سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇرېھىم

 

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇرېھىم

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تىرىشچان خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلار بارغانلىكى جايلاردا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان مىللەتتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، تۈركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىدە يۇقىرى مەرتىبىلەرگە كۆتىرىلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن ئابدۇرېھىم مەۋلىۋىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى توغرۇلۇق مۇنداق دىدى:«ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى ئۆزى يەكەنلىك بولۇپ، ياڭزىڭشىن زامانىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا چىقىپ قالغان ئۆلىما ئادەم ئىكەن. ئۇنى مەۋلىۋى دېيىشتىكى سەۋەب، ئۇ ھىندىستاننىڭ ” دەييۇبەندى“ ناملىق مەشھۇر مەدرىسىسىدە ئوقۇغان ئىكەن.ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى 1911- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدە ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى ئاتىسى رەھمەتۇللا داموللامدا تامالىغان. 1924 – يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلاپ بىرقانچە يىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، 1932- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن خەلق ئىنقىلابى مەزگىلىدە يەكەنگە قايتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا شۇ جايدىن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان ئىكەن.»

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

 مۇھەممەد قاسىم ھاجىم «ھىندىستاننىڭ داڭلىق مەدرىسىسى”دەييۇبەند“كە ئوقۇشقا چۈشكەن ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى 1938- يىلىغىچە شۇ مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ” مەۋلىۋى“ دېگەن دىنىي ئۇنۋاننى شۇجايدا ئالغاندىن كېيىن، 1946- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىشقا باشلىغان ئىكەن».

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋىنىڭ ئەمگەكلىرى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم «ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ”خوتەن ۋەقىپ ئۆيى“ دە ئۆزى يالغۇز مەخسۇس كۇتۇبخانا ئاچقان ۋە ئۇيغۇرچە  كۆپلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. مەسىلەن: ئۇنىڭ ”بەيداۋى تەپسىرىنىڭ نېگىزى“ ناملىق ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئەسىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ” ئىسلامدا مىراس قانۇنى“، ”روھ“، ” تاللانغا خۇتبىلار“ قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە نەشىر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلغان. مۇندىن باشقا مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ” ئەقائىد زۆرۈرىيە“ ۋە ” ئىبادات ئىسلامىيە“ ناملىق ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان.»

 ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى 1996- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار