قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى

قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا قەدر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿قەدر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر ﴾ دەيدۇ (قەدر سۈرىسى 3- ئايەت).

 دېمەك، قەدر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.

شۇبھىسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە، باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.

قەدر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر
ئىمام خەتتابىي قەدر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدر كېچىسىنى ئاتا قىلغان » («ئەلمۇۋتتە» دىن).

ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار