ئابدۇساتتار مەۋلىۋى

 

 

ئابدۇساتتار مەۋلىۋى

ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 1909 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىك يېشىدىن باشلاپلا دىنىي مەدرىسىلەردە بىلىم ئېلىش بىلەن بولغان. كېيىنچە ئىلىم تەھسىل قىلىش نىيىتى بىلەن ھىندىستانغا بارغان ۋە ھىندىستاندىكى  دۇنياغا مەشھۇر قەدىمى مەدرەسە «دەيۇبەندى مەدرەسەسى»دە ئوقۇغان. ئوقۇشى تاماملىنىپ ئانا ۋەتىنىگە قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەسنالاردا، ئۇيغۇر ئېلىنى قىزىل خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغال قىلغانلىقى خەۋىرى ئابدۇساتتار مەلىۋىنى شۇ سەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق بئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرى ۋەتەنگە قايتىشتىن ۋاز كېچىپ، ھەرەم زېمىنىگە بېرىپ پاناھلىنىش قارارىغا كېلىدۇ.

ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە 1949- يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىگە كېلىپ يەرلىشىدۇ. مەۋلىۋى مەدىنىدە بىر قانچە يىل تۇرغاندىن كېيىن جىددە شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، تۇرمۇش قۇرىدۇ ۋە جىددە شەھىرىنىڭ باب مەككە رايونىدىكى چوڭ بازاردا كىچىككىنە بىر ئاياق كىيىم سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، شۇ دۇكاندا ئاياق كىيىم سېتىش بىلەن ھاياتىنى تەمىن ئېېتىشكە باشلايدۇ. مەۋلىۋى شۇندىن يېرى جىددە شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن ئېدى.

مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋىنىڭ چوڭ ئوغلى دۇكتور ئابدۇلئەزىز دادىسى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: » مەرھۇم  دادام ئابدۇساتتار ئابدۇلكەرىم مەۋلىۋى شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 1909- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، دادامنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ۋاقتى خىتاي كوممۇنىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان ۋاقتى بولۇپ، دادامنىڭ بۇ جايغا كەلگىنىگە تەخمىنەن 70 يىل بولغان ئىدى«.

دۇكتور ئابدۇلئەزىز دادىسىنىڭ ھىندىستاندا قانچە يىل ئوقۇغانلقى توغرۇلۇق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: »دادام ھىندىستاندا تەخمىنەن 5 يىل ئوقۇغان ئىكەن.«

مەۋلىۋىنىڭ پائالىيەتلىرى

مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەڭ زور كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

قۇربان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 1983- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىئانە توپلاپ پاكىستاننىڭ راۋۇلپىندى شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ جايدا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ يېتىپ قوپۇشلىرى ئۈچۈن بىردىن – بىر پاناھ بولۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر»خوتەن ۋەقىپ ئۆيى«نى سېتىپ ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ھاجىلار ئۈچۈن ۋەقىپ قىلىۋەتكەن. ئۇ يەنە 1984- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى » شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار فوندى«نى ئۆزى باش بولۇپ قۇرغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مەزكۇر فوندىنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن.

مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ئىشلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئىلىمنىڭ قەدرىگە يەتكەن كىشى بولغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي پاكىستان، تۈركىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، بۇ جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراپ، كەملىرىنى تولۇقلاپ، دەرتلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

مىسىردا ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 1986- يىلىنىڭ مابەينىدە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە ۋە پاكىستاننىڭ لاھور، ئىسلام ئاباد ۋە راۋۇلپىندى شەھەرلىرىگە مەخسۇس ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم  بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغانلىقى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارغا مەدەت بەرگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى » ئەل ئەزھەر« ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىشلە پ كېلىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 1988- يىلى بىر قېتىم 1990- يىلى يەنە بىر قېتىم مىسىرغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا بىر – بىرىلەپ كىرىپ ئۇلاردىن ھال ئەھۋال سورىغان، ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان ۋە ئۇلارنى توپلاپ قاھىرە شەھىرىنىڭ نىل دەرياسى بويىدىكى چوڭ رېستورانلارنىڭ بىرىدە مېھمان قىلغان ئىكەن. 

مەرھۇم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 2007- يىلى 11- ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن  سەھەردە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى دۆلەت ھەربى  دۇختۇرخانىسىدا 98 يېشىدا  ئالەمدىن ئۆتتى.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار