ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بەزى دەلىللىرى

ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بەزى دەلىللىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ[1]

نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ (57) أَفَرَأَيْتُمْ مَا تُمْنُونَ (58) أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ (59) نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ (60) عَلَى أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ (61) وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ النَّشْأَةَ الْأُولَى فَلَوْلَا تَذَكَّرُونَ (62) أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ (63) أَأَنْتُمْ تَزْرَعُونَهُ أَمْ نَحْنُ الزَّارِعُونَ (64) لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ (65) إِنَّا لَمُغْرَمُونَ (66) بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ (67) أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ (68) أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ (69) لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ (70) أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ (71) أَأَنْتُمْ أَنْشَأْتُمْ شَجَرَتَهَا أَمْ نَحْنُ الْمُنْشِئُونَ (72) نَحْنُ جَعَلْنَاهَا تَذْكِرَةً وَمَتَاعًا لِلْمُقْوِينَ (73) فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ (74)

تەرجىمىسى

57 _  (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتقان تۇرساق، سىلەر (تىرىلىشكە) ئىشەنمەمسىلەر؟

58 _ 59 _ سىلەر ئۆزۈڭلار (ئايالىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا) تۆكىدىغان مەنىيگە قاراپ باقمامسىلەر؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟

 60 _ 61 _ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز تەقدىر قىلدۇق، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان (باشقا) بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز.

62 _  شەكسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار، (ئاللاھنىڭ سىلەرنى قايتا يارىتىشى ھەققىدە) ئويلىنىپ كۆرمەمسىلەر؟

63 _  سىلەر ئۆزۈڭلار تېرىۋاتقان زىرائەتكە قاراپ باقتىڭلارمۇ؟

64 _  ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى ئۈندۈرگۈچى بىزمۇ؟

65 _ 67 _ ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق _  دە، ئۇ چاغدا سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە: «بىز راستتىنلا زىيان تارتتۇق، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» (دەپ كېتەتتىڭلار).

68 _  سىلەر ئىچىۋاتقان سۇغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟

69 _  ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى چۈشۈرگۈچى بىزمۇ؟

70 _  ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. سىلەر (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامسىلەر؟

71 _  سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتقا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟

72 _  ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ياراتتىڭلارمۇ ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟

73 _  بىز ئۇنى (كىشىلەرگە دوزاخ ئوتىنى) ئەسلىتىدىغان ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق.

74 _  (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.

تەپسىرى

سىلەرنى بىز يوقتىن پەيدا قىلغان ۋە ناھايىتى چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان تۇرساق، ئەمدى سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى بىزنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەمسىلەر؟ يوقتىن بار قىلىشقا قادىر بولغان زات سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈرەلمەمدۇ؟ سىلەر قانداقمۇ بۇنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

ئەللامە تەبەرىي (نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ ) دېگەن ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: «ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى يوقتىن يارىتىپ ئىنسان قىلغان تۇرساق، سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ياراتقاڭ زاتنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەمسىلەر؟ شەكسىزكى، سىلەرنى يوقتىن ياراتقان زات سىلەر ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، سىلەرنى تىرىلدۈرۈپ، بۇرۇنقى تىرىك ھالىتىڭلارغا قايتۇرىدۇ»[2]. ئەللامە قۇرتۇبىي «بىز سىلەرنى يوقتىن ياراتقان تۇرساق، ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە نېمىشقا ئىشەنمەيسىلەر؟ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياراتقانغا ئوخشاش تۇرسا»[3] دەپ تەپسىر قىلغان.

شۇ ئېنىقكى، مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، بارلىق مەۋجۇداتنى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئەمما بۇ ئىشىنىش ئەمەل بىلەن ئىسپاتلانمىغان قۇرۇق ئىشىنىش بولغانلىقتىن، ئۇ يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈلۈپ، گويا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلار قاتارىدىن سانالغان. چۈنكى مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇقلۇق، بۇتلارغا چوقۇناتتى، ئەمەل _  ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە قىلماي، بۇتلىرىغا قىلاتتى ۋە بۇتلىرىنى ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتە بولغۇچى ئىلاھلار دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.

ئاندىن «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل _ ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئۆزۈڭلار ئايالىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكىدىغان مەنىيگە (ئىسپېرمىغا) قاراپ باقمامسىلەر؟ سىلەر بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇنى ئىنسان قىلىپ ياراتقۇچى سىلەرمۇ ياكى يېگانە ياراتقۇچى بىزمۇ؟ دىنسىزلار گۇمان قىلغاندەك تۆرەلمىنى تەبىئەت ياراتقان ئەمەس، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ياراتقانمۇ ئەمەس، بەلكى يېگانە ياراتقۇچى بىزدۇر. ئى مۇشرىكلار! ئۇنى سىلەرمۇ يارىتالمايسىلەر. ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكۈلگەن بۇ ئسپېرما بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە، بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكىلىپ تۇرۇش جەريانىدا مۇكەممەل بىر ئىنسان بولۇپ چىقىدۇ. مەنىيدىن ئىبارەت ئاشۇ بىر تامچە سۇدىن شۇنداق مۇكەممەل ئىنساننى ياراتقان زات _  ئاللاھ تائالا سىلەرنى قىيامەت كۈنىدە قايتىدىن يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغان زات ئۇلارنى قىيامەت كۈنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ سىلەر قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىشنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق، بىز ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىنى شۇنداق تەقدىر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ ئەجىلى ئىلگىرى — كېيىن بولمايدۇ. بىز سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆز جىنسىڭلاردىن بولغان باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشتىن ۋە سىلەرنى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىدىغان باشقا بىر شەكىلدە، باشقا بىر سۈرەتتە يارىتىشتىن ھەرگىز ئاجىز ئەمەسمىز، چۈنكى بىز ھەممىگە قادىرمىز. مۇجاھىد قاتارلىق مۇپەسسىرلەر (وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ النَّشْأَةَ الْأُولَى) دېگەن ئايەتنى «سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى ئەلۋەتتە بىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر دەسلەپتە ئسپېرمىدىن ئەلەقكە[4]، ئاندىن ئەلەقتىن بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىپ، ئاندىن رەسمىي ئىنسان شەكلىگە كىرىپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردۈڭلار»[5] دەپ تەپسىر قىلغان. قەتادە ۋە زەھھاك  «سىلەر ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقىنى بىلدىڭلار»[6] دەپ تەپسىر قىلغان. يەنى تۇپراق بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ئاسمان  _  زېمىن پەرق بار. سىلەر بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىپ كۆرمەمسىلەر؟ شۇ جانسىز تۇپراقتىن سىلەردەك جانلىق ئىنساننى ياراتقان زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆرمەمسىلەر؟

سىلەر ئۆزۈڭلار تېرىۋاتقان زىرائەتلەرگە قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇ ھەقتە ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى يېگانە ئۈندۈرگۈچى بىزمۇ؟ ھەقىقەت شۇكى، قۇرغاقچىلىقتىن قاقاس بولۇپ كەتكەن يەر _ زېمىننى ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تىرىلدۈرىدىغان زات _  ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالا يەرگە چېچىلغان قۇرۇق ئۇرۇقتىن ۋە قارا تۇپراقتىن ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە زىرائەتلەرنى چىقىرىپ بېرىۋاتقان زاتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋىشى ۋە ئىنايىتى بولمايدىغان بولسا، دېھقانلار يەرگە چاچقان ئۇرۇقنىڭ تۇپراق ئاستىدا سېسىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن يەرنىڭ ئاستىدىكى شۇ ئۇرۇقلاردىن ياپيېشىل زىرائەتلەرنى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىلا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە دەلىل بولالمامدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا شۇ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، بىر _ بىرىگە يانداش ئىككى ئېتىزنىڭ بىرىدە زىرائەت ياخشى بولىدۇ، يەنە بىرىدە ناچار ياكى ھېچ بولمايدۇ. ھەتتا بەزىدە بىر ئېتىزنىڭ ئىچىدىمۇ شۇنداق پەرقلەر بولىدۇ. بەزى زىرائەتلەر بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا نابۇت بولۇپ تۈگىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى ھوسۇل بېرىدۇ. ئەگەر زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ۋە ھوسۇل بېرىشى تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى بولىدىغان بولسا، نېمىشقا بەزىسى نابۇت بولىدۇ؟ نېمىشقا ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ؟

ئەگەر بىز خالىساق سىلەر يەرگە تېرىغان زىرائەتنى نابۇت قىلىپ، ئۇنى دانسىز بىر قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇپ قوياتتۇق _ دە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە «بىز راستتىنلا زىيان تارتىپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مول ھوسۇلنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق قاپتۇق، بارلىق ياخشىلىقتىن مەھرۇم قاپتۇق» دەپ ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار مالامەت قىلاتتىڭلار ھەمدە قاتتىق قايغۇرۇپ كېتەتتىڭلار.

سىلەر ئىچىۋاتقان سۇغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى چۈشۈرگۈچى بىزمۇ؟ ھەقىقەت شۇكى، دېڭىز _ ئوكيانلاردىكى سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ بۇلۇت ھاسىل قىلدۇرۇشقا، ئاندىن بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇشقا قادىر زات — ئاللاھ تائالادۇر. ئەگەر رەببىڭ خالىسا، بۇلۇتتىن چۈشىدىغان سۇنى زىرائەتلەر ئۈچۈن پايدىسىز قىلىپ، تۇزلۇق قىلىپ قويغان بولاتتى، ئۇ چاغدا سىلەر يامغۇردىن پايدىلىنالمايتتىڭلار. ئەمما ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز مېھىر _ شەپقىتى ۋە كۆيۈمچانلىقى يۈزىسىدىن يامغۇر سۈيىنى تاتلىق، زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا مۇناسىپ قىلىپ بەردى. ئەمدى سىلەر رەببىڭلارنىڭ بۇ كاتتا نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامسىلەر؟

سىلەر ياندۇرۇۋاتقان شۇ ئوتقا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇ ئوتقا يېقىلغان ئوتۇننىڭ دەرىخىنى سىلەر ياراتتىڭلارمۇ ياكى ئۇنىڭ ماددىسىنى ياراتتىڭلارمۇ؟ ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، يېگانە ياراتقۇچى ئاللاھ تائالادۇر. ئەمما كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.

بىز ئوتنى دوزاخنى ئەسلىتىدىغان، ھەممە ئادەم، ھەتتا يولۇچىلارمۇ پايدىلىنىدىغان بىر مەنپەئەتلىك نەرسە قىلدۇق. ئۇنىڭدىن بايمۇ، پېقىرمۇ، مۇساپىرمۇ، مۇقىممۇ پايدىلىنالايدۇ. چۈنكى ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدۇ. شۇ ئېنىقكى، ئوت بولسا سۇ، ھاۋا، تۇپراققا ئوخشاش مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا سەن ئى پەيغەمبەر! ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاپ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، يەنى ئۇنىڭ بارچە ئەيىب _ نۇقسانلاردىن ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاك ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭدىن چۈشۈرمىگىن.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.        قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ھېساب مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ.

2.        ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ھېسابسىزدۇر.

3.        ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ بۇرچىدۇر.

4.        كائىناتتا ئىنسانلار ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپتۇر.

1.        ئاللاھ تائالانى لايىقىدا مەدھىيەلەش ۋە ئۇلۇغلاش مۇسۇلمان ئادمنىڭ ئەخلاقىدۇر.

[1] «تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن بىر قانچە ئايەتنىڭ تەپسىرى. 
[2] «تفسير الطبري» 22- توم، 136- بەت.
[3] «تفسير القرطبي» 7- توم، 196- بەت.
[4] ئەلەق توغرۇلۇق ئىزاھات ئۈچۈن ھەج سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە بېرىلگەن بەت ئاستىدىكى ئىزاھاتقا قارالسۇن.
[5] «تفسير القرطبي» 7- توم، 196- بەت.
[6] «تفسير القرطبي» 7- توم، 196- بەت.