سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەدەۋلەت ۋەقىپ بىناسى

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەدەۋلەت ۋەقىپ بىناسى

 

مۇندىن تەخمىنەن 150 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 14 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پەرغانىلىك ياقۇپ بەك بەدەۋلەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەجگە كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ يېتىپ قوپۇشى ئۈچۈن ۋەقىب تەسىس قىلدۇرغاندەك، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پورت شەھىرى جىددە شەھىرىدىمۇ شۇنداق ۋەقىپ تەسىس قىلدۇرغان ئىكەن. مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر بىر شەھەرنىڭ نامىدا ۋەقىپ بىنالىرى بولغان بولسىمۇ، جىددە شەھىرىدە بىرلا ياقۇپ بەك ۋەقىپىسىدىن باشقا بىرمۇ ۋەقىپ يوق ئىكەن. جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك ۋەقپى ئۆتمۈشلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەجگە كەلگۈچىلەرنىڭ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن پاناھلىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئورۇن تۇتقان ئىكەن. ئەمما بۇ ۋەقىپ ھازىر يوق. ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىش يولى ئېتىلگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقىپكە چۈشۈش ئۈچۈن ئادەم كەلمىگەنلىكتىن، ئۇزۇن زامان پەرۋىشسىز  تاشلىنىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن مەزكۇر ۋەقىپ بىناسى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقىپلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن ئىكەن.

ئابدۇلھەمىت ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىشقەدەملىرىدىن ئابدۇلھەمىت ھاجىم جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك بەدەۋلەت ۋەقىپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: «بىز كەلگەن زامانلاردا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك بەدەۋلەت ۋەقپىگە يېڭىسارلىق ئابدۇللا بۇخارى دېگەن كىشى مەسئۇل ئىكەن. ئۇ زامانلاردا ھەجگە كېلىدىغانلار ئاساسەن پاراخوت بىلەن جىددىگە كېلىپ، ئاندىن مەككىگە كىرەتتى. ئابدۇللا بۇخارى ھەر يىلى جىددەدىكى دېڭىز بويىغا چىقىپ پاراخوت بىلەن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارنى قارشى ئالاتتى ۋە ئۇلارنى ئېلىپ كىرىپ ياقۇپ بەك ۋەقىپىسىگە چۈشۈرەتتى. كېيىنچە ۋەتىنىمىزدىن بۇ يەرگە كېلىدىغانلار توختاپ قالغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقىپكە چۈشىدىغان ئادەممۇ يوق بىر قانچە يىل ئىگىسىز شۇنداق بوش تۇرۇپ قالدى. كېيىنچە بۇ ۋەقىپنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا بۇخارى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بۇ ۋەقىپنى ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى بىزنىڭ قولىمىزدىن ئالسۇن دەپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقىپكە ئىگە بولۇپ قايتۇرۇپ ئالىدىغان ئادەم چىقماي، ھەركىم ئۆز ئىشى بىلەن قېلىپ، يەنە ئۇزۇن زامان ئۆتۈپ كەتتى, يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ بۇ ۋەقىپنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشقا جىددە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇسەمەت خوجىنى تەيىن قىلغان ئىدى.  رەسىمىيەت بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ كىشىنىڭ ۋەقىپنى قايتۇرۇپ ئېلىشىنى ماقۇل كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مەھكىمىدىن ۋاكالەت نامە چىقىرىشى لازىم كېلەتتى. مەدىنە ۋە جىددەدىكى ھەمشەھەرلەر ۋاكالەتنامىنى ھازىرلاپ بولغان بولسىمۇ، مەككىدىكى ھەمشەھەرلەر ئۆز ئارىسىدا بىرەر ئىتتىپاققا كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى».

جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك بەدەۋلەت ۋەقىپىسى 5 مىليون دوللارغا يارايدۇ

ئابدۇلھەمىت ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ ۋەقىپنىڭ ئورنىغا بىرلىرى 4قەۋەتلىك بىنا سېلىۋالغان بولۇپ، ئون يىلدىن كېيىن ھۆكۈمەت ۋەقپىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. ۋەقىپنىڭ ئورنى جىددە شەھىرىنىڭ يەر – زېمىن ئەڭ قىممەت بولغان خاسىكىيە دېگەن يېرىگە جايلاشقان ئىكەن. بۇ ۋەقىپنىڭ ئورنى ھازىرقى كۈندە ئاز دېگەندە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىكەن. ھازىر بۇ ۋەقىپنىڭ ئورنىغا سېلىنغان ماگىزىن ۋە ئائىلە قۇرۇلىرىدىن كىرىدىغان يىللىق كىرىم 500 مىڭ رىيال ( تەخمىنەن  130 مىڭ دوللار)غا يېتىدىكەن.

 بۇ ۋەقىپنى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىشىغا ئىمكانىيەت بار

ئابدۇلھەمىت ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك بەدەۋلەت ۋەقپىسىنى كېيىنكى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:« بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر پىكىرگە كېلىپ ھەممىسى شۇ ۋەقىپنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا غەيرەت قىلىدىغان بولسا، قانۇن بويىچە بۇ ۋەقىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئىشىنى تاشلاپ شۇ ۋەقىپنى قايتۇرۇپ ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە ماڭىدىغان ئادەم تېپىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى ھۆججەتلىرى جايىدا تولۇق بولغان كۆپلىگەن ۋەقىپلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئېگىسىگە قايتىپ كەلگەن. مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدىكى ھازىرقى بەزى ئۇيغۇر ۋەقىپلىرىمۇ شۇ تەرىقىدە قايتۇرۇپ ئېلىنغان.»

جىددە شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە بۇ ۋەقىپنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئابدۇسەمەت ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز جىددە شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقپىسى بارلىقىنى بىلمەيتتۇق. شەرقىي تۈركىستاندىن ھاجىلار كېلىشكە باشلىغاندا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ۋەتەندىن كەلگەن ئۈچ ئادەم جىددە شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقپىسى بارلىقىنى ئېيتتى. بىز ئىزدەپ يۈرۈپ، ۋەقىپنىڭ ئورنىنى سوراشتۇرۇپ تاپتۇق. مەھكىمە بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى. مەككە، تائىف ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كەلدى. ھەممىمىز بىرلىكتە مەھكىمىگە باردۇق. ئۇلار يىزنى كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى تولۇقلاپ كېلىڭلار دىدى. بۇ ئىشقا ئادۋوكات تۇتۇش لازىم كېلەتتى. لېكىن ھەمشەھەرلەرنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن پىكرى بىر يەردىن چىقماي بۇ دەۋا توختاپ قالدى. شۇندىن بىرى بۇ ۋەقىپنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا يول مېڭىشقا ئادەم چىقمىدى». ئەھۋالدىن قارىغاندا جىددە شەھىرىدىكى ياقۇپ بەك ۋەقىپ بىناسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قايتىپ كېلىشى يەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەن. (ئۆمەرجان)  


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار