پاكىستان  ئۇيغۇر

پاكىستان  ئۇيغۇر

«بۇ ئادەم ئەسلى يەكەنلىك، يەكەندىن ئوقۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا كەتكەن، ھىندىستاندا بۇ ئادەمنى بىلمەيدىغان ئۆلىما يوق دېيەرلىك. ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىكەن. ئۆزى ھەم كاتتا ئالىم بولغاننىڭ ئۈستىگە  ناھايىتى ناتىق ئادەم ئىدى. بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە رادىئوسىغا  ئىشقا كىرىپ ئاز ۋاقىت ئىشلىگەندىن كېيىن يەنە پاكىستانغا قايتىپ كەتكەن. بۇ ئادەم ئەسلىدە 1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان. مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ئاتىسى شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پىدائىيلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلاردىن بىرى  بولغانلىقتىن، ئامالسىز ھالدا بۇ ئائىلە  1937- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ يىلىسى مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ھىندىستان پايتەختى نىيۇ دېلھىدا دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە ھىندىستان ئىككىگە  بۆلۈنۈپ پاكىستان دۆلىتى بارلىققا كەلگەندە، مەۋلىۋى مۇھەممەد ھەسەن پاكىستان دۆلىتى تەركىبىدە ياشاشقا داۋام قىلغان ۋە ئىلىم تەھسىلىنى پاكىستاندا ئوقۇشقا باشلىغان.

مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ھاياتى

 ئۇ كىچىكىدىن دىنىي ۋە پەننى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1958- يىلى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1964- يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىدە 7 يىل ئىشلىگەن. ئۇ كىشى پاكىستان ئارمىيىسى سېپىدە ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق مۇكاپاتىغا ۋە تەقدىرنامىسىغا ئېرىشكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار