روزىڭىز بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن!

روزىڭىز بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن!

مۇھەممەد يۈسۈپ

روزىنىڭ مەنىسى — تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك- ئىچمەك ۋە جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش، يالغان سۆزدىن ۋە ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن ئۆزىنى ساقلاش دېمەكتۇر.

كۆپ سانلىق ئالىملار روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار: يېيىش، ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دەپ بەلگۈلىگەن بولسىمۇ، بەزى ئالىملار يالغان سۆزلەش، تۆھمەت قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە باشقىلارغا ئازار قىلىش قاتارلىقلار گۇناھلار بىلەن روزىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بەزى كىشىلەر روزا تۇتتۇق دەپ ئاچلىق بىلەن سۇسىزلىقتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). يەنە «روزا تۇتتۇم دەپ يالغان ئېيتىشنى، يالغان بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك قىلالمىغان كىشىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى تەرك ئەتكىنىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوقتۇر» دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى). دېمەك، روزىدا يالغان سۆزلەش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن تۇسالماي تۇرۇپ، يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسالغانلىق روزا تۇتقانغا ياتمەيدۇ ۋە بۇنداق روزىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

 تۈركىيەدىكى «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن تارىختا بولۇپ باقمىغا دەرىجىدە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ۋەتەندىكى ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر، يېتىملەر، ئەرلىرى ۋەتەندە تۈرمىلەرگە قامالغان ئاياللار، ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، كېسەلچانلار دېگەندەك مۇھاجىرەتتىكى ياردەمگە موھتاج خەلقىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قوللاشقا ۋە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك خىزمەتتۇر. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنى يېسىمۇ دەردى چىقمايدىغانلار ھەسەت قىلامدۇ ياكى ئۆچمەنلىك قىلامدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ، ھەدەپلا يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ خەلقىمىزنىڭ مېڭىسىنى قوچۇپ يۈرمەكتە. مەيلى «مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بولسۇن، ياكى «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» بولسۇن ۋەياكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقلا بىر جەمئىيىتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا گەپ قىلىدىغانلار، ئۇلار توغرۇلۇق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغانلار، ئۇلارنى كەمچىلىك ئىزدەيدىغانلار، بىرەر كەمچىلىك تېپىۋالسا كۆپتۈرۈپ تارقىتىدىغانلار بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئېغىزىنى يىغسا ياخشى بولاتتى. رامىزاندا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، رامىزاندا تۆھمەت قىلىش، رامىزاندا ئادەم تىللاش تۇتقان روزىنىڭ ساۋابىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىسلەر بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئەمدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنى ئورۇنسىز قارىلايدىغان، ئۇلارغا تۆھمەت قىلىدىغان شەخسلەر گۇناھتىن قورقماي، ئاللاھقا ھېساب بېرىشتىن قورقماي شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇنى تارقىتىپ بېرىدىغان، بىلىپ، بىلمەي قوللاپ بېرىدىغان، ھەتتا قۇلاق سالىدىغان قېرىنداشلار ئاللاھتىن قورقسۇن. چۈنكى يالغان خەۋەرنى تارقاتقان ئادەم شۇ يالغاننى ئېيتقانغا ئوخشاش گۇناھكار بولسا، يالغان خەۋەرگە قۇلاق سالغان ئادەممۇ  ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ) يەنى «ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر» دېگەن سۆزىدە، يالغان ئۇچۇرلارغا قۇلاق سالغۇچىلارنى ھارام دېگۈچىلەر بىلەن بىر ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ سۆككەن. دېمەك، يالغان خەۋەرنىڭ گۇناھى ئۇنى پەيدا قىلغان، يازغان، سۆزلىگەن، يەتكۈزگەن ۋە تارقاتقان ئادەملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالغان ئادەمگىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھتىن قورقايلى! مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزنى، جەمئىيەتلىرىمىزنى ئورۇنسىز ئەيبلەشنىڭ ۋە ئۇلار توغرۇلۇق توغرا بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى! بىلىپ، بىلمەي روزىمىزنى بۇزۇپ قويمايلى!  مۇسۇلمانلارنى يامان كۆرىدىغانلار تارقاتقان يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ گۇناھكار بولمايلى! ئاللاھ تائالانىڭ )لَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنْفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَذَا إِفْكٌ مُبِينٌ( « بۇ بوھتاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا ئەر _ ئايال مۇئمىنلەر بىر _ بىرى ھەققىدە ياخشى ئويلاردا بولۇپ، «بۇ ئېنىق بوھتاندۇر» دېسە بولمامتى؟» دېگەن كايىشىغا تېگىشلىك بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار