ئابدۇلكېرىم خان مەخسۇم
ئابدۇلكېرىم خان مەخسۇم
1878- يىلى قەشقەردە مەشھۇر قازى ئابدۇلقادىر داموللام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1892- يىلى رۇسىيەگە بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولسىمۇ يېشى توشمىغانلىق سەۋەبلىك نۆۋەتتىكى چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. 1902 ۋە 1911- يىللىرى ئارىسىدا ئۈچ قېتىم تىجارەت ئىشلىرى بىلەن رۇسىيە تەۋەسىگە سەپەر قىلىپ، ئۇجايلاردىكى زىيالىلار بىلەن تونۇشىدۇ. 1913- يىلىدىن كېيىن قەشقەردە شەخسىي مەكتەب ئېچىپ يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەيدۇ. 1931- يىللىرى پارتلىغان خەلق ئىنقىلابلىرىدا ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.1944- يىلى غولجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، بۇ كىشى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى، قاسىم قەمبەرىي ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ئىدى.