ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى مەسجىد ھەرەمدە ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى

 

ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى

مەسجىد ھەرەمدە ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھوشيارلىقى بىلەن بارغانلا جايدا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ۋە كاتتا مەرتىبىلەرگە ئېرىشكەن مىللەتتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقىرىسى دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىدا، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە مەسجىدى ھەرەمدەك ئۇلۇغ جايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىرىمۇ كۆپ. ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرىمۇ شۇلاردىن بىرىدۇر.

ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى 1883- يىلى قەشقەردە ھاللىق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇخارادىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغان مۇھيىددىن قەشقىرى ھىندىستانغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇجايدا دىنىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشنىڭ سىرتىدا تىببىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ. 1938- يىلى ئىستانبۇل ئارقىلىق مەككىگە يېتىپ كېلىدۇ.

 ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى مەككىگە يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەر ياققا تارقىلىشقا باشلايدۇ، ھەممە بىردەك ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ ئىلمىدىن بەھرى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قىبلىسى بولغان كەبە ئورۇنلاشقا مەسجىد ھەرەمدە مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ مەسجىد ھەرەمدە ئۇزۇن يىل شۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، مەككىدىكى داڭلىق مەدرىس « سەۋلەتىيە مەدرەسە»سىگە مۇئەللىملىككە تەيىنلىنىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە شۇ مەدرىسىدە مۇئەللىملىك قىلىپ ئۆتىدۇ. ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرىنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان  ئوقۇغۇچىلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىپ خىزمەت ئىشلىگەنلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ تۈركىستانلىقلاردىن باشقا، ئەرەب، ھىندىستانلىق، مالايشىيالىق ۋە ئافرىقىلىق كۆپلىگەن تالىبلىرى بار ئىكەن.

ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان كاتتا ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھەرقانداق ئىختىلاپ ۋە جېدەل – ماجرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارمۇ ئومۇمەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىكەن ۋە نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى دىندا كاتتا ئالىم بولغاننىڭ سىرتىدا تارىخ ۋە تىبابەت ئىلىملىرىدىمۇ تونۇلغان ئالىم ئىكەن.

ئەللامە مۇھيىددىن باھائۇددىن قەشقىرى 1948- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار