سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

 

ئىسلام دىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراخانىيلار دەۋرىدە كىرگەندىن بۇيانقى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلىپ تۇرغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، قاچان ۋە قايسى دەۋردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە كېلىشكە باشلىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق.

ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە خۇجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدا پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن، 1949- يىلى قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش ئالدىدا زۇلۇمدىن قېچىپ  پاناھ ئىزدەش نىيىتى بىلەن كېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ.

ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشى بىلەن 1980- يىللار ھارپىسىدا ئانا ۋەتەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش باشلاندى. بۇجايغا ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىزدىن زوردۇن سابىر، مەشھۇر تارىخچى ئىمىن تۇرسۇن ھاجىم ۋە باشقا زىيالىلار بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ، بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق يېزىلغان ماتىرىيال يوقلىقىدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىشكەن ئىدى. مەنمۇ بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىققان بولساممۇ ۋاقتىدا بىر نەرسە يازالمىدىم. چۈنكى مەنمۇ شۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايغا يېڭى ئىدىم. شۇندىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق ئىزدەندىم، سوراشتۇردۇم. ئاخىرى 2005- يىلىدىن باشلاپ «ھەرەمدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار»دېگەن تېمىدا ماقالىلارنى يېزىش ئارقىلىق بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار سانىنى 40 مىڭدىن كەم ئەمەس دېسەك خاتالاشمىغان بولىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىمىز بۇ جايغا 9 كىشى كېلىپ، 70 يىل ئىچىدە 200 يۈزگە كۆپەيدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھازىر ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بار. بۇ يەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزدە 95 پىرسەنتى ۋە ئانا ۋەتەندىن كەلگەنلەرنىڭ يۈزدە 70 پىرسەنتى سەئۇدى ئەرەبىستانى گرەژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان. ئالالمىغانلىرىنىڭ بەزىسى قىزىل خىتاينىڭ، بەزىسى تەيۋەننىڭ پاسپورتى بىلەن تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان گرەژدانلىقىنى ئالالمىغان ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچىدە زور قىيىنچىلىقلارغا  دۇچ كەلمىگەن بولسىمۇ، چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىش ۋە ئانا ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىش ئىشلىرىدا چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى 1949 – يىلى قىزىل خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ بۇخايغا كەلگەنلەر ئاساسەن پاسپورتسىز كەلگەنلىكتىن، ئۇلار چەتئەللەرگە چىقىشقا توغرا كەلگەندە پاسپورتقا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇ سەۋەبتىن بۇلارنىڭ بەزىسى قىزىل خىتاي پاسپورتىنى ئالغان بولسا، بۇرۇن تەيۋەن پاسپورتىنى ئالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. قىزىل خىتاينىڭ پاسپورتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە مۇسۇلمانچە ئىسىملىرى خىتاينىڭ تەلەپپۇزى بويىچە ئۆزگەتىۋېتىلگەن بولسا، تەيۋەن پاسپورتىنى ئالغانلارنىڭ ئىسىملىرى پاسپورت بەرگۈچىلەر تەرىپىدىن مەخسەتلىك ھالدا رەسمى خىتايچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى باياشاتلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۆلۈپ تۆگىگەن بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بار ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار