قۇرئان كەرىم ۋە تەپسىر ھەققىدە قىسقىچە بايان

قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم» — ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالادىن ۋەھيى ئارقىلىق ئېلىپ چۈشكەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ  نازىل بولۇشى

«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيىنىڭ 610 _  يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىملىق ۋەھيى بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ رامىزان ئېيىنىڭ 17 ياكى 21- ياكى 24 – كۈنلىرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توپتوغرا 40 ياشتا ئىدى. )شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ( يەنى «رامىزان ئېيى ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان ئايدۇر»[1] دېگەن ئايەت «قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ.

 «قۇرئان كەرىم» ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاز _ ئازدىن چۈشۈپ، جەمئى23 يىلدا تولۇق چۈشۈپ بولغان. «قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە _  دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ  _  بۆلۈپ چۈشۈردۇق، ئۇنى تەدرىجىي چۈشۈردۇق»([2]).

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ساقلىنىشى
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە ئورناشتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾ يەنى ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز چۈشۈردۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز﴾[3]، ﴿ لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ . إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآَنَهُ . فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآَنَهُ. ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇڭا، بىز ئۇنى(ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر»[4]. ئاللاھ تائالا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن پېتى ساقلاشنىڭ پۈتۈن شەرت-شارئىتلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى چۈشكەن پېتى ساقلاپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارغا سالامەت يەتكۈزگەن. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ھەرقانداق بىر ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بورمىلاشلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ، بىزلەرگىچە ئۆز پېتى بىلەن يېتىپ كەلگەن يېگانە كىتاب.

شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» يادقا ئېلىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دىن چۈشۈپ تۇرغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ساھابىلەرگە يادقا ئالدۇرۇش ۋە تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا يازدۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە چۈشكەن ئايەتلەرنى چۈشىۋاتقان پەيتىدە يادقا ئېلىۋېلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا جىبرىل ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ شۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە يادلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا تولۇق ئۆگىتىپ توپلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشكەن پېتى ساقلاش ئىشىدىكى ھوشيارلىقى ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچانلىقى دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال. بۇنىڭغا مۇسۇلمان ئەمەس ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ گۇۋاھ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىنىڭ كۆپرەكىنى «قۇرئان كەرىم»نى تەكرارلاشقا ۋە ئۇنى پىششىق يادلىۋېلىپ، ئۆز پېتى ساقلاش ئىشىغا ئاتىغان ئىدى. شۇڭا بەش ۋاخ نامازلىرىدا، كېچىلەردىكى تەھەججۇدلىرىدا، سەپەرلىرىدە، ھەتتا ئۇرۇش ئەسناسىدا ئاغزىدىن «قۇرئان كەرىم» چۈشمەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن چۈشكەنلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىلا ساھابىلەرگە يادقا ئالدۇراتتى، ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم»دىن ساۋاق بېرەتتى ۋە قانداق يادلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتەتتى، ساھابىلەرمۇ «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئاز-ئازدىن چۈشۈپ تۇرغان ئايەتلەرنى تىزلا يادلىۋالاتتى ۋە يادلىغان ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ئىشىدا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشەتتى، كېچىلىرى مەسجىدلەرگە كىرىۋېلىپ بەس-بەستە قۇرئان يادلايتتى، يادلاپ بولغانلىرىنى تەكرارلايتتى، ھەتتا كېچىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى مەسجىدلەردىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى يۈكسىلىپ تۇراتتى.

ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كۆپلىگەن كىتابلارنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ كىشىلەر يادلاپ باققان ئەمەس. ھەتتا ئۆتمۈشلەردە تەۋرات بىلەن ئىنجىللارنى ھەر قانداق بىر ئاۋام ئوقۇيالمايتتى، پەقەت دىن ئادەملىرىلا ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشەندۈرۇپ بېرەتتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا يادلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىملاردىن باشقا خەت ئوقۇشنى بىلىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ساھابىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يادىسىغا بىلەتتى. بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70 تىن كۆپرەك قارىينىڭ شېھىد بولغانلىقىمۇ شۇ ۋاقىتتا قارىيلارنىڭ كۆپلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيا تارىخىدا «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا بىرەر كىتابنى بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىپ يادقا ئېلىش ئۆتمۈشلەردە ياكى ھازىردا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا گۇۋاھ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى تاقىيامەتكىچە ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تۈرتكىلىرىنى يارىتىپ بەرگەن. ئۇ بولسىمۇ، «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشنى ئەڭ شەرەپلىك ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدا ئۇنى يادلاش ئوتىنى ياندۇرغانلىقى ۋە ئۇنى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ ساقلاشنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىدى. «ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى ئوقۇش ۋە يادلاش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟»([5]). مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ھېچقاندا بىر ساماۋى كىتابنى ياكى ھەدىسنى يادلىغانغا ياكى ئوقۇغانغا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلغانغىلا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تا ھازىرغىچە دۇنيادا قارىيلار ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم «قۇرئان كەرىم»گە بىرەر ھەرپ چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىر مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرمۇ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ھەر خىل مەنپەئەتلەر يۈزىسىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىرەر ھەرپكە چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمىگەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلۈشى

 «قۇرئان كەرىم» بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىلمۇ توشماستىن، ھىجرىيىنىڭ12-يىلى (631-مىلادى) يەمامە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا، رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغان. «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب ھالىدا توپلاش پىكرىنى ئوت يۈرەك ساھابى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان، ئاندىن ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى «قۇرئان كەرىم»نى توپلاش پىكرىگە ھەممە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ چىقىش ئىشىنى زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى «كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۈستىگە ئالغان.

ۋەھيىنى يازىدىغان كاتىبلار

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخسۇس كاتىبى ۋە ۋەھيىنى يازىدىغان كاتىبلارنىڭ رەئىسى بولۇپ، قارىيلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى، پەۋقۇلئاددە زېرەك، ھۇشيار ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى كىشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، كېيىن خەلىپىلەر ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس كاتىب قىلىپ ئىشلەتكەن. زەيد ئىبنى سابىت جىبرىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ بېرىپ، يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ھازىر بولۇش شەرەپىگە نائىل بولغان، ئىشەنچلىكلىكى، ئېھتىياتچانلىقى ۋە تەقۋالىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قايىل قىلغان ساھابىلەرنىڭ بىرى ئىدى. زەيد ئىبنى سابىت رىئاسەتچىلىكىدىكى«كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتى ئەزالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى توپلاپ، كىتاب شەكلىگە كىرگۈزۈشتە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ،  «كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تېرىلەرگە، سىلىق تاشلارغا، خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىغا ۋە بەزى يوپۇرماقلىرىغا، شۇنداقلا تۈز سۈڭەكلەرگە يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى قارىيلارنىڭ يادلىغانلىرىغا بىر-بىرىلەپ سېلىشتۇرۇپ، ھەر بىر قارىيدىن تىڭشىغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ توغرىلىقىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېزىپ ساقلانغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا يېزىلغانلىقىغا ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىشنى شەرت قىلغان. ئۇلار ھەربىر ئايەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن يېزىلغانلىقىغا ئەڭ ئاز ئىككى گۇۋاھچىنى قەسەم قىلدۇراتتى، ئاندىن شۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنى قارىيلاردىن تىڭشاپ كۆرەتتى، قارىيلارنىڭ ئوقۇغىنى بىلەن يېزىلىپ ساقلانغىنى ئەينەن چىقسا، ئاندىن ئۇنى رەسمىي «قۇرئان كەرىم» قاتارىدىن ساناپ خاتىرىلەپ ماڭاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ۋەھيىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا ۋە كېيىنچە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى توپلاشقا بەلگىلەنگەن كاتىبلار ساھابىلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قارىيلىرىدىن تاللاپ چىقىرىلغان ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ ئالىم، ئەڭ ھوشيار ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچان شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىنى جەملەپ، ئۇلارنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئىشى ئۈچۈن ساق بىر يىل ۋاقىت كەتكەن. ساھابىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى «قۇرئان كەرىم»نى يادىسىغا بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئېغىزدىن-ئېغىزغا يۆتكىلىپ يۈرگەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ھەتتا ئۇنى يادقا ئالمىغان ساھابىلەر ئۈچۈنمۇ تونۇشلۇق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان يىلى ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش پىلانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مۇرتەد (ئىسلامدىن يېنىۋالغان) ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بولغان، تارىختا«يەمامە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا ساھابىلەردىن كۆپ كىشىنىڭ شېھىد بولغانلىقى، ھەتتا قارىيلاردىن بۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70تىن كۆپرەك كىشىنىڭ شېھىد بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان قارىيلار تۈگەپ كەتسە ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ قەلبلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىنى ھېس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ساھابىلەر قارىيلارنىڭ تۆگەپ كېتىشى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى رەتلەپ قويغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ تەرتىپى بويىچە كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈپ توپلاش قارارىغا كەلگەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇسخىلارندۇرۇلۇشى
«قۇرئان كەرىم» ھىجرىيىنىڭ 25-يىلى (645-مىلادى) ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىلگەن. «قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىش پىكرىنى قارىيلارنىڭ پېشىۋاسى ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پىكىرنى خەلىپىدىن باشلاپ پۈتۈن ئۆلىمالار قوللىغان. «قۇرئان كەرىم»نى ھەر بىر قارىينىڭ ئۆزى مەنسۇب بولغان شىۋىدە ئوقۇشى ۋە ھەر بىرى قارىينىڭ ئۆزى ئوقۇغان شىۋىنى ھەممىدىن ئەۋزەل سانىشى نەتىجىسىدە چىققان ئىختىلاپنى يوق قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ھەممە بىر خىل قىرائەت ۋە بىر خىل شىۋىدە ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى بىرلا قۇرەيش شىۋىسىدە نۇسخىلاندۇرۇپ، ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتكەن.

«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇش ئۇسۇلى

«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇش ئىشىنى «كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتىنىڭ رەئىسى زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، سەئىد ئىنبى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىس قاتارلىق قارىي ساھابىلەر ئۈستىگە ئالغان. «قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇشقا بەلگىلەنگەنلەر بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا توپلانغان «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدىن سوراپ ئېلىپ كېلىپ، نۇسخىلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىغا ئاساسلىنىپ نۇسخىلاندۇرغان، ئاندىن ئەسلى نۇسخىنى يەنە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بېرىپ، يېڭى نۇسخىلاردىن بىرىنى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى ئىسلام ئەللىرىدىن ھەر بىرىگە بىر نۇسخىدىن «قۇرئان كەرىم»نى بىردىن قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە ھەر جايدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىنى ئوقۇش توغرۇلۇق مەخسۇس پەرمان چىقارغان. ئاندىن مۇشۇ قېتىم نۇسخىلاندۇرغاندىن باشقا قۇرئان دەپ سانالغانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.

ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا نۇسخىلاندۇرغان «قۇرئان كەرىم» زامانىمىزدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇلۇۋاتقان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىدۇر. بۇ نۇسخا «مۇسھەف ئوسمانى» (ئوسمانىي قۇرئان) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا كۆپەيتىلگەن «قۇرئان كەرىم» نۇسخىلىرى 5 ئىدى، دېگەنلەرمۇ ۋە 6 ئىدى، دېگەنلەرمۇ بار. ئەمما خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىسىر، بەھرەين، يەمەن، مەككە، بەسرە قاتارلىق شەھەرلەرگە بىردىن «قۇرئان كەرىم»نى بىردىن قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدىكى قوليازما نۇسخىلىرى                     

تۆتىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا توپلىنىپ ۋە ھەر قايسى ئىسلام شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقاپ كەتكەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى قوليازما نۇسخىلاردىن بىرى ھازىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە، يەنە بىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى توپقاپى سارىيى «مۇقەددەس ئامانەتلەر مۇزىيى» دا، يەنە بىر نۇسخىسى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى «مۇسۇلمانلار ئىدارىسى»نىڭ كۇتۇبخانىسىدا، تامغا ئورنىتىلغان مەخسۇس ئەينەك جىھازنىڭ ئىچىدە ساقلىنىۋاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

   ئىلگىرىكى ئەرەب ئېلىپبەسى

  ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەر چېكىتسىز يېزىلاتتى. مەسىلەن: (ب، ت، ث، ي، ن)، (ج، ح، خ)، (د، ذ)، (ر، ز)، (س، ش)، (ص، ض)،(ع، غ)، (ط، ظ)، (ف، ق) قاتارلىق ھەرپلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان چېكىتلەر يوق ئىدى. لېكىن ئەرەبلەر ئادىتى بويىچە بۇ چېكىتسىز ھەرپلەرنىڭ قايسىسى (ب)، قايسىسى (ت) ۋە قايسىسى (ث) ئىكەنلىكىنى سۆزنىڭ باش-ئاخىرىغا قاراپلا، ھېچبىر قىيىنچىلىق ھېس قىلماستىن بىلىۋالاتتى ۋە توغرا ئوقۇيتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ئوقۇش بەلگىلىرىنى بېكىتىشكە ھاجەت يوق ئىدى.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئىسلام دىنى ئەرەب ئەمەس قەۋملەر ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇشقا بولغان زور ئېھتىياجى ئەرەب ئەمەس قەۋملەرنىڭ ئەرەب تىلىنى توغرا ئوقۇشى ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە بەلگىلەشنى تەقەززا قىلغان ئىدى. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆز تىلىدا چۈشكەن بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرپلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ، توغرا ئوقۇپ كېتەلىگەن بىلەن، ئەرەب ئەمەس مىللەتلەر ئۇنى ئەرەپلەردەك ئوقۇيالمايتتى.

«قۇرئان كەرىم»گە ئوقۇش بەلگىلىرىنىڭ قويۇلىشى

   ئەرەب تىلىنىڭ گرامماتىكا قائىدىسىنى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ئوقۇلۇش بەلگىلىرىنى تۇنجى قېتىم تۈزۈپ چىققان ئادەم تابىئىن (ساھابىلەرنى كۆرگەن ئىككىنچى ئەۋلاد) ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇلئەسۋەد دۇئلى (606-688م) دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (601-660م)نىڭ ئەمرى بىلەن بۇ ئىشنى باشلاپ، ھەرپلەرنىڭ فەتھە (ــَ)، كەسرە (ــِ)، داممە (ــُ) قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى بېكىتىپ چىققان. فەتھە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئۈستىگە بىر چېكىت قويۇش بىلەن، كەسرە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئاستىغا بىر چېكىت قويۇش بىلەن، داممە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر چېكىت قويۇش بىلەن، سۇكۇن ئالامىتىنى ئىككى چېكىت بىلەن ئايرىۋالغىلى بولىدىغان قائىدىنى تۈزۈپ چىققان.

  كېيىن خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئەلفەراھىيدىي كېلىپ چىكىتلەرنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زىر(ــَ)، زىۋەر (ــِ)، ۋە پىش (ــُ) بەلگىلىرىنى قويۇپ تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ پۇختا ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان.

  ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى

    ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرى ۋە بەلگىلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان ئالىم خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئەل فەراھىدى (718-790م) دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ يەنە ھەمزە، شەددە ۋە باشقا بەلگىلەرنى تۈزۈپ چىققان. كېيىنچە ئەرەب تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب تىلىنىڭ ئوقۇش قائىدىلىرى، ھەرپلەرنىڭ بەلگىلىرى، ھەرىكەتلىرى مۇقىملىشىپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ خەت ئۇسلۇبى كۈندىن-كۈنگە كۆركەم ۋە چىرايلىق ھالغا كېلىپ، تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى كامالىغا يەتكەن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىر بىز ئوقۇۋاتقان شەكلى ھىجرىيە 3- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن بىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ شەكلى بىر خىل بولۇپ كەلمەكتە.

«قۇرئان كەرىم»نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى
«قۇرئان كەرىم» ھازىرغىچە، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، ھەتتا ياپونىيە، جۇڭگۇ، موسكۋا ۋە ئىتالىيەلەرگە ئوخشىغان مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردىمۇ نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلىپ كەلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «قۇرئان كەرىم»نى بىر خىل شەكىل ۋە بىر خىل خەت نۇسخىسى بىلەن بېسىپ ئۇنى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى مەرھۇم فەھىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆز نامىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدە «‹قۇرئان كەرىم›نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى» قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان ۋە ئاخىرى ئۇنى قۇرۇپ چىققان. چۈنكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى «قۇرئان كەرىم» چۈشۈپ تاماملانغان ۋە ئايەتلىرى توپلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان مۇبارەك جاي ئىدى.

مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى
       1984- يىلى 30- ئۆكتەبىر كۈنى «‹قۇرئان كەرىم›نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىناسى ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ناھايىتى كۆركەم ھەم زامانىۋىي شەكىلدە قۇرۇپ چىقىلغان. ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ تەبۇك يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 250 مىڭ كۋادرات مېتىر يەر مەيدانىغا ئىگە. بۇ ئاكادېمىيىدە ئالىملار، قارىيلار، خەتتاتلار، ئىشچىلار بولۇپ جەمى 900گە يېقىن ئادەم ئىشلەيدۇ. بۇ ئاكادېمىيە يىلىغا 30 مىليوندىن كۆپرەك «قۇرئان كەرىم» بېسىپ چىقىش قۇدرىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىليون ئەتراپىدا قۇرئان بېسىپ چىقارماقتا.

 

قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى

تەپسىر _ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۈرۈپ بېرىدىغان، ئەھكاملىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئىلىم دېمەكتۇر[6]. ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۇنىڭ ئۆز قەۋمى ئىچىدىن تاللاپ چىقارغاندەك، كىتاب چۈشۈرگەن پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇ كىتابلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا چۈشۈرگەن. ﴿ وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ﴾ يەنى ﴿ قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتەيلى، بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى) بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغان قىلىپ) ئەۋەتتۇق ﴾[7]. ساماۋى دىننىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دۇنياغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا بارلىق ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن. ﴿ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ﴾ يەنى ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ چۈشۈردۇق ﴾[8]. ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا چۈشۈرۈلگەن بۇ كىتابنى ياخشى چۈشىنەتتى، مەنىسى ئوبدان بىلەتتى. ئەمما بۇ كىتاب گەرچە ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن ئەرەبچە كىتاب بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، پاساھىتى ۋە مۆجىزىسى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەمەس ئىدى، ھەتتا ساھابىلەرمۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل ئەمەس ئىدى، ئۇلار چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ئۆگىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر _ بىرىدىن سوراپ ئۆگىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلغانلىقى ئىدى. دېمەك، «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى مۇپەسسىر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زامانىمىزغا قەدەر «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىش ئىشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرى بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلىشى

 شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ جانلىق تەپسىرى ئىدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن تەپسىر قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «قۇرئان كەرىم»نى كىشىلەرگە تەپسىر قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ ﴾ يەنى «بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق» [9]. شۇڭا ساھابىلەر چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئەڭ مۇكەممەل شەكلدە چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. «قۇرئان كەرىم» ساپ ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن بىر ئەرەبچە كىتاب بولغانلىقتىن، ساھابىلەر ئايەتلەرنى ئومۇمەن تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايدىغانلىرى پەقەت چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەر ئۈستىدىلا بولاتتى. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئايەتنىڭ تەپسىرىنى سوراپ ئولتۇرمايتتى. مەسىلەن: ﴿ الَّذِينَ آَمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ ﴾ يەنى « ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىغا ھەرقانداق بىر زۇلۇمنى (مۇشرىكلىكنى) ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە كەلسەك، (ئازابتىن) ئەمىنلىك ئەنە شۇلارغا خاستۇر. ئۇلار توغرا يولنى تاپقۇچىلاردۇر »[10] دېگەن ئايەت چۈشكەن چاغدا، بۇ ئايەت ساھابىلەرگە قاتتىق ئېغىر كېلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ: «يارەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ئۆزىگە زۇلۇم قىلمايدىغان كىم بار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئايەتنى يەنە باشقا ئايەت بىلەن تەپسىر قىلىپ بېرىپ: «بۇ ئايەتتىكى زۇلۇم سىلەر چۈشەنگەن زۇلۇم ئەمەس، سىلەر ياخشى بەندە (لۇقمان ھەكىم)نىڭ ﴿ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾ يەنى «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» [11] دېگەن سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟» دېگەن. دېمەك، ئالدىنقى ئايەتتىكى «زۇلۇم» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئادەتتە ساھابىلىرى سورىمىسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ بېرەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلغانمۇ؟

ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلىپ بەرگەنمۇ ياكى ساھابىلەر چۈشىنەلمەي قالغان قىسمىنىلا تەپسىر قىلىپ بەرگەنمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەپسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەللامە سۇيۇتى[12] قاتارلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئايەتنىڭ تەپسىرىنى قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ساھابىلەر چۈشىنەلمەي سورىغان ئايەتلەرنىڭلا تەپسىرىنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەللامە مۇھەممەد ھۈسەين زەھەبى «تەپسىر ۋە مۇپەسسىرلەر» ناملىق ئەسىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل _ ئىسپاتلىرىنى ۋە دەتالاشلىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىقى ئىككى خىل كۆزقاراشنىڭ دەلىللىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز شۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدۇكى، بۇ ئىككى خىل كۆزقاراشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن كۆپلىرىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا سەھىھ ھەدىسلەرمۇ گۇۋاھتۇر. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلمىغان. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە مەنىسىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان، ئالىملارلا چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئەرەبلەر ئۆز تىلى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بىلىدىغان ئايەتلەر، يەنە ھەركىم ئاسانلا چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەر بار. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ‹تەپسىر تۆت تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئەرەبلەر ئۆز تىلى ئارقىلىق بىلىدىغان تۈرى، ئىككىنچىسى، ھەركىم چۈشىنەلەيدىغان تۈرى، ئۈچىنچىسى، ئالىملارلا چۈشىنىدىغان تۈرى، تۆتىنچىسى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان تۈرىدۇر›[13].

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەر ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەرنى تەپسىر قىلمىغان. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ تىلىدا چۈشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كىشىلەر دەرھال چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى قىلمىغان. چۈنكى بۇنداق ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى، روھ ۋە غەيبكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرۇلۇق كەلگەن ئايەتلەرنى تەپسىر قىلمىغان. پەقەت ئۆزىگە بىلدۈرۈلگەن بەزى غەيبلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ساھابىلىرىگە ئۈچىنچى تۈرگە كىرىدىغان ئايەتلەرنى، يەنى ئالىملار ئىجتىھاد بىلەن بىلەلەيدىغان قىسمىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن: ئايەتلەردە ئىجمالىي بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش، ئومۇمىي ئەھكاملارنى خاسلاشتۇرۇش، چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش»[14].

كۆپ سانلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلمىغانلىقىغا، پەقەت تەپسىر قىلىشقا زۆرۈرىيەت تۇغۇلغان ئايەتلەرنى ۋە ساھابىلەر سورىغان ئايەتلەرنىلا تەپسىر قىلىپ بەرگەن دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەھكام ئايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىي ئىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تولۇق بايان قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، دىننىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئايەتلەرنى كۆپ شەرھلەپ كەتمىگەن. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ تەپسىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىزدىنىشىگە تاپشۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى«قۇرئان كەرىم» دىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلار مەلۇم بىر زامان ۋە مەخسۇس بىر ماكانلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا چۈشۈرۈلگەن بولسا، «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك مۆجىزە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى ئىلىم _  پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە زاماننىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ھەر بىر دەۋرنىڭ سەۋىيەسىگە ماسلاشقان ھالدا ئۆزىنىڭ مۆجىزىسىنى نامايان قىلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلىپ ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇقلىغان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىيىتى ئۇلارنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، دىننىڭ ئاساسىي جەۋھەرىي مەسىلىلىرىگە دەخلى يەتكەن بولاتتى. ئەگەر «قۇرئان كەرىم» نى كىشىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەقلىيتى ۋە ئىلمىي سەۋىيىسىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تەپسىر قىلغان بولسا، كېيىنكىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىش يولى تامامەن ئېتىلگەن بولۇپ، ئىلىم – پەن ئەسىرىدە مەيدانغا چىقىپ تۇرىدىغان «قۇرئان كەرىم» سىرلىرىنى تەپسىر قىلىپ ئېچىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان بولاتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىرىدىن كېيىن باشقا تەپسىرگە ھاجەت قالمايتتى. تەپسىر قىلىنغاندىمۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تەپسىر يولىنى ئوچۇق قويۇپ قويغان».

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان تەپسىرلىرى ئاساسەن چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئوچۇقلاش، ئومۇمىيلىق چۈشىنىلىپ قالىدىغان ئايەتلەرنى خاسلاشتۇرۇش، ئايەتلەردە كەلگەن بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.

ئىككىنچى باسقۇچ: ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىشى

بىز باشتا ئېيتقاندەك ساھابىلەر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئومۇمەن تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىسىمۇ، يەنى لا بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش سەۋىيەدە ئەمەس ئىدى. مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ پاساھىتىنى بىلىشتىكى سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەجلىسىدە ئولتۇرغان ۋاقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرىنى بىلىشتە بىر خىل بولماسلىقى، شەرىئەت بىلىملىرىنى بىلىشتە بىر خىل ئەمەسلىكى قاتارلىقلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنى ياكى سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ ئۆگىنەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلار بولسا شۇلاردىن سورايتتى، ئاڭلىغانلار چىقمىسا، بىر _ بىرىدىن سوراپ ئۆگىنەتتى ۋە ئۆزلىرى ئىجتىھات قىلىپ تەپسىر قىلاتتى.

ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىش مېتودى

ساھابىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشتىكى مېتودى ئايەتنى ئايەت بىلەن، ئايەتنى ھەدىس بىلەن، ئاندىن ئىجتىھاد بىلەن تەپسىر قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇلارنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

1.           قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش

«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر بىر سۈرىدە ئىخچام ۋە قىسقا بايان قىلىنغان بولسا، يەنە بىر سۈرىدە كەڭ ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان، بەزى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ئومۇمىي ھۆكۈم يەنە باشقا ئايەتلەردە مەلۇم شارائىت ياكى ئەھۋالغا خاس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئايەتلەر بىر _ بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. مەسىلەن: قىسسىلەر بەزى سۈرىلەردە ناھايىتى ئىخچام بايان قىلنغان بولسا، يەنە باشقا سۈرىلەردە مەزكۇر قىسسىلەر تەپسىلىي ۋە كەڭ بايان قىلىنغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىس، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن قىسسىلىرى بۇنىڭ مىسالى. مۇنداق تەپسىر قىلىش بارلىق تەپسىر ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيىمىيەمۇ شۇنداق دېگەن[15].

2.           قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش

ساھابىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ئايەتلەردىن تاپالمىسا، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇنى بايان قىلىپ بېرەتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: « بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق»[16].

3.           قۇرئاننى ئىجتىھات بىلەن تەپسىر قىلىش

ساھابىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى باشقا ئايەتلەردىن تاپالمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ئايەت توغرۇلۇق قىلغان تەپسىرى بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلمىگە تايىنىپ ئىجتىھات يولى بىلەن تەپسىر قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار ئەرەب تىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى ياخشى بىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان ئايەتلىرى چۈشۈۋاتقان زامانلاردا ياشىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە كۆپ بولغان كىشىلەر ئىدى.

ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر مۇپەسسىرلىرى

ساھابىلەردىن ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئاففاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، ئۇ بەييە ئىبنى كەئب، زەيد ئىبنى سابىت، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتارلىق زاتلار «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىگە تەپسىر قىلىشتا تونۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تەپسىر قىلغان مەشھۇرلىرى تۆت ساھابە بولۇپ، ئۇلار: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس ۋە ئۇ بەييە ئىبنى كەئب قاتارلىقلاردۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفە شەھىرىدە، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدە، ئۇبەييە ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە تەپسىر ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغا مۇپەسسىرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

 

ئۈچىنچى باسقۇچ: تابىئىنلارنىڭ زامانىدىكى تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى

تابىئىنلارنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق ئىدى. چۈنكى تابىئىنلار ساھابىلەرنىڭ شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلار تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىنى ساھابىلەردىن ئۆگەنگەن ۋە ساھابىلەر قوللانغان پىرىنسىپلارنى قوللانغان. ئۇلار ئاۋۋال ئايەتنى ئايەت بىلەن تەپسىر قىلىش، بۇ مۇمكىن بولمىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش، ھەدىس تېپىلمىغاندا ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش، ئۇمۇ بولمىغاندا، ئۆز ئىجتىھادى بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. تابىئىنلارنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى كېيىنچە كېڭىيىپ بېرىپ، بەزىلىرى بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىدىغا دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئارىدا ئۇلار تەپسىرلىرىگە (ئىسرائىلىيات) دەپ ئاتالغان نۇرغۇنلىغان خۇراپاتلارنى كىرگۈزۈۋەتكەن. تابىئىنلاردىن چىققان مۇپەسسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى: مۇجاھىد ئىبنى جەبرى، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەتا، ئىكرىمە، ھەسەن بەسرى، زەيد ئىبنى ئەسلەم، قەتادە، مۇھەممەد ئىبنى كەئب ئەلقەرزى، ئەبۇل ئالىيە رىياھى ئامىر شەئبى قاتارلىقلاردۇر[17].

 

تۆتىنچى باسقۇچ: تەپسىرنىڭ توپلىنىشى

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا، كېيىن ساھابىلەرنىڭ زامانىدا، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدە قىلىنغان تەپسىرلەر ھەممىسى دېگۈدەك ئاغزاكى رىۋايەت تەرىقىسىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلمىگەن. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندا توپلانغانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە ئايەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىشقا باشلىشى بىلەن تەپسىرلەرمۇ كىتاب ھالىغا كېلىشكە باشلىغان. ئەمما تەپسىرنىڭ كىتاب ھالىغا كېلىش جەريانى تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن:

بىرىنچى: تەپسىرنىڭ ھەدىس توپلاملىرى قاتارىدا توپلىنىشى

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى توپلىنىشقا باشلىغاندا، قىسمەن تەپسىرلەرمۇ ھەدىس توپلاملىرىنىڭ بابلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇستەقىل تەپسىر بولماستىن، پەقەت ھەدىسنىڭ تاھارەت بابى، ناماز بابى، ھەج بابى دېگەنگە ئوخشاش بۆلەكلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈپ توپلانغان.

ئىككىنچى: تەپسىرنىڭ مۇستەقىل توپلىنىشى

بۇ باسقۇچتا تەپسىر مۇستەقىل كىتاب ھالىتىدە توپلانغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلىنىپ توپلانغان. ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى خىلكان قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، تەپسىرنى تۇنجى بولۇپ توپلىغان كىشى ئابدۇلمەلىك ئىبنى جۇرەيج (80 _ 140ھ) دېگەن كىشىدۇر. بۇ باسقۇچتا تەپسىر يالغان مۇپەسسىرلەر ئىبنى ماجە (273ھ)، ئىبنى جەرىر تەبەرى(310ھ)، ئەبۇ بەكرى نىساپۇرى(318ھ)، ئىبنى ئەبۇ ھاتىم(327ھ)، ئىبنى ھىببان(369ھ)، ھاكىم (405ھ) ئىبنى مەردۇۋىيە (410 ھ) قاتارلىقلاردۇر[18].

بۇ باسقۇچتىكى تەپسىرلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى

بۇ باسقۇچتا توپلانغان تەپسىرلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە كەلسەك، (1) بۇ تەپسىرلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ تەپسىرلىرىنى ئاساس قىلاتتى. (2) بۇ تەپسىرلەر دەسلەپكى مۇپەسسىرگە مەنسۇپ قىلىنغان ھالدا زەنجىرسىمان بايان قىلىناتتى. (3) بۇ تەپسىرلەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ راست يالغانلىقى سۈرۈشتە قىلىنماستىن بايان قىلىناتتى. (4) بۇ تەپسىرلەردە ئەھلى كىتابنىڭ خۇراپاتلىرى(ئىسرائىلىيات) ناھايىتى كۆپ ئورۇن ئالغان[19].

ئۈچىنچى: رىۋايەتلەرنى قىسقارتىپ ئىجتىھاد بىلەن تەپسىر قىلىش

بۇ باسقۇچ تەپسىر باسقۇچلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ بولۇپ، بەزى مۇپەسسىرلەر تەپسىرگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدلىرىنى، ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىنى قىسقارتىۋېتىپ، ئۆزلىرى نەقىل كەلتۈرگەن رىۋايەتلەرنىڭ توغرا، خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلماستىنلا بايان قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خەتەرلىك خۇراپاتلارنى، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان رىۋايەتلەرنى بازارغا سالغان. بۇ باسقۇچتا يەنە ئۆز رەئى بىلەن تەپسىر قىلىش، ھەربىر مەزھەبنىڭ مۇپەسسىرى ئۆزىنىڭ مەزھىبىنى كۈچلەندۈرۈپ باشقىلارنى باتىلغا چىقىرىش، ھەتتا ھەركىم ئۆزى مۇتەخەسسىس بولغان ئىلىم ئۈستىدىلا توختىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، فەقىھ فىقھى مەسىلىلىرىنىلا، ئەدىب پاساھەتنىلا، تىلشۇناس گراماتىكىنىلا بايان قىلىش بىلەن ئۆز تەپسىرىنى تولدۇرغان. يەنە بۇ باسقۇچتا تەپسىر قىلىش سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن ئىدى[20].

تەپسىرنىڭ تۈرلىرى

تەپسىر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، نەقلىي تەپسىر (التفسير بالمأثور)، ئىككىنچىسى، ئىجتىھادىي تەپسىر (التفسير بالرأي) دىن ئىبارەتتۇر.

نەقلىي تەپسىر— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يېتىپ كەلگەن تەپسىرگە ياكى ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن تەپسىرگە ئاساسلىنىپ قىلىنغان تەپسىر دېگەنلىكتۇر. نەقلىي تەپسىر بارلىق تەپسىر تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىكى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق تەپسىردە مۇپەسسىر ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بىلەن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلغىنى بويىچە تەپسىر قىلغان بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ تەپسىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلغىنىغا ئاساسلانغانلىقتىن، ساھابىلەرنىڭ تەپسىرى بويىچە تەپسىر قىلغانلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىرى بويىچە تەپسىر قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نەقلىي تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.       تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).

2.       تەپسىرى سەمەرقەندى(بحر العلوم).

3. تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).

4.       تەپسىر سۇئلەبى(الكشف والبيان عن تفسير القرآن).

5.       تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە(المحرر الوجيز في تفسير الكتاب العزيز).

6.       تەپسىرى سۇيۇتى(الدر المنثور في التفسير بالمأثور).

7.       تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم).

8.       تەپسىرى سەئلەبى (الجواهر الحسان في تفسير القرآن).

9.       تەپسىرى شەۋكانى(فتح القدير).

10.   تەپسىرى شىنقىتى(أضواء البيان في إيضاح القرآن).

ئىجتىھادىي تەپسىر —  قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي كۈچى (ئىجتىھاد) بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل تەپسىر ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى، قوبۇل قىلىنىدىغان تەپسىر، يەنە بىرى، قوبۇل قىلىنمايدىغان تەپسىردۇر.

قوبۇل قىلىنغان ئىجتىھادىي تەپسىر —  قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تايانغان تەپسىر بولۇپ، مۇپەسسىرنىڭ ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان، بۇ تىلنىڭ قائىدە ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، ئەرەب تىلىغا پىششىق، شەرىئەت پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئەھكاملىرىنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇشى شەرتتۇر. مۇپەسسىر بۇ يەردە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بارچە ئەقلىي ۋە ئىلمىي كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ، ئەرەب تىلىدىكى ۋە شەرىئەت ئىلىملىرىدىكى ماھارىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

قوبۇل قىلىنمايدىغان تەپسىر —  قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ھېچقانداق دىنىي نەقىلنى ئاساس قىلماي، ئۆز ئەقلىگە ۋە خاھىشىغا تايىنىپ تەپسىر قىلىشتۇر. كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇنداق تەپسىرنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. 

قوبۇل قىلىنغان ئىجتىھادىي تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.       تەپسىرى كەششاف (الكشاف).

2.       تەپسىر رازى (مفاتيح الغيب).

3.       تەپسىرى خازىن (لباب التأويل في معاني التنزبل).

4.       تەپسىر ئىبنى ھىببان(البحر المحيط).

5.       تەپسىرى بەيداۋى (أنوار التنزبل وأسرار التأويل).

6.       تەپسىر جەلالەين (تفسير الجلالين).

7.       تەپسىرى ئەبۇ سۇئۇد (إرشاد العقل السليم الى مزايا الكتاب الكريم).

8.       تەپسىرى ئالۇسى (روح المعاني في تفسير القران العظيم والسبع المثاني).

9.       تەپسىرى مەنار (تفسير المنار).

10.   تەسىرى فى زىلالىل قۇرئان(في ظلال القرآن).

11.   تەپسىرى ۋادىھ (التفسير الواضح).

 

تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبى

مۇپەسسىرلەر ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۇسلۇبنى قوللانغان:

1.             تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىش (التفسير التحليلي).

2.             ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىش(التفسير الإجمالي).

3.             سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىش(التفسير المقارن)

4.             ماۋزۇلارغا بۆلۈپ تەپسىر قىلىش(التفسير الموضوعي).

 

بىرىنچى: تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىش

 تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر ئايەتلەرنى «قۇرئان كەرىم»دىكى تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلىپ، ئايەتتىكى ھەربىر كەلىمە، ھەربىر جۈملىنى گراماتىكا، ئىستىلىستىكا تەرەپتىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ، ھەربىر ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان شەرىئەت ھۆكمى ۋە ئومۇمىي مەنىسى قاتارلىقلار تەرەپلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. شەكسىزكى، مۇنداق تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبى ئەڭ قەدىمىي ئۇسلۇب بولۇپ، تەپسىر يېزىش ئىشى باشلانغان دەسلەپكى چاغلاردا مۇشۇنداق تەپسىر قىلىناتتى.

بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى:

1.                 تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).

2.                  تەپسىرى خازىن(لباب التأويل في معاني التنزبل).

3.                 تەپسىرى سەئلەبى(الجواهر الحسان في تفسير القرآن).

4.                 تەپسىرى ۋاھىدى(الوسيط في تفسير القان المجيد).

5.                  تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).

6.                  تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە(المحرر الوجيز في تفسير الكتاب العزيز).

7.                  تەپسىرى شەۋكانى(فتح القدير)..

8.                  تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم) قاتارلىقلاردۇر.

بۇ ئۇسۇلدىكى تەپسىرلەر بەزىسى ئىخچام ھەتتا بىر توملۇق، بەزىسى چوڭ ھەجىملىك ھەتتا ئوتتۇز توملۇق بولۇپ چىققان.

ئىككىنچى: ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىش

ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىنى بىر قانچە پارچىغا بۆلۈپ چىقىپ، ھەربىر پارچىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئوچۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي تەپسىرىنى قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى:

1.                 تەپسىرى سەئدى (تيسيركريم الرحمن في تفسير كلام المنان).

2.                 تەپسىرى ناسىرى (التيسير في أحاديث التفسير).

3.                  تەپسىرى شەلتۇت (تفسير الأجزاء العشرة الأولى) قاتارلىقلاردۇر.

ئۈچىنچى: سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىش

 سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى تەپسىر قىلىش ئۈچۈن، شۇ ماۋزۇدا كەلگەن ئايەتلەردىن، ھەدىسلەردىن، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن، تابىئىن ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن ئىبارەت دەلىللەرنى توپلايدۇ. ئاندىن بۇ دەلىللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، كۆز قاراشلارنىڭ قايسى كۈچلۈك، قايسى ئاجىز ھەممىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغان كۆزقاراشنى تەرجىھ قىلىدۇ(كۈچلەندۈرىدۇ). بۇ خىل تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبىنىڭ مەيدانى كەڭ ۋە تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ.

بۇ خىلدىكى تەپسىردە ئايەت بىلەن ئايەتنى، ئايەت بىلەن ھەدىسنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئايەتتە مەقسەت قىلىنغا مەنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئايەت بىلەن «تەۋرات» تېكىستلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەۋزەللىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بەزىدە مۇپەسسىرلەرنىڭ بىرەر ئايەت ئۈستىكى بايانلىرىنى ۋە ھەربىرىنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنى بىر _ بىرىگە سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغاننى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ تۇنجىسى تەپسىرى تەبەرىدۇر.

بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ كۆپتۇر. دوكتور مۇررىس بۇكاينىڭ «قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئىلىم» ناملىق ئەسىرى، ئىبراھىم خەلىلنىڭ «تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد» ناملىق ئەسىرى بۇنىڭ مىسالى.

تۆتىنچى: ماۋزۇلارغا بۆلۈپ تەپسىر قىلىش

بۇ ئۇسلۇبتا مۇپەسسىر ئايەتلەرنى «قۇرئان كەرىم»دىكى تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلماي، ئۆزى توختالماقچى بولغان ماۋزۇدا كەلگەن بارلىق ئايەتلەرنى توپلاپ چىقىپ، شۇ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايەتلەردىكى ئورتاق مەقسەتنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبتا تەپسىر قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، زامانىمىزدىمۇ داۋاملاشماقتا. ئەمما (التفسير الموضوعي) دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھىجرىيە ئون تۆتىنچى ئەسىردىن بېرى قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇنداق تەپسىر قىلىشنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بىر ماۋزۇدا كەلگەن ئايەتلەرنى توپلاپ تەپسىر قىلىش، ئەھكام ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىش بۇنىڭ مىسالى.

بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى:

1.      ئەل ئەشباھ ۋە ۋەننەزائىز (الأشباه والنظائر في القرآن).

2.       ئەل مۇفرەدات فىل قۇرئان (المفردات في القرآن).

3.       ئەھكامۇل قۇرئان (أحكام القرآن).

4.       تەئۋىل مۇشكىلىل قۇرئان (تأويل مُشكل القرآن).

 

يېقىنقى ئەسىردە يېزىلغان بەزى مەشھۇر تەپسىرلەردىن ئۆرنەكلەر

 

يېقىنقى ئەسىردە يېزىلغان بەزى مەشھۇر تەپسىرلەر ۋە مۇپەسسىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.           تەپسىرى قاسىمى (محاسن التأويل)

ئاپتورى: مۇھەممەد جامالىددىن ئىبنى مۇھەممەد سەئىد ئىبنى قاسىم ھىجرى يەنى ڭ1283 _  يىلى دەمەشىقتا تۇغۇلغان، گۈزەل ئەخلاقى ۋە قەلەم قۇۋۋىتى بىلەن تونۇلغان ئالىم. 1332 _  يىلى دەمەشىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەپسىرى قاسىمى:

تەپسىرى قاسىمى 17 توملۇق ئەسەر بولۇپ، بۇ تەپسىر سەلەفىي ئۆلىمالاردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇردۇر.

2.            تەپسىرى مەنار (تفسير المنار)

ئاپتورى: مۇھەممەد رەشىد رىزا ئىبنى ئەلى رىزا، ھىجرى يەنى ڭ 1282 _  يىلى تارابلۇس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەلمۇن دېگەن يېزىدا تۇغۇلغان. كېيىنچە، مىسىرغا بېرىپ، ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ قولىدا ئوقۇغان. ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇھ بىلەن بىرلىكتە «ئەل مەنار» دېگەن ژۇرنالنى چىقارغان. تەپسىرى مەنار نەشر قىلىنىشتىن ئىلگىرى «ئەل مەنار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان ئىدى، شۇڭا بۇ تەپسىر «تەپسىرى مانار» دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد رەشىد رىزا 1354 _  يىلى قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەپسىرى مەنار:

تەپسىرى مەنارنىڭ يېزىلىش قىسىسىسى مۇنداق: ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ تەپسىر دەرسى ئۆتۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇستازى بۇنىڭغا قوشۇلغاسن. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئابدۇھ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشقا باشلىغان. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تەپسىرى «ئەل مەنار» ژۇرنىلىدا بېسىلىپ تۇرغان. مۇھەممەد ئابدۇھ نىسا سۈرىسىنىڭ 125 _  ئايتىگە كەلگەندە ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەپسىرىنى شاگىرتى مۇھەممەد رەشىد رىزا داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، يۈسۈف سۈرىسىنىڭ101 _  ئايىتىگە كەلگەندە ئۇمۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

 بۇ تەپسىر 12 توملۇق بولۇپ نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ قالغان تەپسىرىنى مۇھەممەد بەھجەت بىتار دېگەن كىشى يۈسۈف سۈرىسىنىڭ داۋامىنى تامالىغان.

تەپسىرى مەنار ئەڭ ئىلغار تەپسىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەپسىر ئىككى خىل يۆنىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرىكى يۆنىلىش، يەنە بىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى يۆنىلىش ئىدى. ئالدىنقى يۆنىلىشتە ئىجتىھاد كۆپرەك بولۇپ، نەقىل ئازراق بولغان. كېيىنكى يۆنىلىشتە ئالدىنقىسىنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، نەقىل كۆپ، ئىجتىھاد ئازراق بولغان. مۇھەممەد رەشىد رىزا مۇنداق دېگەن: «ئۇستازىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەپسىر قىلىشتا مۇستەقىل بولدۇم ۋە ئايەتلەرنى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەپسىر قىلىشتا ئۇستازىمغا خىلاپلىق قىلدىم»[21].

3.            تەپسىرى سەئدى (تيسير الكريم الرحمن في تفسير كلام المنان)

 ئاپتورى: ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر ئالى سەئدى ھىجرى يەنى ڭ 1307 _  يىلى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەسىم رايونىدىكى ئۇنەيزە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا _  ئانىسى ئۇنىڭ كىچىك يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان. بۇ ئانا كىچىك ئابدۇراھماننى ئۆز بالىلىرىدىنمۇ ئەزىزلاپ چوڭ قىلغان ۋە كىچىك يېشىدىلا مەدرەسىگە بەرگەن بولۇپ، 14 يېشىدا «قۇرئان كەرىم» نى تولۇق يادلاپ بولغان. ئەللامە ئابدۇراھمان سەئدى ياش ۋاقتىدىلا تونۇلغان كاتتا ئۆلىماغا ئايلانغان.

تەپسىرى سەئدى:

بۇ تەپسىر 7 توملۇق تەپسىر بولۇپ، مەنىسىنىڭ ئوچۇقلىقى ۋە ئىخچاملىقى بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ تەپسىردە سۈرىلەر بىر قانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ھەربىر بۆلەكنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى بايان قىلىنىدۇ. بەزى ئايەتلەرنىڭ ھېكمەتلىرىنى ۋە ئەھكاملىرىنى بايان قىلىدۇ. خۇراپىي قىسسىلەردىن خالىي تەپسىردۇر.

4.            فى زىلالىل قۇرئان (في ظلال القرآن)

ئاپتورى: سەييىد ئىبنى ھاج ئىبنى قۇتۇب ئىبراھىم 1906 _  يىلى 10 _ ئاينىڭ 9  _  كۈنى مىسىرنىڭ ئاسيۇت ۋىلايىتىنىڭ مۇشا دېگەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوقۇشقا كىچىكىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۆز يېزىسىدا «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلاپ بولغان.  _  يىلى قاھىرە ئۇنىۋېرىستىتنىڭ دارىلئۇلۇم پاكۇلتېتىنى تاملىغان. قاھىرەدە مۇئەللىملىك قىلغان، كېيىچە مائارىپ مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1948 _  يىلى مىسىر مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئامېرىكىدا ئىككى يىل تۇرغان. سەييىد قۇتۇب ئامېرىكىدىن ئىنتايىن جەڭگىۋار ئىسلام دەۋەتچىسى بولۇپ قايتقان ۋە مىسىردىكى «ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» جامائىتىگە ئەزا بولغان. ئۇ ھەمىشە «مەن 1951 _  يىلى تۇغۇلدۇم» دەيتتى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ«ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» جامائىتىگە قوشۇلغان يىلى ئىدى.

مىسىردا «ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» جامائىتى بىلەن «23 _  ئىيۇل ئىنقىلابى» نىڭ مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، سەييىد قۇتۇب 1954 _  يىلى قولغا ئېلىنىدۇ ۋە 15 يىللىق ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ. سەييىد قۇتۇب تۈرمىدە مەھبۇسلۇق جەريانىدا «فى زىلالىل قۇرئان» تەپسىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تەپسىرى نەشر قىلىنىدۇ. ئىراقنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇسسالام ئارىف ئۇنىڭ تەپسىرىنى ئوقۇپ چىقىپ قاتتىق تەسىرلىنىدۇ ۋە مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى ئابدۇنناسىرغا ئارىچىلىق قىلىپ، ئىراقلىق ئۆلىمالار ئارقىلىق سەييىد قۇتۇبنى تىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەييىد قۇتۇب مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن تۈرمىدىن چىقىدۇ. 1965 _  يىلى قايتا قولغا ئېلىنىپ، 1966 _  يىلى 8  _  ئاينىڭ 29  _ كۈنى مىسىر ھەربىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىدۇ.

سەييىد قۇتۇب شېھىت قىلىنىشتىن بۇرۇن بارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار ئۇنى ئابدۇنناسىردىن تىلىۋالماقچى بولۇپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلار پايدىسىز قالىدۇ. مىسىردىكى ھەربىي مەھكىمە سەييىد قۇتۇبنىڭ جامال ئابدۇنناسىردىن ئۆزۈر تىلىسە، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئۆزۈر تىلەشكە قىستىغاندا، سەييىد قۇتۇب قەتئىيلىك بىلەن: «نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان بۇ بارماق تاغۇتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېتىراپنامە يېزىشنى رەت قىلىدۇ»دەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھ تائالا بىلەن قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشىمنى خاتا ئىكەن دەپ ئۆزرە ئېيتامدىم؟ مەن قانداقلارچە ئۇلاردىن رەھىم _  شەپقەت تىلىگۈدەكمەن؟ مەن ھەقلىق بولۇپ تۈرمىگە كىرگەن بولسام، ھەق تائالانىڭ بۇ ھۆكمىگە رازىمەن، ئەگەر ناھەق تۈرمىگە ئېلىنغان بولسام، مەن تاغۇتتىن شەپقەت سوراشتىن ئۈستۈنمەن».

فى زىلالىل قۇرئان تەپسىرى:

فى زىلالىل قۇرئان تەپسىرى ئەدەبىي ئۈستۈنلۈكتە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان كىتاب يوقتۇر، ئۇ «قۇرئان كەرىم» سىزىپ بەرگەن ھايات تەرىزىنى بەئەينى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەدەبىي ئۈستۈنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىردىنبىر ئەسەردۇر. بۇ تەپسىر 6 توملۇق بولۇپ، مىسىردا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىنتايىن كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان.

5.           تەپسىرى شىنقىتى (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن)

ئاپتورى: مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى مۇھەمەد مۇختار جەنكى ئەل شىنقىتى ھىجرى يەنى ڭ 1325 _  يىلى ھازىرقى مەۋرىتانى يەنى ڭ شىنقىت دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا دىنىي ئىلىمدە ئەتراپلىق يېتىشكەن بولۇپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، ئۇ جايدىكى ئۆلىمالار بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرى مۇھەممەد مۇختار شىنقىتىنىڭ يۇقىرى بىلىمىگە قايىل بولغانلىقتىن، ئۇنى بۇ مەملىكەتتە قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇلئەزىزغا تەلەپ سۇنۇپ ئۇنىڭ قېلىپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ۋوشۇلۇشى بىلەن ئۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قالىدۇ. مەككىدە ۋە رىياد شەھىرىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ، «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»گە ئەزا بولىدۇ، «دۇنيا ئىسلام بىرلىكى»تەشكىلاتنىڭ تەسىس ئەزاسى بولىدۇ. 1393 _  يىلى مەككىدە ۋاپات بولىدۇ.

 تەپسىرى شىنقىتى:

 تەپسىرى شىنقىتى 10 توملۇق تەپسىر بولۇپ، ئاپتور مۇجادەلە سۈرىسىگە كەلگەندە ۋاپات بولغان بولۇپ، قالغان قىسمىنى ئۇنىڭ شاگىرتى ئەتىيە مۇھەممەد سالىم دېگەن كىشى تاماملىغان. بۇ تەپسىر ئىككى ئالاھىدىلىك بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بىرى قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلغان، يەنە بىرى فىقھى مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكە بايان قىلغان.

6.           تەفھىمۇل قۇرئان (تفهيم القرآن)

ئاپتورى: ئەللامە ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى 1903  _  يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشى تەپسىر ساھەسىدىلا ئەمەس، ژۇرنالىستلىق ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدا كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقالالغان. ئەللامە ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى 1979  _  9  _  ئاينىڭ 20  _  كۈنى 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەفھىمۇل قۇرئان تەپسىرى

ئەللامە مەۋدۇدى بۇ تەپسىرىنى 1942  _  يىلى يېزىشقا باشلاپ، 1972  _ يىلى يېزىپ تاماملىغان. بۇ تەپسىر ئۇردۇ تىلىدا يېزىلغان 6 توملۇق تەپسىر بولۇپ، كۆپ قىسمى زىنداندا يېزىلغان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە قايتا  _  قايتا نەشىر قىلىنىپ كەڭ تارقالغان. بۇ 30 يىل جەريان ئىچىدە مەۋدۇدى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، تەپسىرنى پىششىقلاپ ماڭغان. مەۋدۇدى بۇ تەپسىرىدە «ئىسلام دىن ۋە دۆلەتتۇر، ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنمەستىن، ئىسلامغا تولۇق ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئىسلام مۇكەممەل بىر دىن بولۇپ، ھاياتنىڭ شەخسى ۋە ئىجتىمائى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن نەزەرى يەنى ئۇتتۇرىغا قويۇپ، غەرب پىكىر ئېقىمىنىڭ، دىنسىزلىق پەلسەپەسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئېقىپ كىرىشىگە شىددەت بىلەن قارشى تۇرغان. بۇ تەپسىر ئىنگىلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى

ھازىر دۇنيادا «قۇرئان كەرىم»نىڭ 1200 دىن ئارتۇق تەرجىمە نۇسخىسى بارلىقى ۋە 140 تىن كۆپرەك مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە  قىلىنىپ بولغانلىقى مەلۇم. ھەتتا بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا 100 خىلدىن ئارتۇق «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسى تېپىلىدۇ. بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزگە كەلسەك، 12-ئەسىردە قاراخانىيلار دەۋرىدىلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارلىققا كەلگەن ئىكەن. ھازىر بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ سەككىز خىل قول يازما نۇسخىسى تولۇق ياكى كەمتۈك ھالەتتە چەتئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ياكى كۇتۇبخانىلىرىدا ساقلانماقتا ئىكەن.  مەلۇم بولۇشىچە، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، رەسمىي تۈردە نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن كۆپلىرى يوقىلىپ كەتكەن ۋە نۇرغۇنلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ يوق قىلىنغان. 

پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدا ئابدۇلئەزىز چىنگىزخان «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، نەشر قىلىنىشقا نېسىپ بولماي يوقىلىپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېك ئالىمى مەھمۇد تارازىنىڭ «قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى» ناملىق ئەسىرى پاكىستاندا چاغاتاي يېزىقىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەرجىمە بىزنىڭ ۋەتەنگىمۇ يېتىپ بارغان ئىدى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىلىرى

1.   1987- يىلى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان تۇنجى كىشى بولۇپ، ئۇنى بېيجىڭدا «مىللەتلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقاتقان. بۇ تەرجىمە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولماسلىقتىن ئىبارەت بىر بوشلۇقنى بىر قەدەر تولدۇرغان بولدى.

2.    2012- يىلى بىر گۇرۇپپا ئالىملار تەييارلىغان «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»  «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

3.       2017- يىلى ئەنەس ئالىم  تەييارلىغان «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئىزاھلىق تەرجىمىسى» ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

4.      2020- يىلى پېقىر مۇھەممەد يۈسۈپ تەييارلىغان «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»  ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇپەسسىرلەر
ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغان خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مۇپەسسىرلەر تۆۋەندىكىچە:

  1.  ئۇيغۇرلار ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرىنى ئەڭ دەسلەپ يازغان كىشى ئاتاغلىق تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف قەشقىرىي دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ زات قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد خانلىرىنىڭ مەنىۋى داھىسى، شۇنداقلا تونۇلغان مۇدەررىس ئىدى. ئۇ ئۆمرى ئىچىدە 200 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب يازغاننىڭ سىرتىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرىنى يازغان.

  2. مىلادىيە 1735- يىلىدىن 1756- يىلىغىچە يەكەندە ھۆكۈمدار بولغان خوجا ياقۇب دېگەن كىشى دۆلەت خىراجىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يازدۇرۇپ نەشىر قىلدۇرغان.

  3. قاغىلىقتا ئۆتكەن داڭلىق ئۆلىما ھۈسەينخان تەجەللى 1910- يىلى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يېزىپ چىققان.

  4. 1910- يىلى چۆچەكتە يۈسۈپ داموللام دېگەن كىشىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىسمەن تەپسىرىنى تاماملاپ چىققانلىقى مەلۇم.

5.  سابىت داموللا ھاجىم شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە، مىلادىيە 1937- يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، «روشەن بايان- تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» دېگەن ئۇيغۇرچە تەپسىرنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ 30- پارىسى 1948- يىلى غولجىدا بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەپسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ غولجىدىكى ئوغلى ئابدۇللا 1961- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرغان ئىكەن.

  6. 1990- يىللىرى مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرىپىدىن «ئاخىرقى ئىككى پارىنىڭ تەپسىرى» نەشر قىلىندى.

7.  1955- يىلى مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىم غولجىدا «‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرى»نى ئۇيغۇرچە يېزىپ چىققان. زىرىپ قارىھاجىمنىڭ 1926- يىلى قەشقەردە يېزىپ چىققان «ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرى» ناملىق ئەسىرى 1987- يىلى قاتاردا فاكسمېل قىلىپ، ئەسلىدىكى چاغاتاي يېزىقىدا فېسىپ تارقىتىلغان. كېيىنچە 2003- يىلى شۇ فاكسمېل نۇسخىسىغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزگەرتىپ نەشىر قىلىنغان. تولۇق نۇسخىسى 2018- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

8. «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق 10 توملۇق تەپسىر پېقىر مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قولىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، 2018- يىلى قازاقىستاندا رۇس ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تەپسىرلەر
     1. «تەپسىرى ئىبنى كەسىر» 2005- يىلى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان.

     2.  «ئاخىرقى ئۈچ پارىنىڭ تەپسىرى» 2007-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد شەھىرىدە تەرجىمە قىلىنىپ باستۇرۇلغان.

     3. «ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى» 2006- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

     3. «فى زىلالىل قۇرئان» بەزى سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسى 2014- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

     4. « تەپسىرى مۇيەسسەر» 2020- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

     5. « تەپسىرى سەئدى» نەشر قىلىنمىغان.

     6.  «سەفۋەتۇتەفاسىر» نەشر قىلىنمىغان.

     7.  «تەپسىرى تەنتاۋى» تەبىئىي پەنگە ئائىت ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى. نەشر قىلىنمىغان

     8.  «تەفھىمۇل قۇرئان» نەشر قىلىنمىغان.

[1]  بەقەرە سۈرىسى: 85- ئايەت.
([2]) ئىسرا سۈرىسى106_ ئايەت.
[3] ھىجر سۈرىسى: 9_ ئايەت.
[4] قىيامەت سۈرىسى: 16_17_ ئايەت.
([5])   قەمەر سۈرىسى 22- ئايەت .
[6] ئەللامە زەركەشىنىڭ «البرهان في علوم القرآن»ناملىق ئەسىرى 1_ توم، 13_ بەت.
[7] ئىبراھىم سۈرىسى: 4_ ئايەت.
[8] يۈسۈف سۈرىسى: 2_ ئايەت.
[9] نەھل سۈرىسى: 44_ ئايەت.
[10] ئەنئام سۈرىسى:82_ ئايەت.
[11] سۈرە لۇقمان: 13_ ئايەت.
[12] تولۇق ئىسمى_ جالالىددىن سۇيۇتى ھىجرىيەنىڭ 849_ يىلى (1445م) مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تۇغۇلغان، فىقھ، تەپسىر ۋە تارىخ ئىلىملىرىدە ئەتراپلىق يېتىشكەن ئالىم، « ئەددۇرل مەنسۇر»، «تەپسىرى جەلالەين» قاتارلىق تەپسىرلەرنى ۋە كۆپلىگەن ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يازغان، ھىجرىيەنىڭ 911_ يىلى (1505م) ئالەمدىن ئۆتكە.
[13] تەپسىرى تەبەرى: 1_ توم، 25_ بەت.
[14] ئەللامە زەھەبىنىڭ«تەپسىر ۋە مۇپەسسىرلەر» ناملىق ئەسىرى: 1_ توم، 50_ بەت.
[15] شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «مقدمة في أصول التفسير » ناملىق ئەسىرى93_ بەت.
[16] سۈرە نەھل 44_ ئايەت.
[17] دوكتۇر فەھد ئىبنى ئابدۇراھمان رۇمىنىڭ «بحوث في أصول التفسير ومناهجه» ناملىق ئەسىرى33_ بەت.
[18] ئىمام زەھەبىنىڭ «التفسير والمفسرون» ناملىق ئەسىرى، 1_ توم 128_ بەت.
[19] دوكتۇر فەھد ئىبنى ئابدۇراھمان رۇمىنىڭ «بحوث في أصول التفسير ومناهجه» ناملىق ئەسىرى36_37_ بەتلەر.
[20] ئىمام سۇيۇتىنىڭ«الاتقان» ناملىق ئەسىرى2_ توم، 190_ بەت.
[21] «تفسير المنار»1_ توم:16_ بەت.