ئېتىكاپ قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئېتىكاپ قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئېتىكاپ- ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىىيتى بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرۇش دېمەكتۇر. ئېتىكاپ قىلىشنى دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مەسجىدتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئاندىن ساھابىلەر ئېتىكاپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئېتىكاپ ئىسلام دىنىدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ ئورۇن ئالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېتىكاپنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار» (بەقەرە سۈرىسى: 187- ئايەت).

ئېتىكاپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيالىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، مەسجىدتە ئولتۇرۇپ تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىبادەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. ئۇ، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىلقى رامىزاندا 20 كۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىدى» (بۇخارىي رىۋايىتى).

ئىمام ئەتائىي مۇنداق دېگەن: «ئېتىكاپ قىلغان كىشى، خۇددى پادىشاھتىن سورايدىغان ھاجىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈررۈپ، ھاجىتىم راۋا بولمىغىچىلىك ھېچ كەتمەيمەن دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدتە ئولتۇرىدۇ ۋە گۇناھلىرىم مەغپىرەت قىلىنىپ، ھاجەتلىرىم راۋا بولغانغا قەدەر مەسجىدتىن چىقمايمەن، دەپ ئېتىكاپقا داۋام قىلىدۇ»(«ئەلئىختىيار» دىن).

ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى

ئېتىكاپنىڭ پەزىلەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك ھېچ تەرك قىلمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئېتىكاپتا كۆپرەك ئولتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېتىكاپنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرگەن. چۈنكى ئىنسان تۇرمۇشنىڭ تەلەبلىرى ۋە غەپلەتلەر سەۋەبى بىلەن گاھىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇزاقلىشىپ قالىدۇ، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېتىكاپ قىلىش بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىشى ۋە دۇنيانىڭ تۈگىمەيدىغان مەشغۇلاتلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ ئازات بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيتىنى كۈچەيتىشى ھەم يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.

ئېتىكاپقا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار

ئېتىكاپ قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەل ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ چوڭ پۇرسىتىدۇر. ئەمما ئېتىكاپ قىلىمەن دەپ مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى دىققەت قىلمىغان بەزى خاتالىقلار بار. ئۇلار:

1.    پەرزەنتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىلا ئويلاپ مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىش. ئەسلىدە مۇئمىن ئادەمنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى ئىبادەت بولۇشى لازىم. ئىبادەت مەسجىدىلا ئەمەس. ئادەم ھەر ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە قىلسا، مەيلى ئۇ ئىش دۇنيالىق ئىش بولسىمۇ، ئۇ ئادەم ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئېتىكاپ قىلماقچى بولغان ئادەم ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى تولۇقلاپ بېرىپ، ئاندىن مەسجىدكە كىرىۋالسا بولىدۇ.

2.    نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىكاپتا ئولتۇرسىمۇ، يانفون قولىدىن چۇشمەيدۇ، سوتسىيال مېدىيادىن ئايرىلالمايدۇ، بەزىسى تېخى يۇتۇبتىن ۋىدىيو كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەنلا بولىمەن مەسجىدكە كىرىۋېلىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار بىلەن بولىدۇ. بۇ قانداق ئېتىكاپ بولسۇن؟ شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلىمەن دەپ مەسجىدكە كىرگەن ئادەم مۇمكىن بولسا يانفوننى ئالماي كىشى ۋە قولىدا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىملا بولۇشى لازىم.

3.    يەنە بەزى كىشىلەر ئېتىكاپ قىلدىم دەپ، بامداتتىن كېيىن پىشىنگىچە، پىشىندىن ئەسىگىچە، يەنە بەزىسى شامغىچە ئۇخلاپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇنداقلا ئۆيدىلا ئۇخلىسا بولماسمۇ؟ توغرا، ئۇخلاش كېرەك. ئەمما بىر كۈننى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم قانداقمۇ ئۆزىنى روزا تۇتتۇم، ئېتىكاپ قىلدىم دېيەلەيدۇ؟ بۇنى ئويلاپ بېقىش كېرەك.

4.    بەزى ئادەملەر تۇرماستىن باشقىلار بىلەن تېلېفونلىشىدۇ. سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلغان ئىكەنسىز، چوقۇم پۈتۈن ۋاقتىڭىزنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىشىڭىز لازىم.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار