رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر

رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتاب بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 610 _ يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە زامانىمىزغا قەدەر ئۆز پېتى يېتىپ كەلگەن يېگانە كىتابتۇر.

 

«قۇرئان كەرىم» بىزنىڭ ھايات دەستۇرىمىزدۇر

شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» مەنىسى ئۆگىنىپ، كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن دەستۇردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آَيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ﴾ «(ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان) ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىنى (ئەتراپلىق) تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»[1].

 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇشۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ»([2]).

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ـ بىلمىسىمۇن، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ»([4]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن خۇددى ئۇترۇج دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئەمما تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق (ياۋا) خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمۇ ئاچچىقتۇر»([5]).

شۈبھىسىزكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەكبىر، تەھلىل، تەسبىھ ۋە دۇئادىنمۇ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن مەندىن ھاجىتىنى سورالمىغان بەندەمگە، سورىغانلارغا بەرگىنىمدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىمەن› دېدى. ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن ئۇلۇغلىقى، خۇددى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئۇلۇغلىقىغا ئوخشاشتۇر»([6]).

قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاشمۇ كاتتا ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە(سۆز قىلماستىن) جىم تۇرۇڭلار»([7]).

قۇرئاننى ئوقۇش، يادىلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»([8]) دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. كۆكۈل قويسىمۇ ئۇنى تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ»([9]).

ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگەتكەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭمۇ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا  قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ»([10]).

 

قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان بىلەن بولغان مۇناسىتى

 

﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآَنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ﴾ «(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر»[11].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى رامىزان ئېيىدا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاننى قۇرئاندىن باستىن ئاخىر ئوقۇتاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، شۇ بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى

1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش شەرت ئەمەس، شۇنداقتىمۇ تاھارەت بىلەن ئوقۇسا ياخشى. ئەمما جۇنۇپ كىشى ياكى ھەيزدار ئايال تاھارەتسىز ئوقۇسا بولمايدۇ.

2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»([12]).

3. قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»([13]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھېچ بىر نەرسىگە قۇرئاننى يۇقىرى ئاۋازدا چىرايلىق ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان پەيغەمبەرگە قۇلاق سالغىنىدەك قۇلاق سالغان ئەمەس»([14]).

4. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، ئاللاھ ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقادتا تۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن ئوقۇش. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»([15]).

5. قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئوچۇق، دانە- دانە ئوقۇش. «قۇرئاننى دانە _ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن»([16]).

6. قۇئاننى ئېغىزنى مىدىرلىتىپ ئوقۇش لازىم. چۈنكى ئېغىزنى مىدىرلاتماي، كۆڭلىدە ئوقۇش قۇرئان ئوقۇشقا كىرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا ئۇنى ئوقۇشق ائالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتىشتىن مەنئى قىلغان. بۇنىڭدىن چىقىدۇكى، تىلنى مىدىرلىتىپ ئوقۇش ئۇنى ئوقۇغانلىق، ئىچىدە ئوقۇش ئوقۇمىغانلىقتۇر.

7. قۇرئاننى ئىمكانقەدەر قۇرئانغا قاراپ ئوقۇش. قۇرئان بار يەردە، ئۇنى قۇرئاندىن ئوقۇماي تېلېفوندىن ئوقۇش ياخشى ئەمەس، چۈنكى قۇرئانغا قاراشنىڭ ئۆزىمۇ ئىبادەتتۇر.

 

قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك؟

شەكسىزكى، قۇرئاننى ئاللاھ تائالا ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ، ماڭىلا خىتاب قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ھېس – تۇيغۇ بىلەن، ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇش كېرەك. ئەبۇلھەسەن نەدەۋى[17] ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال[18] ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ بەرىكىتى بىلەن قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى ئەڭ تولۇق تېتىيالىغان ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەللامە ئىقبال ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن:«مەن ھەر ئەتىگىنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھەر كۈنى دادام مەندىن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايتتى. مەن «قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن»دەپ جاۋاب بېرەتتىم. دادام ھەر كۈنى شۇ بىر خىل سوئالنىلا سورايدۇ، مەنمۇ  شۇ بىر خىل جاۋابنىلا بېرىمەن. بىر كۈنى مەن دادامدىن «دادا ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە مەندىن نېمە قىلىۋاتقىنىمنى سوراشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىۋىدىم. دادام ماڭا «بالام! مەن ساڭا قۇرئاننى خۇددى ساڭا چۈشكەندەك ئوقۇغىن دېكچى ئىدىم»دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قۇرئاننى خۇددى ئاللاھ تائالا ماڭا چۈشۈرگەندەك ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پارلاق نۇرىدىن ۋە جەۋھەرلىرىدىن مېنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىم بارلىققا كەلدى.»[19]

[1] ساد سۈرىسى:29- ئايەت.
([2])     ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([3])     فاتىر سۈرىسى 29 ـ 30 ـ ئايەتلەر.
([4])     ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([5])     ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6])     تىرمىزى رىۋايىتى.
([7])     ئەئراف سۈرىسى 204ـ ئايەت.
([8])     ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([9])     ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([10])   ئەبۇداۋېد رىۋايىتى.
[11] بەقەرە سۈرىسى: 185- ئايەت.
([12])   نەھل سۈرىسى 98 ـ ئايەت.
([13])   ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([14])   ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([15])   بەييىنە سۈرىسى 5 _ ئايەت.
([16])   مۇززەممىل سۈرىسى 4 ـ ئايەت.
[17] ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى ھىندىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى، كۆپلىگە ئىسلام ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. 1913-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدا دۇنياغا كېلىپ 1999-يىلى ئالەمدىن ئېتكەن.
[18] مۇھەممەد ئىقبال-ئىسلام مۇتەپەككۇرى، شائىر، پەيلاسۇپ ۋە ئەدىب بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىدىستان تەۋەسىدە، سۇنداقلا دۇنيادا زور شۆھرەتكە ئېرىشكەن شەخس. ئۇ 1877-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ پەنجاب ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە 1938-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئىقبال ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ؛ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن.
[19] ئەبۇل ھەسەن نەدەۋىنىڭ« ئىقبال شېئىرلىرى»ناملىق ئەسىرى38-39-بەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار