مەۋلىۋى مۇھەممەد نىياز خوتەنىي

مەۋلىۋى مۇھەممەد نىياز خوتەنىي

مەۋلىۋى مۇھەممەد نىياز دېگەن كىشى ئەسلى خوتەنلىك بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ كۆپىنچىسى خوتەنلىك ئىدى. مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى كاتتا ئالىم بولغان كىشى بولۇپ،ئۇ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىدە 1919- يىلى ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، 1930- يىلى ھىندىستانغا بېرىپ مەشھۇر ” دەييۇبەند“ مەدرەسەسىدە ئوقۇشقا چۈشكەن. 1937- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇپتىسى ۋە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. 1945- يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان رەئىسلىق سايلىمىدا مۇھىم رول ئوينىغان، 1947- يىلىدىكى غولجىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۈرۈمچى قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلغان مىللىي قۇرۇلتايغا قاتناشقان  بولۇپ، قۇرۇلتاي ئاياقلاشقاندىن مەۋلىۋى مۇھەممەد نىياز خوتەنىي ئۈرۈمچىدىكى قورچاق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 8 ئاي تۈرمىگە ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىن بوشىغاندىن خوتەندىكى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەستىن دەرھال ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. 1951- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىدۇ.

مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋىنىڭ پائالىيەتلىرى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇنجى قۇرۇلغان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنى غەلىبىلىك ھالدا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بىلەن پۈتتۈرگەن مەۋلىۋى شۇۋاقىتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان قىرالى فەيسەلنىڭ زور ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ. 1966- يىلى تەيۋەندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىبىگە بىنائەن، ئۇنى قرال فەيسەل تەيۋەن پايتەختى تەيبەي شەھىرىگە  تەيۋەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئىككى يىل تەيۋەندە دىنىي خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، كېلىشىم بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇندىن كېيىن مەسجىد ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.

مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋىنىڭ ۋاپاتى

مەرھۇم مۇھەممەد نىياز مەۋلىۋى 1947- يىلى ۋەتىنىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغاندىن بىرى ئۆيلەنمەستىن  ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بويتاق بولۇپ ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، 1991- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار