ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ«ھەسرەت»ناملىق شېئىر توپلىمى ھەققىدە

 

ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ«ھەسرەت»ناملىق شېئىر توپلىمى ھەققىدە

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇيغۇر يېڭىلىق ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، ئاتاقلىق ئالىم، شۇنداقلا يېڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئائىلىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە 1894- يىلى دۇنياغا كەلگەن ئىنقىلابىي شائىر ئىدى.

ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە پۈتتۈرگەن. بۇ جەرياندائاتىسى ئابدۇقادىر داموللام ۋە باشقا ئۇستازلاردىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، داموللام ئوغلىنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئەۋەتىدۇ. 1924- يىلى 8- ئايدا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىشى، ساتقۇن مۇناپىقلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ قەشقەر شەھىرىدە شەپقەتسىزلەرچە شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئانا يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا توختاۋسىز كۈرەش قىلغان. ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىن قايتىپ بارغاندىن كېيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن. 1980- يىلى كۈز ئايلىرىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن قاماقتىن بوشىتىلغان. دۇنيا سىياسىي تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇزۇن مۇددەت تۈرمىدە ياتقان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم 1982- يىلى ئۈرۈمچىدە پويىز ۋەقەسىدە بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان.

شائىرنىڭ شېئىر يېزىشقا باشلىشى

 ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ 1920- يىللاردىن باشلاپ شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت سەمەرىلىرىگە ئېتىقاد نوقتىسىدىن قاراشنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان شائىر ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۆيگۈسىنى، ئىخلاسىنى، ئەقىل پاراسىتىنى ۋە شۇنداقلا بارلىقىنى خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئىززەت –ئابرويىنى، ئار- نۇمۇسىنى، مەدەنىي – مىراسلىرىنى، دىنىي ۋە مىللىي ئېتىقادىنى قوغداشقا چاقىرىشتىن، جەننەت مىسالى گۈزەل ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەشتىن، رەقىبلەرگە نەپرەت ياغدۇرۇشتىن باشقىسىغا ئىشەنمىگەن. شائىرنىڭ ۋەتىنىگە بولغان ساپ مۇھەببىتى ۋە ئىخلاسى رەقىبلەرگە ياغدۇرغان نەپرىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، كۈرەشتىكى سەۋىرچانلىقى ئۈزلۈكسىزلىكىدە، پىداكارلىقى ئىسيانكارلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

شائىر ئۆز مۇددىئاسىنى تۆۋەندىكى بېيتتا مۇنداق ئوچۇقلىغان:

ھىممىتىم پاك، نىيىتىم شان – شەرەپنى تولدۇرۇش،

مىللىتىمگە يېڭى باشتىن ئەركىن – ئازادە يول قۇرۇش،

يەر يۈزىنىڭ جەننىتى بولغان مۇقەددەس ۋەتىنىم،

گۈلشىنىمنى ياشنىتىپ ئاۋات ئېتىپ گۈللەندۈرۈش.

   شائىر مىللىتىنى ئويغىتىش، يېڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈش ۋەتەننى سۆيۈش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەركىزى قىلغان.

 شائىر:

ئۇلۇغ ۋەتىنىم شانلى تۇپراقلىرى،

گۈزەل تاغ ئورمان چىمەن باغلىرى،

جاھان زىننىتى يەر يۈزى جەننىتى،

يېقىملىق، كۆڭۈللۈك ھەممە ياقلىرى.

 

ياراشقان ئەجەپ زىبۇ زىننەتلىرى،

كېلىشكەن ئېقىنلىرى ھەيۋەتلىرى،

ۋەتەن ۋارىسى تۈرك نەسلى بولۇپ،

شەرەپلىك ئەسلى ۋە شەۋكەتلىرى.

دېگەن شېئىرلىرىدا، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بولغان ئىخلاسى بىلەن سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ۋەتەن خەلقىنى بۇ ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلىشكە چاقىرغان بولسا،

مىللىتىم مىللىي ھەمىيەت شانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھەق – توغرا نىيەت جامىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ساپ ئادىمىيلىك سانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم بىرلىك مەئىيەت يانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم مەندىن ۋەسىيەت قانىدىن ئايرىلمىسۇن.

 

مىللىتىم ئىنسانىيەت مەيدانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ئىسلامىيەت ئىمانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھەققانىيەت ۋىجدانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم تۇرانىيەت ئۇنۋانىدىن ئايرىلمىسۇن،

مىللىتىم ھۆر ئاپىيەت دەۋرانىدىن ئايرىلمىسۇن.

دېگەن شېئىرلىرىدا، خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئىززەت –ئابرويىنى، ئار- نۇمۇسىنى، مەدەنىي – مىراسلىرىنى، دىنىي ۋە مىللىي ئېتىقادىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى قوغداشقا چاقىرغان.

ھەسرەت ناملىق شېئىرلار توپلىمى

 شائىرنىڭ 2002- يىلى 8- ئايدا تۈركىيەدە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ھەسرەت»ناملىق  شېئىرلار توپلىمى، ئۇنىڭ يازغان مىڭلارچە شېئىرلىرىدىن بىر تامچە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە »مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دەپ ئاتالغان مىللىي مىراسلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە شائىرنىڭ نۇرغۇنلىغان قول يازمىلىرى شۇ مەدەنىي مىراسلار بىلەن بىرگە قەبرىگە كۆمۈلگەن. «ھەسرەت»ناملىق شېئىرلار توپلىمى شائىرنىڭ چوڭ قىزى زەينەپ خانىمنىڭ ساقلاپ قالالىغان ئاز قىسمىغا ئاساسەن رەتلەپ توپلانغان. 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار