مەسەد سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

مەسەد سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ (1) مَا أَغْنَى عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ (2) سَيَصْلَى نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ (3) وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ (4) فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ (5)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە)  قۇرۇپ كەتتى.

2 _ ئۇنىڭغا مال _ مۈلۈكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى.

3 _ ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ.

 4 _ 5_ ئۇنىڭ ئايالىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ.

نازىل بولۇش سەۋەبى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە كىشىلەرنى ئىسلامغا ئاشكارا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، دەۋەتنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بارغان ئىدى. بەزىدە ئېگىز جايلارغا چىقىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلاتتى، بەزىدە كىشىلەرنى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ دىنغا دەۋەت قىلاتتى، بەزىدە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى بىر- بىرلەپ ئىسلامغا دەۋەت قىلاتتى.

ئىمام بۇخارىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى بەتھا دېگەن جايغا بېرىپ تاغقا چىقتى. ئاندىن ‹ئى خالايىق!› دەپ نىدا قىلىۋىدى، قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەر توپلاندى، ئاندىن ئۇلارغا: ‹ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن سىلەرگە ئەتىگەندە ياكى ئاخشامدا سىلەرگە دۈشمەن ھۇجۇم قىلىدۇ دېسەم، سىلەر ماڭا ئىشىنەمسىلەر؟› دېدى. ئۇلار: ‹ساڭا ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز› دېدى.  ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن› دېۋىدى. ئەبۇ لەھەب ‹سەن بىزنى بۇ يەرگە مۇشۇ گەپ ئۈچۈن چاقىردىڭمۇ؟ قۇرۇپ كەتكىن!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ (تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ) دېگەن سۈرىنى نازىل قىلدى»([1]).

تەپسىرى

﴿ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن!﴾ يەنى ئەبۇ لەھەبكە لەنەت بولسۇن! ئۇ زىيان ئىچىدە ھالاك بولسۇن! ئۇنىڭ ھىلە _ مىكىرلىرى بەربات بولسۇن! مانا بۇ ئەبۇ لەھەبكە ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىدۇر. ئەمەلىيەتتە ئەبۇ لەھەب ھالاك بولدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى جەڭدە يېڭىلدى، ئۇنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى توسۇپ قېلىش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇل _ مېلى ۋە ئىشلەتكەن ھىيلە _ مىكىرلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.

ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇل ئۇززا ئىدى. ئۇززا ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر بۇتلىرىدىن بىرىنىڭ نامى ئىدى. ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىك قىلغان شەخس بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ۋە كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇرماستىن، ھارماستىن تىرىشاتتى، ئۇلار قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى قىلغان ئىدى. ئەبۇ لەھەب بىلەن ئايالىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قىيامەت كۈنى لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىدا قاتتىق ئازابلاش بىلەن جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەق ۋە راستتۇر.

مۇپەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل (ئەسلى ئىسمى ئەرۋا) ئەبۇ سۇفياننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئېرى بىلەن بىرلىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزەتتى. مۇجاھىد، ئىكرىمە، سۇددىي، قەتادە قاتارلىق مۇپەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئايال كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتىدىغان يوللارغا تىكەنلەرنى تاشلاپ قوياتتى. سەئىد ئىبنى مۇيەسسەب مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئايالنىڭ بوينىدا قىممەت باھالىق بويۇنچىقى بولۇپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيان يەتكۈزۈش يولىدا سەرپ قىلىشقا ئاتىغان. شۇڭا ئاللاھ ئۇنىڭ بوينىدىكى بويۇنچاقنى مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچىغا ئۆزگەرتىپ جازالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان»([2]).

نەتىجىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جان _  جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن ناھەق ئېلىشقان ئەبۇ لەھەب تاقىيامەتكىچە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ تىلىدا لەنەتلىنىشكە ۋە ئاخىرەتتە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلىنىپ ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى بىلەن ئازابلىنىشقا مەھكۇم قىلىنغان.

«قۇرئان كەرىم» بۇ سۈرىدە پەيغەمبەر ئەبۇ لەھەبنىڭ كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىمان ئېيتماي كاپىر پېتى ئۆلۈش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئالدىن بەرگەن خەۋىرىنى ئىختىيارسىز ھالدا تەستىقلىغان بولدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلمىغاندەك، ئۆزىنىڭ ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئەقىلمۇ بەرمىگەن. ناۋادا ئەبۇ لەھەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە – تەدبىر ۋە ھىيلە – مېكىرلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، خالايىقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مۇھەممەد مېنىڭ ئىمان ئېيتماي، كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىمنى ۋە ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى، يەنە ئۇ ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن ھازىر ئىمان ئېيتتىم، نەتىجىدە دوزاخقا كىرمەيدىغان بولدۇم» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ئېلان قىلغان بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغانچى» دەپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالدىن بەرگەن خەۋىرىنى يالغان دەپ تۆھمەت قىلىشقا قادىر ئىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شۇنى پىلانلىغۇدەك ئەقىل بەرمىدى. نەتىجىدە، ئۇ خۇددى «قۇرئان كەرىم» ئالدىن خەۋەر بەرگەندەك كاپىر پېتى ئۆلدى.

ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: «بۇ سۈرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئوپئوچۇق دەلىل ۋە روشەن مۆجىزە بار. چۈنكى ﴿ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ﴾ دېگەن ئايەتلەر نازىل قىلىنغاندىن بېرى، بۇ ئايەتلەر ئەبۇ لەھەب بىلەن ئايالىنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ بىرەرسى ئىمان ئېيتمىدى، ئۇلار يا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن، يا راست ياكى يالغاندىن بولسىمۇ ئىمان ئېيتىپ باقمىدى. مانا بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئەڭ چوڭ دەلىل ۋە روشەن مۆجىزىدۇر»[3].  

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋەقەلىكلەر ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى ئاجايىب ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن. «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان زامانلاردا بىراۋ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچسا ئۇ چوقۇم ساراڭ دەپ ئەيىبلەنگەن بولاتتى. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقلى يەتمىگەن ئىشلارنىڭ بەزىلىرى تەرەققىي قىلغان ئىلىم – پەن سايىسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىققۇسى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسى تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.      ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئەبۇ لەھەبنىڭ ھالاك بولۇشى ئىسلامغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان سۇيىقەستلەرنىڭ بەربات بولۇشىنىڭ بېشارىتى ئىدى.

2.           ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا لايىق بولغانلارنىڭ بايلىقى ياكى مەنىسىپى ئۇلارنى ئازابتىن توسۇپ قالالمايدۇ.

3.           مۇئمىنلەرگە ئازار بېرىش كاپىرلارنىڭ قىلىقىدۇر.

4.      كاپىر بىلەن مۇئمىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق _  تۇغقانچىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. چۈنكى ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى بولسىمۇ، ئىمان ئېيتمىغانلىقتىن دوزاخقا مەھكۇم بولغان.

 



([1]) «صحيح البخاري» 6-توم، 180-بەت، 4972 – ھەدىس.
([2]) «تفسير الطبري» 24-توم، 678-بەت.
[3] «تفسير ابن كثير» 8- توم، 517- بەت.