تەلەت ئەپەندى

تەلەت ئەپەندى

تەلەت ئەپەندى ئۈستۈن ئاتۇش ئىكىزاقلىق مەشھۇر ھۈسەين باي ھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1914- يىلى دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. تەلەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاياتى توغرۇلۇق خېلى كىتابلار يېزىلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ھاياتىنىلا تونۇش تۇرۇش بىلەن كۇپايە قىلىمىز. بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەلەت ئەپەندى 1956- يىلى شاڭخەي ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ چىقىۋالغان ۋە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە تىللارنى خېلى مۇكەممەل ئوقۇپ يېزىشنى ئۈگەنگەن ئىكەن. تەلەت ئەپەندىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاچان كېلىپ يەرلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1960- يىلى جىددە شەھىرىدە ئابدۇقادىر ئەھمەد ھاجىم بىلەن بىرلىشىپ پلاستىڭ زاۋۇتى قۇرغىنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا خېلى بۇرۇنلا كەلگەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

 سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى تەلەت ئەپەندى ھەققىدە مۇنداق دىدى:« تەلەت ئەپەندى بىلەن مەككىدە ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەن بولدۇق. تەلەت ئەپەندىنىڭ دادىسى ھۈسەين باي بىلەن تاغىسى باۋۇدۇن بايلار 1905- يىلى ۋە شۇ يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسجىدى ھەرەمگە 250مېتىر كېلىدىغان شامىيە مەھەللىسىدىن 5 قەۋەتلىك بىر بىنانى سېتىپ ئېلىپ ئەۋلادلىرىغا ۋەقپ قىلىپ قويغان ئىكەن. تەلەت ئەپەندى مانا مۇشۇ بىنادا ئولتۇرغان ئىكەن. كېيىن تەلەت ئەپەندى جىددە شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ 80 ياشتىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ جەسىدىنى (ئۆزىنىڭ شۇنداق ۋەسىيىتى بولغانمۇ) ئايالى تۈركىيە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ بىنانى 1994- يىلى ھۆكۈمەت چېقىۋېتىپ بەدىلىگە30 مىليون رىيال(8مىليون دوللار) باھالاپ ساقلاپ قويغان ئىكەن. بۇ ئەۋلادى ۋەقىپ بىناسىنىڭ ھەق ئىگىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنى ئىسپات قىلالىسا مەزكۇر پۇلنى ئالارمىش. ئۇنى تەلەت ئەپەندى ئۆزىگە ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ۋەقىپنىڭ ھۆججىتىدە«ئەۋلادى ۋەقپ»يەنى( باۋۇدۇن باي بىلەن ھۈسەين بايلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭدۇر)دەپ يېزىلغانلىقتىن، بۇ ئىككى باينىڭ جىمى ئەۋلادلىرى كەلسە، ئاندىن پۇلىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.»

تەلەت ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ، تەلەت  ئەپەندى 1987- يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە  بېرىپ، ئەسلى پەيزاۋاتلىق بولۇپ ئۈرۈمچىدە دوختۇرلۇق قىلىدىغان نۇرىمان ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ ئايالى بىلەن ئۆتكەن ئىكەن.

 تەلەت ئەپەندىنىڭ ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىزى بارلىقى مەلۇم. بىر ئوغلى كانادادا ئىمىش، قالغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەلەت ئەپەندى ئابدۇقادىر ئەھمەد ھاجىم بىلەن 1960- يىلى قۇرغان زاۋۇت ھازىر ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ھاجىنىڭ قولىدا. چۈنكى قەرزگە كىرىپ قالغانلىقتىن ئىككى شېرىك ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك يۈز  بېرىپ، بۇلار 1980- يىللارنىڭ بېشىدا ئايرىلىپ كەتكەن ۋە ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇلاردىن زاۋۇتنى سېتىپ ئالغان بولۇپ، ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ ئائىلىسىگە قالغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار