن توسۇشقا ئۇرۇندى.

ئەھلى كىتاب ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلى، روشەن مۆجىزە بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە «قۇرئان كەرىم» كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشىپ، بەزىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۇنى ئىنكار قىلىپ كاپىرلىق ھالىتىدە قالدى. ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان ھالدا، ئىسلام دىنىغا قارشى چىقتى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار ئۇلارنى ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تەۋسىيەلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ ساڭا قارشى مۇنداق دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. سەن ئۇلار بىلمەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا زىت كېلىدىغان بىر ئىشنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى ئۇلارنى يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توستۇڭمۇ؟ ياق! سەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمىدىڭ. چۈنكى سەن دىننى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلغان ھالدا، توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرۇيسەن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن سېنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئەگەشمەيدۇ؟ سەن ئېلىپ كەلگەن دىن ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ داۋامى ۋە كامالى ئەمەسمۇ؟! ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا راستتىنلا ئىشىنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ساڭا ئەگەشكەن ۋە سېنىڭ دىنىڭنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. چۈنكى سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ ئىسلام دىنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەقىدىسىنى، ياخشىلارنىڭ ئىش _ ئىزلىرىنى ۋە ئەڭ توغرا دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماسلىقتا بىرەر ئۆزرىسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق!

ئەمدى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ توغرا ۋە ھەق دىننى قوبۇل قىلماي، كۇفرى يولىنى تاللىغانلارنىڭ جازاسى بىلەن بۇ دىننى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە ھاياتىنى شۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇدۇللاپ، شۇ ئىمانىغا يارىشا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟

ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلارنىڭ جازاسى دوزاخ ئوتىدا كۆيۈپ ئازابلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەھلى كىتاب قاچان كاپىر بولغان؟ جاۋاب: ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق بېشارەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ بېشارەتلەر ئارقىلىق خۇددى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇپ تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلدى. (بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ)([2]). ئۇلار ساماۋى دىننىڭ مەنسۇپلىرى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەۋەت ئىشلىرىدا ياردەمچى بولۇشى كۈتۈلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. شۇڭا ئايەتتە: (ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار) دەپ كەلگەن. مۇشرىكلارمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەت ئوپئوچۇق ئاشكارا بولغان تۇرسىمۇ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى ۋە ھەقىقەتنى بىلىپ بولۇپ ئىنكار قىلدى. چۈنكى ئۇلارغا ئۆز مىللىتىدىن ۋە ئۆزلىرى نەسەبىنى، راستچىللىقىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى بىلىدىغان بىر كىشى پەيغەمبەر بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنى نىجاتلىققا چاقىرسا، ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار بىلەن مۇشرىكلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنى سانىلىشقا تېگىشلىك بولغان. زادى ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەخت _  سائادىتىنى نابۇت قىلغانلاردىنمۇ يامان، ئۇلاردىنمۇ بەتبەخت ئادەم بارمۇ؟

ئەمما ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىپ، ھاياتىنى شۇ ئىمان ئۈستىگە قۇرۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئۈلگىلىك ئىشلارنى قىلغان ھالدا ئۆتكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى قەسىرلىرىنىڭ ۋە دەل-دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان ئېسىل جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتلىنىدۇ. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ مۇكاپات ۋە مۇشۇ جەننەت ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە رەببىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى. شۇڭا ئۇلار قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىدىن رازى، ئاللاھ تائالامۇ ئۇلاردىن مەمنۇن بولغان ھالدا مەڭگۈلۈك ھۇزۇر _ ھالاۋەتكە ۋە تۈگىمەس نېمەتكە نائىل بولىدۇ. بۇ ئەڭ كاتتا مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئۇنىڭغا رەببىدىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئادەملا ئېرىشىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.      ئىسلام دىنى  ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن ساماۋى دىننىڭ مۇكەممەللەشكەن ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىدۇر.

2.      يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارمۇ مۇسۇلمانلار بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان ۋە مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىدىغان ئەقىدىگە ئەمر قىلىنغان. ئەمما ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان پاسىق قەۋمگە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار ساماۋى دىنغا مەنسۇپ بولۇش سالاھىيىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.

3.      ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلالايدىغان يېگانە دىندۇر. شۇڭا ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتىنى نابۇت قىلغان بولىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ دەردلىك ئازاب _ ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.

4.      ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇندىغان، توسقانلىرىنى تەرك ئەتكەن، شۇنداقلا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئوزۇقلانغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ.

([1]) كەھف سۈرىسى: 1_4_ ئايەتلەر.
([2]) بەقەرە سۈرىسى:146_ئايەت.