رامىزاننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش يولىدا ئويلىغانلىرىم

 رامىزاننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش يولىدا ئويلىغانلىرىم

مۇھەممەد يۈسۈپ

پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاللاھ تائالاغا بولغان باغلىنىشىمىزنى كۈچەيتىشتۇر. رامىزان ئېيىغا ئوخشىغان ئىبادەت مەۋسۇملىرى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز رەھىم-شەپقىتى يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ ئىبادەت بىلەن يۈكسىلىپ ئۆزىگە باغلىنىشى ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە يېتىشى ئۈچۈن، مەخسۇس ۋاقىتلارنى ۋە مەۋسۇملارنى بەلگىلەپ بەرگەن. رامىزان ئېيى ئەنە شۇنداق مەخسۇس مەۋسۇم بولۇپ، بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، تەقۋالىقىنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىرادىسىنى تاۋلاش، ساۋابلىرىنى كۆپەيتىش، مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىق ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىنسان روھ ۋە ماددىدىن يارىتىلغان مەخلۇق بولغانلىقتىن، مەنىۋىياتلار بىلەن ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى تاپىدۇ ۋە شۇ مەنىۋىياتلىرى بىلەنلا باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مۇسۇلمان ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى ۋە خۇشاللىقىنى ئىمانىدىن ئالىدۇ. شۇڭا خۇددى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئەقلىيفونلار توك قاچىلىنىشقا موھتاج بولغاندەك، مۇسۇلمان ئادەممۇ ئۆزىگە مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاج. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئاشۇ مەقسەت بىلەن كۈندە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغان بولسا، ھەپتىدە جۈمە نامىزىنى، يىلدا رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان. شۇڭا مۇسۇلمانلار مۇشۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلايدۇ.

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا پۇرسەت ۋە قىممەتلىك ھەدىيەدۇر. شۇڭا بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلىش ۋە ھەربىر كۈنىنى، ھەربىر سائىتىنى ۋە ھەربىر لەھزىسىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇنىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش ئەقىللىق مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىدۇر.

رامىزان ئېيى ئۆزىمىزنى ۋە نەپسىمىزنى تەربىيەلەيدىغان ئىلاھىي كۇرستۇر. بىز بىر ئايلىق بۇ كۇرستا ئىباتلەتلىرىمىزنى ۋاقتىدا ۋە مۇكەممەل قىلىشنى، گۇناھتىن ۋە ھارامدىن ساقلىنىشنى، نەپسىمىزنىڭ يولسىز ئىستەكلىرىنى رەت قىلىشنى، جاپا-مۇشەققەتكە، ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا چىداشنى، سەۋرچانلىقنى، ئىنتىزامچانلىقنى، ئاز يەپ، ئاز ئۇخلاشنى، كۆپ ئىبادەت قىلىشنى، كۆپ ئوقۇشنى، ئاچلىقنى ھېس قىلىش ئارقىلىق يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىشنى ۋە باشقا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئۆگىنىمىز. ئەگەر بىر رامىزاندىن ئىبارەت بۇ بىر ئايلىق ئىلاھىي كۇرستىن يۇقىرىقىلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ چىقالىساق، روزىنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى ئۆزىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى شۇنىڭغا نېسىپ قىلغاي، ئامىن.

 روزا تۇتۇش — ئۆزىنى تۇتۇش دېگەنلىك بولۇپ، يالغان سۆزلەشتىن، گۇناھ قىلىشتىن، كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىشتىن، كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ خاتا يامان قىلىشتىن  ئۆزىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

روزا تۇتۇش دېگەن نەپسنى ئاچ قويۇپ روھنى تويغۇزۇشتۇر. چۈنكى  ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلىشىپ روھى كۈچلەنگەن چاغدا، ئۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرۈلىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ نەپسى كۈچلۈك، روھى ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ئادەم ھايۋانلىق دەرىجىسىگە قاراپ تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. شۇڭا، ھەر ۋاقىت روھ ئۈستۈن، نەپس تۆۋەن تۇرۇشى كېرەك.

رامىزان گۈزەل ئەخلاق ئۆگىنىش ئېيىدۇر. چۈنكى ئىبادەتلەر ئىنساننى مۇكەممەللىك دەرىجىلىرىگە كۆتۈرىدىغان شوتىدۇر. ئىبادەتلەرنىڭ مېۋىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەردىن ھەربىرى ئىنساننىڭ ئەخلاقىنى تۈزەش رولىغا ئىگە.

رامىزان سېمىزلىكتىن، ھورۇنلۇقتىن، بىپەرۋالىقتىن قۇتۇلۇش، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولغاندەك، ئۆزىنى ۋە نەپسىنى تەربىيەلەش پۇرسىتىدۇر.

رامىزان ئاز يەپ، ئاز ئۇخلاپ، كۆپ ئىبادەت قىلىشقا، كۆپ قۇرئان ئوقۇشقا ۋە كۆپ  كىتاب كۆرۈشكە ئۆزىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى كۆندۈرۈش جەريانىدۇر.

رامىزان تۇغقانلارنى، قوشنىلارنى خۇش قىلىش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، قولىدىن كېلىشىچە خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئېيىدۇ.

ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھ تائالاغا كېتىپ بارغان ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، ئادەتتە بىز ھەرقانداق بىر سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇق ئېلىۋېلىشقا موھتاج بولغىنىمزدەك، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىمۇ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق توپلاشقا موھتاجمىز. مەلۇمكى، ئاخىرەتلىكنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى تەقۋالىق بولۇپ، تەقۋالىق روزا تۇتۇشنىڭ غايىسىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى» دەپ بۇيرۇغان.

تەقۋالىق — ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، دىن ۋە دۇنيالىق ھەممە ئىشتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈپ، دۇنيا ئاخىرەتتە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.

خۇددى ئادەتتىكى سەپەرلىرىمىزدە، يول بويى ئالدىمىزغا چىققان ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ماشىنىمىزغا ماي قاچىلاپ ماڭغىنىمىزدەك،رامىزان ئېيىغا ئوخشاش مەخسۇس ئىبادەت مەۋسۇملىرىدا ئۆزىمىزنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ مېڭىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى مول ياغىدىغان، گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغان، بەندىلەر دوزاختىن ئازات قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئايدۇر. بۇ ئاي كېلىشتىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالادىن بۇ ئايغا ساق-سالامەت ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش، رامىزان ئېىيىدىن قانداق قىلىپ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، رامىزان كەلگەندە، بۇ مۇبارەدك ئايغا ساق-سالامەت ئېرىشكەنلىكىگە خۇشال بولۇپ رەببىگە چەكسىز شۈكۈر قىلىش، بەلكى بۇ رامىزان ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى رامىزان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن مۇمكىنقەدەر كۆپ ئىبادەتلەرنى قىلىۋېلىشقا تىرىشىش، گۇناھلىرىغا تەۋبە-ئىستىغفار ئېيىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تەقۋادار بولۇپ، پەزىلەتلىك ھايات كەچۈرۈشكە ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بېرىش تولىمۇ ياخشىدۇر.

رامىزان ئېيى روھىمىزنى تەربىيەلەيدىغان، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەۋسۇم بولۇپ، بىز مۇشۇ رامىزان سايىسىدا ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىمىز، گۇناھلىرىمىزنى يۇيىمىز، ساۋابىمىزنى كۆپەيتىمىز، نەپسىمىزنى يىغىشنى، ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى ۋە سېخىيلىقنى ئۆگىنىمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتۈش مەقسىتىدە تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» . بۇ ھەدىستىكى: «ئىمانى بىلەن» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابلار ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دىگەنلىكتۇر. رامىزان ئېيى يەنە دۇئالا ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى» . رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن بۇئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر«.

رامىزانلىق تەۋسىيە

رامىزاننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزۈمگە، ئائىلە ئەزالىرىمغا، ئاندىن بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمگە مۇنۇلارنى تەۋسيە قىلىمەن:

1.       رامىزاندىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ئايلىق كۇرستا چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىمەن، تۇرمۇشۇمنى ئەڭ ياخشى ئادەتلەر بىلەن بېيىتىمەن، دېگەننى نىيەت قىلىپ، ئاللاھتىن ياردەم تىلەش.

2.     ئائىلە ئەزالىرى بىلەن رامىزانلىق پروگرامما تۈزۈپ، شۇنى ئىجرا قىلىش.

3.     كۆپ ئىبادەتلەرنى ۋە ياخشى ئىشلارنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە قىلىش ۋە بىللە دۇئا قىلىش.

4.     سۇھۇر ۋە ئىپتاردا ئاز يېيىشنى، رامىزان بويىچە ئاز ئۇخلاشنى ئادەت قىلىش.

5.     بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا غەيرەت كۆرسىتىش.

6.     ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر پارە قۇرئاننى تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇش (ئالدى بىلەن تەرجىمىسىنى ئوقۇۋېتىپ، ئاندىن ئەرەبچىسىنى ئوقۇش ئەۋزەل دەپ قارايمەن).

7.     تەپسىر، ھەدىس ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار