سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئىمام ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئىمام ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم

ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم شاھيارلىق ئابدۇزاھىر داموللامنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسى بىلەن 1936- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. ئابدۇرەقىب ھاجىم ۋەتەندىن كىچىك چىقىپ، مەككىدە ئوقۇپ يېتىلگەنلىكى  ۋە قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدىكى كونكارىيە مەسجىدىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىمام ۋە خەتىب بولۇپ ئۆتكەن.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم ھەققىدە مۇنداق دىدى:«ئابدۇرەقىب قارى ھاجىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇرەقىب ئابزاھىر سۇپى دەيمىز. ئاتىسى شاھيارنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىكەن. بۇلار دادا – بالا ئىككىسى  سەئۇدى ئەرەبىستانىغا 1936- يىللىرى كەلگەن ئىكەن. يۇرتتىن كىچىك چىققانلىقتىن، بۇ يەردە ئەرەب تىلىنى ياخشى ئوقۇپ يېتىلگەن، ئۈستۈن مەلۇماتلىق كىشى ئىكەن.  ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم كىچىك پېئىل، ئەخلاقلىق ۋە تەقۋادار كىشى ئېدى. مەسجىدنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە ئىشخانىسىدا ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە قولاق سېلىپ، ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تەرەپتىن ياردەم قولىنى سۇناتتى. مەككىنىڭ مەشھۇر مەسجىدلىرىدىن بولغان بىر مەسجىدتە بىر ئۇيغۇر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلىرىمىز ئۈچۈن بىر پەخىر ئېدى. ئابدۇرەقىب ھاجىم رامىزان ئايلىرىدا شۇ مەسجىدىدە خەتمە ئۆتەيتتى.»

ئابدۇرەقىب قارى ھاجىمنىڭ پائالىيەتلىرى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دىدى:«ئابدۇرەقىب ھاجىم ئىمام ۋە خاتىبلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەككە شەھەرلىك ئىدارسىدا بىر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى (رابىتۇل ئىسلام)دا بىر قانچە يىل ئوتتۇرا ئاىسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. مۇندىن باشقا نىكاھ ئىشلىرىنى بېجىرەتتى. ئابدۇرەقىب ھاجىم 1993- يىلى ئالمۇتىغا بېرىپ رامىزان ئېيىدا، ئالمۇتىنىڭ مەركىزى مەسجىدىدە مۇسۇلمانلارغا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ بەرگەن ئىكەن. ھە ر يىلى ھەرەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدىن تا ھەج ۋاقتىغىچە 4 ئاي بۇ كىشىدىن پايدىلىناتتى. پاسپورتى يىتىپ كەتكەنلەرگە پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ماڭاتتى، پۇلى يىتىپ كەتكەنلەرگە پۇل ھەل قىلىپ بېرەتتى. ئايروپىلان بېلىتى يىتىپ كەتكەنلەرگە بېلەت ئېلىپ بېرەتتى. دىنى مەلۇماتى يوقلارغا مەلۇمات بېرەتتى. بۇ ئادە م سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە كۆپ خىزمەت قىلغان كىشى ئىدى. ئابدۇرەقىب ھاجىمنىڭ جۈمە نامازلىرىدا ئوقۇغان خۇتبىلىرى توپلىنىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان. »

ئابدۇرەقىب قارى ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

 ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم 1998- يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرىپىدىكى ھەرەمگە 6 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىجرەت مەھەللىسىدىكى يېڭى ئۆيىدە ۋاپات بولغان ئىكەن. ئابدۇرەقىب قارى ھاجىم 6 قىز، 3 ئوغۇل، 9 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار