«تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىدىن تالانما

«تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىدىن تالانما

مۇندىن يېرىم ئەسىر دىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا»تۈركىستان ئاۋازى«ناملىق ئايلىق ژۇرنال نەشىر قىلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

تۆۋەندە «تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ 1958- يىلى ئىيون ئېيىدا چىققان بەشىنچى سانىدىن ئەرەب دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئىبراھىم ۋاسىلىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى» دېگەن ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سونىمىز:

ماقالىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى قىزىل خىتاي ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، يۇرتنى تاشلاپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ تەيۋەن ئارىلىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ئىدى. بىز چەتئەلگە چىققان كۈنىمىزدىن باشلاپ، تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى بىزگە ئوخشاش ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇش جەريانىدا  ۋەتەننىڭ قەدرىگە  ۋە بىزدەك ۋەتەنسىز قالغانلارنىڭ دەردىگە يېتىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جۇڭگۇدىكى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىجابىي مەۋقىئەگە كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىت بىلەن ئۇلاردىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى سورىدۇق. لېكىن ئايلار ۋە يىللار ئۆتتى، ئەمما تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇلار بىلەن غەيرى رەسمى ېئلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمقى ئەقلىيىتى بويىچە كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز ئاخىرى تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى مەۋقىئەمىزنى قايتىدىن تىكلەش قارارىغا كېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە بارچە ئىسلام دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردۇق. قۇرۇلتاي 1954- يىلى 30- ئاۋغۇستتىن 6- سىنتەبىر كۈنىگىچە 7 كۈن داۋام قىلدى. قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق تۆۋەندىكىچە قارارنى ئالغان بولدۇق:

 ‹تەيۋەندىكى گومىنداڭ ئۆزىنى جۇڭگۇنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولسا، بىزمۇ ئۇلارنى شۇنداق دەپ ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلسۇن. شۇ ۋاقىتتا بىزمۇ تەيۋەن تەرەپتە تۇرۇشقا ھازىرمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىغان بولسا بىزمۇ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلاشمايمىز›.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ لىدېرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئىككىسىنى تەيۋەندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەب قىلىش، ئەگەر تەيۋەن بىزنىڭ تەلىبىمىزنى قوبۇل قىلمىسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇش ئىشلىرىغا چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن ۋەكىل قىلىپ بەلگىلىدۇق.

مەككىدە ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن مەزكۇر ئىككى لىدېر تەيۋەننىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى سۇندى. گومىنداڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى بىلەن كۆپلىگەن مۇزاكىرىلەر ۋە سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەرقىي تۈركىستان دېگەن جاينىڭ بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇندىن بىرى تەيۋەن بىلەن ئارىمىز بۇزۇلغان بولدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ۋە زۇلۇملىرىنى خەلقى ئالەمگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنى خەلقئارادا رەسۋا قىلىش پۇرسىتىمىز كەلگەن بولسىمۇ، ۋاقىتلىق تىنچ ئۆتۈشنى ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرۈشنى تاللىدۇق».

ئاپتۇرى: ئىبراھىم ۋاسىلى 1958- يىلى ماي – قاھىرە


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار