ئاخىرەتتىكى نېمەت بىلەن ئازابنىڭ تەسۋىرى[1]

ئاخىرەتتىكى نېمەت بىلەن ئازابنىڭ تەسۋىرى[1]
مۇھەممەد يۈسۈپ

مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آَسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ

تەرجىمىسى

15 _ تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابتىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە _ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟

بۇ ئايەتنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئالدىنقى ئايەتلەردە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ھەق دىننى ئىنكار قىلغانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتىكى ئەھۋالى، ئاندىن ھەربىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى توغرۇلۇق بايانلار ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئىش كۆرگەن، ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ جايىدا ئورۇندىغان ۋە ھەرقانداق بىر يامانلىقنى، گۇناھ _ مەئسىيەتنى سادىر قىلىشتىن ساقلانغان تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان.

تەپسىرى

تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتلەر كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتا ئەپسانىلەردە تەسۋىرلىنىدىغان گۈزەل باغلارغا ۋە ئارمان قىلىپ يەتكىلى بولمايدىغان خىيالىي جايلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ جەننەتلەر خىيال ئەمەس ياكى قۇرۇق ئارمانمۇ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتتۇر ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئاخىرەتتىكى قارارگاھىدۇر. بۇ جەننەتلەردە رەڭگى ياكى تەمى ياكى پۇرىقى ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان سۈپسۈزۈك ۋە تاتلىق سۇ ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قېتىم ئىچكەن ئادەم مەڭگۈ ئۇسسۇزلۇق تارتمايدۇ. يەنە بۇ جەننەتلەردە ساپ ۋە تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابتىن بولغان ئۆستەڭلەر بار. ئەمما جەننەتنىڭ شارابلىرى بۇ دۇنيانىڭ ھاراقلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئىچكۈچىلەرنى مەست قىلمايدۇ، ئەقىلنى يوقاتمايدۇ، باشنى ئاغرىتمايدۇ، قالايمىقان سۆزلەتمەيدۇ، راھەتسىز قىلمايدۇ، ئىچكۈچىلەرگە راھەت، ھۇزۇر ۋە لەززەت بېغىشلايدۇ. ﴿ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسە يوق، ئۇنىڭدا ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ﴾([2]). جەننەتلەردە يەنە ساپ ھەسەل ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر بار بولۇپ، ھەسەلنىڭ ساپلىقىدىن ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۈنەكلىرىمۇ پاك –پاكىز تۇرىدۇ.

تەقۋادارلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدە قىلغانلىرى بۇ ئۆستەڭلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇلار بۇ جەننەتلەردە ھەر خىل لەززەتلىك مېۋىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلارغا يەنە رەببى تەرىپىدىن كەڭ مەغپىرەت ۋە رازىلىق بار. مەلۇمكى، ھەممىدىن كاتتىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەن كاتتا ئۇتۇقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىك مۇرادقا يەتكەنلىكتۇر. بۇ مۇئمىن ئادەمنىڭ يەتمەكچى بولغان ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ئۇلۇغۋار نىشانى ھەم غايىسىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىك ھەممىگە ئېرىشكەنلىك، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغانلىق ھەممىدىن مەھرۇم قالغانلىقتۇر.

رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ئوپئوچۇق دەلىلگە ئاساسلىنىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ئادەم بىلەن ئۆزىنىڭ يامان ئىشلىرىنى شەيتان چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، يامانلىقنى ياخشىلىق دەپ ئويلاپ ئالدىنىپ قالغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟ بۇلارنى باراۋەر دېگىلى بولامدۇ؟ جەننەتتە ئېسىل نېمەتلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ئادەم بىلەن دوزاختا ئۇسسۇزلۇقتىن قايناق سۇ ئىچىپ ئۈچەيلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئادەم ئوخشاشمۇ؟ بۇلار بىر _ بىرىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دۇنيادىمۇ بىر _ بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئوخشىمايدۇ.

دوزاخقا تاشلانغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! جەننەت ئەھلى بولغانلار سۈپسۈزۈك سۇدىن، ساپ سۈتتىن، ساپ ھەسەلدىن ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان شارابتىن ئىچىپ ھۇزۇرلانسا، دوزاخ ئەھلى بولغانلار قاتتىق ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ، ھارارەتلىك سۇ ۋە قان، يىرىڭ قاتارلىقلارنى ئىچىپ ئازابلىنىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.           تەقۋالىق مۇسۇلماننىڭ كامالىتى بولۇپ، ئۇ جەننەتكە كىرىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك ئامىلىدۇر.

2.           جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ئەلۋەتتە ئېسىل ۋە ياخشىدۇر.

3.      جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى ساپ ھەسەل ۋە لەززەتلىك شاراب بولغىنىدەك، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى قان، يىرىڭ ۋە ھارارەتلىك سۇدۇر.

[1]  پېقىرنىڭ «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىرىدىن.
([2]) ساففات سۈرىسى:45 _ 46 _ 47 _ ئايەتلەر.