مۇھەممەد نۇر قارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇھەممەد نۇر قارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىم 1947 - يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار يېزىسى چارۋاش كەنتىدە دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان.

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىم خوتەندە يۈزلەرچە قارى يېتىشتۈرگەن مەشھۇر قارىلاردىن شەمسىددىن قارىھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1949_ يىلى چوڭ دادىسى مەقسۇت قارىھاجىم، ئانىسى خەيرۇننىساخان ھاجىم ۋە تاغىسى نۇرئەھمەد ھاجىملار بىلەن ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان. ئاتىسى شەمسىددىن قارىھاجىم ۋەتەندە قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى مېھرىبان ئانىسى، چوڭ دادىسى ۋە تاغىسى نۇرئەھمەد ھاجىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان.

ئوقۇش ھاياتى: ئۇستاز مۇھەممەد نۇر ھاجىمنىڭ مەككە مۇكەررەمە مەسجىدى ھەرەم ئەتىراپىدىكى مەساپىي، مىسفەلە، ئەلمىسيال، ئەششۈبەيكە ۋە ھىجلە قاتارلىق مەھەللىلەردە ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا ئۇستازنىڭ قەلبى كىچىكىدىن باشلاپلا كەبە ۋە مەسجىدى ھەرەمگە، ھەرەمدىكى مۆتىۋەر ئۇستازلارغا مەھكەم باغلانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئۇستازلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان. ئۇستاز دەسلەپكى دىنىي ساۋاتلارنى مەسجىدى ھەرەمدىكى ئۇستازلاردىن ئەللامە ئاشۇر ۋە مەككىدىكى داڭلىق قارىلاردىن ئابدۇرەئۇپ مەرئى ۋە تائىفتىكى ئۇستازلاردىن ئابدۇلۋاھھاپ داموللا قاتارلىق ئۇستازلاردىن ئالغان.

باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى مەككە مۇكەررەمەدىكى پەلاھ مەكتىپىدە ئوقۇغان ئۇستاز مۇھەممەد نۇرى ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ھەركۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆگەي دادىسىنىڭ ناۋايخانىسىدا، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاغىسىنىڭ سائەت دۇكىنىدا يەنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىشلەپ ئوقۇغان بولسىمۇ، مەسجىدى ھەرەم ۋە ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى باشقا دىنىي ئالىملاردا شەرئىي بىلىملەرنى ئېلىشقىمۇ قەتئىي سەل قارىمىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرۈپ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۈنىۋىرسىتېتى ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىغا قوبۇل بولغان.  ھىجرىيە 1395- يىلى ئەرەب تىللىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق دىپلومىنى ئالغان.

خىزمەت ھاياتى:

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىم ھىجرىيە 1395-يىلى ئۈنۋىرسىتېتنى   پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مۇددەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن مەككە مۇكەررەمە ئۇممۇلقۇرا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئەلھىجرە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئەرەب تىلى ئۇستازى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ھىجرىيە 1417-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىۋاسىتە قارارى بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرى بويىچە پۈتۈن مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىي پائالىيەتلەر باش نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىر مۇددەت مەدەنىي پائالىيەتلەر باش نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش نازىرى، كېيىنچە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئۇيۇ
شمىسىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىم ئۆزىنىڭ خۇشچىراي، دوستانە، ئەپۇچان، مۇلايىم، ۋاپادار، كەمتەر، ياردەم سۆيەر، سېخىي، جەسۇرلۇقى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ يۈكسەك گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئالىي ھىممىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى، دوست-يارانلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ئىچىدە تونۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان.

 ئۆز خىزمىتىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە تولۇق ئادا قىلىپ كەلگەن ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بولۇپمۇ مەككە مۇكەررەمىدە مائارىپ ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ بىرىدىن سانىلىدىغان بولۇپ، ئۇ خىزمەتتىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا مائارىپ ئىدارىسى ۋە  باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنىڭ تەكلىپى بىلەن پۇرقان مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇستاز ھەققىدە باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى:

 ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىم خىزمىتىدىن دەم ئېلىشقا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككە مۇكەررەمە تەلىم تەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇستازنىڭ شەرىپىگە مەخسۇس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتتە بىر قانچە شەخسلەر سۆز قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قانچە كىشى ئۇستاز ھەققىدە ئالاھىدە يازما ھازىرلىغان ۋە بۇ يازمىلار ئۇستازنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان كىتابچە سۈپىتىدە بېسىپ تارقىتىلغان.

مەسىلەن: مەككە مۇكەررەمە شەھىرى تەلىم - تەرببيە ئىدارىسى ئەرەب تىلى دەرسلىكلىرىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد سالىھ پىندىقچى، ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارىھاجىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇستاز مۇھەممەد نۇر بىلەن تۇنجى تونۇشقان كۈندىن بىرى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە مۇھەببىتىمنى ئاشۇرغان تەرەپلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەردە تېپىلمايدىغان، غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان مۇلايىملىق ۋە باشقىلار بىلەن چىقىشىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقى ئىدى. مەن ئۇستازدىكى بۇ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئۇزۇن يىلدىن بىرى داۋاملىق ئۇچرىتىپ كەلدىم. ئۇستازدا كەمتەرلىك، مۇلايىملىق، دوستانىلىق، خۇشچىرايلىق، سەۋرچانلىق، سەمىمىيلىك، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ياردەم سۈيەرلىك قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ ئۇ، بۇ گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ۋە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇستاز ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆيۈنۈش، ئۇلار بىلەن كۆپلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، دەردلىرىگە قۇلاق سېلىش، كۆپلەپ بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ۋە قولىدىن كېلىشىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش، ھەممىدىن مۇھىمى خىزمىتىنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئابدۇلئەزىز ئەھمەد سەرھان  مۇنداق دەيدۇ: قۇياش غەربكە قىيسايغاندا، ئاي نۇر چېچىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا، مىليونلارچە يۇلتۇزلار نۇر چېچىشقا باشلايدۇ. لېكىن ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قانۇن بويىچە بەلگىلەنگەن ياش چەكلىمىسى بويىچە دەم ئېلىشقا چىقىدىغان بولسا، مەككە مۇكەررەمە تەلىم تەربىيە ئىدارىسى ئەدەبىي سەنئەت پائالىيەتلەردە ئۇچرىغان زىيانلىرى سەۋەبىدىن ياش تۆكۈشكە باشلايدۇ. بۇ ساھەدە ئۇستاز مۇھەممەد نۇرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇستاز نۇر مۇھەممەد مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن تونۇشماستىن، بەلكى پائالىيەتلەر ئۇستاز بىلەن تونۇشقان، دېگەن.

ۋاپاتى: ئۇستاز مۇھەممەد نۇر قارى 2015- يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى  مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ماشىنا ۋەقەسىدە 67 يېشىدا ۋاپات قىلغان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار