ئوسمان مەۋلىۋى

ئوسمان مەۋلىۋى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئوسمان مەۋلىۋى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كېرىيەدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئوسمان مەۋلىۋى ئۆزى تىرىشچان كىشى بولۇپ ھىندىستاندىكى دەييۇبەند مەدرەسىسىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن ۋە ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە «ۋەتەننى كوممۇنىستلار ئىستېلا قىلىپتۇ» دېگەن خەۋەرنىڭ كېلىشى بىلەن ھىندىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇش نەتىجىسىدە، ۋەتەنگە ۋاقىتلىق قايتماسلىق قارارىغا كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يولىنى تۇتقان بولۇپ، مۇھەممەد ھاشىم مەۋلىۋى، ئابدۇساتتار مەۋلىۋى، مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى قاتارلىق ئونلارچە ئۇيغۇر مەۋلىۋىلىرى ھىندىستاننى تەرك ئېتىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن، كۆپلىرى مەككە، مەدىنە شەھەرلىرى، بىر قىسمى رىياد، تائىف شەھەرلىرىگە يەرلەشكەن، ئوسمان مەۋلىۋى بولسا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە يەرلەشكەن ئىكەن.

ئوسمان مەۋلىۋى ۋە كېرىيە ۋەخپى

مەرھۇم ئوسمان مەۋلىۋىنىڭ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا ۋە ئۇنتۇلماس خىزمىتى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى كېرىيە ۋەخپى بىناسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ۋەخپىنىڭ بىناسىنى كېرىيەلىك ساخاۋەتچىلەردىن بىرى بىرى سەدىقە جارىيە سۈپىتىدە ئۆز خىراجىتىگە سېتىۋېلىپ ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلىۋەتكەن ئىكەن. ئورنى مەسجىدى نەبەۋىنىڭ يېنىدا ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ۋەخپىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىرەر كېرىيەلىك بولمىغانلىقتىن، بۇ ۋەخپىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەخپە ئىشلىرى ئىدارىسى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ئىكەن. ئوسمان مەۋلىۋى مەزكۇر ۋەخپىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، كېرىيەدىن ھەج ۋە ئۆمرىگە كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش نىيىتى بىلەن كۆپ يول ماڭغان ۋە نۇرغۇن جاپالاردىنى تارتقان ئىكەن. (بۇ ئەھۋاللارنى ئوسمان مەۋلىۋى ھاجىم 1986- يىلى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى).

ئوسمان مەۋلىۋى مەدىنىدىكى كېرىيە ۋەخپىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى نازىر بولۇپ باشقۇرغان ئىكەن. كېيىنچە، مەسجىدى نەبەۋىنى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە ھەرەمگە يېقىن بىر جايدىن تۆت قەۋەتلىك بىنانى ئېلىپ بەرگەن ئىكەن. 1986- يىلى بىز كېرىيەدىن كەلگەن ھاجىلار شۇ بىناغا چۈشكەن ۋە ئوسمان مەۋلىۋى ھاجىم بىزنى ياتاق، تاماق ۋە خىراجەت بىلەن مۇكەممەل تەمىنلىگەن ئىدى. ئۇ يىلى بىز كېرىيەدىن ئوتتۇزغا يېقىن ئادەم ھەجگە كەلگەن بولۇپ، ھاجىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى مەن ئىدىم. مەن ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن كېرىيەدىكى ۋاقتىمدا، ھەجگە بېرىپ كەلگەن كىشىلەردىن ئوسمان مەۋلىۋىنىڭ پوچتا ئادرېسىنى ئېلىۋېلىپ، ئوسمان مەۋلىۋىگە خەت يازغان، ئۆزۈمنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرەرسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېيتقان ۋە ماڭا يول كۆرسىتىشىنى سورىغان ئىدىم. ئوسمان مەۋلىۋى مېنى كىچىك بالا دېمەي خېتىمنى ئوقۇپ تەپسىلىي جاۋاب يازغان ۋە ئىككىلەنمەستىن ھەرەمگە كېلىشىمنى، كەلگەندىن كېيىن ماڭا يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

ھەج ۋە ئىلىم سەپىرى

مېنى قارىي قىلغان سۆيۈملۈك ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارى ھاجىم ئوغلى ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن بىرلىكتە 1984- يىلى كېرىيەدىن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان ئىدى. مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قەشقەرگىچە بارغان ۋە چىنىۋاغدا ئۇلارنى پاكىستانغا ئۇزىتىپ قويۇپ قايتقان ئىدىم. ئۇستازىمغا چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ۋە ماڭا بىرەر دۆلەتتىن چاقىرىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم. ئۇستازىم ساق ئالتە ئايدا ھەجدىن قايتىپ كەلدى. چاقىرىق يېقىندا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ھەممە ئىشنى پاكىستاندا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بولسام ئىنتىزارلىق بىلەن چاقىرىقنى كۈتتۈم. بىر قانچە ئايدىن كېيىن چاقىرىقمۇ كەلدى.  1985- يىلىنىڭ بېشىدىن يول مېڭىشقا باشلاپ، 1986- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى ھەج سەپىرىگە ئاتلاندۇق. دادام ئۆزى بارالمىغانلىقى ئۈچۈن مېنى كېرىيەلىك ھاجىلارغا قوشۇپ قويغان ۋە ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ كېلىشىمنى تاپىلاپ مېنى يولغا سالغان ئىدى. 

بىز مەدىنىگە چۈشكەن ھامان ئوسمان مەۋلىۋى خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ بىزنى ئاپتوۋۇز زالىدىن كېرىيە ۋەخپە بىناسىغا ئېلىپ كەلدى ۋە مىللىي تاماقلار بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ مەۋلىۋى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ئۇ كىشى ئەتىسى پاكىستان لاھوردىكى بىر مەدرىسىدىن ھەجگە كەلگەن بىر ئۇستازنى چاقىرتىپ كېلىپ، مېنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى. ئۇ كىشى مېنى ھەجدىن كېيىن لاھورغا بېرىپ ئۆزىنى ئىزدىشىمنى ئېيتىپ تېلېفون نومۇرىنى ۋە ئادرېس كارتىنى بەردى. ئەمما ھەجگە كېلىشتىن بۇرۇن پاكىستاندا بىرەر ئايغا يېقىن تۇرۇش جەريانىدا ئۇ يەرنىڭ پاسكىنىلىقى ۋە ھاۋاسى ماڭا قەتئىي ياقمىغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياكى مىسىردا ئوقۇشقا ئىمكانىيەت تاپالمىسام مەجبۇرى بېرىشنى قارار قىلغان ئىدىم. مەن مەدىنىدە تۇرۇش جەريانىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوسمان مەۋلىۋىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ سۆھبىتىنى ئاڭلايتتىم. ئۇ كىشى ئەتراپىغا كىتابلارنى تىزىپ قويغان، قولىدا تەسبىھ، ئالدىدا قۇرئان، ھەمىشە جاينامازدا ئولتۇراتتى. ئىشخانىسىمۇ ۋە ياتىدىغان جايىمۇ شۇ بىر ئىشخانا ئىكەن. ناھايىتى ئاز تاماق يەيدىغان، كۆپ تەسبىھ ئېيتىدىغان، تولىمۇ كەمتەر ۋە سېخىي كىشى ئىكەن. مەن بۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم.

ھەجمۇ تۈگىدى، ھەمراھلىرىم ھەممىسى مېنى يىغا-زار بىلەن مەككىدە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىشتى. مەن بۇ ئارىدا مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە تەرەپتىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ مىسىرغا بېرىشقا بەل باغلىدىم ۋە ئاشۇ دوستلار بىلەن بىللە مىسىرغا تەييارلىق قىلدۇق. مىسىرنىڭ ۋىزىسىنى ئالالمىغان بولساقمۇ، رەھمەتلىك رەھمەتۇللاھ قارىھاجىم دادىمىزنىڭ يول باشلىشى ۋە جاسارىتى بىلەن مىسىرغا ۋىزىسىز ھالدا يېتىپ باردۇق. جانابى ئاللاھ تائالا رەھمەتۇللاھ قارىھاجىم دادىمىزنى فىردەۋس جەننەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىغاي ئامىن.

 ئوسمان مەۋلىۋى مېنىڭ پاكىستانغا بارماي، مىسىرغا كېتىپ قالغانلىقىمنى ئاڭلاپ قاتتىق رەنجىگەن، دادامغا يازغان خېتىدە بۇنى ئىزھاز قىلغان ئىكەن.

1991- يىلى مىسىردىن ئۆمرىگە كەلگەن ۋاقتىمدا مەۋلىنى زىيارەت قىلىپ، مىسىردىكى ئوقۇش ئەھۋالىمدىن خەۋەر بەردىم ۋە مىسىرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن مېنى توغرا چۈشەنگەن بولدى ۋە ماڭا ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلدى. كېيىن مىسىرغا پۇل ئەۋەتىپ تۇرىدىغان ۋە ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدىغان بولدى. مەن مىسىردىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگىنىمدە ئوسمان مەۋلىۋى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىكەن.

ئوسمان مەۋلىۋى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، كېرىيەلىك ھاجىلارغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئاچقان كېرىيە ۋەخپىنى ھازىر كېرىيەلىك مۇھەممەد قارىھاجىم دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئۆمەر باشقۇرۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە، مەدىنە، تائىف شەھەرلىرىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يۇرتلىرىنىڭ نامىدا ۋەخپە بىنالىرى بار ئىكەن. بولۇپمۇ مەككىدە مىليونلارچە دوللارغا يارايدىغان كاتتا ئۇيغۇر ۋەخپىلىرى بار. ئەمما بۇ ۋەخپىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىدىن ۋەخپە نازىرلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇيغۇر پادىلانمايدۇ. نۇرغۇنلىرى بۇ ۋەخپىلەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى ئورنىدا قىلىۋالغان. ئەمما ئۆمەر ئۆزى تىرىشچان، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە  ھارامدىن ساقلىنىدىغان كىشى بولغانلىقتىن، كېرىيە ۋەخپى بىناسىدىن چۈشكەن كىرىملەرنى توپلاپ يەنە ئىككى جايدىن ۋەخپە بىناسى سېتىۋالغان ۋە ھەممىسىنى ئۆز يولىدا ماڭدۇرۇپ، چۈشكەن پۇلىنى ساقلاپ كەلمەكتە. كىتاب باستۇرۇش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش دېگەندەك بەزى خەيرلىك ئىشلارنىمۇ قىلىپ تۇرىدۇ.

رەھمەتلىك ئوسمان مەۋلىۋىنىڭ مەندەك ئەمدىلا تېخى 15 ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ كېرىيەدىن يازغان ئاددىغىنە سالام خېتىنى تولۇق ئوقۇپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي جاۋاب يازغانلىقى ۋە تەھسىل قىلىشىم ئۈچۈن قېتىرقىنىپ يول كۆرسەتكەنلىكى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەتلىك ئوسمان مەۋلىۋى ھاجىمغا چەكسىز مەغپىرەت ۋە كەڭ رەھمەت تىلەيمەن.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار