ئامانەتنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئامانەتنىڭ مەسئۇلىيىتى
إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا (72) لِيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا

تەرجىمىسى

72 _ شۈبھىسىزكى، بىز (دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت) ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىۋىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى، ئۇنىڭ (مەسئۇلىيىتى) دىن قورقتى. ئىنسان بولسا ئۇنى ئۈستىگە ئالدى. ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ ناداندۇر.

73 _ ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن (مەزكۇر ئامانەتنى ئىنساننىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

تەپسىرى

ئايەتتىكى ﴿ الْأَمَانَةَ ﴾ يەنى ﴿ئامانەت﴾ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئامانەتنىڭ يىگىرمىدىن كۆپرەك مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەللامە تەبەرى، بەغەۋى ۋە قۇرتۇبى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر ئامانەتنىڭ بەزى مەنىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك نەقىل قىلغان:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ئامانەت _ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يۈكلىگەن پەرزلەردۇر»([1]) دېگەن.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئامانەت _ ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، راست گەپ قىلىش، قەرزنى ئادا قىلىش، تارازىنى دۇرۇس تۇتۇش، ھەممىدىن مۇھىمى ئامانەتلەرنى ساقلاشتۇر»([2]) دېگەن.

 مۇجاھىد «ئامانەت _ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەرزلەرنى ئورۇنداش ۋە ئۈستىدىكى قەرزلەرنى ئادا قىلىشتۇر»([3]) دېگەن.

قەتادە «ئامانەت _ دىن، پەرزلەر ۋە دىنىي چەكلىمىلەردۇر»([4]) دېگەن.

يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر ئامانەتنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

 _ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش.

 _ يەر يۈزىدە ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش.

_ دىنغا ئەمەل قىلىش.

_ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.

_  ئەقىل _ ئىدراك.

 _ ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلاش.

_ قويۇلغان ئامانەتنى ساقلاش.

_ ناماز، روزا ۋە يۇيۇنۇش.

ئەللامە قۇرتۇبى «ئامانەت _ دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئايەتتىكى ﴿ الْأَمَانَةَ ﴾ دېگەن سۆزنى شۇنداق تەپسىر قىلغان»([5]) دېگەن.

ئەللامە شىنقىتى([6]) «ئامانەت _ دىنىي مەجبۇرىيەتلەردۇر» دېگەن.

ئايەتتىكى ئامانەتنى «ئەقىل _ ئىدراك» دەپ تەپسىر قىلغاندا، ئىنساننىڭ ئەقىل _ ئىدراك ئىگىسى قىلىپ يارىتىلغانلىق ئارتۇقچىلىقى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساندىن باشقا جانلىقلارغا ئاللاھ تائالا ئەقىل _ ئىدراك ئاتا قىلمىغان. شۇ سەۋەبتىن باشقا جانلىقلارنىڭ ئۈستىگە دىنىي مەجبۇرىيەت يۈكلەنمىگەن.

ئايەتتىكى ئامانەتنى «دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر» دەپ تەپسىر قىلغاندا، ئاللاھ تائالا دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماسلىقىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئۈستىگە ئالمىغان. پەقەتلا ئىنسان ئۇنى ئۈستىگە ئالغان. ئىنسان بۇ ئامانەتنى ئۈستىگە ئالغان بىلەن ئۇنىڭغا تولۇق ۋاپا قىلمىدى. چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدىغان، نادان مەخلۇقتۇر.

بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن:  ئاللاھ تائالا ھەربىر مەخلۇقاتقا ئۇنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىلىرىنى بېكىتكەن ۋە ھەممىگە مۇناسىپ دەرىجىدە مەسئۇلىيەتلەرنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئىنساندىن باشقىلىرى ئاللاھ تائالانىڭ تاپشۇرغانلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئورۇندايدۇ. ئەمما بىرلا ئىنسان ئۇنداق ئەمەس. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى جايىدا ئورۇندىمايدۇ، كېچىكتۈرىدۇ، نۇقسان بىلەن قىلىدۇ ۋە ھاكازالار. مەسىلەن: پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى دەرھال ئورۇنداپ تۇرىدۇ، ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ. ئۇلاردا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش يوقتۇر. شۇڭا ئۇلار زىممىسىدە ئامانەت كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى ھەممىنى ۋاقتىدا ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن زىممىسىدە ھېچ نەرسە قالمايدۇ.

ئەسلىدە ئامانەت دېگەن ئادا قىلالماستىن زىممىسىدە قېلىپ قالغان نەرسىگە ئېيتىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلار ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغان ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار زىممىسىدە ئامانەت قالدۇرمايدۇ. پەقەت ئىنسانلا قالدۇرىدۇ، يەنى ئىنسانلارنىڭ بەزىسى دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ ئۈستىدە ئامانەت قالدۇرمىغان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇندىمىغانلىقتىن، ئۈستىدە بۇ ئامانەتلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. نەتىجىدە، بۇ بىپەرۋالىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئۈستىگە دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلىدى. بۇ مەجبۇرىيەتلەر ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇنداش، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنى تەرك ئېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ۋە جايىدا ئورۇندىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنى زايە قىلىۋەتكەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچرايدۇ.

يەنە بىر مەنە بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ بۇ ئامانەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى چوڭ بىر مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىدۇر. بۇ مەسئۇلىيەت دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداش مەسئۇلىيىتىدۇر. دىنىي مەسئۇلىيەت ئىماندىن باشلاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەرزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى ۋە مۇشرىكلەرنى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورۇندىمىغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ، مۇئمىنلەرنى ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ناھايىتى بەك مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە تولىمۇ كۆيۈمچاندۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.         ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ خىسلىتىدۇر.

2.        ئامانەتكە ۋاپادار بولۇشنىڭ مۇكاپاتى قانچىلىك چوڭ بولسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنىڭ جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىردۇر.

([1]) «تفسير الطبري» 20 – توم، 366- بەت.
([2]) «تفسير البغوي» 3 – توم 668 – بەت.
([3]) ئالدىنقى مەنبەدىن.
([4]) «تفسير بن كثير» 6 – توم 489 – بەت.
([5]) «تفسير القرطبي» 14-توم، 253-بەت.
([6]) مۇھەممەد ئەمىن شىنقىتى (1905 -1974م) مەۋرىتانىيەلىك كاتتا ئالىم، «أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن» ناملىق تەپسىرنىڭ مۇئەللىپىدۇر.