شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئادەم

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئادەم

1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان مىللىي ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلار ئانا يۇرتىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. مۇھەممەد قاسىم ھاجىم خوتەنىيمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

« قاسىمجان ھاجىم 1926- يىلى مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇسا جارۇللا بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇ كىشىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم قرال ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، كېيىنچە ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن ئىكەن. ئەسلى بۇ كىشى 1901- يىلى خوتەننىڭ ئىلچىدە  ھاللىق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەندە ئالغان بولۇپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ھەم تىجارەت ھەم بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن يۈرۈش جەريانىدا مۇسا جارۇللا بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ئۇنىڭدىن مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن روھىي كۈچلەرنى ئالغان ئىكەن. كېيىنچە تىجارىتىنى  تۇرپانغا  يۆتكەپ بېرىپ شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان ۋە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ مەشھۇر قوماندىنى مەھمۇد مۇھىتىينىڭ قىزى رەھىمە خانىمغا ئۆيلەنگەن. قۇمۇلدا ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، خوتەندە ئىنقىلاپ پارتلىغاندا خوتەن مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلىنىپ، كېيىنچە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئىكەن.

قاسىمجان ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

«قاسىمجان ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1934- يىلى  مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن بىرگە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئادەم ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ھەر خىل ماقالىلارنى يازغان، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئالاھىدە بولۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەب قىلىش مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇش يولىدا  ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى قىلغان.ئۆزى ئانا تىلىدىن باشقا پارسچە بىلەن ئىنگىلىزچىنى بىلەتتى.»

 قاسىمجان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

قاسىمجان ھاجىم ئائىلىسى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 1981- يىلى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. بۇ كۈنى پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئۇنىڭ ۋاپاتى ئېلان قىلىنغان،  كۆپلىگەن مەرسىيە شېئىرلار يېزىلغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار