رامىزاننى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟

رامىزاننى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

ئاللاھتىن تىلىسىڭىز سۆيۈنىدۇ ۋە بېرىدۇ، بەندىدىن سورىسىڭىز سۆيۈنمەيدۇ ، يا بېرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ.

رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەرنىڭ بىرى دۇئادۇر. دۇئا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى ۋە ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشنىڭ  ئەڭ قىسقا يولىدۇر. رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىپتار قىلىش ئالدىدىكى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى»[1].  ئاللاھ تائالا دۇئالارنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن، پەزلى بىلەن ۋە ئادالىتى بىلەن ئىجابەت قىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولسا، بەزىسى كېچىكىپ ئىجابەت بولىدۇ، يەنە بەزى دۇئالا ئىجابەت بولۇشنىڭ دۇئا قىلغۇچى ئورنىغا شۇنچىلىك بالا-قازادىن يىراق قىلىنىدۇ، يەنە بەزى دۇئالارنىڭ مۇكاپاتى ئاخىرەتتە بېرىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان دۇئالارنىڭ ھېچبىرى بىكارغا كەتمەيدۇ. دۇئا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىبادەتتۇر.

 يوقسۇل بىر ئادەمنىڭ باي دوستى بار بولۇپ، باي يوقسۇل دوستىغا «قانداقلا ۋاقىتتا ھاجىتىڭ بولۇپ قالسا ماڭا كەلگىن، مەن ھاجىتىڭنى راۋا قىلىمەن» دەپتۇ. يوقسۇل ئادەم باي دوستىدىن ياردەم سورىۋېدى، بەردى، يەنە سورىدى، يەنە بەردى، ئۈچىنچى قېتىم باينىڭ كەيپىيىتى ياخشى ئەمەس بىر ۋاقىتتا سورىۋېدى. «سەن قانداق يۈزى قېلىن ئادەمسەن» دەپ قوغلىۋەتتى. ئادەم كېتىپ قالدى. باينىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندىن كېيىن قوغلىۋەتكىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە شۇ ئادەمنى ئىزدەش قارارىغا كەلدى. شۇ ئارىدا ئەزان چىقتى ۋە مەسجىدكە كىردى. قارىسا ھېلىقى يوقسۇل ئادەم ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلىۋېتىپتۇ. دۇئاسىدا: «ئى ئاللاھ! سەن باي، مەن پېقىر، مەن ھاجىتىمنى سورىغان ئاشۇ بەندەڭمۇ پېقىر. مېنى پېقىرلارغا موھتاج قىلمىغىن، ئۇ بەندەڭنىڭ ئۆيىگە باردىم قوغلىۋەتتى، سەن مېنى قوغلىۋەتمىگىن، سەن قوغلىساڭ مەن نەگە بارىمەن؟ سەن مېنىڭ ئىگەم، ھاجىتىمنى سەنلا راۋا قىلىسەن، مېنىڭ ھاجىتىمنى راۋا قىلماي مۇشۇ مەسجىدتىن چىقارمىغىن» دەۋاتاتتى. باي ماڭا بەتدۇئا قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ قورقۇپ كەتتى، ئاندىن:«ھەي پالانى! بولدى قىلىڭ ئەمدى، خاپا بولماڭ، بايلىقىمنىڭ تەڭ يېرىمى سىزنىڭ بولسۇن، ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى گېپىم گەپ، ئەمدى توختىتىڭ دۇئانى» دېدى. ئارىدا تەكبىر ئوقۇلدى، ئىككىسى يان-يانغا تۇرۇپ نامازنى ئوقۇدى، مەسجىدتىن بىللە چىقىشتى.

 

رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىدىكى مەقسەت تەقۋالىقنى ئاشۇرۇشتۇر

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشتىكى مەقسەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: { يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ}« ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى»[2].

تەقۋالىق كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىتىلغان نەرسە ئەمەس، ئۇ قەلبكە قارىتىلغان ۋە قەلبتە بولىدىغان ئەمەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنىڭ ئورنىنى بىلدۈرۈپ «تەقۋالىق بۇ يەردە»[3] دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ، ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە ئىشارەت قىلغان. تەقۋالىق قەلبنىڭ ئەمەلى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ شەكلى بولمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئەڭ ئاددىي كۆرۈنگەن ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئىنسانلار كۆزگە ئىلمايدىغان تازىلىق ئىشچىسى ياكى كۆرۈمسىز بىر ئادەمنىڭ تەقۋادارلاردىن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى تەقۋالىقنىڭ شەكلى ياكى رەڭگى يوق. ئەمما ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بار. تەقۋالىقنىڭ ئالامەتلىرى ئىستىقامەت، يەنى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش، توغرا ئىشلارنى ۋە سۆزلەرنى قىلىشتۇر. چۈنكى تەقۋالىقنىڭ ئورنى بولغان قەلب بەدەنگە قوماندان، باشقا ئەزالار ئەسكەردۇر. شۇڭا، قەلب لاياقەتلىك بولسا، بارچە ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىمۇ لايەقەتلىك بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ: «بىلىڭلاركى، ئادەم بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ تۈزۈلسە بارچە بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا، بارچە بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»[4] دەپ كۆرسەتكەن.

 تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىكتۇر. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر.

تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر ئىنسان ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، دىنىمىز سىزىپ بەرگەن چەك- چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش قىلىدىغان بولسا، ئۇ تەقۋالىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغا بولىدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە موھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خارلىمايدۇ ۋە تۆۋەن كۆرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان.

 

رامىزان ھەقىقي بىر ئىلاھىي مەكتەپتۇر

 رامىزان ئېيى ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرىدىغان، روھىمىزنى تەربىيەلەيدىغان، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان ئالاھىدە مەكتەپ بولۇپ، بىز مۇسۇلمانلار رامىزان سايىسىدا ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىمىز، گۇناھلىرىمىزنى يۇيىمىز، ساۋابىمىزنى كۆپەيتىمىز، نەپسىمىزنى يىغىشنى، ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى ۋە سېخىيلىقنى ئۆگىنىمىز. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى ۋە ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈش نىيىتى بىلەن تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». بۇ ھەدىستىكى: «ئىمانى بىلەن» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دىگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىستىكى مەغپىرەت قىلىنىدىغان گۇناھلار پەرزلەرنى ئادا قىلماي، ھارام، گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغانلىقنىڭ گۇناھىدۇر، ئەمما قۇل ھەققى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىككى يول بىلەنلا مەغپىرت قىلىنىدۇ، ئۇ ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىدۇر.

 

رامىزان باشتىن ئاخىر بېغىشلاش ئېيىدۇر

  رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت مۇقەددەس كىتابنى ئاتا قىلغان، پەيغەمبىرىمىز قۇل ئىلكىدە بار مال-دۇنيانى سېخىيلەرچە كىشىلەرگە بېغىشلىغان بەرىكەتلىك ئايدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا {وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ} «ئاللاھ ساڭا ئېھسان قىلغاندەك باشقىلارغىمۇ ئېھسان قىلغىن» دەپ بۇيرۇغان. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئىنتايىن سېخىي بولۇپ كېتەتتى» دەپ كەلگەن. رامىزاندا قىلىنغان خەير-ئېھسانغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىغا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا بۇ ئايدا قانچىلىك كۆپ ياخشى ئەمەل قىلىۋالغان ئادەم شۇنچىلىك كۆپ ساۋاب قازانغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ بىر پۇرسەت. بېغىشلاش بەخت-سائادەتنىڭ ۋە خۇشاللىقنىڭ كېپىلىدۇر. قانچىلىك كۆپ بېغىشلىيالىغان كىشىنىڭ خۇشاللىقى شۇنچىلىك كۆپ ئاشىدۇ.

 بېغىشلاش پۇل -مال بېرىش بىلەنلا بولمىغاندەك، سەمىمىي تەبەسسۇم، چىرايلىق سۆز، بىرلىرىنى خۇشال قىلىش، بىرلىرىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ۋاقتىنى چىقىرىش، كۈچىنى سەرپ قىلىش، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ راھىتىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىش بىلەنمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتى بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز سەدىقىدۇر ۋە بېغىشلىغانلىقتۇر.  ﴿وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ﴾ «سىلەر (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى بەرسەڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ»[5]. ئاللاھ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەسسىلەپ ئارتۇق بېرىدۇ. ﴿مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِئَةُ حَبَّةٍ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ﴾ «ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە (ئۇنىڭ ئەجىرىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ»[6].

 

رامىزاننىڭ تالونىنى باشقىلارغا ئۆتىگىلى سالماڭ

   بەزى كىشىلەر خۇددى روزىنى باشقىلار ئۈچۈن تۇتۇپ بەرگەندەك، ئۇلارنىڭ ئىشىنى كېچىكتۈرۈش، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، ساقلىتىش، ئاچلىقنىڭ ئاچچىقىنى ئۇلاردىن چىقىرىپ قوپاللىق قىلىش دېگەندەك قىلمىشلىرى بىلەن تۇتقان روزىسىنىڭ تالونىنى كىشىلەرگە تۆلەتمەكچى بولىدۇ. بەزىلەر روزا تۇتقانلىق باھانىسى بىلەن ئىشقا كېچىكىپ كېلىش، قېتىرقىنىپ ئىشلىمەسلىك، ۋەزىپە ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولماسلىق بىلەن ئىش ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇتقان روزىسىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ ياكى كېمەيىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەر چوڭ ئۇرۇشلارنى رامىزاندا قىلغان، ئۇزۇن سەپەرلەرگە رامىزاندا چىققان. مەككىنى فەتھى قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ فەتھىنى رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن. ئەگەر بىز تۇتقان روزىمىزنىڭ ساۋابىنى تولۇق ئالماقچى بولساق چوقۇم كۈندىلىك ئىشىمىزنى ۋە خىزمىتىمىزنى رامىزان ئەمەس ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئىخلاس بىلەن بېرىلىپ ئورۇندىشىمىز كېرەك. چۈنكى رامىزاندىكى ھەربىر ياخشى ئەمەلگە، ھەربىر تىرىشچانلىققا ۋە ھەربىر ياخشى نىيەتكە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب يېزىلىدۇ.

 

 

رامىزان گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئېيىدۇر

    ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاخ ناماز، جۈمەدىن جۈمەگىچە، رامىزاندىن رامىزانغىچە بولغان ۋاقىتلار گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردۇر، ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىلسا».

   چوڭ گۇناھلار- ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاخشىتىش، يالغانغا گۇۋاھلىق بېرىش، جازانە يېيىش، كىشىلەرنى ئالداش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەدىستىن شۇ مەنە چىقىدۇكى، بەش ۋاخ نامازنى ۋە جۈمە نامازلىرىنى ۋاقتىدا، دۇرۇس ئادا قىلىدىغان، رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتىدىغان كىشى ناۋادا چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىسا ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇقىرىقى ئىبادەتلىرى يۈزىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلەيدۇ: ﴿إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا﴾  «ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جەننەتكە كىرگۈزىمىز»[7]. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىز قانچىلىك كۆپ ۋە كاتتا بولۇپ كەتسۇن، تەۋبىمىز قانچىلىك سەمىمىي بولۇپ كەتسۇن، ئۈستىمىزدىكى قۇل ھەققىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قايتۇرغان ياكى ھەق ئىگىسى كەچۈرگەندىلا، ئاندىن ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ. {فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ} «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»[8].

 

رامىزان ئۆزگىرىش ئېيىدۇر

   رامىزان باشتىن ئاخىر ئۆزگىرىش يەنى بوشاڭلىقتىن تەقۋالىققا، ھورۇنلۇقتىن تىرىشچانلىققا، گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىشتىن تائەت- ئىبادەت قىلىشقا، كۆپ يەپ، كۆپ ئۇخلاشتىن ئاز يەپ، ئاز ئۇخلاشقا، تىلنى غەيۋەت ۋە ئەزىيەتكە ئشلىتىشتىن زىكىر ۋە تەسبىھلەرگە ئىشلىتىشكە ئۆزگىرىش پۇرسىتىدۇر. رامىزاندىكى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلانمىغان ئادەم باشقا ۋاقىتتا بۇنداق بىر پۇرسەتنى تاپالماسلىقى مۇمكىن. دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۆزگىرىش ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بولۇپ، دۇنيا ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر. ئىنسان ئۆزى كۆنۈپ قالغان راھەت مۇھىتتىن چىقىشنى ۋە ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما ئاشۇ مۇھىتتىن چىققان ۋە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى ۋە ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. بىر ئاي بويىچە ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاققا ۋە تائەت-ئىبادەتكە كۆندۈرگەن ئادەم ھاياتىدا ئەڭ ياخشى تەربىيە كۇرسىنى ئالغان بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا پۇرسىتى ۋە نېمىتىدۇر. بىر ئالىمنىڭ «رامىزاندا ئورۇقلاشنىڭ ئورنىغا سەمرىپ قالغان ئادەم روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

 

قۇرئان ئوقۇش خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر

   كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالغاندا قۇرئان ئوقۇڭ. سىز ئۇنىڭدىن چوقۇم خۇشاللىق تاپىسىز. چۈنكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساتۇ ۋەسسالامغا: {مَا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لِتَشْقَى} «بىز قۇرئاننى سېنى بەختسىز قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرمىدۇق» دەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ ۋە بەخت-سائادەتنىڭ مەنبەسىدۇر. قۇرئان ئوقۇش ئاللاھ تائالا بىلەن سۆلەشكەنلىك ۋە كۆڭۈلنى ئاللاھ تائالاغا باشلاش بىلەن راھەتلەندۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى، قۇرئان كەرىم دىلنىڭ شىپاسى، روھنىڭ غىزاسىدۇر. ئاللاھ تائالا: ( وَنُنـزلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ ) «بىز قۇرئاندىن مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز» دېگەن. رامىزاندىكى ئەڭ كاتتا ئىبادەت قۇرئان كەرىمنى مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشتۇر. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاپ بېرىش ئوقۇغانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئەمەلدۇر.

 

رامىزان ئېيى ئىبادەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنىڭ پۇرسىتىدۇر

«ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بويسۇنۇش»، «ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە[9]، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئىبادەت — ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ھايات كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە: «ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆز ۋە ئوي – پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر» دېگەن. ئەللامە يۈسۈف ئەل قەرداۋىي «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئەمەللىرىنى، تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»[10] دېگەن. ئىنساننىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن، تېنى تۇپراقتىن كەلگەن. شۇڭا روھنىڭ ئوزۇقى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن، تەننىڭ ئوزۇقى زېمىندىن چىققان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن بولىدۇ.  يەنى بەدەننىڭ ئېھتىياجى تائام بىلەن قامدالغاندەك، روھنىڭ ئېھتىياجى ئىبادەت بىلەن قامدىلىدۇ. بىز يانفونىمىزغا توك قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولغاندەك، ئۆزىمىزگە ئىبادەت ئارقىلىق مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاجمىز. خۇددى ئادەم تاماق يېمىسە بەدىنى ئۆرە تۇرمىغاندەك، توك قاچىلانمىغان يانفون ئۆچۈپ قالغاندەك، ئىنسان ئىبادەت قىلمىسا دىننى تۇرغۇزالمايدۇ ۋە قەلبىدىكى دىنىي روھ ئۆچۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئىبادەتكە موھتاجمىز.

{وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ} «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم  [11]«. دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، مۇئامىلىۋى ئىبادەت؛ يەنە بىرى، سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر

سىمۋوللۇق ئىبادەت — ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر بىزنىڭ روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، ئىمانىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.

مۇئامىلىۋى ئىبادەت — دۇرۇسلۇق ۋە توغرىلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ.

سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى ناماز گۇناھتىن توسقاندەك، روزا تەقۋالىققا ئېلىپ بارغاندەك، زاكات سېخىيلىقنى ئۆگەتكەندەك، ھەج ئېغىر-بېسىقلىققا كۆندۈرگەندەك، سەدىقە كۆيۈمچانلىقنى ئۆگەتكەندەك، قۇرئان ئوقۇش ئىماننى كۈچلەندۈرگەندەك. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بىرلىكتە ئەخلاقنى تولۇقلايدۇ.

ئەخلاق ۋە دۇرۇسلۇق دىنىمىزنىڭ غايىسىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»[12] دېگەن. شۇڭا مۇئامىلىۋىي ئىبادەتنىڭ جېنى گۈزەل ئەخلاقتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇئمىن ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ»[13] دېگەن.

ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا: «دىنىڭلارنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭلار» دېگەندە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئى پادىشاھ! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا-پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، ھۆر كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق قەۋم ئىدۇق. ئاللاھ بىزگە نەسەبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ساقلاشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇدى. بىزنى زىنا-پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلدى». دىننىڭ نېگىزى مانا مۇشۇدۇر.

سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەردە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى تولدۇرالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ئۇ ھېچقانداق مال-مۈلكى بولمىغان كىشىدۇر» دېيىشكەن. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ پۇل-مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئەمەلى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»[14] دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بىرەر مۇئمىننىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈشتۇر»[15] دەپ كۆرسەتكەن[16]. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇراتتى. خىزمەتچىسىگە ›قىيىنچىلىقى بولۇپ قەرزنى بېرەلمەيدىغان قەرزدارلارنىڭ قەرزىسىنى ئۆچۈرۈگىن، ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆچۈرگەي› دەيتتى. سودىگەر ئۆلدى، ئاللاھ ‹بىز ئۇ بەندىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ھەقلىقمىز› دېدى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىۋتتى».

 

بىز ئىبادەتلىرىمىز بىلەن ئەمەس، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش بىلەن نۇسرەت قازىنىمىز

   ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «سىلەر پەقەت ئاجىزلىرىڭلار بىلەن نۇسرەت قازىنىسىلەر ۋە رىزىقلىنىسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى دەيدۇكى، سۈرىيەنىڭ قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە،  بىر  تاكسىچى كېتىپ بارسا، تۇرۇقىدىن ئىنتايىن نامراتلىقى چىقىپ تۇرغان بىر قېرى ئادەم تاكسىنى توسىدۇ. ئادەم تاكسى شوپۇرىنىڭ نەگە بارىسىز؟ دېگەن سوئالىغا: «مەن ئاشۇ تاغدىكى مەھەللىگە بارىمەن، ئۆيۈم ئۇزاق، ئەمما سىزگە بەرگۈدەك پۇلۇم يوق» دەيدۇ. تاكسىچى: «بولدى، ماشىنىغا ئولتۇرۇڭ، ئاپىرىپ قوياي، پۇل كېرەك ئەمەس» دەيدۇ، ئادەمنى ئېلىپ ماڭىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆيى راستتىنلا ئۇزاق ھەم ئىگىز بىر مەھەللىدە بولۇپ، ئەگرى- توقاي يوللار بىلەن ئادەمنى ئۆيىگە ئاپىرىدۇ. ئادەم تاكسىدىن چۈشۈپ بولغۇچە نارەسىدە پەرزەنتلىرى يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، «دادا نان ئەكەلدىڭىزمۇ؟ قورسىقىمىز بەك ئېچىپ كەتتى» دېگىلى تۇرىدۇ. ئادەم تاكسىچىگە بىلىندۈرمىگەن ئاۋازدا «ياق، بالىلىرىم، مەن ھېچنەرسە ئەكىلەلمىدىم» دەيدۇ ۋە تاكسىدىن تېزرەك ئۇزاقلاشماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاكسىچى ئادەمنى توختىتىپ تۇرۇپ، دۇكانغا يۈگۈرىدۇ ۋە بەش قاپ نان ئاچىقىپ بالىلارغا بېرىدۇ. تاكسىچى بالىلارنىڭ ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن يەپ يېرىمىنى تۈگىتىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ بەك ئىچ ئاغرىتىپ كېتىدۇ ۋە يېنىدىن ئازراق پۇل چىقىرىپ بېرىپ يۈرۈپ كېتىدۇ. تاكسىچى پەسكە چۈشكىنىدە ئىككى نەپەر ساياھەتچى ئالدىنى توسۇپ ئايرودرومغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ساياھەتچىلەر ئايرودرومغا چىقىپ بولۇپ تاكسىچىغا 2500 لىرا بېرىدۇ. تاكسىچى پۇلنىڭ كۆپ بېرىلگەنلىكىنى، پەقەتلا 500 لىرا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ساياھەتچىلەر: «بىز بىلىمىز، مەيلى سىزگە ياردىمىمىز بولۇپ قالسۇن» دەپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. شۇ ئارىدا ئايرودرومدىن شەھەرگە كىرىدىغان يولۇچىلار تاكسىغا ئولتۇرىدۇ. ئۇلارمۇ يېنىدا لىرا بولمىغانلىقى ئۈچۈن دوللار بېرىدۇ. ئۇلار بەرگەن دولار 9500 لىرا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاكسىچىنىڭ يانچۇقىغا بىرەر سائەت ئىچىدە 12000 لىرا كىرىدۇ. تاكسىچى خۇشاللىقىدىن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋىلەرنى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئادەم «مەن سىزگە قەرزدار تۇرسام، يەنە بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپسىزغۇ» دەيدۇ. تاكسىچى سىزنىڭ سەۋەبىڭىز بىلەن ئاللاھ ماڭا كۆپ رىزىق بەردى. ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئازراق نەرسە ئېلىپ كەلدىم. قوبۇل قىلغايسىز» دەيدۇ.

 

ھۆرمەت قىلسىڭىز، ھۆرمەت تاپىسىز

  سىز ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ مۇئامىلىنى كۆرىسىز. تاغقا قاراپ نېمە دەپ ۋارقىرىسىڭىز تاغ سىزگە شۇ سادانى قايتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، سىز نېمىنى ھۆرمەتلىسىڭىز شۇنىڭدىن ھۆرمەت كۆرىسىز. مەسىلەن: رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن تولدۇرسىڭىز، ئۇمۇ سىزنى ئەجىر-ساۋاب بىلەن تولدۇرىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا سىزگە شاپائەت قىلىدۇ. ياشلىقىڭىزنى ھۆرمەتلەپ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تولدۇرسىڭىز ياشانغاندا ئۇ سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە خۇشاللىق بىلەن تولدۇرىدۇ، تەن ساقلىقىڭىزنى ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئاسرىسىڭىز، سىز ياشانغاندا ئۇمۇ سىزنى ئاسرايدۇ. پۇلنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلسىڭىز، ئۇنى ئىسراپ قىلمايسىز ۋە تېجەشلىك بولىسىز. نەتىجىدە، پۇلنىڭ دۆلىتىنى كۆرىسىز.

90 ياشلىق بىر مويسىپىتنىڭ ناھايىتى تېتىك كېتىپ بارغىنىغا زوقلانغان كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن: «سىز قانداق بولۇپ تېنىڭىزنى بۇنداق ساغلام تۇتالىدىڭىز؟» دەپ سورايدۇ، مويسىپىت: «بىز تېنىمىزنى ياش ۋاقتىمىزدا ئاسرىدۇق، ياشانغاندا تېنىمىز بىزنى ئاسرىدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تەن ساقلىقىنى ساقلاش گالنى تىزگىنلەش بىلەن بولىدۇ. رامىزان ئاز يېيىش، ئاز ئۇخلاش ۋە كۆپ ئىبادەت قىلىشقا ئۆزىمىزنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت.

 

سىزنى قۇتقۇزىدىغان نەرسە ئىبادەتلا ئەمەس، بەلكى ياخشىلىقتۇر

ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدە بىر ئادەم ئۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئىمانىدىن باشقا ھېچقانداق ئىبادىتى يوق بولۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: «قاراپ بېقىڭلار، بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزغۇدەك ئەمەلى بارمىكەن» دەپ ئەمر قىلىدۇ. پەرىشتىلەر: «ئى رەببىمىز! بۇ ئادەمنىڭ ئىبادەتلىرى يوق ئىكەن، ئەمما ئىنسانلارغا قىلغان ياخشىلىقى بار ئىكەن. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىكەن. قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، ئادەملىرىنى قەرزلەرنى يىغىپ كېلىشكە ئەۋەتىدىكەن، ئۇلارغا: ‹قەرزىنى بېرىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭلار› دەپ تاپىلايدىكەن» دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا بەندىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈشكە بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. بولدى، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ جەننەتكە كىرگۈزۈڭلار» دەپ ئەمر قىلىدۇ.

 

رامىزان ئىبادەت، تېپىلماس پۇرسەت

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىۋاتاتتى، بىرىنچى بالداققا چىقىپ بولۇپ ‹ئامىن› دېدى، ئىككىنچى بالداققا چىقىپ بولۇپ يەنە ‹ئامىن› دېدى، ئۈچىنچى بالداققا چىقىپ بولۇپ يەنە ‹ئامىن› دېدى، ئاندىن مۇنبەردە ئولتۇرۇپ، «جىبرىل كېلىپ ماڭا ‹سېنىڭ ئىسمىڭ زىكىر قىلىنغان يەردە ساڭا دۇرۇد ئېيتمىغان ئادەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنسۇن› دېدى، مەن ‹ئامىن› دېدىم. ئاتا-ئانىسى ھايات بولۇپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان ئادەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنسۇن› دېدى. مەن ‹ئامىن› دېدىم. ئاندىن ‹رامىزاندىن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنمىغان ھالدا چىققان ئادەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنسۇن› دېدىن. مەنمۇ ‹ئامىن› دېدىم»[17].

 ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھ تائالاغا كېتىپ بارغان ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، بۇ ھاياتتا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن شەرىئەت قانۇنى بويىچە ھەرىكەت قىلىش يارىتىلىشنىڭ ئاساسلىق غايىسىدۇر. ﴿ وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ ﴾«مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئېلىپ بارغان مۇئمىن ئادەمنىڭ ھاياتى ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ بىرى، مۇئمىننىڭ ھاياتى بولغان مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر، يەنە بىرى، سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇئامىلىۋىي ئىبادەتنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئىبادەتلەردۇر.

    ئاللاھ تائالا مۇئامىلىۋىي ئىبادەتنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنى پەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ۋە يىلنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتلىرىغا بەلگىلىگەن. رامىزان ئېيى مۇئمىن ئادەمنىڭ ئۆزىنى رېمونت قىلىۋېلىشى، مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن چوڭ پۇرسەتلەرنىڭ بىرىدۇر. رامىزان ئېيى ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش، ئەخلاقىمىزنى تۈزەش، تەقۋالىقىمىزنى ئاشۇرۇش يولىدا بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ئىلاھىي مەكتەپتۇر، تەربىيەلىنىش كۇرسىدۇر. ئىنسان كۆپىنچە ھاللاردا غەپلەتتە قېلىپ، ئۆزىنى تونۇماي قالىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، موھتاجلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، لەززەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئويلاپ كەتمەيدۇ. روزا ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە بىچارىلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئىنسان روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق سەۋەبلىك ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز تېنىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ۋەچىدامسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە موھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىدۇ.

 



[1] ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 183- ئايەت.
[3] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[4] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[5] سەبەئ سۈرىسى:39-ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى: 261-ئايەت.
[7] نىسا سۈرىسى 31- ئايەت.
[8] مائىدە سۈرىسى:39- ئايەت.
([9]) «لىسانۇل ئەرەب» 5-توم، 2776- بەت.
[10] دوكتۇر يۈسۈف ئەل قەرداۋىينىڭ «العبادة في الإسلام «(ئىسلامدا ئىبادەت) ناملىق ئەسىرىدىن.
[11] زارىيات سۈرىسى:56-ئايەت.
[12] ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[13] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[14] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[15] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[16] ئىمام تەبەرىي رىۋايىتى.
[17]


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار