مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىي (ئىبراھىم داموللام)

 

مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىي (ئىبراھىم داموللام)

 

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تىرىشچان ۋە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان بىر خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلار بارغانلىكى جايدا ياخشى ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن. ئۆتمۈشلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا  كېلىپ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە كىشىلەر ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت يۇلتۇزلىرى بولۇپ تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ نام – شۆھرىتى ھازىرمۇ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ۋە مىڭلارچە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان مەرھۇم ئالىم مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم خوتەنىي ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەب، تۈرك، پارس، ئوردۇ تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئالىم ئىدى.

يېقىندا مەرھۇم مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلىي خوتەنىينىڭ ئوغلى يەھيا فەزلى ئاتىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاتقان.

ئابدۇللا دۆلەت بىلەن سۆھبەت

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقىپ ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئابدۇللا دۆلەت ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىي ھەققىدە مۇنداق دىدى:« يەھيا فەزلىنىڭ دادىسى ھەققىدە يازغان كىتابىغا ئاساسلانغاندا، ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىي 1896- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى جىلغامان كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر  ئۆلىما كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدە ئاتىسىدا ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. 1911- يىلى يەنە كۆپلەپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا قەشقەردىن ئايرىلىپ، بۇخاراغا يولغا چىقىدۇ. بۇخاراغا بارغاندىن كېيىن، ئۇجايدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولىدۇ. كېيىنچە ئۇ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە ئىشتىياق باغلاپ سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ ۋە ئۇجايدىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ھەرەم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەرەمگە كېلىشى ئاسانغا توختىمابدۇ. مەرھۇم ئالىم پىيادە يول يۈرۈپ، تاشكەنتتىن، پەرغانە ۋادىسىغا، ئاندىن ئىشق ئاباد شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئىشق ئابادتىن يولغا چىقىپ، ئاۋۋال ئىستانبولغا، ئاندىن مىسىرنىڭ سۇۋېيس قانىلىغا، ئاندىن مەككىگە يېتىپ كېلىدۇ. مەرھۇمنىڭ مەككىگە يېتىپ كەلگەن ۋاقتى 1930- يىللىرىغا ئۇدۇل كېلىدۇ.»

ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىينىڭ ئەمگەكلىرى

 ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلىي خوتەنىي يىگىرمە ياشقا تولماستىن كىتاب يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، قەشقەردە خانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، «ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىنىڭ شەرھى»، « پەتىۋالار»، « جۈمە نامىزىنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئەرەب تىلى بىلەن يازغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا مەدرىس تالىبلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى بولۇپ تاللانغان. « ھەج ۋە ئۆمرە قائىدىلىرى»، «جىنازا ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئىكەن. ئەللامە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، « خوتەنلىك ئۆلىمالارنىڭ تەرجىمىھالى»، «ھەدىس قوللانمىسى»، « ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرگە جاۋابلار» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان.

ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىي 1934- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسجىدىگە رەسمىي مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنىپ، ئۇزۇن يىل شۇ مەسجىدتە ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ھەرخىل دىنىي پەنلەردىن دەرس بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان. كېيىنچە، 1963- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھەرلىك دۆلەت كۇتۇبخانىسىغا يۈتكىلىپ، بۇ جايدا تۈرك، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان قەدىمقى نادىر قول يازما ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان.

   يەھيا فەزلىنىڭ دادىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

يەھيا فەزلى دادىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« مەرھۇم دادام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى دۆلەت كۇتۇبخانىسىغا يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، پەيغەمبەر مەسجىدىدە دەرس بېرىش ئىشلىرىنى توختاتمىغان. ئۇنىڭ بەزىدە ئارام ئېلىۋېلىشقىمۇ ۋاقتى يەتمەي قالاتتى. مەرھۇم دادام ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىگە بولغان مۇھەببىتى تۈرتكىسى بىلەن « خوتەندە ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىمالار»ناملىق ئەسىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىقىپ، كەڭ مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. مەرھۇم 1969- يىلى 17- سىنتەبىر كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدە 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. دادام ۋاپات بولغىنىغا شۇنچىلىك ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، دادامنىڭ ئىنسانىيە ئۈچۈن قىلىپ كەتكەن خىزمەتلىرى كۆپىلىگەن كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۆزى يېتىشتۈرگەن تالىبلىرىنىڭ قەلبىدىن ھازىرغىچە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قاراپ، دۇنيادا كىشىلەرگە ئىلىم – مەرىپەت چېچىشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە ئۆچمەس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.»

 

 

 

ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى ھەۋۋانىڭ قەبرىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا

 

يەھۇدىي، خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا، ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھەۋۋانىڭ شەيتانغا ئەگىشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك جەننەتتىن چىقىرىلغانلىقى بىردەك سۆزلىنىدۇ. بەزى ساماۋى كىتابلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن چىقىرىلىپ، يەر يۈزىگە ئەۋتىلگەندە، ھىندىستانغا چۈشكەن، ئايالى ھەۋۋا بىلەن ئەرەفات تېغىدا ئۇچراشقان ئىكەن. بەزى رىۋايەتلەر  ھەۋۋانى  ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە چۈشكەن ۋە شۇ جايدا دەپنە قىلىنغان دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر  جىددە (ئەسلىسى جەددە) يەنى(چوڭ ئانا)دەپ ئاتالغان ئىكەن.  جىددە شەھىرى قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر بولۇپ، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ شەھەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىن قالسا  ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىكەن. جىددە شەھىرى ئۇزۇن يىللىق تارىختىن بېرى پورت شەھىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

 مىلادىيە 647- يىلى ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففاننىڭ زامانىدىن باشلاپ   جىددە شەھىرى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ھاجىلارنى كۈتىۋالىدىغان پورتقا ئايلانغان بولۇپ، شۇندىن بېرى شۇ خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىردا  ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پاراخوت ۋە ئايروپىلان بىلەن كەلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى، قۇرۇقلۇق بىلەن كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىددە شەھىرىدە كۈتىۋېلىنىدۇ. ئاندىن مەككىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قايتقاندا يەنە جىددە شەھىرىدىن قايتىدۇ.

ئابدۇلھەمىت ھاجىم بىلەن سۆھبەت

جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىشقەدەملىرىدىن ئابدۇلھەمىت ھاجىم  ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى ھەۋۋانىڭ قەبرىسى توغرۇلۇق مۇنداق دىدى:« جىددە شەھىرىنىڭ بەيئەت مەيدانى دېگەن جايدا قەدىمقى زامانلاردىن بىرى « ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى»دەيدىغان مەشھۇر بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، كىشىلەر ئۈزۈلمەستىن زىيارەت قىلىپ كەلمەكتە. بىر يىلى قەشقەردىن سەلىم ئاخۇن خەلپىتىم دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەجىدخان مەخسۇم دېگەن كىشى ھەج قىلغىلى كېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە چۈشكەن ئىدى. ئۇ كىشى ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسىگە ئاپىرىشىمنى تەلەب قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز قەبرىستانلىققا باردۇق ۋە شۇ قەبرىستانلىققا قارايدىغانلاردىن، قەبرىستانلىق ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان پىشقەدەملەردىن  ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى ھەققىدە سورىغان ئىدۇق. ئۇلار بىزگە جاۋاپ بېرىپ: ” ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى مۇشۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىدە بار. ئەمما ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بولغانلىقى ئۈچۈن  بىز  شۇ قەبرىنىڭ قايسى قەبرە ئىكەنلىكىنى  ئېنىق بىلمەيمىز“، دېگەن ئىدى. مەن ئەقلىمغا كەلگەندىن بىرى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن كەلگەنلەر بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ھىندۇنىزىيەلەردىن كەلگەنلەر مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بۇ قەبرىستانلىققا كېلىپ ، زىيارەت قىلىپ كېتىدۇ.»

ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلار كۆپ

ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىستانلىقى جىددە شەھىرىدىكى ئەڭ مەشھۇر قەبرىستانلىق بولۇپ، ھەمىشە ئادەم كۆپ، بېسىق بولىدىكەن. جىددە شەھىرىنىڭ بەزى چوڭ يوللىرىدا « ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىستانلىقىغا بارىدىغان يول» دەپ  قەبرىستانلىققا ئىشارەت قىلىپ قويۇلغان ئىشارەت تاختىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ ئالدىغا چوڭ خەتلىك قىلىپ « ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ قەبرىسى» دېگەن  يېشىل رەڭ بىلەن  يېزىلغان ئەرەبچە خەت بۇ قەبرىستانلىققا كەلگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆزىگە چېلىقىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ  كىشىلەرگە ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈش بېرىدىغان مەخسۇس خادىملىرى بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە زىيارەتچىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. 


 

«تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار» ناملىق ئەسەر توغرىسىدا

مۇندىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر نەشرىيات مەركىزى بولغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. «تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار» ناملىق ئەسەرمۇ شۇلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەسەر  بۈيۈك ئىنقىلابچى ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1960 – يىلى قاھىرەدىكى «تۈركىستان جەمئىيىتى»نىڭ رىئاسەتچىلىكى ئاستىدا نەشىر قىلىنغان ئىكەن.  « تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار»ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلار ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتىنى، خۇسۇسەن ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن  ھازىرلانغان ئىكەن.  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بۇھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم «تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار» ناملىق ئەسەر ئۈستىدە  توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: « تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەشھۇر شائىر ۋە ئەدىبلىرىدىن ئەھمەد زىيائىي، موللانىياز ئاخۇنۇم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللابەك داموللا ۋە باشقىلارنىڭ شېئىرىي ۋە  نەسرىي ئەسەرلىرى توپلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چاغاتاي يېزىقى بىلەن بېسىلغان. ئۆز ۋاقتى بۇ ئەسەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا كۆپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئۆيدە بىر نۇسخىدىن تېپىلىدىغان دەرىجىدە كەڭ تارقالغان ئىكەن.»

نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ بېغىشلىمىسى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەدەبىيات ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئاساسىدۇر. ھەر قانداق بىر  تىلنىڭ ئورنى، ھاياتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ ئەدەبىياتىغا تايىنىدۇ. ئەدەبىياتىدىن ئايرىلىپ قالغان تىل ئۆلۈك تىلدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت مۇنقەرىزلىككە يول تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مىللەت ئۆز ئەدەبىياتىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەر  نەر سىسىنى پىدا قىلالايدۇ. »

ئاپتور يەنە سۆزىگە داۋام قىلىپ، خىتاي زۇلمىنىڭ ھالاكىتىدىن مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« مۇستەملىكىچىلەر  مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كەلدى. بىرقانچە قېتىم كۆپ تۈركۈمدە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ۋە مىسلى تېپىلمايدىغان نادىر قوليازمىلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.»

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتور مىللىي ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز تىلىدىن ۋە ئۆز ئەدەبىياتىدىن يېراقلىشىپ بارماقتا. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان بېرەر ئىلمىي ماتېرىيالنىڭ بولمىغانلىقى ئىشنىڭ بۇ قەدەر  مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بىزنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تونۇشتۇرىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز تىلىمىزنى ۋە ئۆز مەدىنىيىتىمىزنى  ئۆگىتىپ تەربىيىلىشىمىز زۆرۈردۇر. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقتا زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۆزۈرىسى قوبۇل قىلىنسىمۇ، چەتئەللەردە ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئۆزۈر  يوق!؟».

مەلۇم بولىشىچە، « تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار»ناملىق ئەسەر ئەينى ۋاقتىدا مىسىر، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، پاكىستان، ھىندىستان، گېرمانىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۇيغۇرلارغا  تارقىتىلغان ئىكەن.(ئۆمەرجان)


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار