قۇرئان ئوقۇش ھەققىدە 17 تەۋسىيە

قۇرئان ئوقۇش ھەققىدە 17 تەۋسىيە

مۇھەممەد يۈسۈپ

مەلۇمكى، رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم ئېيى دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم مۇشۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا ۋاقتىنىڭ كۆپرەكىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ھەتتا ھەر رامىزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن تىڭشايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ»([1]). ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام، مىم› نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»([3]) ، «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ  قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ»([4]) دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئۆگەنمەكچى بولساڭلار، چوقۇم قۇرئان ئوقۇڭلار. چۈنكى ئۇنىڭدا بۇرۇنقىلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى بار». ئەللامە سۇفيان سەۋرى: «كاشكى بارچە ۋاقتىمنى قۇرئان ئوقۇش بىلەنلا ئۆكۈزگەن بولسامچۇ». دېگەن بولسا، ئەللامە ئىبنى تەيمىيە: «ئۆمرۈمنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلىشكە ئاتاشتىن باشقا ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىۋاتىمەن» دېگەن ئىكەن.

1.          قۇرئان ئوقۇشتىن بەكرەك، ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ، مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىڭ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى مەنىسىنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوقۇشتىن مەنىسى بىلىش بەك مۇھىم. قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەي ئوقۇغىنىڭىزدا ساۋاب تاپىسىز، ئەمما مەقسەت ھەل بولمايدۇ. ئەگەر مەنىسىنى بىلىپ ئوقۇسىڭىز، ھەم ساۋاب تاپىسىز ھەم ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشتىكى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

2.          قۇرئاننى يانفوندىن ياكى كومپىيۇتېردىن ئەمەس، قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن ئوقۇڭ.

3.          قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭىزدا يانفوننى ئۆزىڭىزدىن يىراق قىلىڭ، ئوقۇشىڭىز تۈگەپ دۇئا قىلىپ بولمىغۇچىلىك يانفوننى قولىڭىزغا ئالماڭ. چۈنكى بىر قولىدا قۇرئان، يەنە بىر قولىدا يانفون تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش قۇرئان كەرىمگە ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقتۇر.

4.          سىز قۇرئاننى بوش ۋاقتىڭىزنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، سىزنى ھېچكىم مەشغۇل قىلمايدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ شۇ ۋاقىتتا ئوقۇڭ.

5.          قۇرئاننى بېرىلىپ ئوقۇڭ، كۆزىڭىز ۋە ئاغزىڭىز قۇرئاندا، قەلبىڭىز باشقا جايدا بولمىسۇن. خۇددى كۆڭلى باشقا يەردە تۇرۇپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم ئوقۇغانلىرىدىن نەپ ئالالمىغاندەك، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تۇرۇپ ئوقۇغانلىقنىڭ سىزگە پايدىسى يوق.

6.          قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن تاھارىتىڭىزنى يېڭىلاڭ ۋە قىبلىگە قاراپ ئولتۇرۇ، ئەئۇزۇ ۋە بىسمىللاھ بىلەن باشلاڭ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

7.          قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»([6]) دەپ كۆرسەتكەن. ئاۋازىڭىزنى بەك يۇقىرى چىقىرىپ باشقىلارنى راھەتسىز قىلىشتىن، بەك تۆۋەن قىلىپ سىزنى ئۇخلىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىڭ.

8.          قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمىسىڭىزمۇ، ئاللاھ تائالا ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقادتا، ئىخلاس بىلەن ئوقۇڭ. ئەمما مەنىسىنى بىلىپ ئوقۇشقا تىرىشىڭ. چۈنكى قۇرئان كەرىم مەنىسى بىلىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان.

9.          قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئوچۇق، دانە- دانە ئوقۇڭ. چۈنكى ئاللاھ تائالا  «قۇرئاننى دانە _ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن»([7]) دەپ بۇيرۇغان. قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ پەرزدۇر. قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش ئايرىم بىر پەرزدۇر.

10.      قۇرئاننىڭ مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ھەيۋىتى ۋە كاتتا ئورنى بار. شۇڭا سىز قۇرئان ئوقۇغاندا ئۇنى قەلبىڭىزدە ئۇلۇغلاپ تۇرۇپ ئوقۇڭ. سىز قۇرئاننى قەلبىڭىزدە ئۇلۇغلىسىڭىز، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە سىزنىڭ مەرتىۋىڭىزنى يۇقىرى قىلىدۇ. بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمەيتتى، سالام قىلغانلارغا قول ئىشارىتى بىلەن جاۋاب بېرەتتى، ئوقۇۋاتقان سۈرىنى تامالىماي تۇرۇپ توختىمايتتى. مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا قارىتا ئەدەبلىك بولغانلىقتۇر. سىز ئاللاھ تائالاغا قارىتا قانچىلىك ئەدەپلىك بولسىڭىز، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كەرىمنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيسىز، ھازىرقى ئەرەبلەردەك تىزىڭىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇمايسىز، بەلكى بىلىڭىزدىن يۇقىرى تۇتۇپ ئوقۇيسىز.

11.      قۇئاننى ئېغىزىڭىز ئېچىپ، تىلىڭىزنى مىدىرلىتىپ ئوقۇڭ. چۈنكى ئېغىزنى ئاچماي، تىلىنى مىدىرلاتماي، كۆڭلىدە ئوقۇش ياكى كۆز ئىشارىسى بىلەن ئوقۇش قۇرئان ئوقۇشقا كىرمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتىشتىن مەنئى قىلغان. بۇنىڭدىن شۇ مەنە چىقىدۇكى، تىلنى مىدىرلىتىپ ئوقۇش ئۇنى ئوقۇغانلىق، ئىچىدە ئوقۇش ئوقۇمىغانلىقتۇر.

12.      قۇرئاننى ئىمكانقەدەر قۇرئانغا قاراپ ئوقۇڭ. قۇرئان بار يەردە، ئۇنى قۇرئاندىن ئوقۇماي تېلېفوندىن ئوقۇش ياخشى ئەمەس، چۈنكى قۇرئانغا قاراشنىڭ ئۆزىمۇ ئىبادەتتۇر.

13.      سىز قۇرئان ئوقۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ھېچكىمنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمەڭ، ئەگەر جاۋاب بېرىش مۇھىم بولۇپ قالسا، ئوقۇۋاتقان ئايەت تاماملاپ بولۇپ ئاندىن گەپ قىلىڭ. چۈنكى ئايەتلەرنى كەلگەن يېرىدىن ئۈزۈپ قويۇش قۇرئان كەرىمگە قارىتا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر.

14.      سىز قۇرئاننى ئاستا ۋە قىينىلىپ ئوقۇيدىغان بىرى بولسىڭىز، بۇنىڭغا غەرمكىن بولماڭ. چۈنكى سىز قىينىلىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئىككى ھەسسە ساۋابقا ئېرىشىسىز.

15.      قۇرئان ئوقۇپ توختاشتا پارىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەس، سۈرىنىڭ ئاخىرىدا توختىسىڭىز ياخشى. چۈنكى سۈرىنىڭ مەزمۇنى تاماملانغان بولىدۇ.

16.      قۇرئاننى ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، بەزى ئايەتلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇڭ. بۇنداق قىلىش دىلىڭىزنى يۇمشىتىشقا پايدىلىقتۇر.

17.      ئازاب ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا، ئاللاھ تائالادىن پاناھ تىلەڭ، رەھمەت ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنىڭدىن رەھمەت تىلەڭ.

 

([1])     ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([2])     تىرمىزى رىۋايىتى.
([3])     ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([4])     ئەبۇداۋېد رىۋايىتى.
([5])     نەھل سۈرىسى 98 ـ ئايەت.
([6])     ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([7])     مۇززەممىل سۈرىسى 4 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار