زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىسسىسى

زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىسسىسى
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا (36) وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ فَلَمَّا قَضَى زَيْدٌ مِنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا (37) مَا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَقْدُورًا (38) الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ وَكَفَى بِاللَّهِ حَسِيبًا (39) مَا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِنْ رِجَالِكُمْ وَلَكِنْ رَسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا (40)

تەرجىمىسى

36 _ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلمايدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.

37 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى (نىكاھىڭدا) تۇتقىن ۋە ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقاتتىڭ. ھالبۇكى، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇنى سېنىڭ نىكاھىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئەنە شۇنداق) ئورۇندالدى.

38 _ ئاللاھ پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان (بۇ) ئىشتا ئۇنىڭغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر.

39 _ ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.

40 _ مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، پەقەت ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.

تەپسىرى

ئىلگىرى زەيد ئىبنى ھارىسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇلى بولۇپ، خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېرىۋەتكەن. كېيىن زەيدنىڭ ئاتىسى بىلەن تاغىسى ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قېلىشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىۋېتىپ، بالا قىلىۋالغان ئىدى. ﴿ئۇلارنى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرىدۇر﴾([1]) دېگەن ئايەت نازىل بولغانغا قەدەر كىشىلەر ئۇنى «زەيد ئىبنى مۇھەممەد» يەنى مۇھەممەدنىڭ ئوغلى زەيد، دەپ چاقىراتتى. زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغا ئاچىسى ئۇمەيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى جەھش ئىدى.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغا ئاچىسىنىڭ قىزى زەينەبنى زەيدگە ياتلىق قىلىش ئۈچۈن سوراپ بارغاندا، ئۇلار زەينەبنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن سوراپ كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ دەسلەپ خۇشال بولغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەينەبنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زەيد ئۈچۈن سوراپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىشنى ياقتۇرمايدۇ ۋە بۇ تەلەپنى رەت قىلىدۇ. زەينەبنىڭ ئاكىسى ئابدۇللاھمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئابرۇيلۇق ئائىلە ئىكەنلىكىنى، زەيد بولسا تېخى تۈنۈگۈنكى قۇل ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، زەينەبنى زەيدكە ياتلىق قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. ئاندىن: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ﴾ دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ نىكاھقا قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەبنى زەيدقا نىكاھلاپ بېرىدۇ.

 ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى قانداقلا بىر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا ياكى بىرەر ئىشقا بۇيرۇسا، ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۇ ئىشنى ئورۇندىماسلىق ھەققى يوق. چۈنكى ئورۇندىماسلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلىپىگە زىت كېلىدۇ، مۇئمىنلىكنىڭ شەنىگە ياراشمايدۇ. ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىغا باش ئېگىدۇ ۋە ئۇنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇندايدۇ، ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى توسقان ئىشلاردىن دەرھال يانىدۇ. چۈنكى ئىمان بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇندىمىغان ياكى ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ ۋە ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.

   زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىنتايىن چىرايلىق بولغانلىقىنىڭ ئۈستىگە ئابرۇيلۇق بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدى. ئەمما زەيد قارا تەنلىك، قۇللۇقتىن ئەمدىلا قۇتۇلغان بىرى ئىدى. زەينەبنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بۇ نىكاھنى قوبۇل قىلىشى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش يۈزىسىدىنلا بولغان ئىدى.

نىھايەت زەيد بىلەن زەينەبنىڭ تويى بولىدۇ، ئەمما زەينەب قانچە قىلسىمۇ زەيدنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭلى پەقەتلا چۈشمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەر _ خوتۇنلۇق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. زەيد ئىمانى بىلەن كۈچلۈك ئىدى، ئىسلام ئاتا قىلغان ئىززەت بىلەن ھۆرمەتلىك ئىدى. ئۇ «ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى تەقۋادار بولغىنىدۇر، ئىنسانلار تەقۋالىقتىن باشقا ھېچ نەرسىدە بىر _ بىرىدىن ئارتۇق بولالمايدۇ» دېگەن ئىسلام پىرىنىسىپىغا چىن ئىشىنەتتى. زەينەبمۇ تەقۋادار ساھابە ئىدى، زەيدنى ھۆرمەتلەيتتى، ئەمما زەيدقا كۆڭلى چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زەيدنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆيلەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. زەيد ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زەينەب توغرۇلۇق دەردلىنىپ، بۇ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە زەينەبنى تالاق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاللاھتىن قورققىن، ئايالىڭنى چىڭ تۇتقىن!» دەيتتى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيدنىڭ زەينەبنى تالاق قىلىدىغانلىقىنى ۋە كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن زەينەبكە ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما مۇناپىقلارنىڭ «مۇھەممەد ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئايالىنى ئېلىۋالدى» دەپ سۆز _ چۆچەك تارقىتىشىدىن ئەنسىرەپ، زەيدنىڭ زەينەبنى تالاق قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى ئايالىنى نىكاھىدا چىڭ تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئاللاھ تائالا  بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ﴿ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، (چۈنكى) سەن كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقاتتىڭ﴾ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆڭلىدە يوشۇرغان نەرسە زەيدنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىدىغانلىقى، قورقۇنچىسى بولسا مۇناپىقلارنىڭ سۆز _ چۆچەك تارقىتىشى ئىدى([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھالال قىلىپ بەرگەن بۇ نىكاھنى قوبۇل  قىلىشتا مۇناپىقلارنىڭ تەنە قىلىشىدىن، كىشىلەرنىڭ سۆز _ چۆچەك تارقىتىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كايىغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەيدنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئايالىڭنى نىكاھىڭدا چىڭ تۇتقىن، دېگەنلىكى ئۇنىڭ كىشىلەردىن قورققانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەمما ئەسلىدە قورقۇشقا ئەڭ لايىق بولغان زات ئاللاھ تائالا ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كايىغان.

شۇنداق قىلىپ زەيد ئايالى زەينەبنى تالاق قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىر _ بىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئاندىن زەينەبنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالىدۇ. بۇ نىكاھ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان يېگانە نىكاھ ئىدى.

﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇنى سېنىڭ نىكاھىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئەنە شۇنداق) ئورۇندالدى﴾ بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېمە ئۈچۈن زەينەبنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇقلىغان ئايەت بولۇپ، ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئايالىغا نىكاھلانماسلىقتىن ئىبارەت ئەرەب جەمئىيىتىدە ئومۇملاشقان بىر ئادەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەسكىن ئەمرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمرى ئەنە شۇنداق ئورۇندالدى ۋە ئەمەلگە ئاشتى. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ ۋە قارشى چىقالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ھالال قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنىڭغا گۇناھ ياكى كۆڭلى سىقىلىش بولمايدۇ. چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تۇتقان يولى شۇنداق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتكەن قانۇنى شۇنداق بولغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن ۋە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئۆزگەرمەس ھۆكۈمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇتلەق ئىرادە ۋە ئىختىيار ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.

 ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان زاتلاردۇر، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ بىلەن تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىنلا قورقىدۇ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە يېتەرلىكتۇر.

ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ «مۇھەممەد قانداقمۇ ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان بالىسىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئايالىنى ئالىدۇ؟» دېيىشىڭلار ئورۇنسىزدۇر. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، ئۇ زەيدنىڭمۇ ئۆز ئاتىسى ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلىك ئۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن، ۋەھيى ئۈزۈلگەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىسلام دىنى  پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك بولغان مۇكەممەل دىن بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇن بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىسىغا ھاجەت قالمىغان. ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدۇ، ئىشلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىر زامان پەيغەمبىرى قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىنى تاقىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدىغان ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان دىن قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغانلىقىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرىدۇر.

بەزى تەپسىرلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەينەبكە ئۆيلەنگەنلىك قىسسىسى توغرۇلۇق كۆپلىگەن يالغان _ ياۋۇداق رىۋايەتلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇشنى ھاجەتسىز دەپ قارىدۇق.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ئىسلام نەزىرىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ قەدىر _ قىممىتى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ئەمەل _ ئىبادەتكە بۇيرۇلۇشتا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولۇشتا باراۋەردۇر.

2. ھەقىقىي مۇئمىنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقسىماتىغا چىن كۆڭلىدىن رازى بولىدۇ.

3. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەردۇر.

4. ھايا ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولغاندەك، ھايا بابىدىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە ئىدى.

5. زەيد ئىبنى ھارىسە ئىسىملىك ساھابىنىڭ ئىسمىنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك شەرەپتۇر، بۇ ئىسىم تاقىيامەتكىچە مۇسۇلمانلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدۇ.

6. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

([1]) ئەھزاب سۈرىسى، 5  _  ئايەت.
([2]) «تفسير ابن كثير» 6-توم، 425-بەت، «التفسير الواضح»3-توم 98-بەت.