فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

فاتىھە سۈرىسى

 

فاتىھە سۈرىسى مۇددەسسىر سۈرىسىدىن كېيىن مەككىدە نازىل بولغان[1] يەتتە ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە ئەمەس،  «قۇرئان كەرىم»گە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە بىرىنچى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئاچقۇچى»، «باشلىغۇچى»، «مۇقەددىمە» دېگەن مەنىدە «الفَاتحَة _ ئەل فاتىھە» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئاساسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۈرىنى «فَاتحةُ الْكِتَابِ»[2] يەنى «قۇرئاننىڭ باشلانغۇچى» دەپ ئاتىغانلىقىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىسىملىرى بار بولۇپ، ئۇلار: قۇرئاننىڭ ئانىسى دېگەن مەنىدە «أُمُّ الْكِتَابِ _ ئۇممۇل كىتاب»؛ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسىنى ئىخچام ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئېتىبارى بىلەن «الأساس _ ئەل ئاساس»؛ نامازلارنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە تەكرار ئوقۇلىدىغانلىقى ئېتىبارى بىلەن تەكرارلانغۇچى يەتتە ئايەت مەنىسىدە «سَبْعُ المْثَاَنِي _ سەبئۇل مەسانىي» ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن خەزىنە مەنىسىدە «الكَنْـزُ _ ئەل كەنز» قاتارلىقلاردۇر.

فاتىھە سۈرىسى مۇئمىنلەرنى ۋايىغا يەتكەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلەندۈرۈشنى غايە ۋە مەقسەت قىلغان.

فاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «أَلاَ أُعَلِّمُكَ أَعْظَمَ سُورَةٍ فِي القُرْآنِ قَبْلَ أَنْ أَخْرُجَ مِنَ المَسْجِدِ» فَذَهَبَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لِيَخْرُجَ مِنَ المَسْجِدِ فَذَكَّرْتُهُ، فَقَالَ: «الحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ. هِيَ السَّبْعُ المَثَانِي، وَالقُرْآنُ العَظِيمُ الَّذِي أُوتِيتُهُ» يەنى «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹ساڭا مەسجىدتىن چىقىشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟› دەپ قولۇمنى تۇتتى. بىز مەسجىدتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا، مەن ئۇنىڭغا: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىز ماڭا قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىنى ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟› دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇ (الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ) دۇر، بۇ سۈرە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتتۇر ۋە ماڭا بېرىلگەن قۇرئاندۇر›[3]دېدى».

فاتىھە سۈرىسى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازلىرىدا تەكرارلىنىدۇ ۋە دۇئالاردا ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لاَ صَلاَةَ لِمَنْ لَمْ يَقْرَأْ بِفَاتِحَةِ الكِتَابِ» يەنى «فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ»[4] دەپ كۆرسەتكەن. مەنىسى ئېتىبارى بىلەن فاتىھە سۈرىسى ئەڭ مۇكەممەل دۇئا ۋە مۇناجاتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا[5] ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: {قَالَ الله تَعَالَى: قَسَمْتُ الصَّلاَةَ بَيْنِي وَبَيْنَ عَبْدِي نِصْفَيْنِ. وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ. فَإِذَا قَالَ الْعَبْدُ: (الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ) قَالَ الله تَعَالَى: حَمِدَنِي عَبْدِي. وَإِذَا قَالَ: ( الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ) قَالَ الله تَعَالَى: أَثْنَىٰ عَلَيَّ عَبْدِي. وَإِذَا قَالَ: (مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ) قَالَ: مَجَّدَنِي عَبْدِي فَإِذَا قَالَ: ( إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ) قَالَ: هٰذَا بَيْنِي وَبَيْنَ عَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ. فَإِذَا قَالَ: ( اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ) قَالَ: هٰذَا لِعَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ} يەنى «ئاللاھ ‹نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم. بەندەم ئۈچۈن سورىغىنىنى بېرىمەن› دېدى. بەندە (فاتىھە سۈرىسنى ئوقۇشقا باشلاپ) )الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ( يەنى «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر» دېگەندە، ئاللاھ ‹بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى› دەيدۇ. ئۇ )الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (  يەنى ﴿ئۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر﴾ دېگەندە، ئاللاھ:‹بەندەم مېنى ماختىدى› دەيدۇ. ئۇ مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ (  يەنى ﴿ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر﴾ دېگەندە، ئاللاھ: ‹بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى› دەيدۇ. ئۇ ) إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ( يەنى : ﴿(ئى رەببىمىز!) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز﴾ دېگەندە، ئاللاھ: ‹بۇ مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىش، بەندەم ئۈچۈن سورىغىنى بار› دەيدۇ. ئۇ ) اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ( يەنى : ﴿بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، سەن ئىنئام قىلغان، غەزەپكە ئۇچرىمىغان ۋە (توغرا يولدىن) ئازمىغان كىشىلەرنىڭ يولىغا (باشلىغىن)﴾ دېگەندە، ئاللاھ: ‹بەندەمنىڭ بۇ تىلىكىنى قوبۇل قىلدىم. بەندەمگە تىلىگىنىنى بېرىمەن› دەيدۇ»([6]).

ئاللاھ تائالا بۇ ھەدىس قۇدسىيدىكى «نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم» دېگەن سۆزىدە فاتىھە سۈرىسىنى «ناماز» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، فاتىھە سۈرىسى نامازنىڭ جېنىدۇر.

«قۇرئان كەرىم» پۈتۈن ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ھىدايەت مەنبەسى بولسا، فاتىھە سۈرىسى ئۇنىڭ نېگىزىدۇر. شۇڭا ئۇ «قۇرئاننىڭ ئانىسى» دەپ ئاتالغان.

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (1)

الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ (2) الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (3) مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ (4) إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (5) اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ (6) صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ (7)

تەرجىمىسى

1 _ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

2 _ جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.

3 _ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.

4 _ ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.

5 _ (ئى رەببىمىز!) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز.

6 _ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.

7 _ غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ ۋە (توغرا يولدىن) ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغان كىشىلەرنىڭ يولىغا (باشلىغىن).

تەپسىرى

فاتىھە سۈرىسى باشتىن ئاخىر تەلىمات ۋە كۆرسەتمە بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى ﭐﱡﭐﱁ ﱂ ﱃ ﱄﱠ «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم» بىلەن باشلاش ئارقىلىق بىزگە دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش بىلەن باشلاشنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا ئالەملەرنىڭ يېگانە ئىگىسى ۋە رەببىي، بەندىلىرىگە چەكسىز مېھىر _ شەپقەتلىك، خۇسۇسەن مۇئمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىبان، قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرنى تىرىلدۈرۈش، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ئادالەتلىك ھۆكۈم چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يېگانە ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بارچە ماختاش ۋە مەدھىيەلەرنىڭ ئۇنىڭغىلا خاس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق مەدھىيە ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆگەتكەن.

ئاندىن يۇقىرىقى كاتتا سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئۇلۇغ زات ئىبادەت قىلىنىشقا ۋە مەدەت تىلىنىشكە تامامەن ھەقلىق بولغان بىرلا ئىلاھ بولغانلىقتىن، بارچە ئىبادەتنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا قىلىش، مەدەت ۋە ياردەمنى ئۇنىڭدىنلا تىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنداقلا بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ ۋە توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن خىرىستىيانلارنىڭ قىڭغىر يولىغا ئەمەس، ئۆزى ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئۈلگىلىك بەندىلەرنىڭ ۋە شېھىتلەرنىڭ يولىغا باشلىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدىن تىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتكەن.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەرھۇم سەييىد قۇتۇب «في ظلال القران» (قۇرئان سايىسىدا) ناملىق تەپسىرىدە فاتىھە سۈرىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان ئادەم يەتتە ئايەتلىك بۇ لەۋزى قىسقا، مەنىسى مول سۈرىنى كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازلىرىنىڭ پەرزلىرىدىلا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 17 قېتىم تەكرار ئوقۇيدۇ، سۈننەتلىرى([7]) بىلەن قوشقاندا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك نەپلە نامازلىرىدا ۋە دۇئالىرىدىمۇ شۇنداق كۆپ ئوقۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹لاَ صَلاَةَ لِمَنْ لَمْ يَقْرَأْ بِفَاتِحَةِ الكِتَابِ› يەنى ‹فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ئادا تاپمايدۇ›([8]) دېگەنلىكىگە ئاساسەن، نامازنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش پەرزدۇر. بۇ سۈرە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ، ئىسلامىي تەسەۋۋۇرنىڭ، ئىسلامىي ئاڭ ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ نامازنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە تەكرارلىنىشقا تاللانغانلىقىدا ۋە ئۇنىڭسىز ناماز ئادا تاپمايدىغانلىقىدا ئەلۋەتتە ھېكمەت بار»([9]).

فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ نامىزى ئادا تاپامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، فەقىھلەر (ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى) ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىنىڭ قارىشىچە، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ئادا تاپمايدۇ. ئەمما ھەنەفىي، سەۋرى مەزھەپلىرىنىڭ قارىشىچە، نامازدا قىسقا ئايەتلەردىن ئۈچ ئايەت مىقدارىدا ياكى ئۇزۇن ئايەتلەردىن بىر ئايەت ئوقۇش پەرزدۇر، ئەمما فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بولسا ۋاجىپتۇر. شۇڭا بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ قارىشى بويىچە، نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ئىناۋەتسىز بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا:  ﱡقۇرئاندىن ئوڭاي بولغاننى ئوقۇڭلار ﱠ [10] دەپ بۇيرۇغان. ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.

 فاتىھە سۈرىسى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ نېگىزىنى، ئىبادەتلەرنىڭ سىستېمىلىرىنى ۋە ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇش پىرىنسىپىنى، شۇنداقلا دۇئانىڭ ئەدەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرە بولۇپ، نامازنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە بۇ سۈرىنىڭ تەكرارلىنىشىمۇ مۇشۇ ھېكمەتكە ئاساسەن يولغا قويۇلغان.

 «قۇرئان كەرىم»نىڭ باشلىنىشى بولغان بۇ سۈرىنىڭ (بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ )بىلەن باشلانغانلىقى كۆپلىگەن ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىر قاتاردا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى(11) قىلىشتىكى تولىمۇ گۈزەل ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبىدۇر. چۈنكى، ھەرقانداق بىر مەۋجۇداتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇدىيىتىدىن ئىبارەت ئېسىل سۈپىتى ئارقىسىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھەرقانداق باشلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىدۇ، كائىناتتىكى ھەرقانداق ئىش _ ھەرىكەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. فەقىھلەرنىڭ كۆپ سانلىقى دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى   (بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ )بىلەن باشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىدە بىرلىككە كەلگەن.

 ئاللاھ تائالانىڭ (بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ( دېگەن ئايەتتىكى بۇ ئىككى سۈپىتى پۈتكۈل شەپقەت ۋە رەھمەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈپەتلەردۇر.

 ئەللامە مۇھەممەد مۇختار شىنقىتى «أضواء البيان في إيضاح القرآن» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «(بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ) دېگەن ئىككى سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدىن بولغىنىدەك، ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ئىككىسى «الرحمة» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككىلىسى ئاللاھ تائالانىڭ ناھايىتى بەك رەھىم _ شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ،  ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم – شەپقىتىنى ئىپادىلەشتە )الرَّحْمَنِ  ( دېگەن سۆز  )الرَّحِيمِ( دېگەن سۆزدىن كۈچلۈكتۇر ۋە ئومۇمىيدۇر. كۆپ سانلىق ئۆلىمالار  )الرَّحْمَنِ  (ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادا بارلىق مەخلۇقاتقا، ئاخىرەتتە مۇئمىنلەرگە رەھىم _ شەپقەت قىلىدىغانلىقىنى، )الرَّحِيمِ(  قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرگىلا رەھىم _ شەپقەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەللامە ئىبنى جەرىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدىنمۇ ئۆلىمالارنىڭ بۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەنلىكى چۈشىنىلىدۇ»([12]).

 )الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ( دېگەن بۇ بارلىق مەدھىيە ۋە ماختاشلار، جىمى شۈكۈر- تەشەككۇرلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ مۇكەممەل مەدھىيە بىلەن سەمىمىي شۈكۈرگە لايىق زات ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتتۇر.

)الْحَمْدُ( ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەش بىلەن بىللە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلسۇن ياكى تۇزكورلۇق قىلىپ شۈكۈر قىلمىسۇن، بارلىق مەدھىيە ۋە شۈكۈر - تەشەككۈر ئاللاھ تائالاغا خاس دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: )الْحَمْدُ لِلَّهِ( يەنى ﴿بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن﴾ دېگەنگە ئوخشاش.

ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرى الْحَمْدُ لِلَّهِ( دېگەن ئايەتكە «سەمىمىي شۈكۈر ئاللاھقا خاستۇر» دەپ مەنە ئېيتقان. ئۇ  مۇنداق دېگەن: « الْحَمْدُ لِلَّهِ( دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بارچە مەدھىيە ۋە سەمىمىي شۈكۈر پەقەتلا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان سانسىزلىغان نېمەتلىرى، ئىنئاملىرى، ئىنسان ئورگانلىرىنى ئۇنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىغا ياراملىق قىلىپ ياراتقانلىقى، ئىنسانغا رىزىق ئىشىكلىرىنى ئاچقانلىقى، ئۇنىڭغا ئۆزى ئويلىمىغان يەرلەردىن رىزىق بېرىپ ئوزۇقلاندۇرغانلىقى، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقان ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقى ئۇنىڭغا سانسىزلىغان شۈكۈرلەرنى ئېيتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ بارلىق نېمەتلىرى ئۈچۈن مىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇن!

ھەكەم ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دېگەن ۋاقتىڭدا، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغان بولىسەن ۋە ئاللاھ ساڭا تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دېگەنلىك ‹ئاللاھقا شۈكۈر› دېگەنلىكتۇر، دېگەن. ئۆلىمالار (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «شكراً لله»  (يەنى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىمەن) دېسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ھەتتا  بەزىدە )الْحَمْدُ لِلَّهِ( دېگەن سۆز  «الشكر لله» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا، «الشكر لله» دېگەن سۆز (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككىسى بىر مەنىدە بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بىر _ بىرىنىڭ ئورنىدا كېلىشى توغرا بولمىغان بولاتتى»(13).

دېمەك، «ئەھۋالىڭىز قانداق؟» دەپ سورالغاندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاللاھقا شۈكۈر» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى قىسمەن ئورۇندايدۇ. ئەرەبلەر «كيف حالك؟» يەنى (ئەھۋالىڭىز قانداق؟) دەپ سورالغاندا (الْحَمْدُ لِلَّهِ) دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بەزى مۇپەسسىرلەر )الْحَمْدُ( بىلەن «الشكر» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار دەپ قارايدۇ. چۈنكى تەشەككۇر ۋە رەھمەت بىراۋنىڭ مەلۇم ياخشىلىقى بەدىلىگە ئېيتىلىدىغان ۋاپا بۇرچى بولسا، ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا ھەرزامان ۋە ھەر جايدا ئېيتىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىنسانىي ۋە دىنىي بۇرچتۇر. شۇڭا ھەمدۇسانا شۈكۈردىن چوڭدۇر. چۈنكى شۈكۈر ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە مەلۇم بولغان نېمەتلىرى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان رەھمەت سۆزى بولسا، ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بىلىنگەن ۋە بىلىنمىگەن جىمى نېمەتلىرى، ئىنئاملىرى ۋە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سۆزدۇر.

)الْحَمْدُ لِلَّهِ( دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچى ئىگىسى ۋە ھەممىنى پەرۋىش قىلىپ، باشقۇرۇپ تۇرغۇچى رەببى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئالەم _ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆز بولۇپ، ھەربىر مەۋجۇدات تۈرى بىر ئالەمدۇر. مەسىلەن: ئىنسانىيەت ئالىمى، پەرىشتىلەر ئالىمى، جىنلار ئالىمى، ھايۋاناتلار ئالىمى، ئۆسۈملۈكلەر ئالىمى، جانسىز مەۋجۇداتلار ئالىمى قاتارلىق بارلىق ئالەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالەم دېگەن سۆز كۆپلىگەن ئايەتلەردە مۇشۇ مەنىدە كەلگەن.

)مَالِكِ( دېگەن سۆز لۇغەتتە: ئىگە، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. )مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ( دېگەن ئايەتتىكى )مَالِكِ(  دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدىكى يېگانە پادىشاھلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ يېگانە، تەڭداشسىز پادىشاھ بولسىمۇ، بۇ ئايەتتە ﱡئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرﱠ دېيىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ پادىشاھلىقى، ئادالىتى، ھېكمىتى تولۇق ۋە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى بىلەن پۇقرالىرى، كۈچلۈكلىرى بىلەن ئاجىزلىرى ئوخشاش مەرتىۋىدە بولۇپ قالىدىغان ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا پادىشاھ بولمايدىغان كۈندۇر.

ﱡالعبادةﱠ يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەتتە: بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ([14]). ئىسلام ئاتالغۇسىدا، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر([15]). شۇڭا «ئىبادەت» دېگەن سۆزنى ئىسلامدا بەلگىلەنگەن چەكلىك ئىبادەتلەر ئۈچۈنلا قىسقارتىپ قويغاندا، بۇ سۆزنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدىكەن. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن: ﱡاعبدواﱠ دېگەن سۆز «ئىبادەت قىلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھاياتىڭلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا توغرىلاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلەپ قىلغىنى بويىچە ھايات كەچۈرۈڭلار دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئىبادەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىبادەت — ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق سۆز _ ھەرىكەت ۋە قەلبنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ناماز ئوقۇش، زاكات بېرش، روزا تۇتۇش، ھەج – ئۆمرە قىلىش، توغرا ۋە راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا _ ئانىغا ياخشى خىزمەت قىلىش، ئۇرۇق _ تۇغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، خوشنىلارغا، پېقىرلارغا، يېتىملارغا، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دوئا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىش، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى چىن سۆيۈپ ئىخلاس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىپ تايىنىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش، بالا _ قازالارغا سەۋر قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ۋە باشقىلاردۇر»([16]).

ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئەمەلىي ئىبادەتلەر (العبادات التعاملية)، يەنە بىرى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر (العبادات الشعائرية) دۇر.

ئەمەلىي ئىبادەتلەر _ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە بارلىق ئىش _ ھەرىكەتلەردە، گەپ _ سۆزلەردە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرۈشتۇر. بۇ تۈردىكى ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەمنىڭ كېچە _ كۈندۈزى، ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىنىڭ بارلىق دەقىقىلىرى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن مۇشۇ ئىبادەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر _ ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر بولۇپ، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ بەزىسى قۇرئان ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا ئوخشاش تىل بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر، بەزىسى نامازغا ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن قىلىنىدىغان جىسمانىي ئىبادەتلەر، بەزىسى پۇل _ مال سەرپ قىلىش بىلەن قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر، يەنە بەزىسى ھەجگە ئوخشاش ھەم بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ھەم ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردۇر.

ئەمەلىي ئىبادەت جايىدا ئورۇندالمىسا، ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنىڭ مېۋىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مَنْ قَرَأَ الْقُرْآنَ وَعَمِلَ بِمَا فِيهِ، أُلْبِسَ وَالِدَاهُ تَاجًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ، ضَوْءُهُ أَحْسَنُ مِنْ ضَوْءِ الشَّمْسِ فِي بُيُوتِ الدُّنْيَا لَوْ كَانَتْ فِيكُمْ، فَمَا ظَنُّكُمْ بِالَّذِي عَمِلَ بِهَذَا؟» يەنى «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ئاتا _ ئانىسىغا دۇنيادىكى ئۆيلەرگە چۈشىدىغان قۇياش نۇرىدىنمۇ بەك نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ، ئەمدى ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە قانداق كاتتا مۇكاپات بارلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟»([17]). قۇرئان ئوقۇش سىمۋوللۇق ئىبادەت، قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ، خۇددى قۇرئان ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا نەتىجە قازىنالمىغاندەك، ئەمەلىي ئىبادەت ئورۇندالمىسا، سىمۋوللۇق ئىبادەت مېۋە بەرمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئوچۇق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « الرَّجُلَ يُطِيلُ السَّفَرَ أَشْعَثَ أَغْبَرَ يَمُدُّ يَدَيْهِ إلَى السَّمَاءِ : يَا رَبِّ، يَا رَبِّ، وَمَطْعَمُهُ حَرَامٌ، وَمَشْرَبُهُ حَرَامٌ، وَمَلْبَسُهُ حَرَامٌ، وَغُذِيَ بِالْحَرَامِ، فَأَنَّى يُسْتَجَابُ لِذَلِكَ؟» يەنى «بىراۋ ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەن بولۇپ، چاچلىرى چۇۋۇلغان، ئۈستى بېشىنى توزان بېسىپ كەتكەن (ناھايىتى بىچارە) ھالدا، ئى رەببىم! ئى ئىگەم! دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېگەنلىرى ھارامدىن، ئىچكەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولسۇن؟!»([18]). دۇئا ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان ئادەم سىمۋوللۇق ئىبادەتنى قىلغان بولىدۇ، ئەمما بۇ سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىبادەتنىڭ ئورۇندالغان بولۇشى شەرتتۇر. ھارام يېيىش ئەمەلىي ئىبادەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا، يېمەك _ ئىچمىكى ھارامدىن بولغان ئادەمنىڭ قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان تۇرۇقلۇق گۇناھ _ مەئسىيەت سادىر قىلىشتىن قول ئۈزمىگەن ئادەملەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كَمْ مِنْ صَائِمٍ لَيْسَ لَهُ مِنْ صِيَامِهِ إِلَّا الْجُوعُ، وَكَمْ مِنْ قَائِمٍ لَيْسَ لَهُ مِنْ قِيَامِهِ إِلَّا السَّهَرُ» يەنى «قانچىلىغان روزا تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلار تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قانچىلىغان كېچە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغۇچىلار باركى، ئۇلار كېچىدە تۇرۇپ ئوقۇغان نامىزىدىن ئۇيقۇسىزلىقتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ»([19]) يەنى تۇتقان روزىسى قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇش سىمۋوللۇق ئىبادەت، گۇناھتىن ساقلىنىش ئەمەلىي ئىبادەتتۇر»([20]). سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىبادەتنىڭ جايىدا ئورۇندالغان بولۇشى شەرتتۇر.  

ﱡالاستعانةﱠ دېگەن سۆز لۇغەتتە: ياردەم تىلەش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ياخشىلىققا ئېرىشىش، زىياندىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈش قاتارلىق دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا چىن دىلىدىن ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىش دېگەنلىكتۇر.

إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دېگەن ئايەتتىكى ﱡِيَّاكَﱠ دېگەن سۆز خاسلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ﱡ نَعْبُدُ ﱠ بىلەن ﱡ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ﱠنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكى بارلىق ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا قىلىمىز، ھەرقانداق ياردەم ۋە مەدەتنى پەقەت ئاللاھ تائالادىنلا تىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تايىنىمىز، دېگەنلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر.

اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ دېگەن ئايەت ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ كاتتا دۇئانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت بولۇپ، دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ئىچىدە توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشتىن كاتتا نېمەت يوقتۇر. چۈنكى توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ دۇنيالىقى ۋە ئاخىرەتلىكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كاپالەتكە ئېلىنغان بولىدۇ.

 شەكسىزكى، توغرا يول ئاللاھ تائالانىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنى بولۇپ، ئۇ «سىراتۇل مۇستەقىم» دەپ ئاتىلىدۇ. «سىراتۇل مۇستەقىم» بىزنى بۇ دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان داغدام يولدۇر.

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئراۋى مۇنداق دېگەن: «ھىدايەت ئومۇم ۋە خاسلىق ئېتىبارى بىلەن «هداية دلالة وهداية معونة» يەنى (يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت ۋە ياردەم قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇمىي ھىدايەت بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغىنىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلدى، ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت _ سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەق يولنى ئېنىق بايان قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنى شۇ يولغا دەۋەت قىلدى. ئەمما ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ ھەق يولغا ئەگەشكەن بولسا، يەنە بەزىسى بۇ ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى ئۆزلىرىگە راۋا كۆردى. ئىلاھىي ھىدايەتنى قوبۇل قىلىپ، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر «مۇئمىنلەر» دەپ ئاتالدى، بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلار «كاپىرلار» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن «مۇئمىن»، «كاپىر»دىن ئىبارەت ئىككى پىرقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ سەمۇد (قەۋمى)گە كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى (ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئارتۇق بىلدى. ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى﴾([21]).

 ياردەم قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: مۇئمىنلەرگىلا خاس بولغان ھىدايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەق دىننى قوبۇل قىلغان مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ، تەقۋادارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ھىدايەت تاپقانلارغا ئاللاھ ھىدايەتنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى تەقۋالىققا مۇۋەپپەق قىلىدۇ﴾([22])»([23]).

ھىدايەت ماھىيەت جەھەتتىن يەنە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى «هداية توفيق» يەنى (توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت)، يەنە بىرى، «هداية إرشاد» يەنى (توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەنىسىدىكى ھىدايەت)دۇر.

توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولغان ھىدايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم كىشىلەرنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ﴾[24].

ئەمما توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ھىدايىتى بولۇپ، بۇ ھىدايەت پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدىن كەلگەندەك، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شەك _ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن﴾(25).

(اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ)ﱠ  دېگەن ئايەتتىكى ھىدايەتتىن پەقەتلا ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىگە (اهدنا) دەپ دۇئا قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم ئىنسانلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلالمايدۇ.

(صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ ) دېگەن ئايەتتىكى ئاللاھ تائالا ئىنئام قىلغان كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭ: ﴿كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە سالىھلار (يەنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان مۇئمىنلەر) بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدىگەن ياخشى ھەمراھلار!﴾[26]. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامىغا سازاۋەر بولغان كىشىلەر پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردۇر.

(غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ) دېگەن ئايەتتىكى «غەزەپكە ئۇچرىغانلار» يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ھەق دىننى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ۋە غەزىپىگە تېگىشلىك بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. «توغرا يولىدىن ئازغانلار» خىرىستىيانلارغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن توغرا يولدىن ئادىشىپ، خاتا يولغا كىرىپ قالغان ۋە شۇ خاتا يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

 اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ﱠ دېگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسى: ئى رەببىمىز! سەن بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان، ئەگرىلىك بولمىغان، تۈپتۈز، داغدام يولغا _ سېنىڭ ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، سېنىڭ يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ يولىغا باشلىغىن، بىزنىڭ ئاشۇ داغدام يولدا ئىزچىل مېڭىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ياردەم قىلغىن، مەدەت بەرگىن، دېگەنلىكتۇر.

 بۇ  ئايەتتىكى بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبى

ئۆلىملار دەيدۇكى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ گۈزەل ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى شۇكى، ئىنئام، رەھىم _ شەپقەت ۋە نېمەت قاتارلىق ئىشلار ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلىنغان. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ جازاسى ۋە ئازابى قاتارلىقلار ئاللاھ تائالاغا بىۋاسىتە مەنسۇپ قىلىنماستىن، مەجھۇل ھالىتىدە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ‹قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرىدىكى ئاللاھ تائالاغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت، ئېھتىرامنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەسىلەن: ﱡ اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ﱠ  دېگەن ئايەتتە ﱡسەن ئىنئام قىلغان كىشىلەرﱠ دېيىش ئارقىلىق ئىنئامنى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلغانغا، ﱡغەزەپكە ئۇچرىغان كىشىلەرﱠ دېيىش ئارقىلىق گەرچە ئۇلارغا غەزەپ قىلغان زات  ئاللاھ تائالا بولسىمۇ، غەزەپنى بىۋاسىتە ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلمىغانغا ئوخشاش.

بۇنىڭ ئوخشىشى(ئۇ مېنى ياراتقان، ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان زاتتۇر. ماڭا تائام ۋە ئۇسسۇلۇق بېرىدىغان زاتمۇ شۇدۇر. ئاغرىپ قالسام مېنى ساقايتىدىغان زاتمۇ شۇدۇر) [27] دېگەن ئايەتلەر بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتلەردە، يارىتىش، يول كۆرسىتىش، يىگۈزۈش، ئىچكۈزۈش ۋە كېسەلدىن ساقايتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلغان، ئەمما كېسەللىكنى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلماستىن، ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان. شۇڭا، «مېنى كېسەل قىلغان» دېمەستىن، «ئاغرىپ قالسام» دېگەن. ھالبۇكى كېسەلنى سالغۇچىمۇ ئاللاھ تائالا، شىپا ئاتا قىلغۇچىمۇ ئاللاھ تائالادۇر.

(اهدنا، نعبد، نستعين) دېگەن ئايەتلەردىكى پېئىللەرنىڭ بىرلىك شەكلى بىلەن ئەمەس، كۆپلۈك شەكلى بىلەن كەلگەنلىكىنىڭ كۆپلىگەن ھېكمەتلىرى بار. ئەمما بىز شۇنى دېيەلەيمىزكى، بۇ مۇسۇلمانلارغا شەخسىيەتچىلىكنى تاشلاپ، ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يېيىش، ھەممىگە ياخشىلىق تىلەش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاق ۋە ئالىي پەزىلەتلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن نۇرغۇنلىغان دۇئالارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ نامىدىن كۆپلۈك شەكلىدە كەلگەنلىكىدىمۇ مۇشۇ ھېكمەت كۆزدە تۇتۇلغان دېسەك خاتا بولماس. ﱡئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىنﱠ[28] دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالى. ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلغان ئادەممۇ كۆپلۈك شەكلىدە شۇنداق دۇئا قىلىدۇ.

شەكسىزكى، بۇ خىل ئۇسۇل مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىز يالغۇز ئەمەسلىكىنى، بارلىق ئىسلام ئەھلىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشتا ۋە ئۇنىڭدىن توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى تىلەشتە بىر گەۋدىگە ئوخشاش بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆزىنىلا ئويلىماي، بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ غېمىنى يېيىشى، ھەممە مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق تىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ.

﴿ئامىين﴾ دېيىشنىڭ ھۆكمى

فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئېيتىلىدىغان ﴿آمِينْ﴾ (ئامىين) دېگەن سۆز فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، «قۇرئان كەرىم»دىن بىر ئايەتمۇ ئەمەس، پەقەتلا دۇئادۇر. ئۇنىڭ مەنسىى «ئى رەببىم! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن» دېگەنلىكتۇر. فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئامىين» دېيىش سۈننەتتۇر[29]. نامازدا ئىمام ۋە جامائەت ھەممىسىنىڭ «ئامىين» دېيىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «إِذَا أَمَّنَ الإِمَامُ، فَأَمِّنُوا، فَإِنَّهُ مَنْ وَافَقَ تَأْمِينُهُ تَأْمِينَ المَلاَئِكَةِ غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ» يەنى «ئىمام ﴿ئامىين﴾ دېگەندە سىلەرمۇ ﴿ئامىين﴾ دەڭلار. بىراۋنىڭ ﴿ئامىين﴾ دېگىنى پەرىشتىلەرنىڭ ﴿ئامىين﴾ دېگىنىگە ئۇدۇل كېلىپلا قالسا، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([30]) دەپ كۆرسەتكەن.

 ئەللامە ئىبنى باز [31] مۇنداق دېگەن: «مەيلى نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدا بولسۇن، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ﴿ئامىين﴾ دېيىشى سۈننەتتۇر. ناۋادا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ ﴿ئامىين﴾ دېمىسە گۇناھ بولمايدۇ. ئىمام ياكى جامائەت نامازدا فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ﴿ئامىين﴾ دېمىسە، ئۇلارنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتمەيدۇ ۋە ئۇلارغا گۇناھمۇ بولمايدۇ»([32]).

ئىسلام ئۆلىمالىرى ﴿ئامىين﴾ دېگەن سۆزنىڭ فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرى قاتارىدىن ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا بۇ سۆز «قۇرئان كەرىم»گە كىرگۈزۈلمىگەن.

﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئىچىدە دېيىشمۇ؟

ئەمدى ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش ياكى ئىچىدە دېيىش مەسىلىسىگە كەلسەك، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىدە ۋە مالىكىي مەزھىپىنىڭ بەزى ئۆلىمالىرى ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش سۈننەت دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى «كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا قَرَأَ {وَلَا الضَّالِّينَ}، قَالَ: «آمِينَ»، وَرَفَعَ بِهَا صَوْتَهُ» يەنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دەيتتى»([33]) دېگەن ھەدىستۇر. كۆپ سانلىق ئۆلىمالار بۇ ھەدسكە ئاساسلىنىپ، ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىشنى سۈننەت دەپ قارايدۇ.

ئەمما ھەنەفىي مەزھىپى ۋە مالىكىي مەزھىپىنىڭ بەزى ئۆلىمالىرى ﴿ئامىين﴾ نى مەخپى دېيىشنى سۈننەت دەپ قارايدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى دەلىلى شۇكى: ﴿ئامىين﴾ دېگەن سۆز دۇئادۇر. دۇئانى ئاشكارا قىلغاندىن مەخپى قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ﴿رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار﴾([34]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن([35]) نامازدا ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېگەنلىكى، جامائەتنىڭمۇ ئۈنلۈك دېگەنلىكى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. ئەمما بۇ مەسىلە مۇسۇلمان ئوتتۇرىسىدا جېدەل _ ماجىراغا ۋە ئۆزئارا دۈشمەنلىككە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى لازىم. مۇنداق دۈشمەنلىك قىلىش سەلەف سالىھ (بۇرۇنقى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار)نىڭ يولىغا توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشاتتى، ئەمما قارشى تەرەپنى ئازغۇنلۇققا چىقىرىۋەتمەيتتى، كۆزقاراشتا ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى ئەيىبلىمەيتتى»([36]).

ئەللامە ئىبنى باز «نامازدا ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېمىسىمۇ ۋە نامازنى باشلىغاندا ئېيتىلىدىغان تەكبىردىن باشقا تەكبىرلەردە ئىككى قولنى كۆتۈرمىسىمۇ بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە بولىدۇ، خۇسۇسەن، ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېمەيدىغان ۋە نامازنى باشلىغاندا ئېيتىلىدىغان تەكبىردىن باشقا تەكبىرلەردە ئىككى قولنى كۆتۈرمەيدىغان كىشىلەر بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، ئۇلارغا مۇۋاپىقلىشىپ ﴿ئامىين﴾ نى ئىچىدە دېيىش ۋە مەزكۇر تەكبىرلەردە قولىنى كۆتۈرمەسلىك لازىم. چۈنكى ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش ياكى ئىچىدە دېيىش ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلىق مەسىلىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزىدە ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېگەنلىكى، بەزىدە ئاۋازىنى كۆتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. بىز ﴿ئامىين﴾ نى ئۈنلۈك دېيىش كېرەك دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ پەقەتلا بىر مۇستەھەب ئەمەلدۇر. مۇستەھەب ئەمەل مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈشكە، جېدەل _ ماجىراغا ۋە پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان بولسا، بۇنداق مۇستەھەب ئەمەلنى قىلماسلىق لازىم. مۇستەھەب ئەمەلنى تەرك ئەتسە، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولسا، ئۇنى ئەلۋەتتە تەرك ئېتىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەئبىنى يىقىپ، ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىكى ئەسلى ھالىتى بويىچە بىنا قىلىپ چىقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ مۇسۇلمانلارغا تەسىرى ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ بۇ پىكىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى»([37]).

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.   ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»نى) بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ( بىلەن باشلىغانلىقى بەندىلىرىگە دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش بىلەن باشلاشنى ئۆگىتىش ئۈچۈندۇر.

2.   فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىدۇر. بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالاغا قانداق ھەمدۇسانا ئېيتىش، قانداق ئېتىقاد قىلىش ۋە قانداق مۇناجات قىلىش ھەققىدە تەلىم بېرىلگەن.

3.   فاتىھە سۈرىسى مۇسۇلمانلارغا دۇئانىڭ ئەدەپلىرىنى ئۆگەتكەن بولۇپ، دۇئا قىلماقچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تىلەيدۇ.

4.      بۇ سۈرە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش ئىماننىڭ تاكامۇللىشىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن.

5.      ياخشىلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئازغۇنلارنىڭ يولىدىن يىراق تۇرۇش مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئەخلاقىدۇر.

 



([1]) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، قەتادە، ئەبۇ ئالىيە قاتارلىق مۇپەسسىرلەر فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، ئەبۇ ھۇرەيرە، مۇجاھىد، ئەتائ ئىبنى يەسار قاتارلىقلار مەدىنىدە نازىل بولغان دېگەن. ئەللامە ئىبنى كەسىر ئالدىنقىلارنىڭ سۆزىنى كۈچلەندۈرگەن. («تفسير ابن كثير» 1- توم، 101- بەت).
([2]) «صحيح البخاري» 1-توم، 151-بەت، 756-ھەدىس.
([3]) «صحيح البخاري» 6-توم، 81-بەت، 4703-ھەدىس.
([4])«صحيح البخاري» 1- توم، 151-بەت، 756- ھەدىس، «صحيح مسلم» 1-توم، 295-بەت، 394-ھەدىس.
([5]) ھەدىس قۇدسىي _ لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مەنىسى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن ئېيتقان ھەدىسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
([6]) «صحيح مسلم» 1-توم، 296-بەت، 395-ھەدىس.
([7]) بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى: بامداتنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت، پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش بولۇپ، جەمئى 12 رەكئەت سۈننەتتۇر.
([8])«صحيح البخاري» 6-توم، 81-بەت، 4703-ھەدىس.
([9]) «في ظلال القرآن» 1- توم، 20- بەت..
([10]) مۇززەممىل سۈرىسى: 20_ئايەت.
([11]) ۋەھىي _ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەلىماتى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋەھيىدۇر. ھەدىسمۇ ۋەھيى سانىلىدۇ. چۈنكى ھەدىسنىڭ لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، مەنىسى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن.
([12]) «أضواء البيان في إيضاح القرآن» 1- توم، 5- بەت.
([13]) «تفسير الطبري» 1_ توم، 135_ بەت.
([14]) «لسان العرب» 5_ توم، 2776 _ بەت.
([15]) شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «العبودية» ناملىق ئەسىرى1_ بەت.
([16]) شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ »العبودية» ناملىق ئەسىرى 2 - بەت.
([17]) «سنن أبي داود» 2-توم، 70-بەت، 1453-ھەدىس.
([18]) «صحيح مسلم» 2-توم، 703-بەت، 1015-ھەدىس.
([19]) «مسند الإمام أحمد» 15-توم، 428-بەت، 9685-ھەدىس.
([20]) ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ،  نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئىسلامىي كىتابلىرى ۋە ئىسلام دەۋىتى ساھەسىدىكى لېكسىيەلىرى بىلەن تونۇلغان، «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» ناملىق مەشھۇر تەپسىرنىڭ مۇئەللىپى، 1939- يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان.
([21]) فۇسسىلەت سۈرىسى:17_ ئايەت.
([22]) مۇھەممەد سۈرىسى:17_ ئايەت.
([23]) «تفسير شعراوي» فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى.
([24]) قەسەس سۈرىسى: 56 _ ئايەت.
([25]) شۇرا سۈرىسى: 52 _ ئايەت.
([26]) نىسا سۈرىسى: 69 _ ئايەت.
 ([27]) شۇئەرا سۈرىسى: 78 _ 80 _ ئايەتلەر.
([28]) بەقەرە سۈرىسى:201 _ ئايەت.
([29]) ئەمەل _ ئىبادەتلەردىكى سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەرز، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەر بولۇپ، سۈننەت ئىككى تۈرلۈكتۇر. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە قىلغان ئەمەللەر تەكىتلىك سۈننەت، ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ  ئالدىدا تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشقا ئوخشىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە قىلىپ، بەزىدە قىلمىغان ئەمەللەر تەكىتسىز سۈننەت، دەپ ئاتىلىدۇ. سۈننەت دېيىلگەن ئەمەللەرنى قىلسا ساۋاب بولىدۇ، قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ.
([30]) «صحيح البخاري» 1-توم، 156-بەت، 780-ھەدىس، «صحيح مسلم» 1-توم، 306-بەت، 410-ھەدىس، «سنن أبي داود» 1- توم، 246-بەت، 936-ھەدىس، «سنن النسائي» 2-توم، 144-بەت، 928-ھەدىس.
([31]) ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز ( 1910_ 1999) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇفتىسى.
([32]) «مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز».
([33]) «سنن أبي داود» 1-توم، 246-بەت، 932-ھەدىس.
([34]) ئەئراف سۈرىسى:55_ ئايەت.
([35]) ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن (1929_ 2001م) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر.
([36]) «مجموع فتاوى الشيخ ابن عثيمين» 13_ توم، 140_ بەت.
([37]) «مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز» 29 - توم، 278 -بەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بەش يىل ئىلگىرى مەككىنى سەل بېسىپ كەئبىنىڭ بىر بۆلۈكى يىقىلىپ كەتكەندە، ئەرەبلەرنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنى قايتا رېمونت قىلىپ چىققان. ھالالدىن تاپقان مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇلار كەئبىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يېرىم چەمبەر شەكلىدىكى پاكار تام بىلەن كەئبە ئارىلىقىدىكى «ھۇجرى ئىسمائىل» دەپ ئاتىلىدىغان بوش جاينى كەئبىدىن چىقىرىۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ بوش جاينىمۇ كەئبىگە كىرگۈزۈپ قايتا رېمونت قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.