روزا تۇتقۇچىلارغا  تەۋسىيە

روزا تۇتقۇچىلارغا  تەۋسىيە

مۇھەممەد يۈسۈپ

سىز راستىنلا ئىككى ھەسسە روزىنىڭ ساۋابىنى تېپىشنى خالامسىز؟ ئۇنداق بولسا، ئۆزىڭىز روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە روزىدارلارنى ئىپتار قىلدۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئىككى ھەسسە روزىنىڭ ساۋابىنى تاپالايسىز. پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام :« كىمكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇنىڭغا خۇددى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب بولىدۇ، ئەمما ئىپتار قىلغۇچىنىڭمۇ ساۋاپى كېمەيمەيدۇ»دېگەن.

 روزا تۇتقۇچىلارنى ئىپتار قىلدۇرۇش ئۇلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئىپتار قىلدۇرغاندەك، ئۇلارغا پۇل بېرىپ ئىپتار قىلدۇرۇش ياكى مەسجىدكە تائام تەييارلاپ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ بولىدۇ. ياخشىلىقنى قىلىمەن دېگەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يوللىرىمو كۆپ.

1.                        رامىزان ئېيىدا خەير-ئىھسان ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى بۇ ئايدا قىلىنغان ياخشى ئەمەلگە نەچچە ھەسسە كۆپ ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلار بار. ساۋابىم كۆپ بولسۇن دېسىڭىز بۇ ئۇلۇغ ئايدا ياخشى ئەمەللەرنى ۋە سەدىقە- ئىھسانلارنى كۆپ قىلىپ ھەسسىلەپ ساۋاپ تېپىڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولۇڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا خۇش بۇي ئېلىپ كېلىدىغان مەيىن شامالدىنمۇ بەك شەخىي بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر كۆپ.

2.                        رامىزاندا كېچىلىرى ۋە ئىپتاردىن ئاۋۋال دۇئانى كۆپ قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىڭىزنى سورىۋېلىڭ، چۈنكى رامىزان كېچىلىرى ۋە ئىپتار ۋاقتى دۇئالار ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر ھەدىستە:« ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى روزا تۇتقان ئادەم، ئىككىنچىسى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم، ئۈچىنچىسى مۇساپىر ئادەم»دەپ كۆرسەتكەن. روزا تۇتقان ئادەم چارچىغان، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن خوشال بولۇشقا شۇنچىلىك مۇھتاج بولغان بىر ھالەتتە بولىدۇ. مۇنداق ھالەتتىكى دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىشى تىز بولىدۇ.

3.                          رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تېلېۋىزورغا قارىماسلىق، بوش ۋاقىتنى دىنى تەلىم ئۆگىنىش ۋە قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىككە كېلىش. رامىزان ئېيى 11ئاينىڭ سۇلتانى ۋە ئايلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغى بولۇپ، بۇ ئايدا قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى باشقا ئايلارنىڭكىدىن ساۋاپ جەھەتتە ئارتۇق بولىدۇ، دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئاينى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن پايدىسىز بولغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىش كەمچىلىكتۇر. شۈڭا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روھىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ئۈچۈن بۇ ئاينى چىڭ تۇتۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

4.                        ئاتا-ئانىغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ھەر ۋاقىت پەرز بولسىمۇ، رامىزان ئېيىدا بىر ئاي ئاتا-ئانا بىلەن بىللە بولۇش، ئىمكانىيەت بولسا ئۇلارنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ مۇرۇۋىتىدىن بىرگە پايدىلىنىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ھەمىشە بىللە بولالمىسىمۇ ئۇپتارنى ئاتا-ئانا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرگە قىلىش ئىنتايىن ياخشى ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ تېپىلماس پۇرسەتتۇر. ئىپتار ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتتۇر بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر.

5.                        رامىزان ئاخشاملىرى بۇرۇنراق ئۇخلاپ، سەھەر ۋاقتى بۇرۇن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش بەك ياخشىدۇر. ئەمما كېچىسى پەقەت ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئىشلىرىنى كېچىكتۈرۈش ياخشى ئەمەس. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ئۇخلاش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش كېرك. ئىپتار ۋاقتىدا، بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىدا، تاراۋىھ نامىزى ۋاقتىدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۈندۈزى ئىش ۋاقتىدا ئۇخلاش ياكى مۈگدەشمۇ ياخشى ئەمەس. ئۇيقۇنى كېچىسى ئۇخلاپ ئىبادەتلەرنى سەھەر ئاخشاملىرى قىلىش كېرەك.

6.                        رامىزان ئېيى بۇرۇن ئۆگىنىپ قالغان يامان ئادەتلەرنى تۈگىتىش ۋە ياخشى تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا تاشلاش قىيىن بولغان، ھەتتا مۇمكىن بولمىغان يامان ئادەتلەرنى رامىزان ئېيىدا تاشلاش ياھايىتى ئاساندۇر. مەسىلەن: تاماكا چېكىدىغان ئادەم رامىزان ئېيىدا مەجبۇرى ھالدا تاماكىنى تاشلايدۇ. بىر ئاي سۇنداق تاشلاش جەريانىدا تاماكىنى ئۈزۈلكېسىل تاشلاش پۇرسىتىگە ئېگە بولىدۇ. مۇندىن باشقا يالغان سۆزلەش، ئالداش، غەيۋەت قىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى روزا تۇتقان ئادەم قىلمايدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق يامان ئادەتلەرنى قىلغان ئادەمنىڭ روزىسى بىكاردۇر. پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام :« باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشنى تاشلىيالمىغان ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسىغا ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ كۆرسەتكەن.

7.                        مىسۋاك قوللىنىش ھەر ۋاقىتتا بۇيرۇلغان ياخشى ئىشتۇر، ئاددىسى چىشلارنى چوتكا بىلەن تازىلىغاننىىڭ سىرتىدا مىسۋاك بىلەن نەملەندۈرۈپ تۇرۇش چوڭ ساۋابلىق سۈننەت ئىشتۇر. مىسۋاك ئىشلىتىش ئەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ كۆپ ساۋابلىق ئىشتۇر. مىسۋاك ئىشتىلىش ئېغىزنى بەزىبىر يېقىمسىز پۇراقلاردىن ساقلاپ خوشبۇي ھالەتتە داۋام قىلىشىغا كاپالەت قىلىدۇ.

8.                        رامىزان ئېيىدا ئۆمرە ئادا قىلىش ھەج قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« رامىزان ئىچىدە ئۆمرە قىلىش ساۋاب جەھەتتە ھەج قىلغانغا تەڭدۇر»دەپ كۆرسەتكەن.

9.                        رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، ئېتىكاپ قىلىش تولىمۇ ساۋابلىق ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا يىگىرمە كۈ ن ئېتىكاپ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

10- ئادەتتە نامازلارنىڭ بەزىسىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇمايدىغان كىشىلەر رامىزاندا بەش ۋاخ ناماز ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ياخشى ئادەتنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرىدۇ. رامىزاندىن ئىبارەت بۇ تەلىم-تەربىيە ئېيىدا ئۆگەنگەنلىرىنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغان كىسشى رامىزاننىڭ پايدىسىنى تولۇق كۆرگەن بولىدۇ.

11- رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا  تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشكە باشلىغان ئۇلۇغ ئاي. شۇڭا بۇ ئاي قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا قۇرئان ئوقۇغان، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن. شۇڭا بۇ ئايدا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيى چوڭ پۇرسەتتۇر. بۇ ئايدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرئان ئۆگەنگەن ئادەم چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كۆپ رەھمىتى ھەم ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

12. بالىلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈنمۇ رامىزان ئېيى تېپىلماس پۇرسەتتۇر. بالىلارنى بىر ئاي تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە باشقا ئويۇنلاردىن توسۇپ قۇرئان ئوقۇشقا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆپ ياخشىلىق قىلغان بولىمىز. مۇنداق قىلغان ئاتا-ئانىلار تولىمۇ بەختلىك كىشىلەردۇر. چۈنكى مۇنداقلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بالىلارغا ئائىت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئۈستىدىكى يۈكىنى يېڭگىل قىلغانلاردۇر.    

12. رامىزان ئېيىدا پۈتۈن بىر ئاي تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم سۈننەت ئەمەللەردىن سانىلىدۇ. كىچىك بالىلارنى مەسجىدلەرگە ئېلىپ بېرىپ بىر ئاي تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇش ناھايىتى ياخشى ئادەت بولۇپ، بالىلارنى ئىبادەتلەرگە ۋە مەسجىدكە كۆندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر. بالىلار مەيلى يېشى قانچىلىك كىچىك بولمىسۇن ئۇلارنى مەسجىدكە ئېلىپ چىقىش مۇتلەق پايدىلىق ياخىشى ئادەت. بالىلارنى ۋە ئاياللارنى مەسجىدلەردىن توسقۇچىلار خاتالاشقانلاردۇر. مۇنداقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالغانلاردۇر.

13. رامىزاندا ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلماسلىق لازىم. بىزدە 11 ئاي ئىشلەپ بىر ئاي يېگىن دەيدىغان خاتا تەشۋىقاتلار بار. رامىزان كوپ يېيىش ياكى يېيىشتە بەسلىشىش ئېيى ئەمەس، بەلكى نورمال يېيىش ۋە ئاز ئۇخلاپ كۆپ ئىبادەت قىلىشتا بەسلىشىش ئېيىدۇر، كۆپ يېگەن ئادەم كۆپ ئۇخلايدۇ. كۆپ ئۇخلىغان ئادەم گالۋاڭلىشىپ ئىبادەتلەرنى ياخشى بىجىرەلمەيدۇ، رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن پايدا ئالالمايدۇ ۋە كۆپلىگە ساۋابلىق ئىشلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا كۆپ يېيىشتە ئەمەس، بەلكى كوپ ئەمەل قىلىشتا بەسلىشىش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر ئىشنى پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىش لازىم. رامىزان ئېيىنىڭ بېشىدا ھەركىم ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما جەدۋىلى تۈزۈپ شۇنىڭ بويىچە ئۆگىنىش سائىتى، ئۇخلاش سائىتى، ئائىلە ئازالىرى بىرگە تەلىم ئېلىش سائىتى دېگەنگە ئوخشاش پروگراممىلارنى بېكىتىپ شۇ بويىچە ئىنتىزاملىق ئىش كۆرگەن ئادەم رامىزان ئېيىدىن چوقۇم ياخشى پايدىلانغان ۋە بۇ ئاينىڭ شاراپىتىگە تپلۇق ئېرىشكەن بولىدۇ.

 14. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ دىنداش بۇرادەرلىرىنى، تۇغقانلىرىنى، خوشنىلىرىنى ۋە تونۇشلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. خۇسۇسەن رامىزان ئېيىدا توغقانلارنى زىيارەت قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، كەمبەغەللەرگە يار يۆلەكتە بولۇش، ئېتىياجلىقلىرىغا ماددى ياردەمدە بولۇش چوڭ ساۋابلىق ئىشلاردۇر. بولۇپمۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە روزا ھېيتىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدىكى كۈنلەردە سەدىقە ۋە خەير ئىھسانلارنى كۆپ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدە ساۋابنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. بىر ھەدىستە:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا خۇددى مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى» دەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالام سەدىقە ۋە ئىھساننى ھەمىشە شۇنچە كۆپ قىلاتتى، ئەمما رامىزاندا ئالاھىدە قىلاتتى. بىرەر ھاجەتمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنى قەتئىي قۇرۇق قول قايتۇرمايتتى، ئۈزىدە بولمىسا، قول ئىكلىدە بار ساھابىلار ئېيتىپ ئۇلاردىن ئېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى. ھەتتا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىھمانلىق تونىنى سورىغان كىشىگە ئۇچىسىدىكى تونىنى سېلىپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «يوق» دېيىشنى زادى بىلمەيتتى، ئۆزىدە بولمىسىمۇ باشقىلاردىن تېپىپ بېرەتتى.

15. ئاياللار ئەگەر ئىككى ھەسسە كۆپ ساۋاپ تاپاي دىسە رامىزان ئېيىدا، بالىلىرىنى ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە بالىلىلىرىنىڭ بۇ ئايدىكى تەربىيىسىگە ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولىشى لازىم. مۇندىن باشقا ئايال كىشى ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولغاننىڭ ساۋابىنى ئايرىم ئالىدۇ. شۇنىڭدەك جامائاتنى، خوشنىلارنى، تۇغقانلارنى ۋە مۇساپىرلارنى ئىپتار قىلدۈرۇش ئارقىلىق يەنە ئايرىم ساۋاپ ۋە ئەجىرگە ئېگە بولىدۇ. چۈنكى مىھماننىڭ جاپاسى تارتىدىغان كىشى ئايال بولغانلىقتىن ساۋاپنىڭ كۆپىنى شۇ ئالىدۇ.

16. بىر ئاي رامىزان ئېيىدا كىچىك بالىلارنى روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش لازىم. بىر كۈنلۈك روزىغا تاقەت قىلالمايدىغان كىچىك بالىلارنى روزا تۇتقۇزۇپ چۈش ۋاقتىدا ئىپتار قىلدۇرۇش ياكى قاچان قورسىقى ئاچسا ياكى ئۇسسىسا شۇ ۋاقىتتا سېنىڭ ئۈچۈن ئىپتار بولدى دەپ ئۇلارنى ئىپتار قىلدۇرۇپ، ئاندىن يەنە روزىسىنى ئاخشامغىچە داۋام قىلدۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنى ھەم روزىغاس كۆندۈرگىلى ھەم روزا تۇتۇشنى سۆيدۈرگىلى بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئىپتارنى كۈن پاتقاندا قىلىشنى ئۆگىتىۋالساقمۇ كېچىكىپ قالمايمىز. ئەمما كىچىك بالىلار ئاچ ۋە سۇسىز قويۇپ قىيناش ياخشى ئىش  بولمىغاندەك، ئۇلارنى ئاسرىدۇق دەپ روزا تۇتقۇزماسلىق ۋە روزىنى ئۆگەتمەسلىك توغرا ئەمەس. شۇڭا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ، ئۇلارنى روزا تۇتقۇزۇش ۋە قورسىقى ئاچقاندا تائام بېرىشتۇر. بۇ بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ئۈچۈندۇر.

                                                                                                              

роза тутқучиларға  нәсиһәт

сиз растинла икки һәссә розиниң савабини тепишни халамсиз? ундақ болса, өзиңиз роза тутуш билән биргә розидарларни иптар қилдуруң. шундақ қилсиңиз икки һәссә розиниң савабини тапалайсиз. пәйғәмбә әләйһиссалам :" кимки бир розидарни иптар қилдурса, униңға худди роза тутқанға охшаш саваб болиду, әмма иптар қилғучиниңму савапи кемәймәйду"дегән.

 роза тутқучиларни иптар қилдуруш уларни өйигә чақирип иптар қилдурғандәк, уларға пул берип иптар қилдуруш яки мәсҗидкә таам тәйярлап елип бериш арқилиқму болиду. яхшилиқни қилимән дегән адәм үчүн униң йоллиримо көп.

1.        рамизан ейида хәйр-иһсан вә сәдиқини көп қилиң. чүнки бу айда қилинған яхши әмәлгә нәччә һәссә көп савап берилидиғанлиқи һәққидә һәдислар бар. савабим көп болсун десиңиз бу улуғ айда яхши әмәлләрни вә сәдиқә- иһсанларни көп қилип һәссиләп савап тепиң вә шу арқилиқ аллаһ тааланиң рәһмитигә сазавәр болуң. пәйғәмбәр әләйһиссалам рамизан ейида хуш буй елип келидиған мәйин шамалдинму бәк шәхий болуп кетидиғанлиқи һәққидә ривайәтләр көп.

2.        рамизанда кечилири вә иптардин аввал дуани көп қилип, аллаһ тааладин һаҗәтлириңизни соривелиң, чүнки рамизан кечилири вә иптар вақти дуалар иҗабәт болушқа әң йеқин вақитлардур. пәйғәмбәр әләйһиссалам  бир һәдистә:" үч кишиниң дуаси рәт қилинмайду: уларниң бири роза тутқан адәм, иккинчиси зулумға учриған адәм, үчинчиси мусапир адәм"дәп көрсәткән. роза тутқан адәм чарчиған, аллаһ тааланиң рәһмити билән хошал болушқа шунчилик муһтаҗ болған бир һаләттә болиду. мундақ һаләттики дуаларниң иҗабәт болиши тиз болиду.

3.          рамизан ейида бир ай телевизорға қаримаслиқ, бош вақитни дини тәлим өгиниш вә қуран оқуш билән өткүзүшкә аилә әзалири билән бирликкә келиш. рамизан ейи 11айниң султани вә айларниң ичидә әң улуғи болуп, бу айда қилинған әмәл-ибадәтләрниң саваби башқа айларниңкидин савап җәһәттә артуқ болиду, дуалар иҗабәт болиду. мушундақ бир улуғ айни дунялиқ яки ахирәтлик үчүн пайдисиз болған ишлар билән өткүзиветиш кәмчиликтур. шүңа рамизан ейида бир ай роһий җәһәттин тәрбийилиниш үчүн бу айни чиң тутуш тәвсийә қилиниду.

4.        ата-аниға һәмраһ болуп уларниң хизмитини қилиш һәр вақит пәрз болсиму, рамизан ейида бир ай ата-ана билән биллә болуш, имканийәт болса уларниң йенида биллә туруп бу улуғ айниң мурувитидин биргә пайдилиниш интайин зөрүрдур. һәмишә биллә болалмисиму уптарни ата-ана билән бир дастиханда олтуруп биргә қилиш интайин яхши иш болуп, уларниң дуасини еливелиш үчүнму тепилмас пурсәттур. иптар вақти дуа иҗабәт болушқа әң йеқин вақиттур бу вақитта ата-анисиниң дуасини алған адәм әң бәхтлик адәмдур.

5.        рамизан ахшамлири бурунрақ ухлап, сәһәр вақти бурун туруп ибадәт қилиш бәк яхшидур. әмма кечиси пәқәт ухлимай, күндүзи ишлирини кечиктүрүш яхши әмәс. шуңа рамизан ейида ухлаш үчүн мунасип вақитни таллаш керк. иптар вақтида, бәш вах намазниң вақитлирида, таравиһ намизи вақтида ухлашқа болмайду. шундақла күндүзи иш вақтида ухлаш яки мүгдәшму яхши әмәс. уйқуни кечиси ухлап ибадәтләрни сәһәр ахшамлири қилиш керәк.

6.        рамизан ейи бурун өгинип қалған яман адәтләрни түгитиш вә яхши тәрбийә елиш үчүн яхши пурсәт болуп, башқа вақитларда ташлаш қийин болған, һәтта мумкин болмиған яман адәтләрни рамизан ейида ташлаш яһайити асандур. мәсилән: тамака чекидиған адәм рамизан ейида мәҗбури һалда тамакини ташлайду. бир ай сундақ ташлаш җәрянида тамакини үзүлкесил ташлаш пурситигә егә болиду. мундин башқа ялған сөзләш, алдаш, ғәйвәт қилиш қатарлиқ яман адәтләрни роза тутқан адәм қилмайду. чүнки роза тутуп туруп мундақ яман адәтләрни қилған адәмниң розиси бикардур. пәйғәмбәр  әләйһиссалам :" башқиларға төһмәт қилишни ташлиялмиған адәмниң тутқан розисиға аллаһниң һаҗити йоқ" дәп көрсәткән.

7.        мисвак қоллиниш һәр вақитта буйрулған яхши иштур, аддиси чишларни чотка билән тазилиғаннииң сиртида мисвак билән нәмләндүрүп туруш чоң саваблиқ сүннәт иштур. мисвак ишлитиш әрләр үчүнла әмәс, бәлки аяллар үчүнму көп саваблиқ иштур. мисвак иштилиш еғизни бәзибир йеқимсиз пурақлардин сақлап хошбуй һаләттә давам қилишиға капаләт қилиду.

8.        рамизан ейида өмрә ада қилиш һәҗ қилғанға охшаш саваблиқ иштур. пәйғәмбәр әләйһиссалам бир һәдистә:" рамизан ичидә өмрә қилиш саваб җәһәттә һәҗ қилғанға тәңдур"дәп көрсәткән.

9.        рамизан ейиниң ахирқи он күнидә әгәр имканийәт болса, етикап қилиш толиму саваблиқ иштур. пәйғәмбәр әләйһиссалам һәр йили рамизан ейиниң ахирқи он күнидә етикап қилатти, вапат болуш алдидики рамизан ейида йигирмә кү н етикап қилғанлиқи ривайәт қилинған.

10- адәттә намазларниң бәзисини мәсҗидтә җамаәт билән оқумайдиған кишиләр рамизанда бәш вах намаз вә тәравиһ намазлирини җамаәт билән оқуш арқилиқ бу яхши адәтни өзидә йәрләштүриду. рамизандин ибарәт бу тәлим-тәрбийә ейида өгәнгәнлирини рамизандин кейинму давамлаштурған кисши рамизанниң пайдисини толуқ көргән болиду.

11- рамизан ейи қуран кәрим аллаһ таала  тәрипидин пәйғәмбәр әләйһиссаламға чүшүшкә башлиған улуғ ай. шуңа бу ай қуран ейи дәпму атилиду. бу айда қуран оқуған, уни өгәнгән вә өгәткән кишигә һәссиләп көп саваб болидиғанлиқини пәйғәмбәр әләйһиссалам сөзлигән. шуңа бу айда қуранни көп оқуш тәвсийә қилиниду. қуран оқушни билмәйдиғанларниң оқушни өгиниши үчүн рамизан ейи чоң пурсәттур. бу айда вақитни чиң тутуп қуран өгәнгән адәм чоқум яхши өгинип кетәләйду вә аллаһ тааланиң көп рәһмити һәм савабиға еришиду.

12. балиларға қуран оқушни өгитиш үчүнму рамизан ейи тепилмас пурсәттур. балиларни бир ай телевизор көрүш вә башқа оюнлардин тосуп қуран оқушқа йүзләндүрүш арқилиқ уларға көп яхшилиқ қилған болимиз. мундақ қилған ата-анилар толиму бәхтлик кишиләрдур. чүнки мундақлар аллаһ тааланиң алдида балиларға аит мәсулийәтлирини ада қилип үстидики йүкини йеңгил қилғанлардур.   

12. рамизан ейида пүтүн бир ай тәравиһ намизини җамаәт билән оқуш наһайити муһим сүннәт әмәлләрдин санилиду. кичик балиларни мәсҗидләргә елип берип бир ай тәравиһ намизини биллә оқуш наһайити яхши адәт болуп, балиларни ибадәтләргә вә мәсҗидкә көндүрүшниң әң яхши пурситидур. балилар мәйли йеши қанчилик кичик болмисун уларни мәсҗидкә елип чиқиш мутләқ пайдилиқ яхиши адәт. балиларни вә аялларни мәсҗидләрдин тосқучилар хаталашқанлардур. мундақлар пәйғәмбәр әләйһиссаламниң сүннәтлиридин хәвәрсиз қалғанлардур.

13. рамизанда исрапчилиқтин сақлиниш вә аллаһ йолида сәрп қилишқа бехиллиқ қилмаслиқ лазим. биздә 11 ай ишләп бир ай йегин дәйдиған хата тәшвиқатлар бар. рамизан коп йейиш яки йейиштә бәслишиш ейи әмәс, бәлки нормал йейиш вә аз ухлап көп ибадәт қилишта бәслишиш ейидур, көп йегән адәм көп ухлайду. көп ухлиған адәм галваңлишип ибадәтләрни яхши биҗирәлмәйду, рамизандики пәзиләтлик вақитлардин пайда алалмайду вә көплигә саваблиқ ишлардин мәһрум қалиду. шуңа рамизан ейида көп йейиштә әмәс, бәлки коп әмәл қилишта бәслишиш, вақитни чиң тутуп, һәр ишни пилан билән елип бериш лазим. рамизан ейиниң бешида һәрким өзи вә аилиси үчүн мәхсус программа җәдвили түзүп шуниң бойичә өгиниш саити, ухлаш саити, аилә азалири биргә тәлим елиш саити дегәнгә охшаш программиларни бекитип шу бойичә интизамлиқ иш көргән адәм рамизан ейидин чоқум яхши пайдиланған вә бу айниң шарапитигә тплуқ еришкән болиду.

 14. мусулман адәм һәр вақит өзиниң диндаш бурадәрлирини, туғқанлирини, хошнилирини вә тонушлирини йоқлап, уларниң һалидин хәвәр елип турушқа буйрулған. хусусән рамизан ейида тоғқанларни зиярәт қилиш, йетимларниң бешини силаш, кәмбәғәлләргә яр йөләктә болуш, етияҗлиқлириға мадди ярдәмдә болуш чоң саваблиқ ишлардур. болупму рамизанниң ахирқи күнлиридә роза һейтиниң йетип келиши алдидики күнләрдә сәдиқә вә хәйр иһсанларни көп қилишниң әвзәлликидә савабниң һәссиләп көп болидиғанлиқида шәк йоқ. бир һәдистә:" пәйғәмбәр әләйһиссалам рамизан ейида худди мәйин шамалдинму бәк сехи болуп кетәтти" дәп кәлгән. пәйғәмбәр әләйһиссалам әләйһиссалам сәдиқә вә иһсанни һәмишә шунчә көп қилатти, әмма рамизанда алаһидә қилатти. бирәр һаҗәтмән пәйғәмбәр әләйһиссаламдин бир нәрсә сориса уни қәтий қуруқ қол қайтурмайтти, үзидә болмиса, қол иклидә бар саһабилар ейтип улардин елип у кишиниң һаҗитини рава қилатти. һәтта бир күни пәйғәмбәр әләйһиссаламниң миһманлиқ тонини сориған кишигә учисидики тонини селип бәргәнлики ривайәт қилинған, пәйғәмбәр әләйһиссалам "йоқ" дейишни зади билмәйтти, өзидә болмисиму башқилардин тепип берәтти.

15. аяллар әгәр икки һәссә көп савап тапай дисә рамизан ейида, балилирини исламий гүзәл әхлақлар билән тәрбийиләш ишлириға көңүл бөлиши вә балилилириниң бу айдики тәрбийисигә өзи бивастә мәсул болиши лазим. мундин башқа аял киши ериниң вә балилириниң хизмәтлиридә болғанниң савабини айрим алиду. шуниңдәк җамаатни, хошниларни, туғқанларни вә мусапирларни иптар қилдүруш арқилиқ йәнә айрим савап вә әҗиргә егә болиду. чүнки миһманниң җапаси тартидиған киши аял болғанлиқтин савапниң көпини шу алиду.

16. бир ай рамизан ейида кичик балиларни роза тутушқа көндүрүш лазим. бир күнлүк розиға тақәт қилалмайдиған кичик балиларни роза тутқузуп чүш вақтида иптар қилдуруш яки қачан қорсиқи ачса яки уссиса шу вақитта сениң үчүн иптар болди дәп уларни иптар қилдуруп, андин йәнә розисини ахшамғичә давам қилдуруш яхши усулдур. бу усул арқилиқ балиларни һәм розиғас көндүргили һәм роза тутушни сөйдүргили болиду. кейинки йилларда иптарни күн патқанда қилишни өгитивалсақму кечикип қалмаймиз. әмма кичик балилар ач вә сусиз қоюп қийнаш яхши иш  болмиғандәк, уларни асридуқ дәп роза тутқузмаслиқ вә розини өгәтмәслик тоғра әмәс. шуңа оттура йолни тутуп, уларни роза тутқузуш вә қорсиқи ачқанда таам бериштур. бу балағәткә йәтмигән балилар үчүндур.

                                                                                                              

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار