
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي
1912- 1988
ئاپتورى: رەھمەتۇللاھ ئانايەتۇللاھ تۈركىستانىي
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ
زېمىن يۈزىدە ياشاۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر بىر لەھزىدە مىڭلارچىسى بۇ ھاياتلىققا كۆز ئېچىپ تۇرسا، يەنە مىڭلارچىسى ھاياتلىق بىلەن خوشلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىكى ھايات سەھىپىسىدىن ئۆچۈرىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە سىمالىرى كىشىلەرنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە پارلاپ تۇرىدۇ. تارىخ ئۇلارنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرى، ھەقىقەت يولىدىكى كۈرەشلىرى، ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە ياخشىلىققا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن تارىخ بەتلىرىدە مەڭگۈ ئۆچۈرۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى تۇپراققا ئايلانغان بولسىمۇ، نامى تارىخ بەتلىرىنى خۇشبۇيغا تولدۇرغان ھالدا مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ باقاسىز ھاياتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تا قىيامەت داۋام قىلىدىغان مىللىتى ئۈچۈن ياشايدۇ. مىللىتى داۋام قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ زىكرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تا ئەبەتكە داۋام قىلىدۇ. ئىنسانلار تارىخلارنى ياراتقان ئەرلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىدۇ ۋە ئۇلار يۇرۇتۇپ بەرگەن يول بىلەن يۈرۈپ غەلىبىلەرگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى مۇنداق ئەرلەر مىللەتنىڭ پەخرى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان، تارىخىنى يازغان كىشىلىرىدۇر.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي نامىنى تارىخ ئالتۇن رەڭ بىلەن نۇرلۇق بەتلىرىگە يېزىۋەتكەن ئەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن قىلىپ كەتكەنلىرى، ئىسلام يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى ۋە ھەمىشە ياخشىلىقنى سۆيۈش، ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلىتى بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ يولىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي پۈتۈن ھاياتىنى دىنى، ئېزىلگەن خەلقى ۋە ياۋۇزلار تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنغان ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشسقا بېغىشلىغان شەخس بولۇپ، بۇ يولغا جېنىنى، ئائىلىسىنى ۋە مال – مۈلكىنى ئاتاشتىن ھېچ بېخىللىق قىلمىدى. غۇربەتچىلىك، قىيىنچىلىق، ئازابلار ئۇنى يولىدىن توسۇپ قالالمىدى. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى كۇفرى، دۈشمەنلىك ۋە زالىملىققا قارشى كۈرەش قىلغان بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنىڭ جانلىق ئۆرنىكى ئېدى. ئۇنىڭ تارىخى ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللىتىنىڭ ھۆررىيىتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىسلامنىڭ ئىززىتى يولىدا كۈرەش قىلغان شەخس بولۇپ پۈتۈلدى.
دۇنياغا كېلىشى ۋە بالىلىق چاغلىرى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1912- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن شەھىرىدە ئىسلام باي دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى يەكەندىكى ئۇستازلىرىدىن ئالغاندىن كېيىن، قەشقەرگە بېرىپ «خانلىق مەدرىسە»دە، مەشھۇر ئۆلىمالاردىن ھاشىم داموللام، شەمسىدىن داموللام لاردا ئوقۇغان. كېيىن يەكەنگە قايتىپ كېلىپ، « مەھمۇدىيە مەدرەسەسى»دە مۇدەررىس بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن، 1932- يىلى مۇھەممەد ئابدۇللاخان خوجا تەسىس قىلغان « ئىرپان» مەدرەسەسىدگە مۇدىر بولغان. 1936- يىلى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
ئىنقىلاپ سېپىگە كىرىشى
1937- يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغالغاندا، ئىنقىلاب سېپىگە ئاتلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىدلىرىنىڭ قوماندىنى گېنىرال ئابدۇنىيازنىڭ مۇشاۋىرى بولۇپ تۇرغان. مۇجاھىدلار 1937- يىلى 17- ئاپرىل كۈنى يەكەن شەھىرىنى خىتايلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلىپ، ئۇنى مىللىي ئىنقىلابنىڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتىپ، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچار شەھەرلىرىگىچە كېڭەيگەن بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمدارى شىڭشىسەي تۈركىستانلىق مۇجاھىدلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تەۋرەپ قالغاندا، سوۋىېت ئىتتىپاقىغا مۇڭلىنىپ، سوۋېت كۈچلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىشتە غەلىبە قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھەربى ئايروپىلانلىرى مۇجاھىدلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ 1937- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قەشقەر شەھىرىنى ھاۋادىن بومبىلايدۇ. سوۋېت ۋە خىتاي بىرلەشمە كۈچلىرى مىللىي مۇجاھىدلارنىڭ مەركەزلىرىگە زامانىۋى قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئابدۇنىيازنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى 1937- 9- ئاينىڭ 15- كۈنى شېھىد قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئۆزىنىڭ مۇجاھىد سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ھىندىستاندىكى ھاياتى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي لاھوردا ئۆزىدىن بۇرۇن يەنى 1937- يىلى 8- ئاپرىل كۈنى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن گېنىرال مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن دىنىي تەھسىلىنى تاماملاشقا يولىغا ئاتلانغان مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي سىھانپور شەھىرىدىكى «مەزاھىر ئەل ئۇلۇم»مەدرەسەسىگە كىرىپ، ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئارىدا 6 چوڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىنى كاتتا ئۇستازلارنىڭ قولىدا ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىي 1939- يىلى مەككە ۋە تۈركىيە سەپەرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھىندىستانغا قايتقىنىدا، شۇ ۋاقىتتىكى ئىنگىلىز ھاكۈمىتى ئۇنى قاماققا ئالىدۇ ۋە ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشى شەرتى بىلەن ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ. گېمېرال مەھمۇت مۇھىتىي ياپونىيەگە قاراپ يولغا چىققىنىدا، مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينى بىرگە ئېلىۋالىدۇ.
توكىيودىكى پائالىيەتلىرى
ئۇلار توكىيو شەھىرىگە بارغىنىدىن كېيىن، 1939- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي بۇ جەمئىيەتنىڭ سېكىرتىرى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ رەئىسى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى، مۇئاۋىن رەئىسى شۇ ۋاقىتتا ئابغانىستاندا تۇرىۋاتقان ۇمھەممەد ئەمىن بۇغرا بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي توكىيودا تۇرغان مەزگىللىرىدە، توكىيو شەھىرىدىكى چوڭ مەسجىدتە ئىماملىق قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ توكىيوغا ھىجرەت قىلغان تاتارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تاتار ئۆلىمالىرىدىن قازى ئابدۇرەشىد، مۇسا جارۇللا قاتارلىق زاتلارنىڭ قولىدا ئىسلامىي ۋە ئەدەبىي بىلىملەرنى تەھسىل قىلغان.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1950- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان. 1951- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي زۇلمى ئاستىدا تارتقانلىرى ھەققىدە تەپسىلى بايانات ئېلان قىلغان. قۇرۇلتاي بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىچە قارار ماقۇللىغان:
«قۇرۇلتىيىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆرىيىتىنى قولغا ئېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان يوللۇق كۈرەشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ باشچىلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېشىغا كەلگەن ئۆلتۈرۈش، يوقىتىش ۋە ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش پاجىئەلىرىدىن خەۋەردار بولدى. بۇ نىڭغا ئاساسەن، قۇرۇليتىيىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە جەۋرلىرىنى قەتئىي تۈردە ئېيىبلاش، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلار بۇ زۇلۇمنى توختىتىش يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھۆررىيىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن جىددىي ئىشلەشنى قارار قىلدى». مەزكۇر قۇرۇلتاي مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئىسلام دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەشھۇر ئۆلىمالار بىلەن زىچ ئالاقىدا بولۇپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ زور ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىپ تۇردى. بۇ ئارىدا ئۆزى ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، تۈركىيە، ئېئوردانىيە قاتتارلىق مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ مەملىكەتلەردىكى مەسئۇللارغا، ئۆلىمالارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بولدى. كېيىنچە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايدا 1956- يىلىغا قەدەر تۇرۇپ قالدى.
مىسىردىكى پائالىيەتلىرى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى ئۇنىڭ مىللىي روھنى ئويغىتىش، شەرقىي تۈركىستاننى كەڭ تونۇشتۇرۇش تەرەپتىن، بۇ ۋاقىتلار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان ۋاقىتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىسىر شۇ ۋاقىتلاردا پىكرىي ئېقىملار ئەڭ ئەۋجگە يەتكەن ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۆلۈمالىرى توپلىشىدىغان ئىلى ۋە پىكىر مەركىزى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزھەر بىلىم يۇرتىدىن ئىبارەت يەر يۈزىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىلىم مۇنبىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىلىمگە تەشنا بولغانلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ تۇراتتى. مىسىرنىڭ بۇ ئىستىراتىگىيەلىك مۇھىم ئورنى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستان لىدېرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىنى شەرقىي تۈكىستان مەسىلىسىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مەكىزى قىلىپ بەلگىلەپ، بۇ مەركەزگە مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي بىلەن ئىبراھىم ۋاسىلىنى مەسئۇل قىلغان.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ قاھىرەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى مۇنداق ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ:
1- مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئىسلامىي مەسىلىلەرگە ئاتالغان جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلتايلىرى ۋە چوڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى كەڭ تۇنۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان.
2- مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى، ئۆز تىلىنى ۋە ۋە تۈسكىستان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئىشلىرىغا زور ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ مەخسەت بىلەن چاغاتاي يېزىقى بىلەن « ئازات تۈركىستان»ناملىق دىنىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ژۇرنالنى چىقارغان. بۇ ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى 1954- يىلى چىقىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ژۇرنال سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئابغانىستان، تۈركىيە، پاكىستان، ھىندىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىدە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە تەيۋەندە مۇھاجىرەتتە تۇرىۋاتقان تۈركىستانلىقلارغا كەڭ تارقىتىلغان بولۇپ، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردا ئاساسەن تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە شۇۋاقىتتىكى ئەھۋالى تەپسىلى ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان ئىدى. ژۇرنالنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتى ۋە خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئىشلىرىنى مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئەپسۇسك بۇ ژۇرنال ئاران 3 سان چىقىپلا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن داۋام قىلالمىغان.
مەزكۇر ئۈچ سان ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار ۋە ئەمگەكلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەرھۇم مۇھەممەد ەمىن ئىسلامىي خەلقى، ۋەتىنى ئۈچۈن روياپقا چىقىرىشنى مەخسەت قىلغان ئىشلىرىدا بار كۈچىنى چىقارغان. بەلكى بۇ خۇسۇستا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىدىن بىرى ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي يەنە « تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار»ناملىق كىتابىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلار ۋە ئەدەبلەرنىڭ ئەسەرلىرى تاللاپ ئېلىنغان. بۇ مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتىنى، خۇسۇسەن ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «ئەدەبىيات ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئاساسىدۇر. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئورنى، ھاياتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ ئەدەبىياتىغا تايىنىدۇ. ئەدەبىياتىدىن ئايرىلىپ قالغان تىل ئۆلۈك تىلدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت مۇنقەرىزلىككە يول تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مىللەت ئۆز ئەدەبىياتىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەر نە سىسىنى پىدا قىلالايدۇ. »
ئاپتور يەنە سۆزىگە داۋام قىلىپ، خىتاي زۇلمىنىڭ ھالاكىتىدىن مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« مۇستەملىكىچىلەر مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ۋە دەمەنىيەت مىراسلىرىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كەلدى. بىرقانچە قېتىم كۆپ تۈركۈمدە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ۋە مىسلى تېپىلمايدىغان نادىر قوليازمىلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. تۈرسكىتان مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئورنىغا خىتاي تىلىنى زورلۇق بىلەن تېڭىشقا ئورۇنۇپ كەلمەكتە. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىستلارنىڭ قارا قولى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ئەدەبىيات مىللىي روھ ۋە دىن ئىگىسى بولغان ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدە باشقىچە بىر ئەدەبىياتتۇر.»
ئاپتور مىللىي ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز تىلىدىن ۋە ئۆز ئەدەبىياتىدىن يېراقلىشىپ بارماقتا. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ۋە بېرەر بېرەر ئىلمىي ماتېرىيالنىڭ بولمىغانلىقى ئىشنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بىزنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تونۇشتۇرىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز تىلىمىزنى ۋە ئۆز مەدىنىيىتىمىزنى ئۆگىتىپ تەربىيىلىشىمىز زۆۈرۈدۇر. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقتا زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۆزۈرىسى قوبۇل قىلىنسىمۇ، چەتئەللەردە ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئۆزۈر يوق!؟».
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي مىسىردا ئىلمىي ئىشلىرى بىلەن بىرگە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرى كلۆپ ۋە ئېغىر بولغانلىقتىن، سودا ئىشلىرىغا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ۋە تازا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك سودا ئىشلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن 1956- يىلى شۇ ۋاقىتتىكى پەلەستىن مۇفتىسى ھاجى ئەمىن ھۈسەينىي، مىسىردىكى «مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئابدۇللەتىف درازلارنىڭ تەۋسىيەلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، جىددە شەھىرىدىكى ھەج ئىشىلىرى ئىدارىسىدە 1987- يىلغىچە تەرجىمانلىق خىزمىتىدە بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پائالىيەتلىرى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرغان ۋاقتى 30 يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئارىدا مەرھۇم ھارماستىن، زىرىكمەستىن مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتتى. كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى بۇ ئۇلۇغۋار خىزمىتىدىن بىر كۈنمۇ توسۇپ قالالمىدى.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى مۇنداق ئىككى نوقتىدىن قاراشقا بولىدۇ:
ئىنقىلابىي پائالىيىتى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ ئاسارەتتىكى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زۇلمىدىن قۇتقۇزۇش ئىرادىسى بالىلىق چاغلىرىدىلا يېتىلگەن بولۇپ، بۇ يولدا قولىغا قورال ئېلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلدى. ۋەتىنىدىن ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغاىنىدىن كېيىن، قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ پىكرى خالىس ئىسلامىي پىكىر بولۇپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەتتى. خىتاي ۋە رۇس ئىستېلاسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى مۇستەملىكىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇنىڭ بىرلا تىلىكى ئىدى. شۇ يولدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى بىر دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئادەتتىكى تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش ھايات كەچۈرۈشنى ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرمىدى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى، ئىلمىنى، ئەقلىنى ۋە ۋاقتىنى تۈركىستان مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇس زۇلمى ئاستىدا ئۇچرىغان كۈلپەتلىرنى، ئېزىلىشلىرىنى ۋە ھۆررىيەتكە مۇشتاق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن ئىلمى ماقالىلارنى ۋە كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. ئەينى ۋاقتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ « ئەل بىلاد»گېزىتىدە، « چوڭ تۈركىستان»، «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار»، شىمالى قافقاستىكى مۇسۇلمانلار»، ئىدىل – ئورالدىكى مۇسۇلمانلار»، قىرىمدىكى مۇسۇلمانلار»، «تۈركىستاندىن نېمىلەرنى بىلىسىز»، «تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ۋە كوممۇنىست زۇلمى»،«قېرىنداشلىق چاقىرىقى»،« شەرقىي تۈركىستان شىنجاڭ ئەمەس» دېگەن تېمىلاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.
1962- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولغان دۇنيانىڭ ھارقايسى جايلىرىدىكى ئىسلامىي جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىدىن پاكىستاندىكى «ئىسلامىي جامائەت» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى، پەلەستىن مۇفتىسى ئەمىن ھۈسەينىي، دوكتور مۇستافا سىلائى، دوكتور رامازان، شەيخ مۇھەممەد سەۋۋاف قاتارلىقلار بىلەن بۇرۇندىن باغلىغان ياخشى مۇناسىۋىتى ۋە دوستلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»نىڭ چوڭ يىغىنلىرىنىڭ كۈن تەرتىبىگە كىرگۈزۈشتە مۇۋەپەقىيەت قازىنىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرگە ۋاكالىتەن« ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى تەسىس مەجلىسى»ئەزىلىقىغا سايلايدۇ. مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي « ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»غا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە قالغان باشقا مۇسۇلمان خەلقەلرنىڭمۇ مەسىلىسىنى تەقدىم قىلىدۇ. «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى تەسىس مەجلىسىنىڭ»نىڭ 1963- يىلى مارتنىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە داۋام قىلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تۆۋەندىكىچە قارا ماقۇللىنىدۇ:
« ..... يەتتىنچى مەسىلە، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ، مەجلىس تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە تەقدىم قىلىنغان دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىپ چىقىپ تۆۋەندىكىچە قارارنى ماقۇللىدى:
1- « ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»نىڭ باش كاتىبلىق ئىدارىسىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتايدىن ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئېلىشىنى، ئۇلارغا گراژدانلىق بېرىشىنى تەلەب قىلىشى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرىگە بۇيرۇش ئارقىلىق تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىبىگە كىرگۈزۈشى.
2- مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنىڭ « ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى»غا تەقدىم قىلغان ئەرەبچە دوكلاتىنى ئىنگىلىزچە ۋە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇش. ئۇنى ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىتان ھەققىدە تەقدىم قىلغان تەپسىلى مەلۇمات بىلەن بىرگە نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىش.»
تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ھەققانىي دەۋاسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تونۇلغانلىقى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكى ئۆزىنى «جۇڭگۇنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى»دەپ دەۋا قىلىپ كەلگەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. تەيۋەننىڭ ۋەكىلى «سالىھ سون شۇن ۋۇ» « ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى تەسىس مەجلىسى»گە ئەزا بولۇپ كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇ ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ تەرىپىنى ئەمەس، بەلكى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش ئۈچۈن كىرگەن ئىدى. ئۇ 1963- يىلى «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى تەسىس مەجلىسى»نىڭ چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، «شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي يوق، ئۇ جۇڭگۇنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭ»دېگەن ئويدۇرما دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى»تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارنىڭ بېكار قىلىنىشىنى تەلەب قىلغان ئىدى. لېكىن ھەقىقەت ھەر زامان غالىب بولۇپ، ئۇنى قوغدايدىغانلار تۈگەپ كەتمەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا پاكىستاندىكى«ئىسلامىي جامائەت»تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدى تەيۋەنلىك ۋەكىلنىڭ بۇ يالغان دەۋالىرىغا بىر- بىرلەپ رەددىيە بېرىپ چىقىپ، ھېلىقى ۋەكىلنىڭ ئاغزىنى ئېچىلماس قىلىپ قويىدۇ. «ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى تەسىس مەجلىسى»ئەزالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد مەھمۇد سەۋۋاف تەيۋەنلىك ۋەكىل كۆتۈرۈپ چىققان دەۋانىڭ يالغان دەۋا ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئالەمگە ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەپسىلى دوكلات ھازىرلاشنى تەلەب قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1964- يىلى شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىخچام ھالدا « ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق»، «تۈركىستان توغرۇلۇق ھەقىقەتلەر» ناملىق كىتابچىلارنى يېزىپ چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ياردىمى باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ كىتابلار بەش مىڭ نۇسخىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشكىلات ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەننىڭ سىرتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەشھۇر گېزىتىسى «ئەل بىلاد»،رىياد شەھىرىدە چىقىدىغان«دەۋەت»، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە چىقىدىغان«نەدۋە» گېزىتلىرىدە بۇ كىتابچىلارنىڭ ئىچىدىكىلەر ئارقا – ئارقىدىن تولۇق ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ كىتابچىلار كېيىنچە ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ« ئىسلامىي ھەمكارلىق»دېگەن ھەج ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ. 1969- يىلى شۇنىڭ تەسىرىدە، شەيخ خېلىل ھامىدى ئوردۇ تىلىدا« قىزىل پەردە ئارقىسى» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان كۆپلىگەن قوليازمىلىرى بار ئىدى. بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا ساقلانغان بولىشى ئېھتىمال.
دىنىي پائالىيەتلىرى
مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئىلىم مەرىپەتلىك ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، ئىسلامىي بىلىملەرنى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا، ئاندىن ھىندىستاندا، ئاندىن ئەزھەردە ئالغان. مەرھۇم بىلگەن بارلىق بىلىملىرىگە ئەدەبىيات ۋە ھەرخىل زامانىۋىي ئىلىملەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى قوشۇپ مۇكەممەللەشتۇرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئەدەبىياتىنى پىششىق بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى بىلگەنلىكى ۋە ئىنگىلىز تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭ ئىلىم سەۋىيىسىنى ۋە ھەر تەرەپلىمە مەلۇماتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. مەرھۇم پاساھەتلىك ۋە ئورۇنلۇق سۆزلەيدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق، ھەركىمنى ئۆزىگە جەلب قىلالايدىغان، مەجلىسىگە ھازىر بولغانلارنى ئىلىم، ئىرپان بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان ۋە ھەمىشە كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىپ بېرىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ مەجلىسىنى ئاڭلىغان قانداقلا كىشى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق، ئىلىم – ھېكمەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئاڭلايتتى. مەرھۇمنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىشلىرىنىڭ بىرى مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز تىل ۋە ئۆز مەدەنىيىتى ئاساسىدا تەربىيىلەش ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەت ۋە سورۇنلارغا ئاتاپ يازغان ماقالىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن:
1- «تۈركىستانلىقلارنىڭ يېڭى ئەھدىنى تەبرىكلىشى» (1961- يىلى «ئەل بىلاد گېزىتى»نىڭ 951- سانىدا ئېلان قىلىنغان)
2- «پادىشاھ فەيسەلنىڭ ئىش ئىزلىرى»(ئەل بىلاد گېزىتى»نىڭ 843- سانىدا ئېلان قىلىنغان)
3- «گېزىتلاغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ۋە ئايەتلەرنى يازماسلىق ھەققىدە»( 1965- يىلى «ئوكاز گېزىتى»دە ئېلان قىلنغان).
مەرھۇمنىڭ تۈركىستاندىكى ئىسلامىي مىراسلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىمۇ كۆپتۇر. تۈركىستاندا كوممۇنىستلار كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن ئىسلامىي ئەسەرلەرنى قايتىدىن رەتلەپ، توپلاپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
مەھمۇد تەرازىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «قۇرئان كەرىمنىڭ چاغاتايچە تەرجىمىسى»، «ياخشىلارنىڭ باغچىسى – ھەدىس كىتابى»، «نۇرۇل بەسەر – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، « ھەج كىتابى»، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «ئەقائىد زۆرۈرىي»، «تەجۋىد تۈركى»، سابىت داموللامنىڭ «ئەقائىد جەۋھەرىي»، « شىرىن كالام»، « ئىبنى مالىك ئەلفىيەسىنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان كىشى يەنە مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ئىدى.
مۇھەممەد ئىسلامىي تۈركىستان رادىئوسىدا
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى رادئوسىنىڭ تۇنجى ئېچىلغان«تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى»گە ئىشقا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەجرىبسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەزكۇر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان. رادىئودا ھەركۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى ئۆزى ئىشلەپ ھازىرلاپ ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، مەرھۇمنىڭ ئۆمرى قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى تولۇقلاشقا يەتمىدى. . ناس سۈرىسىدىن باشلىنىپ يۈسۈف سۈرىسىگە كەلگەندە مەرھۇمنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشتى. مەرھۇم بۇ ئارىدا ئېغىر كېسەللىك ئانلىرىدىمۇ بىر كۈنمۇ بۇ ئىشنى توختاتمىغان ئىدى. رۇماتېزم سەۋەبلىك يۈرۈشتىن توختاپ قالغان كۈنلىرىدىمۇ ھەرىكەتلىنىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ رادىئوغا بېرىپ ئىشىغا داۋام قىلغان ئىدى. كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغىنى سەۋەبلىك ئۇنى ئىشىنى توختىتىپ دەم ئېبلىشقا تەۋسىيە قىلغانلارغا« بۇ مېنىڭ دىنىي بۇرچۇم»دەپ جاۋاب بېرىپ ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى لەھزىلىرىگە قەدەر ئىشىغا داۋام قىلغان ئىدى.
ۋاپاتى
مەرھۇم 1988- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى پەيشەنبە ئەتگەندە ۋاپات بولۇپ، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «جەننتۇ مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. مەرھۇمنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئابدۇسەمەت ۋە ئابدۇلئەھەد ئىككىسى شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان، مەجدى، مۇھسىن ۋە مىدھەتلەر ھازىر جىددە شەھىرىدە ياشىماقتا. ئاللاھ تائالا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى ئېسىل جەننەتلەردىن قىلغاي، ئامىين!
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1- «بەشىير» ژۇرنىلى 11- سان 1950 – يىلى كاراچى – پاكىستان. «دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى»تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2- مۇھەممەد ئاللاھ بەردىنىڭ «مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ھەققىدە ئەسلىمىلەر» ناملىق ئەسىرى 1931- يىلى.
3- ئابدۇرەشىد يۈسۈپنىڭ «يەكەندە مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرىنىڭ دەسلەپكى دەۋرى ۋە تەرەققىياتى» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» ئۈرۈمچى 1987- يىلى 20- سانى، 60- 75- بەتلىرىدىن).
4- باي ئەزىزنىڭ «مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1982- يىلى 5- سان، 138- 171- بەتلىرىدىن).
5- مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ «تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار» 160- بەت (قاھىرەدە «ئاتايا باسمىخانىسى»دا بېسىلغان، 1960- يىلى).
6- «ئازات تۈركىستان»ژۇرنىلى( قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان. بىرىنچى سان، 34- بەت، 1954- يىلى ئۆكتەبىر، ئىككىنچى سان 64- بەت، 1964 يىلى دىكابىر، ئۈچىنچى سان 56- بەت، 1955- يىلى ئاۋغۇست).
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ« ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق» ۋە « تۈركىستان ھەققىدە ھەقىقەتلەر» ناملىق ئەسەرلىرى(ئەل ئەرەبىيە باسمىخانىسى»دا بېسىلغان 1964- يىلى.
6- مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىينىڭ «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار» ناملىق ئەسىرى («مۇسۇلمانلار ژۇرنىلى» بىرىنچى سان، 82- 85- بەتلەر، 1961- يىلى جەنۋەدە نەشىر قىلىنغان.)

