ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى

ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى

ئاتاقلىق فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ۋە تەپسىرشۇناس ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى11-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئۇ ئانا يۇرتىدا دىنىي تەلىمىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتى قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تاشلاپ مەككە بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىككى ھەرەم شەھەرلىرىگە قىلىپ بېرىپ،  ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمى14يىل بۇ ئىككى شەھەردە ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرى

ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى ئىسلام فىقھى، تىل ۋە تەپسىر ئىلىملىرىدە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. مەسىلەن: ئۇنىڭ « ناماز ئەھكاملىرى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئەڭ قەدىمىي ئەسەر ھېسابلانسا كېرەك. ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ زور شۆھرەت تاپقان ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنى بىر گۇرۇپپا ئالىملار تەرىپىدىن شەرھلىنىپ ئىستانبۇل، قاھىرە ۋە باشقا ئىسلام مەركەزلىرىدە بىر قانچە قېتىم نەشىر قىلىنغان. تېخى يېقىنقى يىللاردىمۇ شام دىيارىدا بىرنەچچە قېتىم بېسىپ نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر  ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، تېخى نەشر قىلىنمىغان. ئۇنىڭ تىلشۇناسلىقتا« ئاز ئۇچرايدىغان سۆزلۈكلەر مەجمۇئەسى» ناملىق ئەسىرى، تارىخ ئىلمىدە«ساھابىلارنىڭ تەرجىمىھالى»، ئىجتىمائىي ئىلىمدە«بەخت تاجىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ بۇ ئەسەرلىرى قوليازما ھالىتىدە ئىستانبۇل ۋە باشقا  ئىسلام شەھەرلىرىدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئالىمنىڭ شۆھرىتى

ئەرەبچە مەنبەلەردە بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى تولۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى: فىقھىشۇناس، تىلىشۇناس، تەپسىرشۇناس ئالىم دەپ ئاتىلىپ، ئانا يۇرتى بولغان قەشقەر بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، « بۇ ئالىمنىن نامى ئەللامە سەدىدۇددىن كاشغەرىيدۇر، كاشغەرىي دېگەن ئاتالغۇدىن تۈرك دىيارلىرىنىڭ ئەڭ ياقىلىرىدىكى كاشغەر دېگەن قەدىمىي يۇرت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئالىم فىقھى، تىلشۇناسلىق، تەپسىرۋە ئىجتىمائىي ئىلىملەردە  ئۆز يۇرتىدا كامالەتكە يېتىپ بولۇپ  ئەرەب يەرىم ئارىلىغا كەلگەن ئىدى.»

ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلىرى توغرىسىدا تۈزۈك مەلۇمات يوق، ئاساسەن بارلىق ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئاتاقلىق لۇغەتشۇناس فىقھىشۇناس ئۇيغۇر ئالىم سەدىدۇددىن مۇھەممەد ئەلى كاشغەرى بىلەن ئۇندىن بىر دەۋر كېيىن ئۆتكەن ئاتاقلىق سوپىزم پىشىۋاسى، موللا ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئۇستازى سەئدىددىين كاشغەرى ئوتتۇرىسىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئۇنىڭ كىتابىنى بۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىۋەتكەن.

ئالىمنىڭ ۋاپاتى

ئۇلۇغ ئالىم سەدىدۇددىين مۇھەممەد قەشقىرى مىلادىيە 1305-يىلى ئىككى ھەرەم زېمىنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار